- تىزىملاتقان
- 2011-10-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1003
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
0.3%
|
uyghurbiz يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 23:34
ئەلى قۇربانغا گەپ
ئالدى بىلەن ئەلى قۇربان ياشلار ئىچى ...
بۇ ئىنكاستا ھەقىيقەت دادىللىق بىلەن ئېچىپ بىرىلىپتۇ ! ئاپىرىن ! نەچچە كۈندىن بۇيان ھەرقايسى تور بېكەتلەردە مۇشۇ ئەدەم توغرىسىدا ئارغامچا تارتىشىشتىن ئۆتۈپ ئارغامچىنى ئۈزۈپ چىققانلار ئۇ ئەدەم گە پىكىر بەرگەنلەرنى تالاۋاتىدۇ.ئۇلارغا بەكمۇ ھىسداشلىقىم كەلدى. چۈنكى كۆپىنچە «مۇرتلار» ئۆزىنىڭ قانداق «پىرىم» گە قانداق مەخسەتتە قول بىرىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئىنسانغا ئۇنىڭدىنمۇ بىچارىلىق بولمىسا كېرەك. خۇددى «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» دىگەن ھىكايىدىكى ۋەقەلىكنى كۆرگەندەك بولدۇم. مانا سىز بۇ ئىنكاسىڭىزدا دادىللىق بىلەن ئاشۇ ھىكايىدىكى كىچىك بالىنىڭ ئورنىنى مۇشۇ تالاش تارتىشلار ئىچىدە تولدۇرۇپسىز.
ئەمەلىيەت شۇنداق،بۇ ئەدەم دائىم ئۆزىنى مەن ئېينىشتىيىنغا ئوخشايمەن دەيدىكەن، بۇ ئۇنىڭ ماختانغىنىمۇ بىلمىدىم، ئەگەر شۇنداق بولسا ئوخشىسا نىمە بوپتۇ؟ ئوخشىمىسا نىمە بوپتۇ؟ ئوخشىغان بىلەن ئېيتىشتىين بولۇپ قالمايدۇ-دە؟ ئەمەلىيەتتە تۈرمىدىن قېچىش فىلىمىدىكى چاي خالتىسىغا بەكرەك ئوخشايدۇ. كەينىدىن ئۇنىڭ يانچۇقىغا ئېسىلىپ ماڭىدىغانلارمۇ خېلى كۆپكەن، بەگۋىلنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇر-چاپ قىلالمىسىمۇ «چىشىنى سۇندۇرۇپ» بىرىشكە ياردەملىشىدىكەن. بۇ بەكمۇ بىمەنىلىك. سۆزلىگەننىڭ ھەممىسى ئالىم بولىدىغان بولسا كىچىك ۋاختىمدا خانىقالارنىڭ ئالدىدا شۇنداق كۆپ ئالىملارنى كۆرۈپتىكەنمەن. مەيلى، ئۆزىنى تونۇتۇشقا ئالدىرىسۇن،ئۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى. بىراق ئۇ جاھاننىڭ ئىگىسى ئەمەس-تە؟ ھەممىدە مېنىڭ راس دەيدىغان. ئاشۇ زىيارەت خاتىرىسىنىڭ ئۆزىدىلا ئۇنىڭدىكى«ئىلىم-بىلىم» ناھايىتى روشەن ئەكس ئىتىپتىغۇ؟ ئۇنى باشقا ئادەم ئەمەس دەل ئۆزى ئەكس ئەتتۈردى... «دۇنيادا بىلىدىغان ئادەم يوق، پەقەت بىلىۋاتقان، بىلىشكە تىرىشىۋاتقان ئادەم بار...... مەن بىلىمەن... » بۇ قانداق مەنتىيقە ئەمدى؟ ئۇ بىچارە ھازىر ئۆزىنىڭ جەمىيەتتىكى نارەسىدە ۋە تۇرمۇشىتىن كۆڭلى ئازار يىگەن چوكانلار قاتارلىق ئالاھىدە قوشۇنىنىڭ ھىمايىسىدە كۆكرەك كېرىپ چىقىپ كىم قارشى پىكىر بەرسە شۇنىڭغا شۆلگىيىنى چېچىپ،ئۆزىنىڭ رىياللىقتىن قېچىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ھەممىنى ھاقارەتلەۋاتىدۇ... بۇ ئىلىم ئەھلىگە ماس ئەمەس. ئۇ ئاشۇ نارەسىدىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش (توغرىراقى پۇلىنى) ئۈچۈن مېن... ئۇ مېخمۇت قېشقىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنى ھۆرمېتلېيمېن... دەپلا قويۇپ، ئۇلارنى ئاغزىغا كەلگەنچە بىر نىمىلەرنى دىسە، زىۋىدە خانىمنى تېخى كەمسىتسە... پىكىر بەرگەنلەرنى غاجىلىدى دىسە... يەنە تېخى ئۇنىڭ كۆتىنى بىئارام قىلىدىغان چىۋىن دىسە... ئاشۇمۇ بىر ئىلىم ئەھلى بولدىمۇ ئەمدى؟ ئۇنى پىسخولوگ ۋە ناتىق ياكى لېكسىيەچى دىگەندىن كۆرە زامانىۋىلاشقان مەدداھ دىسە بەكراق ماس كېلىدىكەن.
بۇ ئىنكاسىمدىن كېيىن يەنە بىر تۈركۈم يانچۇققا ئېسىلىپ ماڭىدىغانلارنىڭ ھاياجىنى قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. بىراق بۇمۇ ياخشى، چۈنكى بۇنىڭ بىلەن تور بەتنىڭ زىيارەت سانى كۆپىيىدۇ،ئاشۇ «پىرىم»نىڭ مەنتىيقىسى بويىچە بۇمۇ ياخشى ئىشقۇ؟ شۇنداققۇ؟ چۈشىنىۋاتامسىلە يا؟ |
|