بۇ يازمىنى ئاخىرىدا burkutningkozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-28 17:18
يالقۇن روزىغا بىر ئەسكەرتىش
(يالقۇن روزى چىقارغان مۇراجەتنامە ھەققىدە )
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى)
يالقۇن روزىنىڭ بوكس شاھىمىز ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ ئائىلە -تاۋابىئاتلىرى نامىدن چىقارغان مۇراجەتنامىسى مەنتىقىگە ئۇيغۇن، تەرتىپى توغرا بولغان ئىش.چۇنكى
پالۋان ئائىلىسىگە ئىئانە توپالاش كېرەكمۇ-يوق، كىشىلەر قىلغان ياردەمنى قوبۇل قىلىش كېرەمكمۇ-يق دېگەن بۇ سوئالغا كېسىپ بىرنىمە دىيىش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشلەر باشقىلار بولماستىن بەلكى شۇ ئائىلىدىكى پالۋاننىڭ ئائىلە -تاۋىباتلىرىدىن پالۋاننىڭ ئايالى ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىدۇر.بۇ مۇراخەتنامە نىمە قىلىشنى بىلمەي ،گاڭگىراپ قالغان كىشىلەرگە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. پالۋاننىڭ ئائىلىسى شۇنداق دېگەن ئىكەن ئەمدى بىزنىڭ بۇ ئىشنى يەنە تىلغا ئېلىشىمىزنىڭ ئورنى قالمىدى . شۇڭا يېپىقلىق تۇرغان قازان شۇ پېتىلا قالسا بولىدۇ. ياخشى يېرى ھۆكۈمەت ۋە تەشكىل بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ، بۇ ئائىلىنىڭ كېيىنىكى ئىشلىرىغا قارىتا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا بۇ مۇراجەتننامىنىڭ چىقىشىنى ياخشى بولدى دېگىلىمۇ بولمايتتى. تەشكىلنىڭ مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۇرشى خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى سەل خاتىرجەم قىلدى. خەلقىمىز بۇنىڭغا رەخمەت ئېيىتىدۇ.چۈنكى خەلقىمىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىئانە ۋە ياردەملىرى گەرچە شىپالىق يامغۇر بولسىمۇ ئەمما مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايتتى. ئىئانە ، ياردەم دېگەنلەر پەقەت ۋاقىتلىق چارە . پەقەت مۇقىم كىرىم مەنبەسى يارىتىپ بەرگەندىلا ئاندىن مەسىلە مەڭگۈلۈك ھەل بولاتتى.
ئەمما مۇراجەتنامە ئىشى كىشلەرنى زادى قانداق قىلسا توغرا بولىدۇ ھەققىدە مۇجىمەل تونۇشقا كەلتۇرۈپ قويسا بولمايدۇ، كىشىلەر بۇندىن كېيىن بىرەر ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلماقچى بولسا قىلسام بولامدۇ ، قىلمىسام بولامدۇ دەپ ئىككىلىنىپ يۇرسە ،باشقىلارغا قىلماقچى بولغان ياردەمنىمۇ قورقماي قىلالماس ئەھۋالغا چۈشۇپ قالسا روشەنكى بىزنىڭ ئەخلاق قۇرۇلىشىمىز ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ .بۇندىن باشقا بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشقا يەنە دۇچ كېلىشىمىز مۈمكىن. شۇڭا سەل پىشقان مۇلاھىزىدىن بىرنى قىلىپ ، ئاندىن بۇنى مۇشۇ پېتى بولدى قىلغان تۈزۈك.
