قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tengrikut

«قەھرىماننى ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۆلتۈردى»گە رەدىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7589

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   51.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1885
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 00:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۇنكى بىز جەننەتتە ياشىماۋاتىمىز، يەر شارىدىن ئىبارەت قارمۇ قارشىلىققا تولغان پلانىتىدا كەسكىن رىقابەت ئىچىدە سوغۇققا ئىسسىق بىلەن ، قاراڭغۇغا چىراق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ياشاۋاتىمىز.بۇ يەرشارى قانۇنىيتىدۇر.

1

تېما

2

دوست

3085

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 912
توردىكى ۋاقتى: 99
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 02:02:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 02:04  

ھۆكۈمران ۋە باشقا تورداشلار ئويلىنىپ باقارسىلەر ......................

                     توۋا ئەلى قۇربان توغرىسىدا بىر بىرىگە قارشى تىمىلارنى يېزىشقان ، بۇنى توغرا چۈشەنسەك بولۇدۇ . بىراق  « تەڭرىقۇت » ئىسىملىك تورداش پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ نامىدىن چىقىپ ، ئاددىلا بىر مۇراجەتنامە مەزمۇنىدىكى تىمىنى رەددىيە ئوبىكتى قىلىپ تاللاپتۇ .
بۇنداق قىلىشنىڭ زۈرۈرىيىتى بارمۇ ؟ مۇشۇمۇ رەددىيە  يازىدىغان  ئوبىكىت  بۇلالامدۇ  ؟  قارىماققا « ئۇيغۇر قاتىل ئەمەس » ، دىگەندەك شۇئارىستىك مەزمۇننى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بىزگە ياخشىچاق بولۇپ بۇ ئارقىلىق ئۆز تىمىسىنى قىززىتقان بىلەن ئەمىلىيەتتە مۇشۇنداق تىما بىلەن خېلى ئىش قىلغىلى بۇلۇدىغانلىقى ئۈچۈن يېزىلغاندەك .
ئەلۋەتتە يەنە مۇنازىرە بولۇدۇ ، بىلىش كېرەككى باشقا تىما تاللاش كېرەك . كىم نىمە دىسە ئەگىشىۋەرمەيلى ، تەڭرىقۇتنىڭ بۇ تىمىسى يەنە بىر ئۈلگە بولۇپتۇ ، بۇندىن كېيىن تورداشلار مۇشۇ تىما يازىدىغانلارنىڭ كەينىگە بوشراق كىرەيلى . قىسقىسى ماۋۇ تىما ئەڭ ئەخلەت تىما ئىكەن .
بىراۋ ئۆلىۋاتسا ، ئۇنىڭ يار بۇرادەرلىرى ئازاپ ئىچىدە تۇرىۋاتسا ، نىمىلەرنى دىمەيدۇ ، ئەگەر خاتا بولسا نىمە بولۇپتۇ ؟ بىز پەقەت تەسەللى بەرسەك بولۇدۇ . سەن نىمىشقا مۇنداق يىغلايسەن ، سەن نىمىشقا مانداق دەيسەن ..... دىسەك مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ ؟
ئاشۇ مۇراجەت مەزمۇنىدىكى تىما بىلەن ، جەمىيەتتە ھەممە ساھە بېشىنى بىر سىلكىۋىتەر .
تىما چىقىۋىدى بىزدەك كەمبەغەل مىللەت ئۆز ئوغلى ئۈچۈن تەۋرىدى . ئەگىشىپ ھۆكۈمەت تارماقلىرى خىجىللىق ئىچىدە ئوتتۇرغا چىقتى ، بولدىغۇ . ئەمدى شۇنىڭغا بىر گەپ قىلىۋالمىساق بولمامدا ؟ شۇ تىمىغا رەددىيە مەزمۇنىدىكى تىمىنىڭ زۈرۈرۈيىتى بارمۇ ؟ ھۆكۈمران ۋە باشقا تورداشلار ئويلىنىپ باقارسىلەر ......................
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

2441

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31970
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 02:39:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-26 02:02
ھۆكۈمران ۋە باشقا تورداشلار ئويلىنىپ باقارسىلەر ......... ...

