«ئالىم» دىگەن سۆزگە شەرھى
جىمسارى
مىنىڭ چۈشەنچەمدە، «ئالىم» دىگەن سۆز، بۇنىڭدىن 10 ئەسىرلەر بۇرۇن ئەرەپچە سۆزدىن قۇبۇل قىلىنغاندەك قىلىدۇ. ئالىم دىگەن سۆز، ئەرەپچەدىكى «ئىلىم» دىگەن سۆزدىن تۈرلەنىپ چىققان سۆز بولۇشى مۇمكىن. پەرەزىمچە، ئالىم دىگەن سۆز، «ئىلىمنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى» دىگەن مەنانى بىلدۈرىشى مۇمكىن. يەنى، شەخسىگە (كىشىگە) بېرىلگەن نام ياكى ئەنچەدىن ئىبارەت. ئىلىم، ئىككى خىل بولۇدۇ. ئۇنىڭ بىرى، «دىننىي ئىلىم»، يەنە بىرى، «پەننىي ئىلىم». شۇڭا، «ئالىم» دىگەن سۆزمۇ، چوڭ مەنادىن ئالغاندا، «دىننىي ئالىم» ۋە «پەننىي ئالىم» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلادى. ئۇيغۇرچەدىكى «پەننىي ئالىم»، يەنە «تەبىئىي پەن ئالىمى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلغان.
1. قانداق كىشى «ئالىم ياكى پەننىي ئالىم» بولۇدۇ؟
مىنىڭ چۈشەنچەمدە، ئالەم ۋە دۇنيانىڭ تەبىئەتىدىكى شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەرگە دىققتىنى بەرگەن، ئۇلار ھەققىدە توختىماي ئىزدەنگەن، شۇ ئەمەلىيەتلەر بىلەن ھەپىلەشكەن، ئۇلارنى بىلگەن ياكى تۇنۇغان، ئۇلارغا تەبىر بەرگەن، ئۇلار توغرىسىدا ئەقلى يەكۈنلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى كىشىلەر، «ئالىم ياكى پەننىي ئالىم» دەپ ئاتالادى. يەنە بىرخىل تەبىر بەرسەم، ئالەم ۋە دۇنيانىڭ تەبىئەتىدىكى شەيئىلەر بىلەن ھادىسىلەرتوغرىسىدا ئوبسىرۋالاش، ھېپوتىزلەش ھەم مۇئاينەلەش ئەمەلىيەتى بىلەن ئىزچىل شوغۇللانغان كىشى، ئالىم ياكى پەننىي ئالىم دەپ ئاتالادى. تېخىمۇ ئىخچام تەبىربەرسەم، تەبىئەت پەنلەرىنىڭ بىر ياكى بىر نەچچە تارماقلارىدا ئىزدەنگۈچى ھەم بىلىمى بار كىشى، ئالىم دەپ ئاتالادى. پەننىي ئالىم دىگەن سۆز، ئېنگلىشچەدە « scientist»، رۇسچەدە «ученый»، خەنزۇچەدە «科学家» دەپ ئاتالغان.
2. «ئالىم ياكى پەننىي ئالىم» نىڭ ساپاسى قانداقبولۇدۇ؟
قانداق ساپانى ھازىرلىغان كىشى «ئالىم» بولۇدۇ؟ مىنىڭچە، مۇنداق 3 ساپانى ھازىرلىغان كىشى، ئالىم بولالايدۇ. بۇنىڭ بىرى، قىزىقىش ياكى ئاشىق بولۇش ساپاسىنى يېتىلدۈرگەن كىشىلەر. يەنى، تەبىئەتتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە قىزىققان ياكى ئاشىق بولۇپ شۇنىڭ ئىشقىدا بىقارار بولۇدىغان ساپانى ھازىرلىغان كىشىلەر. ئىككىنچىسى، ھەر قانداق شارائىتتا تەۋرەنمەيدىغان مۇستەھكەم ئىرادەسى بولغان كىشىلەر. يەنى، تەبىئەتتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەردىكى ئىزدىنىشلەردە، باھانە ئىزدىمەيدىغان، شارائىت ياكى باشقىلارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن قارارىنى ئۆزگەرتىپ يالتىيىپ قالمايدىغان ساپاغا ئىگە كىشى. ئۈچىنچىسى، ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان كىشى. يەنى، تەبىئەتتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەر تەتقىقاتىدا ئۆزىنىڭ پەرەز-ھۆكۈملەرىگە قاتتىق ئىشىنىدىغان ساپاغا ئىگە كىشى. دىمەك، مۇشۇ 3 خىل ساپاغا ئىگە بولغان كىشى، ئالىم بولۇدۇ.
