بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attila تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-14 10:11
ئەلى قۇربان لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر! مېنىڭ ھازىر ئارتۇقچە ۋاقتىممۇ يوق ئىدى. بىراق، زامانىمىزدىكى داڭلىق پىسخىلوگ ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن كۆز قاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقىم كەلدى. مېنىڭ ھاسىلقىلغان چۈشەنچىلىرىم تۆۋەندىكىچە: 1. ئەلى قۇربانلېكسىيەسىدىكى يورۇق تەرەپلەر مەن بۇ يازمامدا ئالدىبىلەن ئەلى قۇرباننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاشتىن ھاسىل قىلغان چۈشەنچىلىرىمگە ئاساسەن،لېكسىيەدىكى يورۇق تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1› ئەلى قۇربانئۇيغۇر ھازىرقى زامان جەمىئىيىتىدىكى كۆزگە كۆرىنىۋاتقان ياش ھەم ئۈمۈدكە، يېڭىقاراش، يېڭى تەپەككۈرگە تولغان پىسخىلوگ. مەن ئەلى قۇرباننىڭ نامىنى خېلىۋاقىتلاردىن بېرى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن ھەم مېنىڭ ئەلى قۇرباننىڭ پىسخىلوگىيەجەھەتتىكى قابىليىتىگە ھەقىقەتەن قايىللىقىم بار. ئۇ ئارقىلىق پىسخىلوگىيە دېگەنئاتالغۇنى ئاڭلىمىغان كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز پەنلەر قاتارىدا «پىسخىلوگىيە»دەيدىغان بىر پەننىڭ بارلىقىنى بىلدى ھەم بۇ پەن توغرۇلۇق مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگەبولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرى جەمىئىيەتتە زور مۇنازىرە قوزغاپ،بىزدىكى مۇنازىرە روھىنىڭ كۈچىيىشىگە، تور، ئۈندىدار ھەم تۈرلۈك شەكىلدىكىمۇنازىرە ئارقىلىق خەلقىمىزدە پىسخىلوگىيە چۈشەنچىسى دولقۇنىنىڭ كۆتۈرىلىشىگەسەۋەب بولدى. بۇ ئۇنىڭ زور تۆھپىسى. يەنە بىرسى، ئۇنىڭ باشقىلارغا ئۆزىنى تاۋلاشھەققىدە يول كۆرسىتىشى ھەم پايدىلىق كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىشى (بىرازىليەلىك بىرئاپتۇرنىڭ ئالتۇن تاۋلىغۇچى بالا» ناملىق كىتابىغا ئوخشاش) ماختاشقا ئەرزىيدۇ. 2› ئەلىقۇرباندىكى جۈرئەتچانلىق ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش خاھىشى، باشقىلارغا ئۆزىگە ئىشىنىشتۇيغۇسى بېرىشى، نېمە قىلىش توغىرىسىدا يول كۆرسىتىشى بىزنىڭ ئۆگۈنىشىمىزگە،ئېتىراپ قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئەلى قۇربان لېكسىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىباشلىنىش بولۇپ، ئۇنى ياشلارنىڭ ئۆز مەقسىدى يولىدا جۈرئەتچانلىق بىلەن قەدەمئېلىشىنىڭ، سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىشىنىڭ مەدەتكارى، دېيىشكە بولىدۇ. 