- تىزىملاتقان
- 2014-12-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 735
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
47%
|
قاسىم سىدىق ئەپەندى ھەققىدە راست-يالغان گەپلەر
مۇقەددىمە
ئەسسالامۇئەلەيكۈم ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندى ياخشىمۇسىز؟ئالدى بىلەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىڭىزغابەخت،ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك تېلەيمەن.ھۆرمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندى،سىز مېنى تونىمايسىز ئەمما،مەن سىزنى تونۇيمەن.سىز مېنى كۆرمىگەن،ئەمما مەن سىزنى سىرتتىن كۆرگەن.سىز مەن توغۇرلۇق ھېچنېمە بىلمەيسز،ئەمما،مەن سىز توغۇرلۇق كۆپ ئاڭلىغان.ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئاغزىدىن داڭلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنىڭ مەزمۇنىنى ئاڭلاپ سىزنىڭ ئىزدىنىش روھىڭىزغا قايىل بولغانتىم.ئەنە شۇ قايىللىق تۈپەيلى2008-يىلىغا كەلگەندە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى كېچە-كېچىلەپ كومپىيۇتۇردا ئۇرۇپ ‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن قالپاق بىلەن تۇنجى بولۇپ تور دۇنياسىدا تەشۋىق قىلغان ھەمدە تەشۋىق قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنىڭ شاھىدى بولغان ئىدىم.ھەش-پەش دېگۈچە ئارىدىن 3-4يىل ئۆتۈپتۇ.ئارىدا نۇرغۇن ئىشلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەردى،ھەتتا،مەن شۇ تېمىنى يوللىغان شۇ چاغلاردا تور دۇنياسىغا نەزەر كۆزىڭىزنىمۇ سالمايدىغانسىز(كېيىنكى بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن سىزنىڭ ئۆزىڭىز توغۇرلۇق يوللانغان شۇ تېمىنىمۇ ئوقۇمىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلغانتىم.پەرەزلىرىم خاتا ئەمەستۇر)ئەمدىلىكتە ياخشى كۆڭۈللۈك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە بىر تور بىكىتىنىڭ ئېگىسىمۇ بولۇپ قاپسىز.قەدەملىرىڭىز توپىلىق سەھرا يوللىرىدىن ئاسفالىتلىق شەھەر يوللىرىغا كۆچۈپتۇ.ئىزدىنىشلىرىڭىز بارغانسىرى چوڭقۇرلاپقىسمەن ئۇتۇقلارنىڭمۇ ھەغداسى بولۇپ قاپسىز.بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇتلۇقلاشقا ئەرزىگۈدەك ئىش دەپ قارايمەن،ئەلۋەتتە.بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىشتىكى مەقسىتىم بولسا،سىز بىلەن تور دۇنياسىدا بولسىمۇ ئەسرالىشىش، شۇنداقلا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سىز توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى بىرقانچە مۇنبەرلەرگە يوللاش جەريانىدا پەيدا بولغان بىرقىسىم ئوقۇشماسلىقلارغا جاۋاب بېرىش ۋە مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەيىمىزدىكى بىر قىسىم تەرەپلەر توغرىسىدا ئۆز پىكرىمنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت.
بىرىنچى،قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى مەسىلىسى
مەن شۇ چاغدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش جەريانى توغۇرلۇق يازغان«ئالىم بولماق ئاسان ئەمەس››ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتىنى‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن قالپاق بىلەن‹‹دىيارىم››،‹‹شەبنەم››،‹‹سەلكىن››،‹‹بەرقى››قاتارلىق 6-7 مۇنبەرگە‹‹تايانچىم بار››ئىمزاسىدا يوللىغان ئىدىم.شۇ چاغدىكى بىر قىسىم تورداشلار قۇبۇل قىلالمىغان ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا تىل-ئاھانەتكە سەۋەپ بولغان سۆز‹‹ئېينشتېينغا جەڭ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر››دېگەن جۈملىگە مەركەزلەشكەن ئىدى.
داۋامىنى بۇ يەردىن ئوقۇڭ
http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1498
|
|