- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 308
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
4%
|
ئەسلى تۆنۈگۈن 4سائەت ئولتۇرۇپ،ئابدۇراخمان توغرىسىدا بىر ماقالە يېزىپ ،ئىزدىنىش تورىغا يوللىسمام تەستىقلىدمىدى ، قارىغاندا يازمام ئانچە پىشمىغان چېغى،
باغداشقا ئايرىم تىما ئېچىپ يوللىغۇممۇ كەلمىدى،قارىسام بۇ تىمىدىكى مەزمۇنلار بىلەن مىنىڭ قاراشلىرىم ئازراق ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ،مۇشۇ يەرگىلا يوللاي، كۆپچىلىك مەزكۇر تېمىنىڭ داۋامى ئىكەن دەپ بىلگەي .
***********************************************
************تۇلپارىمىز-ئابدۇراخمان ،بىز نىمىنى چالا قىلىدۇق ؟*****************
ئىزدىنىشنتا بىلىملىك ئەزالار خېلى بار دەپ ئويلايمەن..مەن ئويلىغانلىرىمنى سىلەرگىمۇ دەپ باقاي،ئازراق مەنپەئەت يەتسىلا شۇنىڭدىن خۇشال ئىدىم .
ئابدۇراخماننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتېكىن ۋە ئۇنىڭغا يانداش ماقالىلەر ئېىلان قىلىندى،كۆكتېكىن ئۆزى ئېيتقاندەك،ئابدۇراخماننىڭ يېقىن دوستى بولغاچقا ئابدۇراخماننىڭ جاپاسىنى بۇ دوستى باشقىلارغا قارىغاندا ياخشىراق بىلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن ،ھەم بۇ مۇسىبەت ئېغىر كەلگەچكە ئازابلىق ھېسىياتتا،سەل مۇبالىغىلەشكەن ھېكايىلەر ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققەتنى تارتماقچى بولۇپ يازمىلىرىنى ئەدەبىيرەك يازغان بولۇشى مۇمكىن .
ئەمدى نەق گەپكە كېلىلى:
<ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز>،<قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى؟> ۋە شۇنىڭغا يانداشقان باغداش مۇنبىرىدىكى تىمىلار ۋە ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسىدىكلەرنىڭ مۇراجىتى قاتارلىق تېمىلاردىن ھېسسىي ئىلمىنتلارنى چىقىرىۋەتكەندە شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇ-كى،بوكس شاھى ئابدۇراخماننىڭ چەتئەللىك چولپانلارنىڭ باياشات ھاياتىغا سېلشتۇما بولغان قېيىن تۇرمۇشتا قازا قىلىشى،يەنە شۇ قاتاردا جىننېس دۇنيا رېكورتى ياراتقان جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ جاپالىق كەچۈرمىشى ۋە ،گۈلچىھرەنىڭ كېسەل ئازابى قاتارلىق رېئال مەسىلىلەرنىڭ جەمىئىتمىزدە مەۋجۇت ئىكىەنلىكىننى تىمىلاردىن ھېس قىلالايمىز.
بىمەھەل كەلگەن قازا ھەممەيلەننىڭ يۈرەكىنى ئەزگەن ئىدى.تىز قىززىپ تىز سوۋۇش ھەممەيلەنگە ئورتاق پىسخىك ئاجىزلىق بولغاچقىمۇ ئابدۇراخماننى يەرلىكىگە قويا-قويمايلا ئۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قەھرىمانلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى شەخسى جاپا-مۇشەققىتى تېزلىكتە توردا يېيېلىپ،ئارقىدىن تېزلىكتە ئىئانە توپلاشقا سەپەرۋەر قىلىندى.
ھەممىسىنىڭ ئويلىغىنى توغرا بولغاچقا،ھېچكىم قىلىغىنىنىڭ ھازىدار بولغانلارنىڭ يۈرىكىگە قانداق روھى زەربە كەلتۈردىغنىنى بىلەن ھېسابلاشمىدى ،ئەلۋەتتە بۇ دولقۇن قانچە تېز باشلانغان بولسا شۇنچە تېز ئاياغلىشاتتى .
مۇنبەرلەردە مەيلى بىرسى -سىلەر قەھرىماننى ئۆلتۈردۈڭلار دەپ زارلىسۇن،بىرسى- قەھرىمان ئۆز ئەجىلىدە قازا قىلدى، بىز ئۆلتۈرمىدۇق دېسۇن ،قەھرىماننىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى -بىزنىڭ سەدىقىگە ئىھتىياجىمز يوق، بىزگە غۇرۇر كېرەك ،.... دەپ مۇراجىئەت قىلسۇن . ھېچكىم ئابدۇراخماننىڭ ۋاپاتى بىلەن ئاشكارا بولغان جەمئىيەتتىكى رېئال مەسلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
ئەمسە قايسى مەسىلە ؟!! .
تۆھپىنى شەخس ھەر خىل مۇددىئالاردا، مىڭ جاپادا تىرىشىپ ياراتسا، ئارقىدىن جەمئىيەت ئەزالىرى توپى ئۇ تۆھپىنى ئۆزىنىڭ قاتارىدا ھېسابلاپ مىللەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈۋىلىشى لېكىن تۆھپە ياراتقۇچىنىڭ لايق ھۆرمەت ۋە مۇناسىپ مېۋىسىدىن تېتىيالماسلىقى مەسلىنىڭ نېگىزى بولۇشى مۇمكىن .
ئابدۇراخمان كەتتى ،لېكىن جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ،گۈلچېھرە قاتارلىق،يەنە باشقا نۇرغۇن بىز بىلمىگەن تۇرمۇشى بىزگە سىر بولۇپ كەتكەن چولپانلار بولۇشى مۇمكىن .ئەگەر ئابدۇراخماننىڭ كاتتا نەتىجە قازىنىپ، ئاددىي ياشاپ ئۆلۈپ كېتىشىنى بىز بىر تىراگېدىيە دەپ قارىساق ،بۇنداق تىراگېدىيلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ ھەل قېلىنمىسا،كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭكىگىمۇ كەپتۇ دېگەندەك تىراگىدىيەلەر داۋاملىق داۋاملىشىۋېرىشى مۇمكىن .
ۋە ئۇلارنىڭ تۆھپىسى جەمئىيەت تەرىپىدىن قوللاشقا ئىرشەلمىسە،ئۇلارنى ئىز بېسىپ كېلىدىغانلار يوقاپ ،ئارىلىقتا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈشى يەنى <<قەھرىمان قەھەتچىلىكى>>يۈز بېرىشى مۇمكىن .
ئابدۇراخمان ھايات ۋاقتىدا بىز نىمىلەرنى قىلالماي قالغان بولغۇيتۇق .؟؟
بۇندىن بۇرۇن چولپانلارنىڭ جاپاسى بارلىقىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن .ئۇلارنى بىزگە ئوخشاش ئاددىي ھەم ئاجىز ئادەملىكىنى ئۇنتۇپ قاپتۇق .ئۇلارنىڭمۇ باشقىلارغا دىيشتىن ئۇيۇلدىغان جاپالىرى بار ئىكەن پەقەت ئەتراپىدىكىلىرمىزلا ھېس قىلمايدىكەنمىز.
جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ ،-بىز خەلقئاراغا تونۇلغۇدەك ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قازىنىپ بولۇپ،يەنە ئەبگا پېتى يۈرسەك،بالىلار تەنتەربىيەگە قىزىقامدۇ ؟؟؟ دېگەن ئىزتىراپلىق سوئالى يۈرىكىمگە تەسىر قىلدى.
مەسىلە بولغان ئىكەن ئۇنى ھەل قىلىش كىرەك،
لېكىن بەزى شەخىس ياكى كىشىلەر توپىنىڭ قىلىش دائىرىسدىن ھالقىپ كەتكەن چارە-ئاماللارنى بۇ يەردە ئىزاھلاپ يۈرگۈم يوق.بۇنىسىنى ھەممەيلەنگە چۈشۈنۈشلۈك.شۇنداقتىمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىپ باقساق.
ئۆز-ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش،تىرىشچانلىق،سودا-كەسىپ ...دېگەندەك تىرىشسىلا ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىدەك تىئورما نەسىھەتلەرنى، ،شەخسكە باغلىق چارىلەرنى سۆزلەپ يۈرگۈم كەلمىدى،چۈنكى ئادەم مۇكەممەل بولمايدۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىزگە قىلىپ بەرگىنى نۇرغۇن،يەنە ئۇنىڭدىن سەن ئەمدى مۇنداق قىلىپ بەرگىن ئەمەس مەن ۋە بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىلار ئۈستىدە تەھلىل قىلماقچى.
مېنىڭچە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن:
1.رادىئو-تېىلۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى نەتىجە ياراتقانلارنى زىيارەت قىلىش ،مەخسۇس فىلىم ئىشلەش،دائىم مەلۇم بىر نەچچە سەنئەتكارنىلا ئېلانغا تەكلىپ قىلىپ،تېلۋىزورنى مونوپول قىلىۋالغۇچە،ئەنە شۇنداق قەھرىمانلارنى ئېلان ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىش،لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش،ئەزىز مېھمان قىلىش، ... شەكللىرى بىلەن خەلققە تونۇشتۇرۇشى ۋە تونۇتىشى كېرەك.
2.كارخانا-شىىركەتلەرمۇ مەسۇلات ئوبراز ئەلچىسى،تەكلىپىك مەسلىھەتچىسى دېگەندەك شەكىللەردە ئىكىكىلا تەرەپكە پايدا يەتكۈزدىغان ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ.
3.جەمئىيەتنىڭ قوللىشى شەكلىدە،ئاتا-ئانىلار پەرزەتلىرنى تۈرلۈك دەرس تەكرارلاش كۇرسلىرىغىلا ئەمەس،ئەزىمەتلەرگە مۇنتىزىم شەكلىدە ئۇستاز-شاگىرت شەكلىدە تەربىيەلەشكە ،ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئايرىم تەربىيەلەش ياكى دىيالوگ شەكلىدىكى پاراڭلىششلار (ئەلۋەتتە ھەقلىق بولۇشى كېرەك) ئارقىلىق تەربىيەلەيدىغان قوش ئۈنۈم يارتىدىغان شەكلىنى قوللانسا بولىدۇ.
4.تۆھپىكار مۇكاپاتى تەسىسى قىلىنسا بولامدۇ ؟ مېنىڭچە، ئەلۋەتتە بولىدۇ،. لېكىن كىم تەسىس قىلىدۇ؟قانچىلىك داۋاملاشتۇرالايدۇ؟ رەسمىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن تەستىقلارنى ئالغىلى بولامدۇ ؟............دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلىلەرگە ئۇچرايمىز .بۇنىڭ روياپقا چىقىشى بەك تەس . بىز تۆھپىكار مۇكاپاتىدىن بىرنىلا ئەمەس جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى مۇكاپاتنى قەلبىدە، مېڭىسىدە تەسىس قىلسا،ھەر كىشى تۆھپىكارلارنى ھۆرمەتلىسە،پەرزەنتلىرىنى شۇلاردەك بولۇشقا ئۈندىسە،بۇ قاراش ئېقىم بولۇپ شەكىللەنسە،ئون نەچچە ئەمەس نۇرغۇن تالانتلىقلار يېتىشىپ چىقسا ئەمەلىي ئۈنۈم دېگەن شۇ دەپ قارايمەن .
5.بىزدە ئەقلى بارلارنىڭ پۇلى يوق،پۇلى بارلارنىڭ پۇلىلا باركى ئەقىل كۆزى يوق.پۇلى بار بايلار، كارخانىچىلار پۇلنى پۇل تېپىشقىلا ئەمەس قىينچىلىقتا قالغانلارنى بولۇپمۇ يۆلىگەنسىرى ئۆزىنى تاشىلىۋىتىغان تەييار تاپلارنى ئەمەس ، ئىقتىساد يتىشمەسلىكىلىرى تۈپەيلى تەتقىقاتلىرنىنى ،ياخشى ئوقۇغان بولسىمۇئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي قالغانلار،،يۈكسەك غاينى پۈككەن لېكىن يۆلەنچۈكسىزلەرنى ئاۋۋال قوللىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا دېگەن ماقالدىكى ھېكمەتنى يەكۈنلىگەن خەلىقمىز سىنىڭ بۈگۈنۈڭ-مېنىڭ ئەتەم دېگەننى ئوبدان بىلىدۇ.
6.ئۇلارنى نوپۇزلۇق تور مۇنبەرلىرى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ھەم باشقا ساھالەردىن تەكلىپ قىلىپ،لېكسىيە سۆزلىتىپ،ئۇلارنىڭ سەزگۈرەشتىسى ۋە جاسارىتى ئارقىلىق باشقىلارغا ئۈلگە بولسا.
7-،8-،..............
بۇرۇندىن- خەلقىمىز ئۈچۈن ئەڭ لازىمى ۋە ئەسقاتىدىغىنى ـــ بىلىم-مەرىپەت،پۇل ۋە شىركەت- دەپ قارايتىم. ئەپسۇس بىلىم-قابلىيتى بولغانلىقى شۇ كىشىنىڭ پۇلى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.
شۇڭا پۇل ۋە شىركەتنى بىلىم-مەرىپەتنىڭ ئالدىغا قويۇشنى توغرا كۆردۈم.
پىكىرلىرىم چۇۋالچاق بولۇپ قالدى،يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىشكە ھەممىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن .بۇ يازمامنى ئوقۇش ئۈچۈن كەتكەن ۋاقتىڭلار ئۈچۈن ئۆزرە سورايمەن.
ئۈمىدىم -ھەممەيلەن ئىزدەنسەك. |
|