3.«ئالىم ياكى پەننىي ئالىم» دا قانداق روھ بولۇدۇ؟
مىنىڭچە، «ئالىم ياكى پەننىي ئالىم» دا مۇنداق 3 روھ ھازىرلانغان. بۇنىڭ بىرى، ئىلىم ئۈچۈن قەتئىي نىيەت بولۇش، ئىككىنچىسى، ئىلىم ئۈچۈن نام-مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدىغان بولۇش، ئۈچىنچىسى، ئىلىم ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىغان بولۇش. دىمەك، ئىلىم ئۈچۈن، قەتئى نىيەت بىلەن شەخسىيەتسىز، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان روھقا ئىگە كىشى ئالىم بولۇدۇ.
مىنىڭ بىلىشىمچە، «ئالىم» نى، ئادەتتە ئەدەپ ۋە ئەخلاق ئۆلچەمى بىلەن تارازاغا سالمايدۇ. بۇلار، ئالىم بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلەرىدىن ئەمەس. پەقەتلا ئۇنىڭ كىشىلەر تېخى بىلمەگەن شەيئى ۋە ھادىسىلەردىكى ئىزدىنىشى، ھەقىقەتلەرنى بايقاشى، ئىلغارلىقنى ئالغا سۈرىشى، دۇنيانى قاراشنى ئۆزگەرتىشى، دۇنيانى ئۆزگەرتىشى، ئادەملەرگە بەخىت يارىتىشى قاتارلىق بىلىملەرىنى، ئۇلارغا قوشقان تۆھپەلەرىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئاڭلاشلارغاقاراغاندا، دۇنياغا مەشھور ئەرەب تاشقى كىسەللەر دوختۇرى، ئەلرازى (رازىس دەپمۇ ئاتايدىكەن) ئىسلام شەرىئەتلىرىگە بوي سۇنمىغان، مۇھەممەت پەيغەمبەرىمىزگە ئۆكتە قوپقان بىر نا ئەھلى ئىكەن. شۇنداق بولسامۇ، ئۇنىڭ تاشقى كىسەللەر ئالىمى ئىكەنلىكى نەزەردىن ساقىت قىلىنماغان. دۇنياغا مەشھور ئىسلام پەيلاسوپى، ئەلكىندى، ئۇچىغا چىققان پىخسىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن چاشقانلارمۇ ئۇنىڭدىن يامانلاپ كەتكىدەكمىش. دۇنياغا داڭلىق پەيلاسوپ، لوگىكاشۇناس ئەلفارابى، بىر ئۆمۈر ئۆيلەنمىگەن، جولىقى چىققان كونا ھەم كىر كىيىملەرنى كىيىۋىلىپ يۈرىيدىغان تىجىمەل كىشى ئىكەن. داڭلىق پەيلاسوپ ھەم مەشھور دوختۇر ئىبىنسىنامۇ ھاراقنى كۆپ ئىچىپ، كەيپىساپا بىلەن ئۆتكەن، ئاخىرى ھاراقتا كەتكەن كىشى ئىكەن. ئەمما، بۇ كىشىلەر، بۇ ئەدەپ ۋە ئەخلاقى بىلەن، مەشھور پەيلاسوپ، لوگىكاشۇناش، دوختۇر ئالىم دىگەن ناملاردىن قۇرۇق قالغان ئەمەس. گەرچە شۇنداق بولسامۇ، مەن، ئالىم بولغۇچى كىشىنىڭ ئەدەب ۋە ئەخلاقتا نەمۇنە بولۇشىنى تەكىتلەيمەن.
|