- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2087
- نادىر
- 0
- يازما
- 218
ئۆسۈش
2.9%
|
1.يېقىن ئوربېتا
يېقىن ئوربېتا ( ياكى تۆۋەن ئوربېتا ) بوشلۇق ئەسۋابلىرىنىڭ يەر يۈزىگە يېقىن ئوربېتىلىرىنى كۆسىتىدۇ . يېقىن ئوربېتىنىڭ ئومۇملاشقان ئېنىقلىمىسى يوق . ئادەتتە يەر يۈزىدىن 2000 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولغان ، چەمبەرگە يېقىن بولغان ئوربېتىلار بۇ تۈرگە كىرىدۇ . يېقىن ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلار يەر يۈزىگە بىر قەدەر يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇنداق سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھلىرى ، ئۆلچەش سۈنئىي ھەمراھلىرى ، بوشلۇق پونكىتلىرى ۋە بىر قىسىم يېڭى ئالاقە سۈنئىي ھەمراھلىرى بولىدۇ . تۆۋەندىكىسى بىر قانچە مىساللار :
خەلقئارا بوشلۇق پونكىتى : يەرگە يېقىن نۇقتا 347 كىلومېتىر ، يەرگە يىراق نۇقتا 360 كىلومېتىر ، ئوتتۇرىچە تېزلىكى 7706.6 مېتىر ھەر سېكۇنت ( 27743.8 كىلومېتىر ھەر سائەت ) ، ئوربېتىدا ئايلىنىش دەۋرى 91 مىنۇت .
خابىل بوشلۇق تېلېسكوپى : يەرگە يېقىن نۇقتا 551.4 كىلومېتىر ، يەرگە يىراق نۇقتا 555.6 كىلومېتىر ، ئوتتۇرىچە تېزلىكى 7106 مېتىر ھەر سېكۇنت ، ئوربېتىدا ئايلىنىش دەۋرى 95.6 مىنۇت .
ئىردىي يۇلتۇزلىرى : ۋىكىپېدىيەدە ماتېرىيال يوق ئىكەن .
2.ئوتتۇرا ئوربېتا
ئوتتۇرا ئوربېتا ، تۆۋەن ئوربېتا بىلەن يۇقىرى ئوربېتا ئارلىقىدا بولۇپ ، يەر يۈزىدىن 2000 كىلومېتىردىن 35786 كىلومېتىرغىچە بولغان ئوربېتىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ خىل ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلار ئاساسلىقى يول باشلاش سۈنئىي ھەمراھلىرى ، مەسىلەن يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ( 20200 كىلومېتىر ) ، گلوناس سېستىمىسى ( 19100 كىلومېتىر ) ، يەتتە قاراقچى سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سېستىمىسى ( 21500 كىلومېتىر ) ۋە گالىلېي ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ( 23222 كىلومېتىر ) قاتارلىقلار . بىر قىسىم قۇتۇپ رايونىدىن ئۆتىدىغان ئالاقە سۈنئىي ھەمراھلىرىمۇ ئوتتۇرا ئوربېتىدا . ئوتتۇرا ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئايلىنىش دەۋرى 2 سائەتتىن 12 سائەتكىچە . تۆۋەندىكىسى بىر قانچە مىساللار :
گلوناس : ئوربېتا ئايلىنىش دەۋرى 11 سائەت ئىتراپىدا .
يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى : دەۋرى 12 سائەت . GPS .
يەتتە قاراقچى سۈنئىي ھەمراھلىرىدىن گ 6 : يەرگە يېقىن نۇقتا 35783 كىلومېتىر ، يەرگە يىراق نۇقتا 35803 كىلومېتىر .
گالىلېي ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى : دەۋرى تەخمىنەن 14 سائەت .
3.ماس قەدەملىك ئوربېتا
بۇ خىل ئوربېتىدىكى سۈنئىي ھەمراھلار ئېكۋاتوردىلا ئايلىنىدۇ ، ئوربېتىسى مۇتلەق چەمبەر ، ئوربېتىسىنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى دەل 35786 كىلومېتىر ، ئوربېتىدا ئايلىنىش دەۋرى 23 سائەت 56 مىنۇت 4 سېكۇنت . بۇ خىل سۈنئىي ھەمراھلار يەر يۈزىگە نىسبەتەن پەقەت بىرلا ئورۇندا تۇرىدۇ . |
|