- تىزىملاتقان
- 2015-1-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 246
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
ئۆسۈش
82%
|
ئۇھ ،، راسلا ھارمىدۇق جۇمۇ باغداشتىكىلەر ....
نىمە مەقسەتتە شۇنداق دىدى ؟
بىزنىڭ شۇ ئۇلۇغلىرىمىزدىنمۇ ئېشىپ چۇشۇشكە يول باشلاۋاتىدىغۇ...
بىزچە مەڭگۇ شۇلارنى دەستەك قىلىپ ئۆتۇشىمىز لازىمما ؟ بىزدىن شۇلاردىنمۇ بىلىملىك شۇلاردىنمۇ ئۇلۇغ ئادەملىرىمىز چىقسا بولمامدا ؟ دىمەكچى بولغىنى شۇنچە ئاددىيغۇ .
بىزنى شۇلاردىنمۇ ئىشىپ چۇشۇڭلار دەپ چاقىرۋاتىدۇ.ئىدىسوندىن پەخىرلىنىپ ھىچكىم پەقەت لامپۇچكا بىلەن توختاپ قالمىدىغۇ. ئېدىسوندىن كىيىنمۇ ھەرخىل ياخشى لامپۇچكىلار چىقتى داۋاملىق چىقىۋاتىدۇغۇ ،، ھەجەپ ئۇلار ئېدىسون كەشىپ قىلغان لامپۇچكا ھازىرغىچە شۇنى ئىشلىتىمىز دىمەي ئۇنىڭدىن ئېسىللىرىنى كەشىپ قىلۋاتىدىغۇ.
سىزچە بىز تۇركىي تىللار دىۋانىدىنمۇ ياخشى يىزىلغان ئەسەرلەرنى يازالمايمىزمۇ ؟
گەپ بىز يازغىلى قويمايۋاتىمىز .. قوللايلى دوسلار . ئۇنىڭ گەپلىرىدىن پۇتاق تاپمايلى .مەيلى ئۇلۇغلىرىمىز بولسۇن مەيلى ئەلى مۇئەللىم بولسۇن ھەممىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشى مىللىتىمىز ، شۇنداقلا بىزلەر ئۇچۇندۇر .
ئەلى مۇئەللىم دېسكىسىنى سېتىپ پۇل تاپمىسىمۇ كۆرىۋاتىمىزغۇ (ئىستىقبال سەھنىسىدە ) شۇ كارخانا دېرىكتورلىرىنىڭ قايسى بىرى ئەلى مۇئەللىم ئۇچۇن ئايدا ئون مىڭلاپ پۇل بېرىپ ئىشلىتەلمىگۇدەك .. ئۇنىڭ قىلۋاتقانلىرى پۇل ئۇچۇن ئەمەس . بۇنى ياخشىراق ئويلىنايلى . ھەممە ئىشنى پۇل بىلەن باغلىۋالغانلار دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل ئىنسانلاردۇر . مەن مىللىتىمىزدىن تۇمەنلىگەن ئەلى مۇئەللىملەرنىڭ چىقىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ، شۇنداقتىلا بىز ئۆزىمىزنى تونىيالايمىز .
بىزكىم دېسە مەھمۇد قەشقىرى ئەۋلادى دەپ قۇرۇق شوئار تولىغاندىن ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەۋلادلىرى مەھمۇد قەشقىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى . ئىنسانىيەتكە مۇنداق توھپىلەر قوشتى دەپ ھەممىمىزنى تونۇسا ياخشىدۇ.
سۆزلىسەم بەك سۆزلىۋىتىمەن جۇمۇ ،،،
ئاخىردا مۇشۇنداق تېمىلار بىلەن مۇنبەرنى ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىڭلارنى سورايمەن . . . مەن بۇ مۇنبەرگە ئالما دېلوسى بىلەن كىرىپ قالغانتىم ، بۇ مۇنبەردە يەنىلار شۇنداق نادىر تېمىلار بىلەن بېزىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن . |
|