- تىزىملاتقان
- 2013-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1098
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
9.8%
|
ئابىدە خانىم بۇ يازمىڭىزدىن بەكمۇ سۇيۇندىم.ھەقىقەتەن ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ئەلى قۇربان لىكسىيەسى ۋە زىۋەدە خانىم تەنقىدىگە ئەتراپلىق ئىزدىنىش ئېلىپ بىرىپسىز.مەن ئەلى قۇرباننىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسىتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرنى تۇلۇق كۆردۇم ،ئۇنىڭ نۇتۇق تالانتىغا ،ياشلارنى ئىلھاملاندۇردىغان ئالاھىدە كۆز قاراشلىرغا قايىللىغىمنى بىلدۇرمەن .ئۇ ھەقىقەتەن يىڭىچە بىر تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ھەم ناتىقلىق قابىليىتى بىلەن پىسخىلوگىيەدىن ئىبارەت ئاسان ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان بىر پەننى ئاددى تىل بىلەن كوپلىگەن ياشلارغا ھەم تور ئەھلىگە چۇشەندۇرۇپ بەردى ھەم مەلۇم دەرجىدە ئۇزۇق بەردى .بۇ تەرپىنى كوپ قىسىم ئىنكاس يازغانلار مۇئەييەنلەشتۇردۇ.لىكىن لىكسىيە جەريانىدا بەزى جەھەتلەردىمۇ كەتكۇزۇپ قويدى .كەتكۇزۇپ قويغان تەرەپلىرنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بىر نەچچە نۇپۇزلۇق ئوستازلار تەرپىدىن كورسىتىلدى .مەن ئويلايمەن ، شۇنچە كىتاپ ئۇقىغان ئەلى قۇربان ئەپەندى ئەسلى ئۇستازلار كورسىتىپ بەرگەن بەزى بىر يىتەرسىزلىكلەرنى دادىللىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئىپادە بىلدۇرگەن بولسا،بىر يىتلىگەن ئىلىم ئىگسىگە لايىق ئىش بولاتتى . لىكىن ئەلى قۇربان مىسرانىم تۇرىدا بىلدۇرگەن ئىنكاسىدا ئۇزىنى تەنقىتلىگەنلەرگە ئاچچىىق كىنايىلىك گەپلەرنى ، ھەتتا ئىكران ئالدىدا ئىغىزغا ئىلىش لايىق ئەمەس گەپلەرنى دەپ تاشلاپتۇ .بۇ گەپلەر بىر نۇرمال ئەقىل ئىگسىنىڭ ئەلى قۇربانغا بولغان كۆز قارشىنى ئوزگەرتىۋىتىشگە يىتىپ ئاشىدۇ . ئەگەر ئەلى قۇربان توردا ئىنكاس يازغان ھەممە ئادەمنى نىجاسەتكە ئولاشقان چىۋىن دەپ قارىماى كۇرۇپ باققان بولسا تىىخىمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم .بەلكىم ئەلى قۇربان چىۋىن دەپ ئويلىغان ئاشۇ ئىنكاس يازغۇچىلار ئىچىدە نۇرغۇن پىشقان قەلەپ ساھىپلىرى ،ئۆتكۇر ئەقىل ئىگىللىرى بولىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ دە! مەن ئەلى قۇرباننىڭ ئاكا دىمەتلىك بىر ئۇيغۇر قىرندىشى بولۇش سۇپتىم بىلەن شۇنى ئۇمۇت قىلمەن ، ئۆزىگە ئىشنىش ئەللەتتە ئالقىشلاشقا تىگىشلىك ئىش ، لىكىن ھەددىدىن ئارتۇق ئۆزىگە ئىشنىش ئادەمنى تەكەببۇرلىققا ھەتتا ئاشقۇنلۇققا ئىلىپ بارىدۇ .كەمتەرلىك ھەممە ئىتراپ قىلدىغان ياخشى پەزىلەت... ئاخىردا ئەلى قۇربان ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى سۆغوققان پوزىتسىيەدە ئويلىنىپ بېقىشنى چىن قەلبىمدىن ئۇمۇت قىلىمەن . ئابىدە خانىمنىڭ قەلىمى توختاپ قالمىسۇن! |
|