3› ئەلى قۇربانھادىسىسى بىزگە ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى، مەكتەپ تەربىيسىدە ئىلگىرىئېيتىلىپ كېلىنگەن «كەمتەرلىك ئادەمنى ئالغا باستۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق ئادەمنى ئارقىداقالدۇرىدۇ» دېگەن تەرجىمە ھېكمەتنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى، كىمكى ئۆز قابىلىيىتىنىسىرىتقا چىقىرالىسا شۇنىڭ ئېتىراپقا ۋە پۇت تىرەپ تۇرۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى،ئەكسىچە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلالمايدىغانلارنىڭ مەڭگۈ ئېتىراپقىلىنمايدىغانلىقىنى، شۇڭا بىزنىڭ بار كۈچىمىز بىلەن قابىلىيەت يېتىشتۈرىشىمىزنىڭۋە ئۇنى بار ئاماللار بىلەن ئىشلىتىلىشچانلىققا ئىگە قىلىشىمىزنىڭ، تەشەببۇسكارلىقبىلەن ئەمىلىيەتكە يۈزلەندۈرىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى تونۇتتى. 2. ئەلى قۇربانلېكسىيەسىدىكى پاسسىپ تەرەپلەر ئەلى قۇربانلېكسىيەسى ھەم ئۇنىڭ قاراشلىرى ئومومىي جەھەتتىن توغىرا بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنە بىرقىسىم ئاشقۇن قاراشلار ياكى سۆز ئىشلىتىشتە، ئىپادىلەشتە، لوگىكىلىق بىر تەرەپقىلىشتا كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلەر بار. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1› ئەلىقۇرباننىڭ مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرىشى خاتا. بۇئۇنىڭدىكى ئۇچىغا چىققان مەنمەنچىلىك ياكى ئۆزىنى جاھاندا بىر ساناش قارىشىدىنكەلگەن بولىشى ياكى ئىپادىلەشتىكى مەسىلە بولىشى مۈمكىن. ئۇ يېقىندا بېرىلگەن«ئىستىقبال سەھنىسى» پىروگىراممىسىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر گەپنى قىلىپ،«بىرسى مېنى ئېينىشتېيىنغا ئوخشايدىكەنسىز دېدى. مەن ئۇنىڭغا ‹سىز مېنىئېينىشتېيىنغا ئوخشاتماي، ئېينىشتېيىننىڭ قېشىغا بېرىپ سىز ئەلى مۇئەللىمگەئوخشايدىكەنسىز دەڭ› دېدىم» دېگەن ئىدى. قارىساق بۇ ئىككى گەپنىڭ ۋەزنى ۋە سۆزقىلىش مەۋقەسى ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاش بىر مۇددىئانىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدەئاشكارىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئالدىنقىسىدا ئەلى مۇئەللىم ئۆزىنى مەھمۇدكاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئۈستىن قويغان بولسا، كېيىنكىسىدە ئۆزىنى دۇنياپەن ساھەسىدە نىيۇتۇندىن كېيىنكى دەۋىر بۆلگۈچ ئالىم ئېينىشتېيىندىن ئۈستىنقويغان. بىز نېمىلا دېمەيلى ەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئېينىشتېيىنلاردېگەن جىسىمى توپىغا ئايلىنىپ كەتسىمۇ يەنىلا مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەئېينىشتېيىنلاردۇر. ئەلى مۇئەللىم بۈگۈنكىئۇچۇر زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ، يەر شارى بىر كەنتكە ئايلانغان، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىبىلىمنى بۇ چەتتە تۇرۇپ ئىگىلىگىلى بولىدىغان، مەخسۇسلاشقان ئالىي مەكتەپلەر ۋەپەن ساھەسى بويىچە تەربىيلەش ئەمەلگە ئاشقان بىر زاماندا ئۆزىدىن مىڭ يىل ئىگىرىكىسىمالار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنى ئۇلاردىن ھەرقانچە ئۈستىن قويسۇن، ئۇسىمالارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئۈستىنلىكى ئەلى مۇئەللىمنىڭ ئاشقۇن قاراشلىرىنىقەدەمدە بىر رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى: ‹1› مەھمۇدبوۋىمىز قاتناش ۋە باشقا شارائىت شۇنچە ناچار بولغان، ئۆلچەش-سىزىش ئۈسكىنىلىرىبولمىغان شارائىتتا شۇنچە كۆپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ ئورنىنىلا ئەمەس، دۇنيانىڭئورنىنى ئاساسىي جەھەتتىن توغىرا مۆلچەرلەپ، «دائىرە» دەپ ئاتالغان دۇنياخەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، دۇنيا جۇغراپىيە ساھەسىدە مۆجىزە ياراتتى. بۇنى دۇنيائېتىراپ قىلىدۇ. ‹2› مەھمۇدبوۋىمىز قاتناش ۋە باشقا شارائىت شۇنچە ناچار ئەھۋالدا شۇنچە كۆپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭتىلى توغرىسىدا شۇنچە مول مەلۇمات قالدۇرۇپ، دۇنيانى تاڭ قالدۇردى ھەم دۇنياتۈركلوگىيسىگە، تىلشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالدى. ئەلىمۇئەللىم باشقىلار ئۆتتۇرىغا قويۇپ سېستىمىلاشتۇرۇپ، ئاللىبۇرۇن پەن دەرىجىسىگەكۆتۈرۈپ بولغان، ئۆزى بىلىمەن دېگەن پىسخىلوگىيە ئىلمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومومىيھالىتىگە ماس كەلگۈدەك ۋە نىشان كۆرسىتىپ بېرەلىگۈدەك بىر مۇكەممەل پىسخىلوگىيەئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈرەلىدىمۇ-يوق؟ ‹3› مەھمۇد ۋەيۈسۈپ بوۋىمىز شۇنچە كۆپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ يەرلىك تىل شىۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭفونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق تىل قائىدىلىرىنى تەييار ماتېرىياللاردىنئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە تەكشۈرۈپ مۇكەممەل ئىگىلىگەن. بۈگۈنكى ئەلى مۇئەللىمدۇنيادىكى 36 تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەس، ئۇلاردىن ئالتىسىنىڭ تىلشىۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ فونېتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىرامماتىكىلىق تىل قائىدىلىرىنىتەييار ماتېرىياللار ئاساسىدا مۇكەممەل بىلەمدۇ-يوق؟ ‹4› مەھمۇد ۋەيۈسۈپ بوۋىمىز ئەرەب، پارىس تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن ھەم ئۇ تىللالاردا دۇنيالال قالغۇدەك ئەسەرلەرنى ياراتقان مەشھۇر تىل ئۇستىلىرىدۇر. ئەلى مۇئەللىم ئۆزىبىلىمەن دەپ قارىغان خەن ۋە ئېنگىلىز تىلىنى شۇ دەرىجىدە بىلەمدۇ-يوق؟ شۇ تىللاردادۇنياۋى نادىر ئەسەرلەرنى يارىتالامدۇ-يوق؟ ‹5› يۈسۈپ خاسھاجىپ ئەينى دەۋردىكى قاراخانىيلار جەمىئىيىتىنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى مۇكەممەليورۇتۇپ بېرەلەيدىغان «قۇتادغۇبىلىگ» تىن ئىبارەت شاھانە ئەسەرنى بارلىققاكەلتۈردى. ئەلى مۇئەللىمچۇ؟ 2› ئەلىقۇرباننىڭ «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆلدى» دېگەن سۆزلىرى خاتا. بۇ سۆزھەقىقەتەن خاتا ئېيتىلغاندۇ ياكى مۇددىئانى توغىرا ئىپادىلىيەلمىگەندۇ. بىراق بۇنىڭغائەگەشكەن بىر قىسىم ئىنكاسچىلارمۇ بۇ قاراشقا قوشۇلۇپ «ئادەم ئۆلمەي نەگە بارىدۇ»،دەپ چۇقان سېلىشقان. مەن ئۇلارنىڭ تەنتەكلىكىدىن ھەم پىكىرىنىڭ تېيىزلىقىدىنتولىمۇ ھەيران قالدىم. ئادەمنىڭ ئۆمرى مەلۇم چەككە بارغاندا ئۆلىدىغىنى بۇ بىرھەقىقەت. بۇنى كۆپ تالىشىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. بىراق، بىزنىڭ بۇ ئىككى زاتنىئۆلمىدى دېيىشىمىز ئۇلارنىڭ جىسمانىيىتىدىن ئەمەس، بەلكى روھىدىندۇر. ئۇلارنىڭروھى مىڭ يىلدىن بېرى بىزنىلا ئەمەس بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى يۆلەپ، ئالغائىلگىرلىشىمىزگە، ھېچ بولمىسا مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىز بىلەن مەۋجۇتلۇقىمىزنىساقلىشىمىزغا مەنىۋىي مەدەتكار بولىۋاتىدۇ. بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيخەلقلەر ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن يۇقىتىپ قويغىلى مىڭ يىل بولغان ئەسلىنىتېپىۋاتىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى يېڭى تۈركىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تۈركدۇنياسىدىكى تاتارلارنى مەركەز قىلغان يېڭى ئويغىنىش ھەرىكىتىمۇ «تۈركىي تىللاردىۋانى» ۋە «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۆلۈك» مىراسلارنىڭتېپىلىشىدىن بولغان. ئەلى مۇئەللىم، سىز لېكسىيەرىڭىزدە ئۇلارنى «ئۆلدى» دەپسىز،ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىزنى يۆلەپ، روھىمىزغا قان، ۋۇجۇدىمىزغا ئىشەنچ ئاتا قىلىشىئۇلارنىڭ بۈگۈنگىچە ھايات ئىكەنلىكىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى ئەمەسمۇ!؟ ئۆلگەن ئادەمقانداقمۇ بىزگە روھ ۋە قان بېرەلىسۇن؟ بۈگۈنكى دۇنيادا ئېنگىلىزلارنىڭ نىيۇتۇننى،فىرانسۇزلارنىڭ ۋولتېرنى، نېمىسلارنىڭ بېتخوۋېن، باخ، مۇزارتلارنى، نىتچى ۋە دىنىيئىسلاھات پېشىۋاسى مارتىن ليۇتېرلارنى، گېرىكلارنىڭ سۇقرات ۋەئارىستوتېللارنى... چوققا قىلىپ ئۆزلىرىگەروھىي كۈچ قىلىشىمۇ ئۆلۈكلەردىن نىجاتلىق تىلەشمۇ؟ سىزنىڭ بۈگۈنكى بىلىملىرىڭىزئۆز قارىشىڭىزدىكى «ئۆلدى» گە چىقىرۋېتىلگەن بۇرۇنقىلارنىڭ بىلىمىنىڭ يىغىندىسىدىنكەلگەنمۇ ياكى ھەممىنى ئۆزىڭىز ئىجاد قىلغانمۇ؟ بىز بىلىشىمىز كېرەككى، جىسىمىئارىمىزدىن كەتكەن بىر ئادەمنىڭ ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكىقىلغان ئىشى تەرىپىدىن بەلگىلىىدۇ. يەنى، بىز «ئۆلدى» دەپ قارىغنالارنىڭ تېنىدىكى ھاياتىئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ياكى قالدۇرغان ئەسەر-كەشپىياتلىرى ئىچىگەكۆچىدۇ. مىراس قالغۇدەك ئەمەل ۋە ئەسەر-كەشپىياتلىرى بارلىرى داۋاملىق ياشايدۇ،يوقلىرى ياشىيالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئۆلدىگە چىقىرىش ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغانئەمەللىرى ۋە ئەسەر-كەشپىياتلىرىنىمۇ ئۆلدىگە چىقىرىش بىلەن باراۋەردۇر. ئېدىسۇنكەتتى، بىراق ھەر بىر لامپۇچكا ئۇنىڭ ھاياتىنى ئارىمىزدا ساقلاپ قالدى، ئابدۇخالىقئۇيغۇر كەتتى، بىراق ئۇنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيىتى ۋە ئوتلۇق شېئېرلىرى ئۇنىڭھاياتىنى ئارىمىزدا ساقلاپ قالدى، مەمتىلى ئەپەندى كەتتى، بىراق ئۇنىڭمائارىپچىلىق ھەرىكىتى ھاياتىنى ئارىمىزدا ساقلاپ قالدى...ۋاھكازالار! 3› ھەرقانداقبىر ئادەمنىڭ تارىخى تۈنۆگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەركىپتاپقاندەك، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تارىخىمۇ تۈنۆگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەتئۈچ قاتلامدىن تەركىپ تاپىدۇ. بۇ ئۈچقاتلامسىز تارىخ مەۋجۇت ئەمەس. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىمۇتۈنۆگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلامدىن تەركىپ تاپقان. مەھمۇد كاشىغەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ... قاتارلىقلار بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ تۈنۆگۈنى، بىز بۈگۈنى،ئەۋلادلىرىمىز ئەتىسى. بىر ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرى بولماي تۇرۇپ ياشلىق،قىرانلىق ۋە ياشانغان چاغلىرى بولمىغاندەك بىر مىللەتنىڭمۇ تۈنۆگۈنى بولماي تۇرۇپبۈگۈنى بولىشى مۈمكىن ئەمەس. بۈگۈنى بولمىسا ئەتىسى بولىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس.بىر ئادەمنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تۈنۆگۈنىنى ئىنكار قىلىشى ئۆزىنىڭ بالىلىقۋاقىتلىرىنى ئىنكار قىلىشتۇر. قېنى مەن سوراپ باقاي، ئەلى مۇئەللىم قېنى سىز ئۆزىڭىزنىڭبالىلىق ۋاقتىڭىزنى ئىنكار قىلالامسىز؟ ئۆلدىگە چىقىرالامسىز؟ سىز بالىلىق چاغلىرىڭىزدائۇيغۇر تىلىنى ۋە ئۇنىڭ يېزىق شەكلى بولغان ئۇيغۇر ئېلىببەسىنى ئۆگەنگەن بولغىيدىڭىز.بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە :ئۇ مېنىڭ ئۆلگەن ھاياتىم» دەپ ئانا تىلدا سۆزلەش ۋەيېزىشنى تەرك ئېتەلەمسىز!؟ «ئۆتمۈشنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بېرىدۇ» (رۇس خەلقماقالى)، «ئۆتكەن كۈنىڭنى ئۇنۇتما، شىرە چۇرىغىڭنى قۇرۇتما» (ئۇيغۇر خەلق ماقالى).بىز بۇ ماقالدا ئىپادىلەنگەن ھېكمەتنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك. 4› ئەلىقۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى مۇھىم بىر لوگىكىلىق خاتالىق «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاسھاجىپلار ئۆلدى» دېگەن سۆزى بىلەن «مەن ئۇلارنىڭكىنى بىلىمەن، ئۇلار مېنىڭكىنىبىلمەيدۇ» دېگەن سۆزىدىكى زىتلىقتۇر. ئەلىمۇئەللىمنىڭ مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان بىلىملەرنىئۆگۈنىپ ئىگىلىگەنلىكى دەل مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭئۆلمىگەنلىكى، ئۇۇلارنىڭ روھىي ھاياتىنىڭ ئەلى مۇئەللىمنىڭ ۋۇجۇدىغا كۆچۈپياشاۋاتقانلىقىدۇر. چۈنكى، ئالدىنقىبۆلەكتە ئوتتۇرىغا قويغاندەك، مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆلمىگەن،بەلكى ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەسەرلىرىدىكى ھەر بىر ھەرىپ، ھەر بىر قۇرغا كۆچكەن. شۇھەرىپ، شۇ قۇرلار ئارقىلىق بىلىم ئىگىلەش شەكلىدە ئېقىن ھاسىل قىلىپ، ئۈزۈلمەيئېقىپ ئەۋلادتىن ئاۋلادقا داۋاملىشىپ ھايات ياشايدۇ.. 5› ئەلىقۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى يەنە بىر لوگىكىلىق خاتالىق «مەھمۇد كاشىغەرى ۋە يۈسۈپخاس ھاجىپلار بىلگەننى مەن بىلىمەن » دېگەن سۆزىدۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇندۆلەتلەردە «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىگ» لارنى مەخسۇس تەتقىققىلىۋاتقان ئىلمىي جەمىئىيەتلەر، تۈركىلوگىيە تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەمئالىم-تەتقىقاتچىلار تۇرۇپ، ئۇ شاھانە ئەسەرلەرنى تولوق تەتقىق قىلىپ، مەنا ۋەبىلىم قاتلىمىنى ئېچىپ بوللامىغان يەردە، ئەلى مۇئەللىم سىز، ئۇ ئىككى ئەسەرنىتولوق بىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ بولالىدىم، دەپ قارامسىز؟ سىز يەنە ئۇ ئوقيا ئېتىش،نەيزىۋازلىق، ئاتقا مىنىش، چەۋگەن ئويناش، جانبازلىق... قاتارلىقلاردىنمۇ بىلەمسىز؟سىز بۇ يەردە ئۇقۇمنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىۋېتىش خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەن. 6› ئەلىقۇرباننىڭ لېكسىيەسىدىكى يەنە بىر خاتالىق «ئۇنى قىدىرىپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق»دېگەن سۆزدۇر. سىزچە بولسا بىز بۇنىڭدىن كېيىنسىز نېمە دېسىڭىز شۇنى قىلساق، قىلدېگىنىڭىزنى قىلىپ، قىلما دېگىنىڭىزنى قىلمىساق بولىدىكەندە؟ قەدىمكى سىمالىرىمىزنىڭ ھايات ھەقىقەتلىرىنى ۋەقالدۇرۇپ كەتكەن ماددىي ھەم مەنىۋىي مىراسلىرىدىن سىر-ھېكمەتلەرنى قېزىپ،ئۆزىمىزگە ئەينەك ھەم يول قىلماسلىقىمىز كېرەك ئىكەندە؟! سىزنىڭ پەلسەپىڭىز بويىچەبولغاندا دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىنىڭ 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يۇقارقىسىمالارنىڭ ئەسەرلىرىنى ۋە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تەتقىق قىلىشىمۇ ھاجەتسىز ئىشمىدۇ؟!بۇ ئېنىقكى دۇنيا تۈركىلوگىيە ساھەسىگە قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت ئەمەسمۇ!؟. 3. تەكلىپىم مەن ئەلەقۇربان ئەپەندىگە ھەم ئىنكاسچىلارغا تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى سەمىمىي تەكلىپقىلىمەن: 1› سىز بىرپىسخىلوگ بولغاندىن كېيىن بۇنىڭدىن كېيىن سۆزلىگەندە روھنى ئۇرغۇتۇپ،ئۈمۈدۋارلىققا ئۈندەيدىغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ شۇ ئۈمۈدۋارلىقنى ھەرىكەتكەئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يول تۇتۇشقا، ئەمىلىي غەيرەت كۆرسىتىشكە باشلايدىغان سۆزلەرنىقىلسىڭىز. بىزدە «ئۈمۈد ياشىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار. يەنە كېلىپبۇنداق روھنى چۈشۈرۈپ، بىرلىكنى بۇزىدىغان سۆز پىسخىلوگىيە ئىلىمىگە ماس كەلمەيلاقالماستىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى يوققا چىقىرىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئىنۋىتىبولغاندىلا يېتەكلەش كۈچى بولىدۇ. 2› سىزبۇنىڭدىن كېيىن ئۆگەنگەن پىسخىلوگىيە ئىلمىگە يانداپ لوگىكىنى ئۆگىنىشكىمۇ ئەھمىيەتبەرسىڭىز. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن «بىز ھە دېگەندىلا بۇرۇنقى داڭلىقلىرىمىزغائېسىلىۋېلىپ، ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرىۋەرمەي، ئۆزىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپيېڭى بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق پەخىرلىك سىمالارغا ئايلىنىشىمىز، ھەدېسە ‹ئۇيغۇرنىڭ مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىدەك كاتتازاتلىرى، ‹تۈركىي تىللار دىۋانى›، ‹قۇتادغۇبىلىگ›، «ئون ئىككى مۇقام» دەك مەشھۇرمەنىۋىي مىراسلىرى بار، دەپ پەخىرلىنىپ، ئۇنى بېشىمىزغا ياستۇق قىلىپ ئۇخلاپياتماي، ھازىرقى رىقابەت كەسكىنلىكىگە تولغان زامانغا قاراپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپھەم يارىتىپ، زور ئىرادە بىلەن تارىختىن، ئۆزىمىزدىن ھەم زاماندىن ھالقىش ئۈچۈنتىرىشىشىمىز كېرەك» دېگەن مەقسىدڭىزىنى توغىرا ئىپادىلەپ بېرەلەيسىز. 3› يازمىغائىنكاس يازغۇچىلار باش-ئاخىر يوق، پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ھەم تولوق ئاياغلاشقانمەناغا ئىگە ئەمەس بىر-ئىككى قۇر جۈملە بىلەن قارىسىغا تالاش-تارتىش قىلىشدىغان،ئۆزئارا دەككە بېرىشىدىغان، شەخسنىڭ دېگەن ھەم يازغانلىرىغا، ئۇنىڭ مەنىسىگەئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ۋە نوپۇزىغا، گېپىنىڭ دەبدەبىسىگە ئەگىشىپ شەخسكەچوقۇنۇش خاھىشى بويىچە ئىنكاس يازىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتسەك. بۇ خىل قارىسىغائەگىشىشنىڭ زىيىنىنى بىز بىر پۈتۈن مىللەت توپى نۇقتىسىدىن ئاز تارتمىدۇق. سەئىدىيەخانلىقىنىڭ ئاخىرقى زامانلىرىدا ئاپپاق خوجا «مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ27-ئەۋلادى» دېسە ئىسلام تارىخىدىن دەلىللىمەي تۇرۇپ قارىسىغا، ئەگىشىپ ئاقتاغلىق-قارا تاغلىق بولۇشۇپ، سەئىدىيە خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ، خەلقىمىزنى 300يىللىق جاھالەتكە مۇپتىلا قىلدۇق (مۇشۇ سەۋەبتىن مەن سەئىدىيە خانلىقىدا مەدەنىيەتتەرەققى قىلغان دېسە تازا ئىشىنىپ كېتەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى، مەدەنىيەتتەرەققى قىلغان بولسا نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان بىر مۇنتىزىمدۆلەتتە ئاپپاق خوجىنىڭ «مەن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ 27-ئەۋلادى» دېگەن ئويدۇرمىسىغارەددىيە بېرەلەيدىغان بىرەر ئىسلام ئۆلىماسى چىقمايدۇ؟). 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدائۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان ياكى ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنى«يەرلىك مىللەتچى» دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ يوقاتتۇق (ھايات قالغانلىرى1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئاقلىنىپ، ئۇلارنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىمۇئەييەنلەشتۈرۈلدى). 1960-يىللاردا ئاتام كۆرمىگەن، ئانام كۆرمىگەن بىرسىنى«قوغدايمىز»، «يوقۇتىمىز» دەپ ئاتا-بالا، ئەر-خوتۇن بىر-بىرىدن كېچىشتى. بۈگۈنيەنە بۇنداق ئەگىشىش ئۇيغۇر جەمىئىيىتىگە قارا سەيە تاشلاۋاتىدۇ. شۇڭا سەگەكبولايلى قېرىنداشلار. 4. ئاخىرقى سۆز مەن ئاخىرىدا تور ئەھلىگە، بولۇپمۇ پىكىر قىلىشنى بىلىپ بولالماي يۈرگەن ياشلارغا ئۆزەم يەكۈنلىگەن تۆۋەندىكى تۆت ئېغىز ھېكىمەتنى سۇنماقچىمەن: 1› «مەردانە بول، لېكىن تەكەببۇر بولما». 2› «جۈرئەتلىك بول، مەمەدان بولما». 3› «بىلىملىكب ول، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئەقىلسىزلىق قىلما». 4› «شەخسنى ھۆرمەتلە، لېكىن ئۇنىڭغا چوقۇنما».
|