- تىزىملاتقان
- 2012-5-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1262
- نادىر
- 0
- يازما
- 59
ئۆسۈش
26.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-12 14:41
بىز نەچچە كۈندىن بۇيان توختىماي ئەلى مۇئەللىم توغۇرلۇق سۆزلەۋاتىمىز،ئاز بىر قىسىمى ياراتمايۋاتىدۇ(ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى ۋە باكاچىلارمىكىن دەيمەن)،غاجاۋاتىدۇ،تىللاۋاتىدۇ.بىز زادى نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟قېرىنداشلار ئۇنچىۋالا قىلىپ كەتمەيلى،ئۈزىمىزنى بۇنداق كەڭ مەۋھۇم دۇنيادا ئاشكارلاپ يۈرمىسەكمۇ بىزلەرنى خەق بىلىپ بولغان.مەن بىلىمەن نەچچىڭلار ئۇچار قاناتلاردىن ، ئۆلتۈرۈپلاۋەتمەمسىلەر بولمىسا؟نىمە گەپ بۇ زادى؟
دىمىسىمۇ ئوخشىمىغان مەدىنيەت قاتلىمىدىكىلەرنىڭ بىر مەسىلنى چۈشىنىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ شۇ سەۋەپتىن ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئىدىيدىكى كىشلەرنىڭ چىقىشىنى گۇناھ دەپ ھىساپلاپ كەتكىلى بولمايدۇ،چۈشىنىشكە بۇلدۇ.لىكىن ئارتۇق ئەزۋەيلەۋەرسە چوڭ پۈتۈنلۈككە تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئاز سانلىق كۆپ سانلىقلارغا بويسۇنۇش ئېڭى بۇيچە بولدى توختاپ قېلىڭلار،دىگەنلىرىڭلار ئاللا بۇرۇن يىتەرلىك بولدى ھەمدە ئەلى مۇئەللىممۇ كۈرۈپ يەتتى بولغاي،يېڭىدىن قانات چىقىۋاتقان بۇ ئەركىن قۇشمۇ قۇبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرنى ئاللا بۇرۇن قۇبۇل قىلدى مىنىڭچە.مىنى لېكسىيىلىرنى كۆرمىگەن چېغىۋا بۇ بايقۇش دەپ قالماڭلار،مەن ھەممىنى كۆردۈم،ئاز بىر قىسىم بىز دەماللىققىنا قۇبۇل قىلالمايدىغان ئىبارىلەردىن باشقا ھەممىسى بىز ئۇيغۇر جەمىيتى تەشنا بۇلىۋاتقان بۇلاق سۈيى ئىكەن.گەپ بىزنىڭ قانداق قۇبۇل قىلىشىمىزدا.ئازىراق يىرىگە ئېسىلۋېلىپ يىقىتىۋاتمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان مىجەزىمىزنى ئۆزگەرتەيلى،ئۈزىمىزنى ئەلى قۇرباننىڭ ئورنىغا قۇيۇپ تۇرۇپ ئويلۇنۇپ باقايلى!ناۋادا مەن بولغان بولسام قانچىلىك قىلالايمەن،قانچىلىك سۆزلىيەلەيمەن دەپ باقايلى.تور يۈزى ئۇنداق مەنمەنچىلىك قىلدىغان سورۇن ئەمەس.ئىلمى،كەڭ قۇساق،ئىجتىھاتلىق،تەپەككۇرغا باي،نەزەر دائىرسى كەڭ،قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بۇلالىغىنىڭىزدىلا ئۈزىڭىزنى نامايەن قىلالايسىز،توردا ئادەم جېق،ھەر بىر ماڭغان تۇرغانلىرىڭىزنى،تىنغان سۆزلىگەنلىرىڭىزنى بىلىپ تۇردۇ،سىزگە باھا بىرىلىپ تۇرۇلدۇ،قارا قىزىل چىكىتلەر قۇيۇلۇپ تۇرۇلدۇ.
ئاخىردا تورداشلارغا ئەسكەرتىپ قۇيدىغىنىم كەڭ قۇساق بۇلايلى،غاجاشمايلى،ئۆز ۋە ئۆزگىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولمايلى! |
|