تىما چىقىۋىدى بىزدەك كەمبەغەل مىللەت ئۆز ئوغلى ئۈچۈن تەۋرىدى . ئەگىشىپ ھۆكۈمەت تارماقلىرى خىجىللىق ئىچىدە ئوتتۇرغا چىقتى ، بولدىغۇ . ئەمدى شۇنىڭغا بىر گەپ قىلىۋالمىساق بولمامدا ؟ شۇ تىمىغا رەددىيە مەزمۇنىدىكى تىمىنىڭ زۈرۈرۈيىتى بارمۇ ؟ ھۆكۈمران ۋە باشقا تورداشلار ئويلىنىپ باقارسىلەر ......................


ما گەپتە بىر گەپ بار جۇما،مەن زۇۋانىمنى يىغدىم....!!

1

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17755
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4678
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 04:52:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
fathulla يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 14:38
ئۇكام ئەسقەرجان كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ بىرنەرسە ياز.
ئاب ...

سىز زادى قانداق ئادەم ؟ دېگەنلىرىڭىزنى بوپتۇ توغرا دەپ تۇرايلى . ھېلى قارىسا ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ، ھېلى قارىسا ئەسقەرجان ئەنۋەرگە تەھتىت سېلىپ يۈرۈيدىكەنسىز . تور نامىڭىز تۈركىيەدە ئاشقۇن قارىلىدىغان بىر كىشىنىڭ ئىسمىغا ئوخشاپمۇ قېلىۋاتىدۇ ، سىزدە چاتاق يوقتۇ ؟
قارىسام تەھتىت خەتلىرىڭىز توختاپ قالىدىغاندەك ئەمەس . سىز ئەڭ ياخشىسى ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ، توردىن يىراق يۈرۈڭ . ئىددىيىڭىزدە ئېغىر مەسىلە باردەك قىلىدۇ .
يەنە بىر گەپ ، بولسا ئىنكاس يوللىغاندا يازغانلىرىڭىزنى قايتا بىر ئوقۇپ باقسىڭىز ، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قالايمىقان نەرسىلەرنى يېزىۋاتقىنىڭىزنى بىلەلەيتىڭىز . دوستانە ئەسكەرتىش ، ھاياجانلىنىپ تېمىنى بۇلغىمىغايسىز .

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 10:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇراخماننىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى
يالقۇن روزى


(بېكەت ئەسكەرتىشى : مەزكۇر يازما تۇنجى بولۇپ مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مىسرانىم جەۋھەرلىرى سالونىغا يوللاندى. ئەسلى ئاپتور ۋە مەنبە ئەسكەرتىلگەن ئاساستا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي كۆچۈرۈپ تارقاتسا بولىدۇ.)

كىرىش سۆز: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئۇشتۇمتۇت قازا قىلىشى ھەممىمىزنى قايغۇغا سالدى. ئاسىيا ئاسمىنىدىكى بۇ نۇرلۇق چولپاننىڭ ساما بويلاپ ساقىپ چۈشىشى قەلبىمىزنى چەكسىز مۇسۇبەتكە تولدۇردى. ئېچىنغان، قايغۇرغان ئەكس سادالار ھەممە يەرنى قاپلىدى. مەرھۇمنىڭ روھىغا جەننەت تىلىگەن دۇئالار ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. شۇ جەرياندا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداش پىكىرلەر»، «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «دوستلارغا تەكلىب» قاتارلىق يازمىلار تور ۋە ئۈندىدارلاردا كەڭ تارقىلىپ بۇ باھادىر ئەزىمەتنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزدى، ياخشى- ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنى ئەپسۇسلاندۇردى، ئەڭ يامان بولغان يېرى ئابدۇراخماننىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمى سەۋەبىدىن مۇسۇبەت قايغۇسىدا ئىچى ئېچىشىپ تۇرغان ئائىلە-تاۋاباتلىرى ھەم سەبداشلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزدى. شۇ سەۋەبتىن جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۇشۈكۈر مىجىت مېنى ئىزدەپ كوماندىدىكىلەرنىڭ ھەم ئابدۇراخمان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرىقى يازمىلارغا بولغان نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئابدۇشۈكۈر قاتارلىق بوكس كوماندىسىدىكى بىر قىسىم بوكسىيۇرچىلار بىلەن مەرھۇمنىڭ ئۆيىگە بېرىپ سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ مۇراجەتنامىنى تەييارلىدىم.



ئابدۇراخماننىڭ دادىسى ئابلىكىم مۇسا ئاكىنىڭ بايانى:
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوغلۇم مەندىن بالدۇر كېتىپ قالدى. بىر دادا بولغۇچى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب يوق. مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ كۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن. بۇ تۇيۇقسىز قازاغا ئىسسىق ياشلىرىمنى ئېقىتىپ تۇرۇپ سەۋىر قىلماقتىن باشقا ئامال يوق. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مۇسۇبەتتە تۇرغان كۆڭلۈمنى ئوغلۇمغا ئىئانە توپلاش ھەققىدە يېزىلغان ئۇچۇرلار تېخىمۇ يېرىم قىلدى. مەن بالىلىرىمنى ھېچنىمەڭلار بولمىسىمۇ،غورۇرۇڭلار بولسۇن دەپ تەربىيەلىگەن. ئاللاھقا شۈكۈركى ئوغلۇم بىلەن قىزىم بۈگۈنگىچە غورورى بىلەن ياشاپ كەلدى، مەن ئۇلاردىن پەخىرلىنىمەن. ئەمدى كېلىپ ئوغلۇمغا ئىئانە توپلايتۇق دەپ تۇشمۇ-تۇشتىن چۇقان سېلىپ ئوتتۇرىغا چىققانلارغا«ياخشى كۆڭلۈڭلارغا رەھمەت، بىزگە ئىئانىنىڭ ھاجىتى يوق، بىزدىن سوراپمۇ قويماي بۇنداق كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى يازغىنىڭلار پەقەتلا توغرا بولمىدى» دېگەن سۆزۈمنى بىلدۈرۈش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ. مۇسۇبەتلىك كۈنلىرىمدە بۇنداق يىرىك گەپلەرنى قىلمىسام بولاتتى، بىراق مەن توغرا تاپمايدىغان بۇ خىلدىكى قاملاشمىغان ئىشلار مېنى مۇشۇنداق دىيىشكە مەجبۇر قىلدى.
ئابدۇراخماننىڭ ئانىسى ئاتىكەم خانىمنىڭ بايانى:
  ئابدۇراخمان بۇ دۇنيادىكى بىر شۇڭقارىم ئىدى. گويا كۆز تەگكەندەك كۆز ئالدىمدىلا ئۇچۇپ كەتتى. يىغلاپ- قاخشاپ قالدىم،بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاجىزكەنمەن، ئامالىم بولمىدى. بۇ كۈنلەردە ماڭا ئابدۇراخماننىڭ ئىككى قىزى زور تەسەللىي بولدى. ئۇلارغا قاراپ ئاللاھقا شۈكرى ئېيتتىم. ئابدۇراخماننىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي پەتىگە كېلىۋاتقان دوستلىرىغا قاراپ ئوغلۇمنىڭ ئىززەت-ئابرويىدىن سۆيۈندۈم،  بۇمۇ ماڭا زور تەسەللىي بولدى. ئەمما يامان بولغىنى قۇلىقىمغا يەتكەن بەزى گەپلەر. ئاڭلىسام بىرلىرى ئوغلۇمغا پۇل توپلاش مەقسىتىدە بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. مەن ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە كۆيۈنىشىنى، بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشىنى، بىر-بىرىگە سوۋغا –سالام، ھەدىيە بېرىشىنى ياخشى ئىش دەيمەن، ئەمما بىروۋنى بىچارە كۆرسىتىپ، سازايى قىلغاندەك ئىشلارنى قىلىپ، ياردەم قىلىش ھەققىدە ھەممىگە داۋراڭ سېلىپ يۈرۈشنى پەقەتلا توغرا كۆرمەيمەن. مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ئەمدى كېلىپ ئوغلۇمنىڭ ئەل-جامائەت ئارىسىدىكى ئىززەت-غورۇرىدىن ئايرىلىپ قالغىم يوق. بولدى قىلىڭلار.



  ئابدۇراخماننىڭ تاغىسى پازىل روزىنىڭ بايانى:
قەدىردان ئىنىم ئابدۇراخمان ئۇ ئالەمگە كەتتى، ئۇنىڭ كېتىشى بىزگىلا ئەمەس پۈتۈن خەلقىمىزگە ئېغىر مۇسۇبەت بولدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بەزىلەر ئۆز كۆڭلىدە توغرا قىلىۋاتىمىز دەپ بىرمۇنچە قاملاشمىغان ئىشلارنى قىلدى. بەزىلەر ئابدۇراخماننى گويا يوقسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتكەندەك تەشۋىق قىلىپ، ئەل-جامائەت ئارىسىدا يامان تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇر خەلقىنى ئەيىبلەپ ئابدۇراخماننى سىلەر ئۆلتۈردىڭلار دىگەندەك مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى ئېلان قىلدى. ئابدۇراخماننىڭ ئۆلۈمىگە ھەرگىزمۇ خەلق سەۋەبچى ئەمەس، ئۇ بىر قازا، ئۆلۈمنىڭ ياش-قېرىسى يوق، ئابدۇراخماننى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتتى دەپ داۋراڭ سېلىپ ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىشىڭلار خاتا. ئاڭلىسام بەزىلەر ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ كارتا نۇمۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىئانە توپلاشقا كىرىشىپتۇ. مۇشۇنداق پۇرسەتتە ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار ئات ئايلىخانغا، يول سايرىخانغا قىلىپ ئالدامچىلىق قىلىدۇ. ھازىرقىدەك ئەھۋالدا كۆڭلى ياخشى كىشىلەر بىلەن ئالانىيەت كىشىلەرنى ئايرىماق تەس. بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمىسەڭلار، ئۆزۈڭلارمۇ ئورۇنسىز ئىئانە قىلىپ يۈرمىسەڭلار.
ئابدۇراخماننىڭ ئايالى ئاينۇرنىڭ بايانى :
ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن مېنىڭ رىسقىم ئابدۇراخمان بىلەن قوشۇلۇپ بىر ئوبدان ئائىلە قۇرۇپ، ئىككى پەرزەنت كۆرۈپ بەختكە چۆمگەن ئىدۇق. مانا ئەمدى ئابدۇراخمان بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئىككى قىزىم ۋە مەن ئابدۇراخماننى بەك ياخشى كۆرەتتۇق. ئۇ خەلقىمىزنىڭلا قەھرىمانى ئەمەس، ئائىلىمىزنىڭمۇ قەھرىمانى ئىدى. مەن ئابدۇراخماننىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇ ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىمەن، ئۇ نەپرەتلەنگەنگە نەپرەتلىنىمەن. ئابدۇراخمان غورۇرلۇق، ئىچى كۈچلۈك، كىشىلەرگە يېلىنمايدىغان ئەركەك ئىدى. بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆي سېتىۋىلىش سەۋەبىدىن بولۇپ قالغان قەرزىمىز بار ئىدى. بۇنداق قەرزىمىزنىڭ بولغانلىقى ھەرگىزمۇ بىزنى بىچارە قىلالمايتتى. بىز يەنىلا بىر تەرەپتىن قەرزىمىزنى تۆلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن تىرىشچانلىق بىلەن ئائىلىمىزنى گۈلدەك تۇتۇپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈنگە كېلىپ ئابدۇراخماننىڭ تېنى سوۋىماي تۇرۇپ، بەزىلەر ئۈندىداردا ئىئانە توپلاش چاقىرىقلىرىنى چىقىرىپ ئېرىمنىڭ روھىنى قورۇندۇردى، ئۇ باشقىلارغا ۋايساشنى نۇمۇس بىلەتتى.  ئابدۇراخماننىڭ ئايالى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىئانە توپلاش چاقىرىقى چىقارغانلارغا شۇنداق دەيمەنكى: مەن بالىلىرىمنى بېقىپ كېتەلەيمەن، ئابدۇراخماننىڭ روھىنى قورۇندۇرمايمەن. ئابدۇراخمان كېتىپ بىزنىڭ پەقەت غورۇرىمىزلا قالدى، ئەمدى بىزنى ئۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەڭلار.


ئابدۇراخماننىڭ يېقىن سەبدىشى ، جۇڭگو بوكس شاھى ئابدۇشۈكۈر مىجىتنىڭ بايانى:
بىز ئىككى يىللار ئىلگىرى ئۇنتۇلماس ئۇستازىمىز ئابلىكىمكامدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدۇق. مانا ئەمدى باھادىر ئىنىمىز ئابدۇراخماندىن ئايرىلىپ قالدۇق. بۇ ئىككەيلەننىڭ ۋاپاتى بىز بوكس كوماندىسىدىكىلەر ئۈچۈن بىھىساب يوقۇتۇش بولدى. بىزنىڭ بوكس كوماندىسىدىن قەھرىمان ئەركەكلەر چىقىدۇ، ئۇلار خەلقىمىزنىڭ غورۇرى ئۈچۈن مۇشت ئاتىدۇ. ئەل-ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق مەشىق قىلىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ خاراكتىرى قەھرىمانلارغا خاس بولىدۇ، بۇنى چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز چىمپىيۇن بولغاندىن كىيىن خەلق بىزنى باقسىكەن دەيدىغان تەمەخور تەييارتاپلاردىن بولۇشنى نۇمۇس دەپ بىلىمىز. بىز ئۇ تاغدىن-بۇ تاغقا ۋېلىسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ،«خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك» دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز. ئابدۇراخمان بىر باھادىر ئوغلان، ئۇنىڭ غورۇرى خەلقنىڭ غورۇرى. بىز ئابدۇراخماننى چۈشىنىمىز، ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدىغان نادانلارچە ساخاۋەتچىلىكلەرنى قەتئىي رەت قىلىمىز. ئابدۇراخماننىڭ دوستى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ئۆزى ئۈچۈن يىغلاپ يۈرگەن بايقۇشلارنى ئەمدى قالايمىقان جۆيلىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىمىز.


خاتىمە: ئەزىز قېرىنداشلار، بىز يۇقۇرىدا باشقىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە غورۇرى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى نادانلىق بىلەن ئىپادىلەپ مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرغان كىشىلەرگە ئابدۇراخماننىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ بايان قىلغان مۇراجىتىنى ئوقۇدۇق. بىزدە ياخشى كۆڭۈل بولسىلا ھېساب ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى زىيانغا ئۇچراتماي ياخشىلىق قىلىشنى بىلىدىغان پاراسەت بولىشى كېرەك. بولمىسا نادان ئېيىققا ئايلىنىپ قالىمىز. «نادان ئېيىق» مەسەلدە پۇتىغا كىرىپ كەتكەن تىكەننى سۇغىرىۋەتكەن بىر ئاق كۆڭۈل كىشىگە ياخشىلىق قىلماقچى بولغان ئېيىقنىڭ، شەپقەتچىسىنى ئۇخلاتماي بىئارام قىلغان چىۋىنلارنى قوغلىۋىتىمەن دەپ تاش ئېتىپ، شەپقەتچىسىنى يارىلاندۇرۇپ قويغانلىقى سۆزلىنىدۇ. بىز كۆڭلۈم ياخشىتى دەپ كەلسە-كەلمەس نەرسىلەرنى يېزىپ، بولىشىغا داۋراڭ سېلىپ باشقىلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى زىيانغا ئۇچراتمايلى، بىر خالتا ئۇن، بىر قاپاق ماي، بىر تاختا چاينى نامراتلارغا بېرىش ئۈچۈن بىر توپ مۇخبىرنى ئەگەشتۈرۈپ بارىدىغان داۋراڭخور كىشىلەردەك ناچار ئەخلاقنى ئۆزىمىزدىن يىراق قىلايلى. ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلارنىڭ غورۇرىنى كۆز قارچۇغىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى. غورۇرنى يىتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئاسراشنى بىلىش بەكمۇ زۆرۈر، بەزىلەر غورۇرنى، ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى پۇل-بايلىق، ھوقوق-مەنسەپ دەپ قارايدۇ، بۇ بىزنىڭ غورۇر كىرزىسىگە پېتىپ قالغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. دانىشمەنلەر: غورۇر-ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما غورۇر-ۋىجدانى يوقلار ھەممە نەرسىنى يىۋىتىدۇ، دەپ ئېيتقان. بىز ئىنساننىڭ ئىززەت-غورۇرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ پۇل-بايلىق،ھوقۇق-مەنسەپ بىلەن غورۇر-ۋىجداننىڭ بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە غورۇر-ۋىجداننى ئەلا بىلەيلى.


2015- يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كېچىدە يىزىلىپ مىسرانىم تورىغا يوللاندى




66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5380
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13406
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 10:43:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-26 11:05  

ئەمدى بۇ ئىش ۋەجىدىن ئەلسۆيەرنى ئارتۇقچە ئەيىپلەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ.بۇمۇ ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى.
خالىغانلار يەنىلا ۋاقتى كەلگەندە ئۇزى بېرىپ ،مۇۋاپىق شەكىلدە مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاپ تۇرسا بولىدۇ.

ئەمدى بۇ تېمىلار ئاستىدا ئارتۇقچە مۇنازىرە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى.

0

تېما

10

دوست

888

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   77.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3023
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 264
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 10:47:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھومنىڭ ئولىمى بىر ياندا قىلىپ تېللاش باشلىناي دەپ قالدىمۇ نىمە

0

تېما

0

دوست

719

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   43.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33017
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 29
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا !!!مىڭ توۋا ،،،يۇرتىمىزغا بەزى غىتمەك،خېنىم مىجەز ناخشا چولپانلىرى كەپ قالسا تاس قالىدۇ بەزى رەسۋا-بۇزۇق خېنىملار ئىشتان كۆينەكلىرىنى سېلىپ ۋاي چولپان ئىمزا قۇيۇپ بىرىڭ دەپ يېتىۋالغىلى ،،،مەيلى تەنتەربىيە جەھەتتە بولسۇن ئوخشاش ،،،ئۆزىمىزنىڭ چولپانلىرنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايمىز،،،بىز شۇنداق ئۇلۇغ خەلقمىز ،،بىز تەنتەربىيەنى شۇنداك سۆيىمىز ،،ئىچكىردىكىلەر پۇل ئۇچۇن توپ تەپسە ياكى ئىناۋەت ئۇچۇن مۇسابىقە ئوينسا،،بىز غۇرۇرىمىز،،مىللىتمىز،ئىتىقادىمىز،،جۇملىدىن شۇكەسىپنى سۆيگنلىكىمىز ئۇچۇن ئوينايمىز،،يۇركۇمدىكى گەپنى قىلسام ھەرقانداق پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرەرسى كىلىپ سەن ئويناپ بىرەمسە دەپ بىر ئۇيغۇردىن سۇرسا نەچچۇ پۇل بىرىسەن دەپ سۇرايدىغان ئۇيغۇردىن بىرەرسىمۇ  مەڭگۇ چىقمايدۇ ،،ئەكسىچە بۇلىدۇ دەپلا ئاياقنى ئالماشتۇرۇپلا مەيدانغا چاپىدۇ،،،چۇنكى بىز خەلق تەنتەربىيەنى سۆيىمىز،،!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )