قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tohotur

تەنقىتچىلەر ئەلىدىن بۆسۇپ ئۆتەلەمدۇ ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

5

دوست

1424

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30103
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 426
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 23:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alnap115 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 10:45
http://v.qq.com/page/h/4/t/h0144l65y4t.html     ئەلى قۇرباننى زىيارەت قىلىش ...

قارسام‹‹ئەلى››ئەپەندىنىڭ مەسئۇلىيەت ئىڭى خېلى كۈچلۈكتەك قىلدۇ،

0

تېما

0

دوست

68

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   22.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2016
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 17
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 23:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلى قۇربانغا گەپ

ئالدى بىلەن ئەلى قۇربان ياشلار ئىچىدىن چىققان  باشقىچە سۆزچى، كىتابچى ۋە پىسخىك قىززىققۇچىسى.

ئەلى قۇربان جىق كىتابلارنى ئوقۇپتىكەن، بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمدى ئەلى قۇرباننىڭ تېخىمۇ يىتىلىپ، مۇكەممەل بىر ناتىق ۋە پىسخولوگقا يېقىنلىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بارلىق گەپ سۆزلەرگە قۇلاق سالماي ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى لازىم بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى ئىنىمىز ئەلى قۇربانغا بىر قانچە تەكلىپ:



1.ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ھالقىغان "مەنمەنچىلىك" ۋە "يالغانچىلىق"قىلماسلىق

ئەلى قۇربان ئۆزىنى "دۇنيادىكى ئەڭ نوچى پىسخولوگ" دېگەن ۋاقتىدا ھېچكىمئۇنىڭغا قارشى بىر نېمە دېمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىر خىل ئۆزىگە ئىشنىش ئېكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. "توققۇز ئايدا توفىل ئىمتىھانىدىن ئۆتتۈم" دېگەندەك يالغان گەپنى ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ باققانلار بىلىپ قالىدۇ.

"2000-يىلىپۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىرىنچى بولدۇم، يەتتە كۈننى بىر قارار قىلغان 21كۈنلۈك ئۆگىنىش ئۇسسۇلۇم بىلەن ..." دېگەندەك يالغان گەپ بىلەن كىرىم مەنبەسى بولمىغان تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزىنىڭ پلاستىكىسىنى 288يۈەنگە سېتىۋېلىشقا قىززىقتۇرۇش ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ تۇرۇپتۇ. (ئاتۇشتا سۆزلىگەن گېپىدە) تەنقىد بەرگەنلەرنى ئۆزىدىن 300يىل كىچىك دەپ مەنسىتمەسلىك، زىۋىدە خانىمغا كىتاب تەۋسىيە قىلىپ كەينىدىن ياراتماسلىق بىلەن "ئىنگلىزچە" دەپ قويۇشلىرىڭىز تېتىقسىزلىقتىن، ئېلمىيسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.



2. ئۆزگەپ سۆزلىرىدىكى زېتلىق، ئاشقۇنلۇق، دادىسىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك

ئەلى قۇربان كىتابلاردىن سۆز قوراشتۇرۇشنى كەسىپ قىلغاچقا بۈگۈن مىننەتدارلىق ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىسە ئەتىسى ئۆز دادىسنى "ھاراقكەش، زوراۋان" دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن دادىسىنىڭ ئۇنى دۇنياغا ئەكېلىپ، بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئوقۇتۇپ بۇھالغا كېلىشىگە شارائىت ياراتقان ھەقىقەتتىن مىننەتدار بولماسلىق ۋە ۋە ھەر بىرلېكسىيەسىدە دادىسىنى "ھاراقكەش" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھۆرمەتسىزلىك قىلىش.

ئاتۇشتىكىلېكسىيەسىدە "ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئۆلۈكى ئوقۇمىغان ئادەمدىنئۇلۇغ" سەپسەتىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بېيجىڭدا "ئۆلگەن مەخمۇت قەشقىرى ۋە يۇسۇف خاس ھاجىپتىن مەن مۇھىم" سەپسەتىسى، بۇ كىشىنىڭ باشقىلارنى سۆزىگە جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئاشقۇن گەپلەرنى ئايىماي قىلدىغانلىقىنى كۆرسىتىپتۇرۇپتۇ.



3."قانچە جىق ئوقۇغان بىلىملىك ئادەم ئاددىي گەپ قىلىدۇ" دېگەن سەپسەتىسى بىلەن گەپ سۆزلىرىدە ئىلمى بولمىغان، ئوقۇغان ئادەمگە ماس بولمىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن سىرت، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى بۇزۇپ خەنزۇچە ئاتاش. مەسىلەن: كويزا،ئاردوچو، تۈيجىيەن ... دېگەندەك. ئەلى قۇربان كۇڭزى، مىڭزىلارنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئالغاندا ئۇنىڭ ئەسلى ۋارىيانتىنى دەپ باقمايدۇ، لېكىن ئىنگلىز تىلدىكى مىساللارنى ئالغاندا ئۇنى دەپ باقىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ باقىدۇ.چۈنكى ئەلى قۇرباننىڭخەنزۇتىلى سەۋىيەسى چەكلىك ھەم تەلەپپۇزى ناچار بولغاچقا بۇ تەرەپتىن ئۆزىنىقاچۇرىدۇ. بۇ ئۆزى دەۋەتقان ئۆز سايىسىدىن قاچماسلىققا زىت.



4. بۇنەچچە يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ياشلىرىدىن چىققان ئامېرىكىدا ئوقۇغان قۇدرەت، گۈلەن،ئابدۇلخەبەر... دېگەندەك ياشلار ئىنگىلىزتىلىنى ئەلى قۇرباندىن ياخشى بىلسىمۇئۇلار ئۆزىنى ھەممە يەردە داڭلاش يېرىگە شىركەتلەرنى قۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىگەۋە مىللىتىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىپ ئالقىشلاندى. ئىنگىلىزتىلى ۋەخەنسۇ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان نۇرئەلى جۇڭگودىكى ئەڭ داڭلىق ئىنگىلىزتىلى مەكتىپىدە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچى ۋە نۇرغۇن داڭلىق پروگراممىلارغا قاتنىشىپ ئۇيغۇرمىللىتىنى جۇڭگودىكى يېڭى ئوبرازىنى تىكلەشكە تىرىشتى. ئىنگىلىزتىلىنى ياخشى بىلىدىغان قاسىمجان مەكتەپ قۇرۇپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئۆزىگىمۇ ھەم باشقىلارغىمۇ نەپ بەردى. بۇ كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەپ، ساختا پىسخولوگ قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ، كىتابلاردىن جۈملىلەرنى يادلاپ ئىقتىساد مەنبەسى بولمىغان ياشلارنىنىشان قىلىپ پۇل تېپىشنى ئويلىغان بولسا ئەلى قۇرباندىن بەكراك قاملاشتۇراتتى بەلكى.



5.پسخولوگ بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئەلىگە پىكىر تەكلىپ بېرىشىنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە باشقىلارنىڭ كىملىكىنى سوراش

بۇ خۇددى ئاشپەز بولمىغان كىشىنىڭ تاماق تەمىنى باھالاش ھوقۇقى يوقتەكلا ئەلى قۇربان ساقچى باشقىلار جىنايەتچىدەكلا باشقىلارنىڭ كىملىكىگە ئېسىلىش ھوقۇقى ئەلى قۇرباندا يوق.



6. ئەلىقۇرباننىڭ كىرىم مەنبەسى بولمىغان ياشلارنى نىشانلاپ، يالغان پىسخولوگلىق قىياپىتىبىلەن 100يۈەندىن گەپ بېلىتى سېتىش، 288يۈەندىن پىلاستىنكا سېتىش ئورنىغا ھەقىقىي بىلىم سېتىشنى، ئەلى قۇرباننىڭ ئىنگىلىزتىلى قابىلىيىتى ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىنى بىرلەشتۇرۇپ بىرەر مەكتەپ قۇرۇشنى ياكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ بېقىشىنى،خەنزۇتىلىنى ئۆگىنىپ دۆلەتلىك ئىنگىلىزتىلى مۇسابىقىلىرىدە ئۆزىنى نامايەندە قىلىشىنى، ئەڭ مۇھىمى كىتابلارنى تەرجىمە قىلامدۇ ياكى يازامدۇ ئىلمى، ئاكادىمى بىر زىيالىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



7. گەپ ئويناتقۇچىنى مەدداھ ياكى ۋايىز دەيمىز. مەسىلەن: "بېيجىڭغا كەلسەم ئۈچ ئىشنى قىلىمەن، ئۈچ ئىشنى قىلسام بېيجىڭغا كەلگەندەك بولىمەن." " كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ چوقۇم خاتا، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ توغرا بولۇشى ئېنىق" "سىلەر ئۆزۈڭللاردىن، مەندىن ۋاز كەچسەڭلارمۇ سىلەردىن ۋاز كەچمەيمەن" دېگەندەك سۆز ئوينۇتۇشنى ئازراق كىتاب ئوقۇغان، ئەدەبىياتتىن خەۋىرى بارلارمۇ دېيەلەيدۇ. بۇ گەپلەر تېخى جەمئىيەتكە قەدەم قويمىغان، جىق ئىش كۆرمىگەن، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئېچىرقاۋاتقان بالىلارغا يېڭىلىق تۇيۇلۇپ ئاڭلىشى مۇمكىن. لېكىن سىز بىر زىيالىيلار ئالدىدا بۇنداق تۇتامى يوق گەپلەرنى قىلسىڭىز، سىزگە "يوقال" دەپ سېلىشى مۇمكىن. شۇڭا سىزدە ۋايىزلىق ئەمەس بەلكى زىيالىدەك سۆزلەش يىتىلسە، سىزگە "تېد" نۇتۇقلىرىنى تەۋسىيە قىلاي. "تېد" نۇتۇقلىرى قىسقا، ئىخچام، قايىل قىلارلىق! سىزمۇ شۇنداق قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ.   



8.مۇمكىن بولسا چەتئەللەردە ياكى ئېچكىردە بىر قانچە يىل بىلىم ئاشۇرۇپ، ماگىستىر، دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ باقسىڭىز، (ئەگەر ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسىڭىز )ئۇيغۇرلارجەمئىيىتى ئۈچۈن ياراملىق بىر پىسخولوگقا ئايلىپ، ۋەتىنىمىز ۋە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تۆھپىلەرنى قوشسا.. دېگەن ئۈمىدلەر بىلەن.

ھۆرمەت بىلەن تورداش ئاكىڭىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33257
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 00:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيتانچاق. ىنكاس نەچچە جەمى ،سېزنىڭ يوللىغىنېڭىز نەچچە ىنكاس '. كەينى كەيندەن ىنكاس يوللپسىز.  بۇيا سودابولمېسا سىز يېزېپ ىاشۇردىغان ...بېرەسى يا  جىكراق كۈپ قېتىم ياز دەپ ىۈگەتتىمۇ......(تىلفۇندا يازغان ىملا خاتلىق بار )

0

تېما

1

دوست

666

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   33.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30981
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 03:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xaytanqak يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 15:31
ئەلى مۇئەللىم. يۇقارقى مۇنازىرىلەردىن ئۇيغۇر پىسخىكىس ...

0

تېما

0

دوست

2175

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31463
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 06:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ «چارلى ھەپتىلىك جورنىلى» توغرىلىق تالاش- تارتىش قىلىڭلار ئەمدى.

2 كۇندىن بېرى فىرانسىيىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى  نەچچە يۇز مىڭ كىشىلىك كەڭ كۆلەملىك ناماھىش بولدى

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 11:31:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tohotur يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 11:53
مەستۇرەم ھەدەم ناھايىتى ياخشى گەپ قىلدى ،قايسى چەكتى ...

  ئاۋۋال بىزدە قانداق چەكلەر بار دەپ سورىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ تۇخۇتور .....مىنىڭ ئىدىيەمدە  سۆز - ھەركىتىمگە نىسبەتەن مۇنداق ئىجتىمائى چەكلەر بار ............
  1. شەرىئەت ، بۇ چەك مىنىڭ ئېتىقادىمدىن كەلگەن .
  2.ئۆرپ-ئادەت ، بۇ مىنىڭ ئۆز مىللىتمگە بولغان ھۆرمەتتىن كەلگەن .
  3.قانۇن ، بۇ مىنىڭ پۇقرالىق ھوقوق - مەجبۇرىيىتىمدىن كەلگەن .
  بىراق يۇقىرىقىلار مەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا رىئايە قىلىدىغان چەكلەر ، بىراق ئالاھىدە شارائىتتا مەن بۇ چەكلەردىن ھالقىشنىمۇ خاتا دىمەيمەن ، شەرىئەتتىن باشقىسىنى ئەلۋەتتە . چۈنكى ئىلاھى نەرسىلەردە خاتالىق ، شۈبھى بولمايدۇ ، ئەمما ماۋۇ كىيىنكىلىرى ئۇنداق مۇتلەق ئەمەس ، بەزىلىرى ھەتتاكى ئېغىر خاتالىق ئارىلاشقان بۇلىدۇ . بۇ ئىككىدە مەن ۋىجدان ، ئىنساپ ، ئۈنۈم ( يىغىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئېتىقادتىن كەلگەن ئۆلچەم) نى چەك قىلىمەن .

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32666
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 13:12:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ، سۆيۈملۈك قېرىنداشلارىم ئەمدى بەس ! بولدى ئەمدە مۇنازىرە، دەتالاش قىلماڭلار . . . يىتەر ! بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىدىغان ئىشلار شۇنداق نۇرغۇن تۇرسا نېمانداق تۈگىمەيدىغان مۇنازىرىلەر بۇ  . . .  ئۇھ ، ۋاي بېشىم ... قىلىدىغان باشقا ئىشىڭلار يۇقما ؟ مۇشۇنداق مۇنازىرە ئىچىگە بەنت بولغاندىن كۆرە كىتاب ئوقۇساڭلار بولمامدۇ ، بىرەر پايدىلىق نەرسە ئۆگەنسەڭلار بولمامدۇ ؟ ھازىر ئاتۇشتا يەر تەۋرىدى دەپ خەۋەر تارقالغىلى ، 1500 دىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئاپەتتە ئىكەنلىكىنى خەۋەر تاپتۇق . كىم بۇ مەسىلە توغۇرلۇق بىر نەرسە يېزىپ بەس- مۇنازىرە قىلدى . مىللەتنىڭ بېشىدا ئوت كۈيۈۋاتسا سىلەر يەنىلا بۇ تەنقىد-تەھلىللىرىڭلارنى توختاتمىساڭلار ، بۇ مىللەتتىن يەنە نە ئۈمىد ؟

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

11

تېما

1

دوست

4256

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 702
تۆھپە : 811
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 13:20:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوكتور يېڭەمدۇ؟ ۋە ياكى پاراڭچى مەدداھ !؟
بوپتۇ، دۆلەت ئىككىنچى  دەرىجىلىك پىسخىلوگمۇ دەيلى، زادى كىم يېڭىدۇ بۇ ئىس-تۈتەكسىز پاراڭ ئۇرىشىدا؟ ئەگەر دوكتورلىرىمىز يېڭىلسە بىزنىڭ ياشلىرىمىزدىن ئۈمىد كۈتۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر كىتابنى بەك كۆپ ئوقۇغان پىسخىلوگ يەڭسىچۇ؟! بىز تېخى جاھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە 100 يىللار ساقلىغۇدەكمىز!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )