- تىزىملاتقان
- 2012-4-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2067
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
2.23%
|
مېنىڭچە باشقىلارغا مېھىر مۇھەببەتلىك قولىنى سۇنۇش ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش. بىراق شۇنىڭ ئۇسۇلىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
ئىنىمىز ئەلسۈيەر ماقالىسىدە ‹‹تۆھپىكارلار فوندى›› تەسىس قىلىشنى، مۇشۇ فوندى ئارقىلىق تۆھپىكارلىرىمىزغا مۇۋاپىق مۇكاپات، ياردەملەرنى بېرىپ ئۇلارنىڭ دىلىغا ئۈمىد، روھىغا جاسارەت ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئەمما ئارىدىن بەزىلەر ‹‹توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ›› ئىئانە توپلاشقا كىرىشىپتۇ(مەنمۇ بىر نەچچە يازمىدىن مۇشۇ توغرۇلۇق بايانلارنى ئوقۇدۇم). لېكىن شۇ ئىئانە يىغقۇچى ئىئانىنى ئۆز ئېگىسىگە تەككۈزەمدۇ؟ ياكى مۇشۇ باھانىدە ئۆز چونتىكىنى توملامدۇ دېگەن مەسىلىنى ئەتراپلىق ئويلىنىش زۈرۈر.
يېقىندا مەن بىرەيلەندىن مۇشۇ توغرۇلۇق ئازراق گەپ ئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە كىيۇ-كىيۇسىغا مۇشۇ ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق بىر بانكا كارتىسى نومۇرى ئەۋەتىلىپتۇ. ئۇ بۇنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆزىدە بانكا كارتىسى يوقلۇقى مۇمكىن بولسا يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئۇلار يۈز كۆرۈشۈپتۇ. ھەيران قالارلىقى شۈكى ،ئىئانە يىغقۇچى دائىم قەرتخانىلاردا يۈرۈيدىغان بىرسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تازا تىللاپ پوسكايتىۋېتىپ قانچىلىك ئىئانە يىغقانلىقىنى سورىسا ئۇ تېخى بىر سىنىتمۇ ئىئانە يىغالمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئىئانە يىغقۇچىغا بۇ ئىشنى دەرھال توختىتىشنى، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن، ئىئانە يىغقۇچى قوشۇلۇپ ئۇ ئۇچۇرنى يۇيۇۋەتكەنمىش.
تورداشلارغا ئېنىق بولسۇنكى، فوندى، ئىئانە، ياردەم دېگەنلەرنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىشى كېرەك.
مەلۇم بىر فوندى نۇرغۇن قانۇنىي رەسمىيەتلەردىن كېيىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. فوندى يىغقان ئىئانىنىڭ يىغىلىش مەنبەسى، ئىشلىتىلىش ئورنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ نازارەتچىلىكىدىن ئۆتىدۇ. بارلىق قانۇنىي رەسمىيەتلەر ئۆتۈلگەندىن كېيىن قانۇنلۇق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىئانە يىغىش پەقەت قانۇنلۇق ئەنگە ئېلىنغان بىرەر فوندى ياكى كوللىكتىپ تەرىپىدىن يىغىلىدۇ. بولمىسا شەخسىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىئانە يىغىشى قانۇنسىزلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.(بۇ ھەقتە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە قارالسۇن!)
ياردەم بولسا كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان باشقا كىشىلەرگە بولغان سەمىمىي كۆڭلىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنى قىلغۇچى تور ياكى تەشۋىقاتلاردا جار سالماي ئۆز يېنىدىن چىقارغان، ياكى يېقىن دوستلىرىدىن ئالغان ماددى ۋە مەنىۋى ياردەملەرنى قىيىنچىلىقتا قالغۇچىلارغا يەتكۈزسە بولىدۇ. لېكىن شۇنىسى ئېنىق بولۇشى كېرەككى، ياردەم قىلغۇچى باشقىلاردىن يىغقىنىنى ئۆز چونتىكىگە سالسا ئالدامچىلىق، ياكى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتىگە چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭلاشقا ئابدۇراخماننىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشنى چوقۇم قانۇنلۇق ئەنگە ئېلىنغان بىرەر فوندى ياكى ‹‹ساخاۋەت كوللىكتىپى›› باشلامچى بولۇپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. |
|