بۇ ئىشتا كىشىلەر ياخشى نىيەت بىلەن ئىئانە توپلاپ،پالۋان ئائىلىسىگە ياردەم بېرشكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ ، بەزىلىرى ئەمەلىي ھەركەتكە كېلىپ ،پالۋانغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى.نىمە ئۇچۈن شۇنداق قىلدى؟چۇنكى ئۇنىڭ ئالدىدا تارقىتىلغان خەۋەر -ئۇچۇرلاردا ئابدۇراخماننىڭ ناھايىتى كۆپ قەرزى بارغانلىقى ، ئايالىنىڭ خىزمەت ئورنى يوقلىقى تارقىتىلدى . بۇنى ئاڭلاپ ئاق كۆڭۈل كىشىلەر قايغۇرۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مۇشۇنداق ئۇسۇل قوللىنىپ ، پالۋاننىڭ مىللەت ئۈچۈن كەلتۇرگەن شان -شەرەپلىرىگە بولغان مىننەتارلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى.كېسىپ ئېيتساق بولىدۇكى بۇ ئىشنىڭ ھېچقانداق بولمايدىغان يېرى يوق. چىقىش نۇقتىسى ناھايىتى ياخشى ، بۇ بىزدىلا ئەمەس دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بار ئىش .شۇڭا مۇشۇنداق قىلماقچى بولغان قېرىنداشلار ھەرگىزمۇ خاتا ئىش قىلىپتىمىز دەپ بىئەپلىك ھېس قىلماڭلار. بىزدە تۇرمۇشى ياخشى بولمىغان ، ناھايىتى ئېغىر ئىقتىسادىي يۇك بىلەن ياشاۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ .ئۇلارنىڭ ھەممىسگە ئىئانە توپلاپ ، ياردەم بېرىشنى كىشىلەر ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇشى بار. شۇڭا ئۇنداق قىلىپ بولالمايدۇ . پەقەت بۇ پالۋانىمىز ھايات چاغدا مىللىتىمىزگە شان - شەرەپ كەلتۇرگەن يىگىت بولغانلىقى ، خەلقىمىز ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئابروي - ئىناۋىتى بولغاچقا كىشىلەر مۇشۇنداق قىلىشنى لايىق كۆردى . مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ياش كەتكەن پالۋانىمىزنىڭ تۆھپىسىگە بولغان مەدھىيىسىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى.شۇڭا ياخشى نىيەت ، ياخشى ئىشلار بىراقلا خاتاغا چىقىرىۋېتىلسە بولمايدۇ. شۇنداق قىلىنسا بىزنىڭ ئەخلاق قارىشىمىز كىرزىسقا دۇچار بولىدۇ . كېيىنكى ئىشلارغا ناھايىتى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشتا بىز ئويلاش دائىرىمىزنى سەل كېڭەيتىپ تەھلىل يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىز كېرەك.
پالۋاننىڭ ھايات چېغىدا ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي ،غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلماي ياشىغانلىقى بىر پاكىت. بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ .لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىساق پالۋاننىڭ ھايات چېغىدىكى بۇ بۇ خىل ياشاش روھى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا يەنە داۋاملىق دەستۇر قىلىنىشى كېرەكمۇ؟ ئايالى ۋە ئىككى قىزى ئىقتىسادى مەنبەسى ئۈزۈلگەن ھالدا قېلىپ قالغان ئەھۋالدا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىئانە توپلاش ئارقىلىق پالۋاننىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىشنى ئويلىشى زادى بولمايدىغان ئىشمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. بۇ تېخى پالۋاننىڭ مىللەت ئۇچۈن كەلتۇرگەن شان - شەرىپنى ئېتىراپ قىلغانلىق. كۆرگەنلىك .ئۇنىڭ تۆھپىسىگە بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاپتۇر . ئەگەر بۇنىمۇ ئويلىمىغان ، قىلمىغان بولسا ئاندىن ياخشى بولامتى؟
ئۆلمىگەن ئادەم ئۈچۈن ھايات دېگەن ناھايىتى ئۇزۇن بىر مۇساپە.پالۋان ھەقتىكى بەس - مۇنازىرە ۋە پاراڭلار ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن توختايدۇ. ھەممە ئادەم بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىشى بىلەن ھەلەك بولىدۇ. داۋاملىق ھالدا بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغانلا ئاساسەن قالمايدۇ . بۇ دۇنيا مۇشۇنداق . بۇ قاخشايدىغان ئىش ئەمەس . بىز ئۇنى- بۇنى دېگەن بىلەن پالۋاننىڭ ئائىلىسگە يەنە تۇرمۇش كېرەك . دادىسىز قالغان ئىككى قىزى باشقا بالىلار ئىگە بولغان شاد- خورام تۇرمۇشقا ئوخشاش تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپ چوڭ بولۇشى كېرەك . بولمىسا كۆڭلى تۆۋەن چوڭ بولۇپ قالىدۇ .ئەمما ئىقتىسادى كېرىم مەنبەسى ئۈزۈلگەن ، ئېغىر ئىقتىسادىي يۈك پاتاڭنى بېسىپ تۇرغان بىر ئائىلىدە ئاشۇنداق خوشال- خورام شارائىتنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىنمۇ؟ پالۋان ئۆزى غۇرۇر ، ۋىجدانى بىلەن ياشاپ بۇ دۇنيادىن كەتتى. ئۇ ھايات ۋاقتىدا بۇنداق قىلىشنى راۋا كۆرمىدى . ئەمدى ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلغانلىق يەنە ئۇنىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىق بولامدۇ؟مېنىڭچە ئەگەر پالۋان ھايات چاغدا مۇشۇنداق ئىش بولسا ئۇنىڭ غۇرۇرغا تېگىدىغان ئىش بولغان بولۇشى مۇمكىن . ئەمدى ئۇ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قولىنى سۇنىشى ئۇنداق بولمايدۇ.ئۇنى ئادەتتىكى ئىئانە قوبۇل قىلىش ئىشى بىلەن سېلىشتۇرۇش توغرا ئەمەس . پالۋان ھايات ۋاقتىدا شۇنداق قىلىش بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن شۇنداق قىلىش تامامەن باشقا -باشقا مەسلىلەر.ھازىر قىلىنغان ئىئانە ۋە ياردەملەر پالۋانغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئائىلىسگە قىلىنغان ياردەم بولىدۇ .بۇنى قوبۇل قىلىش ھەرگىزمۇ پالۋاننىڭ يۈز- ئابرويىغا نۇقسان چۇشۇرىدىغان ئىىش ئەمەس . چۈنكى پالۋان بۇ ئائىلىدە ھازىر يوق ، ھەممىمىز ھازىر پالۋاننىڭ بۇرۇن قانداق ياشىغانلىقىنى بىلدۇق.ئۇ ھايات ۋاقتىدا مۇشۇنداق بىرەر تۇيۇقسىز كېلىشمەسلىك بولۇپ قالسا مۇشۇنداق ياردەم بېرىش ئىشىغا قارىتا قەتئى قوشۇلماسلىق توغرىسىدا گەپ -سۆز قىلىپ كەتكەنمۇ ؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان دېسەك ئۇ ھالدا ئۇ قاراپ تۇرۇپ ،ئۆزنىڭ بالىلىرنى جاپاغا ئىتتىرىپ قويدى دېگەنلىك بولمامدۇ؟سىلەرچە بۇ پالۋاننىڭ ئارزۇسىمىدۇ؟ ھىلىمۇ ياخشى ھۆكۈمەت ، تەشكىل بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلدى.ئەگەر ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى ئويلاشمىغان بولسا ئۇ ھالدا بۇنداق ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسى بولمىغان بىر ئائىلىنىڭ ئۇرۈمچىدە يەنە داۋاملىق تۇرالىشى مۈمكىنمۇ؟ پالۋان ئۇ دۇنيادا تۇرۇپ ، ئۆز ئائىلىسنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە قالغىنىنى كۆرسە خوش بولۇپ كېتەرمۇ ؟ شۇڭا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسى بولمىغان ئائىلىسىگە ياردەم قىلىش ئارزۇسىدا بولۇشىنى يەنىلا پالۋانىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قلىغانلىق دىيىلسە بۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ خەلىقىمىزنىڭ ئۇنىڭ تۆھپىسىگە قايتۇرغان جاۋابى بولۇپ . خەلقىمىزنىڭ ئازۇسىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. خەلقىنىڭ ھەقىقەتەن يۆلەنچۈك بولالايدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ زىيالىلىرى مىللەتنىڭ يولباشچىسى. ئۇلارنىڭ سۆز - ھەركىتىنىڭ مىللەت ئاممىسغا بولغان تەسىرىنى سەل چۈغلاشقا بولمايدۇ.ئۇلار ئىلغار مەدەنىيەتكە ، ئىلغار ئىدىيەگە ئىئگە بولۇشى .خەلق ئويلىغاننى ئويلىشى ، توغرا ئىدىيە ، پىكىر بىلەن خەلقنى يېتەكلىشى كېرەك.ھەرگىزمۇ ئاق -قارىنى ئاستۇن -ئۈستۈن قىلىش كويىدا بولماسلىقى كېرەك. سۆز دېگەننى ۋاقىت ، ئورۇنغا قاراپ قىلىش كېرەك .بولمىسا كۇكەن نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدۇ.
شۇڭا بۇنداق ياخشى نىيەتتە دىيىلگەن سۆزلەرنى ، قىلىنماقچى بولغان ياردەملەرنى پالۋان بۇ دۇنيادا بولغان ۋە بولمىغان ئەھۋلدا ئوخشاش بىر تاياقتا ھەيدەپ ، بولمايدۇ دەپ كېسىپ ھۆكۈم قىلىۋېتىش توغرا ئەمەس، چۇنكى پالۋاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تۇرمۇش كېرەك. پالۋان ئەمدى ئائىلىسىگە قاراپ بولالمايدۇ.
بىر ئادەمنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا ئۇچرايدىغان ۋاقتى زادى قايسى ۋاقىت بولىدۇ؟نورمال ئەركىنلىكى بولغان ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا دەل ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلغان ۋاقىت بولىدۇ .بۇنداق چاغدا ئادەم ئۇمىدسىزلك پاتقىغىغا پېتىپ قالغان بولىدۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرى قاراڭغۇ كۆرۇنىدۇ .ھەممىنى ‹‹باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىش غۇرۇرنى دەپسەندە قىلغانلىق ›› دېگەن مۇشۇ لوگىكا بويىچە ماڭدۇرساق ئۇ ھالدا‹‹ مېھرىبان ئانىلار››،‹‹ساخاۋەتچى دادىلار›› كوللىتكتىپ قىلىۋاتقان ئىشلارنى نىمە دەيمىز؟بۇنداق تەشكىلاتلار پائالىيىتىنى توختىتىشى كېرەكمۇ؟ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتتىمۇ مەخسۇس خەيرى -ساخاۋەت ئورگىنى بار. مۇشۇنداق ئورۇننىڭ تەسىس قىلىنىشىنى قانداق چۇشەندۇرۈمىز؟ئەگەر مۇشۇنداق دېگەنلەر ھايات -ماماتلىق كېسەل بولۇپ قېلىپ ، داۋالىنىش ئۇچۈن ناھايىتى كۆپ ئىقتىساد لازىم بولۇپ قالسا ، ئەگەر بۇ ياردەم بولمىسا چوقۇم خەتەرلىك ئىش كېلىپ چىقىشى ئېنىق ئەھۋالدا شۇلار يەنە كىشىلەر قىلغان ياردەمىنى رەت قىلىپ ، ئۇ دۇنياغا كېتىشنى راۋا كۆرەرمۇ؟مەسلە شۇ يەردىكى مۇشۇنداق دېگەنلەر دەل ئەھۋالى ياخشى كىشىلەر بولۇپ ، ئۆزى ئۇنداق ئەھۋالدا بولمىغان بولغاچقا شۇ ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلارنى چۈشىنىشى سەل تەس بولىدۇ.
يەنە دېسەك بىر ئاداەمىنىڭ پۇلى بولمىغان چاغدا غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى پۇلى بار چاغقا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق ئادەمدە پۇل ، ئىقتىساد بولغاندا ئاندىن غۇرۇر دەپسەندە بولمايدۇ.ئەتراپىمىزدا پۇلى يوق بولۇش سەۋەپلىك غۇرۇرى ئۆتە دەپسەندە بولۇۋاتقان نى- نى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز .پۇل دېگەن يامان نەرسە . قولىدا يېتەرلىك پۇلى بارلار بۇنى ھېس قىلمىغان بىلەن پۇلى يوقلار ھەر دائىم ھېس قىلىپ تۇرىدۇ.پۇل بولمىسا ، گەدەندە ئېغىر قەرز بولسا مانا مەن دېگەن ئوغۇل بالىمۇ بېشىنى كۆتىرىپ يۇرەلمەيدۇ.شۇڭا پۇل تېپىپ مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.ئەمما رىيالللىق دېگەن رەھىمسىز. كۆپ پۇل تېپىش ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولىېەرمەيدۇ.بۇ بۇرۇندىن ھازىرغىچە ، جوڭگودىن چەتئەلگىچە شۇنداق بولۇپ كەلگەن قانۇنىيەت. ئىنسانلار باراۋەرلىك ئۇچۈن تىرىشىدۇ، ئەمما مەڭگۈ باراۋەر بولالمايدۇ. بۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.مەرھۇم پالۋانىمىز ئابدۇراخمان ھايات چېغىدا توختىماي مەشق قىلىپ ، مىللەت ئۈچۈن شان -شەرەپ قۇچۇش ئۇچۈن بولۇپ كېتىپ ، بۇ ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلەلمەپتىكەن . ئەمدى خەلق بۇ ئىشلارنى بىلىپ ، بۇ دۇنيادىن كەتكەن چاغدا ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىشنى ئويلىسا بۇنى بولمايدىكەن دەپ توسۇش ، قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى جاپادا ياشىسۇن دېگەنلىك بولىدۇ.
پالۋاننىڭ ئىككى قىزى شۇ ئائىلىنىڭ ماددى شارائىتى تولۇق شارائىتتا ئاندىن ياخشى چوڭ بولىدۇ.كەمبىغەل ، قىيىن شارائىتتا چوڭ بولسا كۆڭلى ئۆسمەي چوڭ بولىدۇ. خەنزۇلاردا ئوغۇل بالىنى كەمبىغەل چوڭ قىل ، قىز بالىنى باي چوڭ قىل دېگەن سۆز بار.بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ئائىلىدە ئەر -ئايال ئىككى ئادەم مۇقىم كىرىملىك بولسا ، ئىككىلا پەرزەنت بولسا ئەھۋال كۆپ ياخشى ، باشقىلارغا ھاجەت چۈشمەيدۇ. ئىئانە ، ياردەم دېگەنلەرگە مۇھتاج بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما خەلقىمىزدە 80-90% ئائىلەدە بۇنداق ئەھۋال يوق ، شۇڭا ئېغىر كېسەل بولۇپ ، دوختۇرخانىدا داۋالىناي دېسە پۇلى يوق ۋاقىتسىز كېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز كۆپ . ئەگەر شۇلارنىڭ داۋالانغاۇدەك ئىقتىسادى بولغان بولسا ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەجەلسىز كەتمىگەن بولاتتى. ھازىر بىز دەۋاتقان بۇ ئائىلە بۇ ئۆلچەمگە زادىلا يېقىن كەلمەيدۇ.
شۇڭا پالۋان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلسىگە قىلىنىدىغان ياردەم ئەسلى زۆرۈر ھەم ئەقىلغا مۇۋاپىق بولۇپ ، ئىئانە ۋە ياردەم قاتارلىقلارنى قارا -قويۇقلا بولمايدۇغا چىقىرىۋېتىشكە بولماس. ھېچ بولمىغاندا بۇ شۇ ئىشنى قىلىشقا ئاتلانغان كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆڭلى.قارشى ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ياخشى ئىش . دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەردە ئومۇمىي يۈزلۈك بار بولغان ياخشى ئەنئەنە. بىزدەك ماددى تۇرمۇش شارائىتى ياخشى بولغان كىشىلەر ئۇنى - بۇنى دەپ يۈرگەن بىلەن ، ۋاقتى كەلگەندە قىيىن كۈندە قالىدىغىنى يەنىلا پالۋاننىڭ ئائىلىسىدىكى ھايات قالغانلار بولىدۇ. ئەگەر ھېچكىمنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن كارى بولمىسا ، پالۋان ئائىلىسى كۆپ قەرز بىلەن جاپالىق تۇرمۇشتا يۈرىۋەرسە ياخشى بولامدۇ؟ئەگەر بىر ئۆمۈر نامراتلىق ئىچىدە ئۆتسە ئۇ ھالدا پالۋان بىلەن تۇرمۇش قۇرغانغا پۇشايمان قىلىش كېلىپ چىقمامدۇ؟ ئۇنداق بولسا مىللەت ئۈچۈن جاپا چېكىدىغان ئادەم قالامدۇ؟پالۋان بىلەن ئۆي تۇتۇشنىڭ خوشال بولغۇدەك نىمىسى قالغان بولىدۇ؟بۇنىڭ ئەكسىچە بىر مىللەت پالۋان ئائىلىسى ئۈچۈن دەپ مۇشۇنداق ياردەم قولىنى سۇنالىغان مىللەت بولالىسا ئاندىن بۇ مىللەتتىن داۋاملىق ھالدا ئاشۇنداق نوچىلا يېتىشىپ چىقىدۇ. كارى بولماي تاشلىۋېتىلسە ئۇ چاغدا ‹‹ پالۋان بولساڭ ئۆزەڭگە ، ماڭا نىمە پايدىسى بولدى›› دەپ ئاغرىنىش كېلىپ چىقىدۇ.شۇڭا پالۋان بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەسلى مۇشۇنداق ياردەم قىلىنسا ئاندىن لايىقىدا ئىش بولغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئايالىمۇ مۇشۇنداق باتۇر ئەزىمەت بىلەن تۇرمۇش قۇرغىنىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ.شۇ ئىشنى قىللالىغان خەلقتىن كۆڭلى سۆيىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا پالۋان ئائىلىسىگە ئىئانە توپلاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئوىلىشىش ئىشى ياخشى ئىش. بۇ دۇنيادا پەقەت شۇ ئائىلىدىلا بولغان ئىش ئەمەس ، بۇرۇندىن بولۇپ كېلىۋاتقان ئىش . بۇ ھەرگىزمۇ پالۋاننىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىق بولمايدۇ.چۇنكى پالۋان ئۆزى ئاشۇنداق ياشاپ بۇ دۇنيادىن كەتتى. كىشىلەر پالۋانغا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئائىلسگە ياردەم قىلماقچى بولدى .ئۇنىڭ ئائىلسىگە ياردەم قىلغانلىق بۇ دۇنيادا يوق بولغان پالۋاننىڭ غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرغانلىق بولمايدۇ. شۇڭا ئىئانە توپلاش ئىشى توختىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنە ياردەم قولىنى سۇنماقچى بولغان كىشىلەر بولسا مۇۋاپىق شەكىلدە كۆڭلىنى ئىپادىلسە بولىدۇ. شۇنداق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بايلار ، كارخانىچىلار مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرسا دېگەن ئۇمىدتىمەن . ئەگەر ئۇلار يەنە داۋاملىق قەتئى رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولسا ئۇ ھالدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىكىنى شۇ چاغدا ئويلىشىش كېرەك.
ئىئانە قىلىش ، ياردەم بېرىش ئېغىزدا ۋاي دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئاسان ئىشمۇ ئەمەس. بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشنى بىر قىسىم كىشىلەر خالاپ كەتمەسلىكى مۈمكىن. بۇنىڭغا يەنە بىر تۇركۈم ئادەملەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ،خىزمىتىنى تاشلاپ ، ياكى يېرىم تاشلاپ تەرەپ - تەرەپ كە چېپىشى ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىشى كېرەك. شۇ چاغدا ئاندىن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.
باشقىلارغا ياردەم بېرىشتە ئۇسۇل مەسلىسى يەنىلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.بىز ھېچكىمگە بىلىندۇرمەي باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز .ئەمما قانداق ئۇسۇلدا ياردەم قىلىشنى يەنىلا شۇ ياردەم قىلغان كىشىلەر ئۆزى بەلگىلەيدۇ .كىشىلەر ئەڭ نارازى بولۇۋاتقان ئىش باشقىلار ئالدىدا ياكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، بۇ ئىشنى قىلىشتۇر.مېنىڭ كۈزىتىشىمچە مۇشۇنداق ياردەمنى قىلىۋاتقانلار كۆپىنچىسى ھازىر بۇنى ئۆز شىركىتى ياكى كارخانىسىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئېلانى بىلەن بىرلەشتۇرۈپ قىلىدىكەن. بەلكىم بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار بولۇشى مۈمكىن. چۇنكى ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشى ئۇچۈنمۇ يەنە ئۆزىگە كىرىپ تۇرىدىغان مەنبە بولۇشى كېرەك.ئۇلار ئۈچۈن ئىېتقاندا مۇشۇنداق قىلسا ئاندىن ئۇنۈملۈك بولۇشى مۈمكىن.قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ ياردەم قىلمىغىنىدىن قىلغىنى ياخشى، ئاشكارا قىلغىنىدىن بىلىندۇرمەي قىلغىنى ياخشى، ئاز قىلغىنىدىن كۆپ قىلغىنى ياخشى. باشقىلارغا ياردەم قىلىش مەڭگۇ گۈزەل ئەخلاقتۇر.
ئىشلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇرۇھالىدۇر.شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا مۇئامىلە قلىغاندا يەنىلا بەك ئالدىراپ كەتمەي ، سالماقراق بولايلى. بۇنداق ئىش يەنە ئالدىمىزغا كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئازراق ئىمكانىيەت قالدۇرۇلغىنى ياخشى.
2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى |