- تىزىملاتقان
- 2014-4-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4200
- نادىر
- 0
- يازما
- 143
ئۆسۈش
73.33%
|
Jimgur0997 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 16:48
رەخمەت ئەركىن سىدىق مۇئەللىم قىممەتلىك ئۇچۇرلادىن بى ...
ھۆرمەتلىك Jimgur0997 ئىسىملىك قىرىندىشىم ئەگەر خالىسىڭىز قىسمەن سۇئالىڭىزغا مەن جاۋاب بىرەي. نۇر تىزلىكى سىكوتىغا 300مىڭ كىلومىتىر سۈرئەت بىلەن ماڭىدۇ.سىز بىر يىلنى سىكوتقا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن 300مىڭ كىلومىتىرنى كۆپەيىتسىڭز بىر نۇر يىلى كىلىپ چىقىدۇ.دىمەكچىمەنكى بىر نۇر يىلى دىگىنىمىز نۇرنىڭ بىر يىلدا بىسىپ ئۆتكەن مۇساپىسى دىگەنلىك. ئاي بىلەن قۇياشنىڭ ئارلىقى نۇر يىلى بىلەن ئۆلچىگىدەك يىراق ئەمەس. قۇياش نۇرى 8 مىنۇتتا يەر يۈزىگە كىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىز 8 مىنۇتنى سىكوتقا ئايلاندۇرۇپ ئاندىن ئۇنى 300مىڭ كىلومىتىرغا كۆپەيتسىڭىز قۇياش بىلەن يەرشارىنىڭ ئارلىقىنى بىلىسىز.ئاي يەرشارىنىڭ ھەمرىيى شۇنداق بولغانكەن ئاي بىزگە ئەڭ يىقىن .ئۇنى نۇر يىلى بىلەن ئەمەس كىلومىتىر بىلەن ئۆلچەيسىز.ئىنىق مۇساپىسى ئىسىمدە قالماپتۇ شۇڭا تەخمىنەن دىمىدىم. مىنىڭ بىلىشىمچە ئىنسانلار ئالەم بوشلۇقىنى تەتقىق قىلىپ پەن تىخنىكىنى تىخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى قوغداش ۋە ئىنسانلارنىڭ بىشىغا تاساددىبى دىنازاۋۇرلارنىڭكىدەك كۈن كىلىپ قالسا قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. نۇپۇس ھەددى ھىسابسىز ئىشىۋاتقان بۆگۈنكى كۈندە ئىنسانلار خام ئەششا ۋە ئىنىرگىيە كىرزىسىغا دۇچ كەلمەكتە .ئالەم بوشلۇقىدا ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجىنى قامىدىيالىغۇدە ئىنىرگىيە ۋە خام ئەششا بار،لىكىن ئۇنى ھازىرقى تىخنىكىدا پايدىلىنىش ئىمكانى يوق.بۇ مەسلە چوقۇم ھەل قىلىنىشى كىرەك. لوگىكا جەھەتتىن ئىتقاندا بىز ئالەم بوشلۇقىدا يالغۇز ئەمەس،بىراق بىزنىڭ يەنى ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى تىخنىكىسى يالغۇز ئەمەسلىكىمىزنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارنى تىپىشقا يەتمەيدۇ. يەنە بىرى ئامرىكا ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ چۇقۇم ئالەم بوشلۇقى تەتقىقاتىنى راۋاجلاندۇرىدۇ،سەۋەبى ئالەم تىخنىكىسى بىلەن بىرگە ھەربى سانائەت ۋە ئۇچۇر تىخنىكا شۇنداقلا ئىلىكتىر ساھەسى ماس ھالدا تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ. ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ ساياھەت قىلىشقا ھازىرچە بىزنىڭ ئىقتىزادىمىز يەتمەيدۇ،لىكىن ئەقلىمىز يىتىدۇ.سۇڭا ھۆرمەتلىك ئەركىن ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ بۇ ئۇلۇغ ئاكىمىزنى ناسادا يالغۇز قويماي باشقا ياش مايسىلارنىڭمۇ تىرىشىپ بىرىپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇش پۇرسىتى بار يىتەركى ئەركىن ئاكىمىزدەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا. بۇ سۇئاللىرىڭىزغا ئەركىن ئاكام باشقا يازمىللىرىدا جاۋاب بىرىپ بولغان،خالىسىڭىز ئەركىن ئاكامنىڭ باشقا يازمىللىرىنى تولۇق ئۇقۇپ چىققايسىز،سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىم بۇ ئاكىمىزنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ۋاقتىنى بۇنداق ئاددى سۇئاللار بىلەن ئىسراپ قىلمىسىڭىز. بۇ سۆزۈم ئۈچۈن سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. لىكىن شۇنداق دىيىشكە مەجبۇرمەن. سىز سۇرىغان سۇئالنى ئىنتىرنىتتىن ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ.ئەگەر خەن چىڭىز ياخشى بولسا بەيدۇ تورىدىن ئاختۇرۇپ بىقىڭ سىز قانائەتلەنگىدەك جاۋابلار ئۇيەردە بار.ئەمما ئەركىن ئاكام ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاچ مىھنەتسىز بۇنداق ئۇچۇرلارنى ۋە قىممەتلىك ماقالىلىرىنى يىزىشقا كىتىدىغان ۋاقتىنى ئىسراپ قىلسىڭىز ياكى قىلساق بەك سەخسىيەتچىلىك بولىدۇ. بىر ئويلۇشۇپ باقارسىز. ..
ئىنكاسقا يازماپتىكەن كۆمىگەنمىكىن دەپ ، مەن ئىنكاسقا يوللاپقويدۇم . |
|