- تىزىملاتقان
- 2014-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 110
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
36.67%
|
ئەلى قۇربان مۇئاللىمنىڭ لىكسىيىسى توغۇرلۇق بولىۋاتقان مۇنازىرىلەر.ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئاجايىپ قايناق بىر مۇتائالىيەنى نامايان قىلىپ ،ئوخشاش بولمىغان ئىلمىي پىكىرلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ئىلگىرى سۈردى .بۇ تولىمۇ خۇشاللىنىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى بىر ئىش . شۇنداقلا ياخشى بىر ئىلمىي باشلىنىش . ئاقىللار «مۇنازىرىسىز ئىلىم بولماس.سودىسىز مال بولماس» دەپ بەك توغرا ئىيىتقان.مۇنازىرە قوزغىيالمىغان يازمىلار ۋە سۆزلەنمىلەرنىڭ جەمىيەت تەرەققىياتىدا ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ بولالىشى ناتايىن.ئەلى مۇئاللىمنىڭ سۆزلەنمىلىرىنىڭ مۇنازىرىگە سەۋەپ بولىشى ، ئۇنىڭ سۆزلەنمىلىرىنىڭ دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارىتالىغانلىغىنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا بۇھەقتە مۇنازىرىچىلەر تولا ھاياجانلىنىپ بىر- بىرىمىزنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ياپتا سۆلەرنى قىلىپ مۇنازىرە ئەخلاقىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشماي،مۇنازىرىنى ئىلمىي قىلساق.ئەلى مۇئاللىم ھازىرقى زامان ياشلىرىنى ئۆزىگە ئىشىنىشكە،ئۆز ئارتۇقچىلىغىنى جارى قىلدۇرىشقا، پەقەت ئىلىم بىلەن قوراللىنىپ ئۇيغۇر جەمىيىتىنى ئىقتىسات ۋە مەدەنىيەتتە تەرەققى قىلدۇرۇشقا چاقىردى. مانا موشۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. ئەلى مۇئاللىمنىڭ سۆزلىرىىنىڭ ئەسلى مەخسەت مۇددىئاسىدىن چەتنەپ ،بىلەرمەنلىك قىلىپ دەب- دەبىلىك سۆز ئويۇنى ئويناپ « تىرناقنىڭ ئاستىدىن كىر،تاپاننىڭ ئاستىدىن تۈك» ئىزدەپ جاپا چىكىۋاتقان مۇنازىرىكەشلەرگە شۇنداق دىگۈم كىلىۋاتىدۇ :ئەقەللىسى قاھ-قاھلاۋاتقان مىكىياننىڭمۇ ھىچ بولمىغاندا تۇغۇپ قويغان بىر تال تۇخۇمى بولىدۇ، « مىڭ ئىغىز كاپ- كاپتىن ،بىر مىسقال چىپ- چاپ ياخشى» بىڭسىڭىز بولسا تورمۇنبرىدە ئالا-جوقا سۆزلەپ .پاخال بىمەنە يازمىلارنى يىزىپ يۈرمەي، سىزمۇ «بىلەرمەن نوچى »بولغاندىكىن ئەر ئۆمرىڭىزدە بىرەر قىتىم ئەھلى مۇنبەرگە چىقىپ بىلگەنلىرىڭىزنى ئەلى مۇئاللىمدەك ئەھلى جامائەتكە نامايان قىلىپ باقمامامسىز؟ قىنى سىز قانچىلىك سۆزلەيدىكەنسىز ؟ئەھلى جامائەت بىڭسىڭىزنى بىر كۆرۈپ باقسۇن. ھازىرقى پەيىتتە ئۇيغۇر جەمىيىتىگە قۇرۇق گەپ ساتىدىغان ،باشقىلارغا ھەسەت قىلىدىغان ،ئۆزى يىڭنە ياسىيالماي باشقىلار نەيزە ياسىسا ئۇنىڭغائۆكتە قوپىدىغان ھەسەتخور داغۋازلار ئەمەس بەلكى ئەلنى ئالغا يىتەكلەيدىغان، مىللەتكە ھازىرقى رىئاللىقنى توغرا تونىتىدىغان ،مىللەتنىڭ پىسخىكىسىغا ئىجابىي ئىنىرگىيە قاچىلىيالايدىغان يول باشچى سەركىلەر كىرەك.بۇنداقلار قانچىكى كۆپ بولسا مىللەتنىڭ كەلگۈسى شۇنچە نۇرلۇق بولىدۇ.
|
|