قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tohotur

تەنقىتچىلەر ئەلىدىن بۆسۇپ ئۆتەلەمدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33062
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئۇمۇن دىگەن كىشى ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىتكە ئۇنىڭ ئاتالمىش ئاكادىمىيەسى مەسئۇل بولىشى كىرەك.
بۇ ئاكادىمىيە ئۆتكەندە ئەيدىزنى ساقايتىۋىدىتىدىغان دورا تېپىلدى دەپ بىر ئەرەپ  موللىنى ماختاپ پىتنە پاسات تارقاتقان، مانا ئەمدى ئەلى مۇئەللىمگە ۋە ئۇنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغانلارغا ھۇجۇم قىپتۇ.
قانداق ئاكادىمىيە ئۇ پىتنە پاسات تارقىتىش، شەخسىىيەتكە ھۇجۇم قىلىشتىن باشقا ئىشى يوق؟ نەگە جايلاشقان، مەخسىدى نىمە ئۇ يالاڭئاياق ئاكادىمىيەنىڭ؟

293

تېما

32

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3129
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14508
تۆھپە : 11718
توردىكى ۋاقتى: 4207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sharabi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:08
يەنە ئۇمۇن دىگەن كىشى ئوتتۇرىغا قويغان تەنقىتكە ئۇنىڭ  ...

ئۇ ئاكادىميە ۋاقتىدا چۇشەندۇرۇش بەرگەندەك قىلغانغۇ ، ئۇ موللا ئەكەمنىڭ گىپىگە .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

68

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1236
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3396
توردىكى ۋاقتى: 641
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي جۇما…زىۋىدە خانىم ئەلىيگە ھەسەت قىلدىمۇ دىگەن تىمىنى كۆرگەنمىدۇ يا ئەلىيجان ؟
نىمە بوپكەتتى بۇ ئىشلار ؟

0

تېما

0

دوست

617

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   23.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33062
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 180
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:10
ئۇ ئاكادىميە ۋاقتىدا چۇشەندۇرۇش بەرگەندەك قىلغانغۇ ، ...

ئۇ يالاڭئاياق ئاكادىمىكلارنىڭ ئاكادىمىيەسىنى بىز ئىتىراپ قىلمايمىز.
ئۇيغۇرغا زىيان سالىدىغان ئاكادىمىيە ئوخشايدۇ ئۇلار.

0

تېما

0

دوست

1829

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 443
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى مۇئەللىم كۆرىۋاتقانسىز.
سىزنى نەزىرىڭىزدىكى ئەخلەتلەر قوللاۋاتىدۇ.
سىز شۇ نەزىرىڭىزدىكى ئەخلەتلەردىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ئوخشاشلا ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىسىز. نىمىشقا دىگەندە سىزمۇ ئوخشاشلا پىسخولوگىيە دۇنياسىدىكى بىر تامچە سۇ خالاس. تۇتقان يولىڭىز، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز يىڭى. داۋاملىق تىرىشىڭ.

1

تېما

0

دوست

113

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33336
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                       ئەلى قۇربانغا مەدھىيە  ۋە تەنقىد
                        ئابدۇۋەلى تۇرسۇن (بىكتۇەن مىللىي پېداگوكىكا مەكتىپى)
ئەلى قۇربانننىڭ لېكسىيە مەزمۇنىغا قارىتا زىۋىدە كېرىم بىر قىستۇرما (ئەمەلىيەتتە زىۋىدە كېرىممۇ بۇ قىستۇرمىنى  ئۆزىگە تازا ئىشەنچ قىلالمايراق يازغان)يېزىپ قويۇۋېىدى ئەلى قۇربان ۋە ئۇنىڭ لېكسىيەسى  ھەققدىكى مۇنازىرە مىسلى كۆرۇلمىگەن دەرىجىدە قىزىپ كەتتى. مەنمۇ بۇ بەس مۇنازىرىگە ئانچە- مۇنچە دىققەت قىلىپ كەلدىم.كۆڭلۈمدە نۇرغۇن ئوي- پىكىرلەر پەيدا بولۇپ ،ئازراق بىرنەرسە  يېزىپ ،ئۆزەمنىڭ  بۇ ھەقتىكى قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى  ئويلىدىم.ئەمما باشقىلار دەپ بولغان سۆزلەرنى دىيىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قاراپ ،ئازراق ساقلاپ بېقىش نىيىتىدە بولدۇم.يەنە بىر تەرەپتىن مەن دېمەكچى بولغان سۆز ۋە ئىدىيەلەر  باشقىلارنىڭ يازمىسىدا ئەكس ئەتسىلا  مېنىڭ يەنە بۇ توغرىدا بىر نىمە يېزىشىمنىىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم.بۈگۈنگىچە قاراپ بېقىپ ئەمدى چوقۇم يازاي، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوققان ياخشى دېگەن قارارغا كەلدىم. ئەمما مەن باشقىلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ لېكېىسىيەسى ھەققىدە ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئۆزى توغۇرلۇق كۆپرەك توختۇلىمەن.
          ئەلى قۇربانننىڭ لېكسىيەسى توغرۇلۇق ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ چۈشكىنى ،مۇنازىرىنىڭ بولغانلىقى بەكلا نورمال ئىش. بۇ بىر ئىلمىي مۇنازىرە بولۇپ ،  ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. ئەگەر پەقەت گەپ- سۆز بولمىغان بولسا  ئۇنى ئادەتتىكىلا بىر نىمە دەپ قارىماي ئامال يوق. بۇنداق بەس -مۇنازىرىلەر  مەزمۇنىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئەلى قۇربانغىمۇ ،باشقىلارغىمۇ پايدىلىق.بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى مۇكەممەللىككە باشلايدۇ.مەن بىرسىدىن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بەس مۇنازىرە قوزغىيالمىدى دەپ ئاغرىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم ،ئەگەر بۇ سۆز راست بولىدىغان بولسا زادى ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر بەس-مۇنازىرە قوزغىيالمىدىمۇ ياكى بەس مۇنازىرە قوزغىيالىغۇدەك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمدىمۇ؟بۇنى ئۆزى ياخشى ئويلاپ باقسا بولىدۇ .ئەلى قۇربانغا كەلسەك ئۇنىڭ مۇشۇ يېشىدا بىر قاتار لېكسىيە سۆزلەپ ،مىللىتىمىز ياشلىرىنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ،ئىزدىنىشكە ،ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۇرۈشى ،بۇنچىلىك چوڭ تەسىر قوزغىشى ، بەس مۇنازىرە كەلتۇرۇزپ چىقىرىشى  ناھايىتى چوڭ غەيرەت ۋە تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى، بۇنى ھەممىلا ئادەم قىلالمايدۇ.شۈبھىسىزكى بۇ  ناھايىتى قالتىس  ئىش،ئەھمىيىتى ناھايىتى زۇر ئىش . بۇنىڭغا  قارىتا ئلمىي پوزىتسىيە تۇتماي ، بىر بولسا ماختاپ ئۇچۇرۇپلاۋېتىش ،يەنە بىر بولسا  يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىپ ،يوقلا قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس . بۇنى مىللىتىمىزدىكى '' كۆتىنى كولاش ،ھەسەت،كۆرەلمەسلىك ،ئۇيغۇر بولماق تەس ،ئككى قوشقارنىڭ بېشى بىر قازاندا قاينىماسلىق''  قاتارلىق ئىللەتلەرگە  باغلاپ، چوڭايتىۋېتىش تېخىمۇ توغرا ئەمەس . بۇ پەقەتلا باشقىلارنىڭ  قارىشىغا باھا بېرىش مەسىلىسى بولۇپ ،مىللەت ئىچىدىكى باشقا مەسىلەلەر ئالاقىسى يوق.بۇنداق  قىلىش ھەقىقەتەن ئىلمىي پوزىتسىيەدىن بەك يىراقلاپ  كەتكەنلىكتۇر.  بۇنداق باھالار ئەمەلىيەتتە تەپەككۇر چوڭقۇرلىقى بولمىغان ئاددى پىكىرلەر بولۇپ ، ھەرگىز ئېرەن قىلىشقا ئەزرزىمەيدۇ.بۇ ئىشلاردىن مىللەت كىشىلىرىگە قارىتا ئومۇمىي يەكۇن چىقىرىش تېخىمۇ بىمەنىلىك. بۇنداق  ئۆز مىللىتىدىن ئۇنداق-مۇنداق دەپ قاخشاپلا يۈرۈيدىغان كىشىلەر ئاساسەن ئۆز ئورنىغا توغرا باھا بەرمەي،باشقىلاردىن ،جەمىيەتتىن ئاغرىنىپ ، ئۇ-بۇ توغرىسىدا بىر نىمە يېزىپ قويىدىغان قەلەم تەۋرەتكۈچىلەردۇر.  خەلقىمىز ئىچىدە نى-نى ئوغۇل -قىزلىرىمىز  بار.ئۇلار  نام -ئاتاق قوشلاشماي ئۆز سەھەلىرىدە ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قۇشۇۋاتىدۇ،ئۇلار مەسىلەلەرگە توغرا باھا بېرەلەيدۇ،ئاق-قارىنى ئايرىيالايدۇ،ئۆز ئىشلىرىدا مەسئۇلىيەتچان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى دوختۇرلار كېسەل داۋالاۋاتىدۇ،ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەۋاتىدۇ، تەتقىقاتچىلار تۇرلۈك تېمادىكى تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .ھەممىلا ئادەم ئۆزىنى كۆرسىتىمەن دەپ سەھنىگە چىقىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.بۇلار ھەقىقىي قەھرىمانلاردۇر.تېلىۋىزوردەك تاراتقۇلار جەمىيەتكە تونۇتقان،ئەمما ئەمەلىي نەتىجىسى يوق كىشىلەرگە ۋاي دىيىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.ۋاقتى كەلگەندە بۇنداق كىشىلەر  ئۆزنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى ئاشكارالاپ قويىدۇ.
         بۇ قېتىمقى مۇنازىرەنىڭ  كىشىنى سۆيۇندۈرىدىغان يەنە بىر يېرى شۇكى بەزى تېما ۋە ئىنكاسلاردا پىكىر خېلىلا چوڭقۇر. تەپەككۇر ئوچۇق ، باشقىلارنىڭ پىكرىگە پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى دېگەن چۆچەكتىكى ئەمەلدارلاردەك ئەمەس بەلكى كىچىك بالىدەك گەپ قىلالىدى.نىمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇرلار نوپۇس سانى 10مىليوندىن ئاشىدىغان ،مەدەنىيەت ئاساىسى چىڭ بولغان مىللەت-دە . مىللىتىمىزنىڭ ئاسىسىي گەۋدىسىدە قىلچە مەسىلە يوق.شۇڭا ئەلى قۇربانننىڭ لېكسىيەسىگە چۇشكەن تېما ۋە ئىنكاسلاردىكى   سۆز بىلەنلا  مەھمۇد قەشقەرى  ۋە يۈسۇپ خاس ھاجىپ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئورنىنى تۆۋەنلىتىش كېلىپ چىقتى دەپ ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق ، چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئەلى قۇرباننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ،دېمەكچى بولغىنىم بۇ ئىككى ئالىمىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى ئورنى بەكلا مۇقەددەس بولۇپ ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يۈكسەكلىككە يۈزلىنىدۇ.بىراۋنىڭ ئۇنداق-مۇنداق دەپ قويغىنىغا  شۇنداق بولۇپ كېتىدىغان ئىش يوق.ئەمدى مۇنىرە غوپۇرنىڭ بولدى قىلىڭلار ،ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى ، باشقا ئىشڭلار يوقمۇ ،كىتاپخانىغا مەرھەمەت دەپ ناھايىتى قىزىۋاتقان بۇ مۇنازىرىنى   ئاياقلاشتۇرۇشقا  ئالدىرپ كېتىشى بىر غەلىتىلىك، چۈنكى ئۇنىڭ بۇ مۇنازىرىرەگە قاتناشقۇسى بولمىسا  ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋېرىپ،بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىلا بولىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش توغرا ئەمەس، مېنىڭ ئۇنىڭغا  دەيدىغىنىم  كىشىلەرنىڭ  بۇنداق ئىلىي مۇنازىرىگە قاتنىشىشى ،تەپەككۇر قىلىشى كىتاپ ئوقۇشتىن قېلىشمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭغا قاتنىشىش -قاتناشماسلىق كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ  ئەركىنلىكى. بۇنداق ئەركىنلىككە ئارىلشىۋېلىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ ساپالىرىدىن ئەمەس.ئۇ ئۇنداق دېمىسىمۇ ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر دەيدىغىنىنى ياكى تېما يوللاپ ياكى ئىنكاس يېزىپ ،دەپ بولغاندا بۇ بەس مۇنازىرە ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ.
         مەن گەرچە بۇ لېكسيەنى ئاڭلاپ باقمىغان بولساممۇ ئەمما ئاڭلىغانلاردىن سوراپ باقتىم.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە تىلى ئاددى،يۇمۇرىستىك،مەسىلەلەرنى ئەمەلىيەتكە باغلاپ چۇشەندۇرىدىغان بولۇپ ،خاسلىقى يۇقىرى،چاقىرىق كۈچىگە ئىگە لېكسىيەلەر  ئىكەن.مۇشۇ نۇقتىدىن چقىىپ باھا بەرگەندە ئەلى قۇرباننى بۇ ساھەدە مەلۇم نەتىجە قولغا  كەلتۈردى دېسەك  تامامەن بولىدۇ.چۇنكى يېقىندىلا بېيجىڭ خەلقى سارىيىدا بىر ئاكادېمىك نۇتۇق سۆزلىگەندە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن .ھازىر مىللىتىمىز ياشلىرى ئىچىدە بىر خىل چۈشكۈنلۈك بار.ئۇلار  پىسخولوگىيە جەھەتتە مۇشۇنداق يېتەكلەشكە بەكلا مۇھتاج.شۇڭا ئەلى قۇرباننى  مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ دىيىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئومۇمى نۇتقىدا زادى نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ،مەركىزىي ئدىيىيەسنى سۇرۈشتۈرمەي، ئايرىم ئىبارىلەرنى تۇتۇۋېلىپ ئومۇمىي يەكۈن چىقارساق بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.
        دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە ھەرقانداق ئىشنى قىلغاندا ھامان قارشى تۇرىدىغانلا ۋە قوللايدىغانلار بولىدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن، ئەلى قۇربانننىڭ لېكسىيەسىگەمۇ ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىنىڭ چىقىشى، ئۇنداق-مۇنداق گەپلەرنىڭ بولۇشى نۇرمال ئىش. بۇنىڭغا قارىتا  قىلىدىغىنىمىز چۇشكەن پىكىرلەرگە  ئىلمىي نۇقتىددىن مۇئامىلە قىلساقلا بولىدۇ.ھەرقانداق ئىشنىڭ ئىككى تەرىپى بار.ئادەم بولغان ئىكەن ئۇنىڭ  ئىدىيىۋى قارىشىدا ئانچە -مۇنچە كەمچىلىكمۇ بولىدۇ.  مەن ئەلى قۇرباننىڭ بۇنىڭ ئالدىدىراق قىلغان بىر سۆزىدىن ئۇنىڭ روھىي ھالىتىدە  ھەقىقەتەن ئىلىم ئەھلىىگە يات بولغان خاھىشنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇگۈن مەن ئاساسەن مۇشۇ توغرىدا توختالماقچى .
         ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئايدا مەن ئۇندىداردىن ئەلى قۇرباننىڭ بىر ئابزاس  سۆزىنى كۆرگەن ئىدىم.ئۇنىڭدا ئۇ ئۆزىنى مەن قالتىس پىسخولوگ دەپتۇ ھەم ئۆزىگە بولغان بۇنداق ئىشىەنچنىڭ كېلىش سەۋەبىنى چۇشەندۇرۇپتۇ .شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ مەن قالتىس پىسخولوگ دېگەن سۆزىدىن  بىراز ھەيران بولغان ئىدىم.  دۇنيادا  مەن قالتىس پىسىولوگ دېگەنگىلا قالتىس پىسىخولوگ بولۇۋالىدىغان ئىش ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز كەسپىدە بەلگىلىك ئلىمى تەتقىقات  نەتىجىلىرى  بولۇشى، ئۇنى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋە جامائەت ئېتىراپ  قىلغان بولۇشى كېرەك.ئادەم دېگەندە روھ بولۇشى كېرەك،روھ بولغاندىلا يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئىش قىلغىلى بولىدۇ.ئەمما روھ بولۇش دېگەن پوچىلىلق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. شۇ چاغدا مەن ئەلى قۇربان ئۆزىنىڭ پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى  باشقا كەسپداشلىرى قانداق سەۋىيەدە دېگەننى  ئىگەللەپ باقتمۇ -يوق؟ ئۆز كەسپدە قانچىلىلىك  ئۇتۇق قازىنىپ  ،باشقا كەسپداشلىرىدىن  ئۈستۈن تۇرۇپ كەتكىنىگە شۇنداق دەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم . مەن ئەلى قۇرباننىڭ ئۆز كەسپي بولغان  پىسخولوگىيەدە  زداى قايسى تەتقىقەتلارنى ئېلىپ بېرىپ ،قانداق ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئىستىقبال سەھنىسىدە بىر قېتىم سۆز قىلغانلىنىنى كۆرگەن.ئۇنىڭ پىسخىك مەسلىھەت بېرىپ ،باشقىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنى تەڭشىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ۋە بىر قاتار لېكسىيەلەرنى سۆزلەپ ،ياشلرىمىزغا ئىشەنچ ئاتا  قىلىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر نەتىجىسى . ئەمما بۇ ئۆزىنى مەن قالتىس پىسخولوگ دېيىشكە زادىلا يەتمەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە دۇنيا ئىلىم ئەھلى ۋە جامائەتچىلىكنى ھەيران قالدۇرۇىدىغان يەنە قانداق ئلىمىي نەتىجىسى بار؟مەسىلىگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈش نۇقتىئىنەزىرى بىلەن قارىساق ئۇنىڭ ئاشۇنداق سۆزلىرىدىن ھەقىقى ئىلىم ئەھلىگە خاس پۇراقنىڭ زادىلا يوقلۇقىنى بايقايمىز.بىزنىڭ ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن،ھوشۇر ئىسلام قاتارلىقلار مىللەتكە قوشقان تۆھپىسى چوڭ ئالىملار بولۇپ ،پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك  كىشىلەر. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ  ھېچقايسىسى ئۆزىنى  مەن قالتىس ئالىم ياكى ئەدىپ دېمىگەن.بۇلارلا ئەمەس دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بىزگە تونۇشلۇق بولغان  باشقا ئالىم ۋە ئەدىپلەرمۇ ئۇنداق دېمىگەن. ئۇلارننىڭ مەشھۇرلۇق نامىنى ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى نەتىجىسىدە خەلق بەرگەن. ئادىمىلىكى نورمال بولغان ھەقىقى ئالىم ھەرگىز ئۇنداق گەپنى قىىلمايدۇ،جوڭگو ۋە چەتئەلدىكى ئالىم ۋە ئەدىپلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنداق گەپنى قىلمىغان يەردە ئەلى قۇرباننىڭ ھازىرلا ئۆزىنى بۇنداق دەۋېلىشى كىشىنىىڭ كۈلكىسىنى كەلتۇرۈدۇ.مېنىڭچە ئەلى قۇربان ھەقىقەتەن ئاشۇنداق نامنى ئالماقچى بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاشۇ نامغا چۇشلۇق بولغان ئىلمىى ئىزدىنىش يولى تېخى  ئالدىدا بولغان بولىدۇ.ئەلى قۇربان ئالدىرىمىسىمۇ ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى ئاشۇ دەرىجىگە بارغاندا بىزنىڭ «مەشھۇر،داڭلىق،يىتۈك...»قاتارلىق سۆزلەرنى تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىشىلىتىدىغان تاراتقۇ خادىملىرىمىز مۇددەتتىن بۇرۇۇن ئۇ تاجنى كەيدۇرۇپ بولىدۇ.
       كەمتەرلىك ھەر بىر ئىلىم ئەھلىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئىسىل پەزىلەت.نيۇتون «ئەگەر مېنى باشقىلارغا قارىغاندا سەل يىراقنى كۆردى دېسە بۇ مېنىڭ گىگانت كىشىلەرنىڭ مۇرىسىگە دەسسەپ تۇرغانلىقىمدىن بولغان »دېگەن.بىر قېتىم ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ئاكا بىزنىڭ مەكتەپكە (بىكتۇەن مىللىي پېداگوكىكا مەكتىپى) نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلگەندە ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ  نام -ئاتىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ پەقەتلا شىنجاڭ ئۇنىۋرسىتېتى ئىنىستىتوتېنىڭ پرواېسسورى دېسڭىزلا بولدى دەپ چىڭ تۇرۇۋېلىپ ، ئۆزنىڭ ئلمىي نەتىجىلىرىنى قوشۇپ تونۇشتۇرۇمغا قەتئى ئۇنىمىغان ئدى .ئىسىل كىتاپلارنى يازغان كىشىلەرمۇ كىتاپنىڭ   كىرىش سۆزىدە ۋاقىتنىڭ  قىس  بولۇشى، سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۇپەيلىدىن كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالى بولۇش قىيىن ، كېيىنكى نەشىرلىرىدە تۇزىتىۋېلىش ئۇچۈن پىكىر بېرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن دەيدۇ.ھەقىقى ئىلىملىك كىشىلەر مۇشۇنداق بولىدۇ.ئەلى قۇربانمۇ ئەگەر سەل  كەمتەر  بولسا لېكسىيەلىرىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەسىرى نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولاتتى.مېنىڭچە ئۇنىڭدا ياشلارغا خاس قىزغىنلىق،ئۆزىگە ئىشىنىش كۈچلۈك ،بۇ ياخشى تەرەپ ،ئەمما ھېسسياتقا بېرىلىپ سۆزلەش ئامىلىمۇ خېلى باردەك تۇرۇدۇ.
         ۋاقىت ھەممىگە قادىر دەيمىز.ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ ، ئادەملەرلا ئەمەس ۋاقىتمۇ يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرگە ئىنىق جاۋاپ بېرىپ،ئەلى قۇرباننى بىزگە تېخىمۇ ياخشى ئايرىپ بېرىدۇ.ئەلى قۇرباننىڭ  ھاياتتا  دۇچ كېلىدىغان سىناقلىرى  تېخى كۆپ. ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن خەلق قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئېلىپ، ئەۋلاتلار ئۈچۈن مەنىۋى كۈچ بېرەلەيدىغان  ئابىدەگە  ئايلانغىلى بولىدۇ.
      خەلىقىمىزدە ئۆزىنى داڭلىغان بىرىنچى ئەخمەق دېگەن ماقال بار.ئەلى قۇربان بۇندىن كېيىن كەمتەر بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ سەمىمى نىيەت بىلەن قىلغان تەنقىدلىرىگە  توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۈش يولىدا تىرىشسا بولىدۇ.ئەگەر كەمتەرلىكتىن ئىبارەت بۇ ئلىمى روھنى قايرىپ قويۇپ،يەنە «مەندەك چوڭ دەرەخنى غاجاش ئۈچۈن ئالاھىدە چىش كېرەك ، بولىمسا غاجىيالمايدۇ »دەپ يۇرسە  ئۇ  ئۆزى ئېيتقاندەك چوڭ دەرەخ بولالمايلا قالماي، بەلكى كىشىلەر غاجاشنى خالىمايدىغان قاخشال دەرەخ بولۇپ قالىدۇ.مۇشۇ قېلىپتا ماڭسا ئۇ ھالدا يۇقىرىدىكى ماقال ئەلى قۇرباننى چۈشەندۇرۇشكە ئارتۇقمۇ ئەمەس ،كەممۇ ئەمەس دەل جايىدا ۋە   يېتەرلىك بولىدۇ دەپ قارايمەن.شۇنداق بولسا ئەلى قۇربان قىزغىنلىقىمۇ  ئانچە ئۇزاققا بارمايدۇ.
                                               2015-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆيدە يېزىلدى.                     








0

تېما

0

دوست

1829

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3753
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 151
تۆھپە : 443
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى مۇئەللىم كۆرىۋاتقانسىز.
سىزنى نەزىرىڭىزدىكى ئەخلەتلەر قوللاۋاتىدۇ.
سىز شۇ نەزىرىڭىزدىكى ئەخلەتلەردىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ئوخشاشلا ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىسىز. نىمىشقا دىگەندە سىزمۇ ئوخشاشلا پىسخولوگىيە دۇنياسىدىكى بىر تامچە سۇ خالاس. تۇتقان يولىڭىز، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىز يىڭى. داۋاملىق تىرىشىڭ.

1

تېما

17

دوست

4431

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26871
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋۇججۇن باللار بولدى قىلىڭلار، ئەلى مۇئەللىم توغرىلىق جىق تالاش -تارتىش بولۇپ كەتتى. ئاۋۇ «چارلى ھەپتىلىك جورنىلى» توغرىلىق تالاش- تارتىش قىلىڭلار ئەمدى. 12ئادەمنى نەق مەيداندىلا ئىتىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچىدە داڭلىق ۋەجۋى رەسىم سىزىيدىغان رەسساملار بار ئىكەنتۇق. نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ دىسا 2012-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى بىلەلمەي قېلىپ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ۋەجۋى رەسىملىرىنى سىزىپ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىدىغانلارنىڭ كۆپ قېتىم تەھدىد سېلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلماپتىكەن. بۇ توغرىلىق بىرنەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بولسىمۇ ئۇلار كەچۈرۈم سورىماپتىكەن.
مانا پارىژ 12نەپەر ئاخپاراتچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئېغىر مۇسىبەتكە تولدى. خەنزۇچە مۇنبەرلىدە دىنى ئىتىقاتچىلارنىڭ چىشىغا تەككەنەە تويسۇن دەپتۇ.
ئىچىم ئاغرىپ قالدى پۈتكۈل فىرانسىيەگە، ئادەمنىڭ ھاياتى مانا مۇشۇنداق ئاجىز نەرسە. بىرلا ئوق بىلەن ھەممىنى يوق قىلغىلى بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )