قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: alipoguz

ئىسلام ئالىمىدىكى تىراگىدىيەلەر ۋە ئۇنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

451

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-6 18:27:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى گەرچە خېلى ئوقۇمۇشلۇق ئادەم يازغاندەك قىلىدۇ. ئەپسۇس تىما ئىگىسى ھەر بىر دىگەن گەپلىرىگە پاكىت سۆزلىشى كېرەك ئىدى.بولمىسا بۇ ماقالىنىڭ، مۇقەددەس يۈز يىل دىگەن فىلىمدىن نىمە پەرقى؟؟؟

0

تېما

4

دوست

1466

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33619
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 04:01:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بىر قىزغا ياخشىمۇسىز دەپ سالام بېرىپ قويۇپتىكەنمەن ، ئاغزىدىن چىقمىغان سەت گەپ قالمىدى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ ئۇيغۇرچە سالاملىشىش كېرەككەن ، مېنىڭ دېگىنىممۇ خاتا ئەمەستۇ ؟ ئەمەلىيەتتە چىڭغا چىقارساق ئۇنىڭغا لازىمى ئەمەلىيەتتە بىر ئەرەپچە سۆز . توۋا دەپقالدىم ، ھەرقانچە ئۇنىڭ توغرا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپلەر ...... ھەي ! مېنى ئادەم قاتارىدىنمۇ چىقىرىۋەتتى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

1560

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     
       دەۋرىمىزدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنىش ، ئۆزئارا زىدىيەتلىشىشتەك ئايەت ۋە ھەدىسكە مۇخالىپ ئەھۋاللار بەكمۇ ئېغىر دەرىجىدە ساقلانماقتا .
       ئۇنداقتا ، بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپ نىمە ؟ مانا بۇ بىز قاتتىق ئويلىنىپ ، ئىزدىنىپ ، يىلتىزىنى تېپىپ چىقىپ ، تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشىمىزنى تەقەززا قىلىدىغان تۈپ مەسىلە .
     مەن  دەۋرىمىزدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنىش ، ئۆزئارا زىدىيەتلىشىشتەك ئايەت ۋە ھەدىسكە مۇخالىپ بولغان  بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشىدىكى تۈپكى سەۋەپنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن ئىزدىنىپ كۆردۈم :
       1 .  ‹‹ بىدئەت ›› ھەققىدىكى قائىدىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى . بۇ  ،  دىن دۈشمەنلىرىنىڭ  مۇسۇلمانلارنى ئىككىگە بۆلۈپ  ،  ئۆزارا ئۇرۇشتۇرۇپ ، چىدىرغان تېرىشىغا ئىشىك ئېچىپ بېرىۋاتقان يوچۇق - دەپ قارايمەن .  مەسىلەن :  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھھاب  <<  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  دەۋرىدىن كېيىن پەيدا بولغان  ھەرقانداق يېڭىلىق  بىدئەت  - ئازغۇنلۇق ، دوزاقتا >>  - دەپ قەتئى كېسىپ ئيتىدۇ . ھەنەفىي مەزھىبىدىكى ئەھلى سۈننى مۇسۇلمانلار بولسا ، << بىدئەتنىڭ ياخشىسى بار ... >> - دەپ ، قەتئى كېسىپ ئېيتىدۇ . بىراق ھەر ئىككى پىكىردىكىلەرنىڭ ئاساسلىنىدىغان ھەدىسى بىر ( ئوخشاش ) . دېمەك بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەر ئىككىسى توغرا ئەمەس .  بۇ ھەقتىكى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرمەي تۇرۇپ ، مۇسۇلمانلارنى ، جۈملىدىن ۇيغۇرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس . زاۋاللىققا يۈزلەنگىنى يۈزلەنگەن .  شۇڭا مۇسۇلمانلار چوقۇم بۇ قائىدىنىڭ توغرىسىنى تېپىشى كېرەك . شۇندىلا دىن دۈشمەنلىرىنى ئارىدىن سىقىپ چىقىرىپ ، مۇسۇلمانلارنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى زور  دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولىدۇ . مەن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشىمنى ، اللە خالىسا ، ماقالا شەكلىدە توردا ئېلان قىلىپ ، مۇسۇلمان ئالىملىرىمىزنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ ، بىرلىككە كېلىشىگە سۇنىمەن . ئامىن .
       2 .  زور كۆپچىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى بىلىمىنىڭ يوقلىقى ( يەنى دىنى بىلىم جەھەتتە ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەنىلىرىنى توغرا ئىشلىتەلمەسلىكى ... ھەق - ناھەقنى ، ھالال - ھارامنى ، ياخشى - ياماننى پەرق ئېتەلمەسلىكى ) ، بىپەرۋالىقى . ... بۇنداق بولۇشنىڭمۇ تۈپ سەۋەبىنى تېپىپ ، ياخشى ھەل قىلىش بەكمۇ زۆرۈر .
       اللە خالىسا ، يوقۇرىدىكى ئىككى نۇقتا توغرا ھەل قىلىنسا  ، مۇسۇلمانلار ، جۈملىدىن ئۇيغۇرۇم  ئىتتىپاقلىشالايدۇ ھەم تەرەققىياتقا يۈزلىنەلەيدۇ ھەم گۈللىنەلەيدۇ .
       قېنى قېرىندىشىم  ، اللە گۇۋاھ بولسۇن . اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن يوقۇرقى مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ . اللە رەھمەت قىلسۇن . ئامىن .

0

تېما

0

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32879
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 23:51
دەۋرىمىزدە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بۆلۈنىش ، ئۆز ...

يەنە دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپسەندە

0

تېما

1

دوست

1560

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jiwle يوللىغان ۋاقتى  2015-3-15 11:05
يەنە دوختۇرخانىدىن قېچىپ چىقىپسەندە


       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم jiwle  ،  سىز مېنى تىللىماي ، پىكرىمدىكى خاتالىقنى تېپىپ تىللاڭ . ئەگەر ، يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ مەزمۇنىنى چۈشىنەلمىسىڭىز ، سۈكۈت قىلغايسىز . باشقىلارنىڭ گېپىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرۇش ئاقىلانىلىق ئەمەس .
       مۇمكىن بولسا ، مىللىتىمىزگە پايدىلىق پىكىرلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ . ئۇنداق قىلالمىسىڭىز  ، مەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ  ... اللەقا ئامانەت .

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34730
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Algol1991 يوللىغان ۋاقتى  2015-2-7 04:01
بۈگۈن بىر قىزغا ياخشىمۇسىز دەپ سالام بېرىپ قويۇپتىكەن ...

راسلا بۇنداق ئىش تولا،  مەنمۇ  تولا ئۇچرايمەن بۇنداق ئەھۋالغا. سالام سۆزلىرى بىر مىللەت تىلىدىكى ئەڭ يارقىن بەلگە خارەكتىرلىك سۆزلەردۇر.  ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋال سوراشقان، سالام-سائەت قىلىشقان بارلىق ئەھۋالدا  ئەسسالامۇ ئەلەيكۈمنى ئۇمۇملاشتۇرىشى ئالدى بىلەن ئانا تىلىمىزغا ئاندىن ئۆزىمىزگە قىلىنغان بىر مەسخىرە خالاس.  
سالام سائەت قىلىش ۋە ھال-ئەھۋال سوراشتىكىمەخسەت باشقىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىگىڭىز ۋە يېقىنچىلىقىڭىزنى ئىپادىلىشىڭىز ھېسابلىنىدۇ. سالام-سائەتنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى ئېنسانلىق مېھرى ۋە قېرىنداشلىق ھېسياتىدۇر. شۇ سەۋەپتىن سالام سائەتكە بىر مىللەت تىلىدىكى گۈزەل،ئىخچام ۋە تەسرچان سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ھال-ئەھۋاللىشىش ئۇسۇلى ۋە سۆزلىرىنىڭ بولىشى ئىسلامغىمۇ خىلاپ بوپ قالماي مىللەتكىمۇ مەسئۇل بولۇشتەك شەرەپلىك ئىشتۇر.

0

تېما

0

دوست

163

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   54.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34730
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 48
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك ئابدۇۋەلى ئاكا، خېلى بوپتۇ  يېڭى يازمىلىرىڭىزنى كۆرمۈدۈم.  ئالدىراشلىقتىن ۋاقتىڭىز يوقمۇ  ياكى تورداشلاردىن رايىڭىز يېنىپ ئېلھامىڭىز سۇسلاپ قالدىمۇ ،، ئېنكاس بولسىمۇ يېزىپ تۇرۇڭ ئاكا ،،!

2

تېما

69

دوست

6421

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1926
توردىكى ۋاقتى: 420
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام ئالىمىدىكى  تىراگېدىيەلەر   ۋە ئۇنىڭ
تارىخىي سەۋەبلىرى

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا

پۈتۈن ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ،سىياسىي ،ھاكىمىيەت ،پەلسەپە ،تەبىئىي پەن ...يەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۇتۇقلىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە كېيىنكى چۈشكۈنلۈك سىگنالىنىڭ ياڭرىشى ،مەھكۇملۇق ، توزانلىرىغا ئەسىر بولۇشى ،ئوتتۇرا شەرق جۈملىدىن ئەرەبلەرنىڭ سەلتەنەت سۈرۈشى ياكى ئارقىغا چېكىنىش تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى . پاسىق ،ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلارنىڭ شېرىكلىرى ئىدى . ئۇلاردا ئومۇمىي يۈزلۈك قەبىلىۋازلىق ،يۇرتۋازلىق ،پاھىشىۋازلىق  ...تەك ئەقىل ،ئەخلاق مىزانلىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلار يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلگەن ،بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھايۋان ئورنىدا قۇل قىلىپ سېتىلىشى ،پەس ئىت ـ ئېشەكنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىدى .ئۇلار ئۆز قىزلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن نومۇس قىلاتتى ، ئۇلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلاتتى . ھەتتا ئاياللارنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى ھارام سانايتتى : ئۇلار ئاياللار ھەيزدار بولۇپ تۇرىدۇ ،ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە يېيىش ھارام دەپ قارىشاتتى .قىزلارنى بولسا خۇپىيانە ھالدا ‹‹تىرىك كۆمۈشەتتى ››. شۇ سەۋەبلىك پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە بولۇپمۇ ئەرەب ئېلىدە ئادەملەرنى قۇل قىلىپ سېتىش ھادىسىلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى سەۋەبسىز نىزا ـ جاڭجاللار يۇقىرى پەللىگە چىققاچقا ،بىر قەبىلە يەنە بىر قەبىلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئەسىرلىرىنى قوشنا ئەللەرگە قۇل قىلىپ سېتىشاتتى ، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىشاتتى ياكى خارلاپ ۋەششىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتەتتى .ئۇلار ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن بۆلەك ،سىرتقى ئەللەر بىلەن ئانچە بېرىش ـ كېلىش قىلىپ كەتمەيتتى .دۇنيانىڭ كۆلىمى ئۇلار ئۈچۈن غەربتە قىزىل دېڭىز ،شەرقتە دەجلە ،ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرىقىلا بولۇپ ،ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۇلار ئۈچۈن بەرى بىر ئىدى .ئۇلار سەھرايى كەبىر قۇملۇقلىرىدەك ئادەمنى قىينايدىغان قۇرغاق تەپەككۇرلىرى سەۋەبلىك تالاي ئەسىر ماكېدونلارنىڭ  ،بابىلونلۇقلارنىڭ ،پارىسلارنىڭ ...مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى ...
ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولۇشى ،ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويغىنىشلارنى ئېلىپ كەلدى .مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىياسىي ، ھەربىي ۋە ھاكىمىيەت ...ئىستراتېگىيەسى ،ھەدىس ئىلمى ۋە ‹‹قۇرئانى كەرىم ››نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىقتىكى دەستۇرى قىلىنىشى ،ئەرەبلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىنى مىسلىسىز ئىلگىرى سۈردى . ئۆز قەبىلىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئەللەر بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ كۆرمىگەن ئەرەبلەر ، ‹‹سودا قىلىش ›› يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ،سودا كارۋانلىرىنىڭ ياردىمىدە پۈتۈن ئاسىيا ،ياۋروپا ۋە ئافرىقا خەلقلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى .كېمىلىرى بىلەن يىراق ئوكيانلارغا سەپەر قىلىشتى ... شۇ ئاساستا دۇنيانىڭ ئۆزلىرى ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ كەڭرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى ... سىرتقى ئەللەر مەدەنىيەت تەپەككۇر ئېڭى ،ئۇلارنىڭ ئۇيقۇچان ئىدراكىنى غىدىقلاپ ئويغاتتى .ئەرەب سەھرالىرىدا ئاندا ـ ساندا ئۆسۈپ قالىدىغان خورما دەرەخلىرىدىن بۆلەك ھېچ نېمىسى بولمىغان بۇ ئىنسانلار ،شەرق ۋە غەربتىكى ئەللەرنىڭ تېببىي يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ،قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېلىپ ،ئۆزلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ياقا يۇرتلارغا ئېلىپ باردى . بۇ جەرياندا شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەت ۋە ماددىي ئەسلىھەلىرىدە ،ئەنئەنىۋى خاسلاشقان ، قۇتۇپلاشقان تەپەككۇرلىرىنىڭ سوقۇلۇشى يۈز بەردى . ئەرەب سودا كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرى توختاۋسىز ھالدا شەرق ۋە غەرب ئارىلىقىدا جاراڭلاپ تۇردى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەبلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش يولىدىكى ئۇرۇشلىرى ،ئۇلارغا بۇ تەرەپلەردىن نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلدى .ئوتتۇرا ئاسىيا ،ھىندىستان ئەللىرىنىڭ روھىي ۋە ماددىي بايلىقلىرى ئۇلارغا كۆپ ياقىلىق ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئۇتۇقلارنى ئاتا قىلدى .ئۇلار بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سوت ئۇيقۇدىكى ياۋروپادا،شىمالىي ئافرىقىدا يېڭىچە بىر مەدەنىيەت يولى بەرپا قىلىپ ،ئوتتۇرا ئاسىيا مەئىشىتى ،پەلسەپىسى ،تەبىئىي پېنى ...ئاساسىدىكى مەنىۋىيەت قۇۋۋەتلىرى بىلەن ،قاقشال تېرەكتەك جانسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان غەرب دۇنياسىنىڭ روھىيىتىگە جان ئاتا قىلغان ئىدى .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى بىرنەچچە ئەسىردىن باشلاپ ،بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىدا جاھالەت قۇيۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ ،مەزھەپچىلىك ،يۇرتۋازلىق كۈچەيدى ( بۇ ھال ھازىرغىچە بىر ئىللەت سۈپىتىدە داۋام ئېتىپ كەلمەكتە ...) . ئەرەب سۇلتانلىرى يېڭىدىن ئىستېلا قىلغان زېمىنلاردىكى باشقا مۇسۇلمانلارغىمۇ ،ئەرەب بولمىغان مىللەتلەرگىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىشقا ،ئۇلارنى يەكلەشكە ، ئۇلاردىن ئالىدىغان باج سېلىقنىڭ مىقدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا باشلىدى . بۇ خەلقلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلەرنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇر ‹‹ قۇرئان كەرىم ››نىڭ ئەھكاملىرىغا ئانچە ئېتىبار قىلماس بولۇپ كەتتى . مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ مىسىر پاتىمە سۇلالىسى ، باغداتنى مەركەز قىلغان ئابباسىلار سۇلالىسى ،ئىسپانىيە ئەرەب سۇلتانلىقلىرى ئۆز ئارا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ،بىرلىكنىڭ ئورنىغا ئىچكى نىزانى كۆتۈرۈپ چىقتى . ئوردا ھەرەملىرى نارەسىدە قىزلارنىڭ ـ سىرتتىن ئېلىپ كېلىنگەن توقاللارنىڭ نالە ـ پەريادلىرى بىلەن زىل ـ زىلىگە كەلدى ... شۇڭلاشقا ئۇلار تېزلا زەئىپلىشىپ كەتتى .
ئەرەبلەرنىڭ ،جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىجتىمائىي ئېڭىدىكى بۇنىڭدەك ئارقىغا چېكىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل . ئۇنىڭ يېتەرسىز ئامىللىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەشكە توغرا كەلسىمۇ ، يەنىلا ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە يادرولۇق نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :
مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى تىراگېدىيەسىنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرى : ئۇلاردىكى دۆلەت باشقۇرۇش ،ھاكىمىيەت ...چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدۇر .ئىسلام ئالىمىدە ئىلگىرى سۇلتان سەنجەر ،نىزامۇل مۈلۈك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ... ۋە كېيىنكى دەۋرلەردە بابۇر ، ئەكبەر ...دەك يېتۈك سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ ،بىراق مۇسۇلمانلار جامەسى بۇ ئۇلۇغلارنىڭ سىياسەت ،سەلتەنەت ،ئەلنى دېموكىراتتىك ئۇسۇلدا ئىدارە قىلىش ... ھەققىدىكى تەدبىرلىرىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېزلا ئۇنتۇپ كېتىشتى .
موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن ،ئەرەبلەرنى يەنىلا تۈرۈكلەر ـ سالجۇقىلار ئېستىلا قىلدى . تۈرۈكلەر ئەرەبلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن كۆرە ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي زىددىيىتى بار ياۋرۇپالىقلارنى كۆپرەك ‹‹تالان – تاراج ››قىلدى . ،چۈنكى ئەرەبلەر قانداقلا بولمىسۇن سالجۇقىلار ئېتىقاد جەھەتتىن يېقىن ئىدى . تۈرۈكلەر ياۋروپادا باشقا مىللەتلەرگە ئەمەس ،بەلكى ئۆز ئېتقادلىرىدىن  ئاينىپ سىلاۋيانلىشىپ كەتكەن بۇلغارلارغا ۋە جەنۇبىي سىلاۋىيانلارغا ،رۇسلارغا قوراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزدى .شۇنداقتىمۇ ئەرەبلەر تۈركلەرنى ئۆزلىرىگە مەڭگۈلۈك دۈشمەن دەپ قارىغان ئىدى . ئۇلار بۇ ‹‹ يات مىللەت ›› لەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،سىرتقى كۈچلەردىن ئىنگلىزلارغا تايىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشقان ئىدى . چۈنكى ئىنگلىز سىياسىيونلىرى ئەرەبلەرگە بىر تاغار قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپ ، ‹‹دۈشمەن››يەرنى ئەرەب زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ،ئۇلارغا ‹‹ مۇستەقىللىق بېرىدۇ ››غانلىقىنى ۋەدە قىلىشتى ... ئەرەبلەر ئىنگلىزلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىغا ئالدىنىپ ،تۈرۈكلەرنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قىردى ،ھەتتا بىگۇناھ ئاياللار ،بالىلارمۇ بۇ قىر ـ چاپتىن مۇستەسنا بولالمىدى ..شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك مۇسۇلمان رەقىبلىرىدىن بىرى بولغان سالجۇقىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەرەبلەرنىڭ قولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ...1922ـ يىللاردىن باشلاپ بۇ شورلۇق زېمىندىكى پاجىئەلەر ،ئەرەبلەرنىڭ ئالدىغا ھەر بىر قەدەمدە يېڭى بىر تەجرىبىنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەرەب سىياسىيونلىرى ۋەزىيەتنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراشنى بىلەلمىدى .ئەكسىچە يات مىللەتلەرنىڭ قولى بىلەن تۈرك سۇلتانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەردۇق ، ‹‹غەربلىكلەر بىزگە قىيامەت ئەمەس ،ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ... ››دەپ قاراشتى .ئەرەب ئىنگلىز بىرلەشمە ئارمىيەلىرى سالجۇقىيلارغا قارشى ئۇرۇشتا ،تۈرۈكلەرنىڭ ‹‹ئائىلىسى 40مىليوندىن بىراقلا 10مىليونغا چۈشۈپ قالغان ،ئۇلارغا پەقەت ئاناتولىيەلا قېلىپ قالغان بولۇپ ،ئىنگلىزلار غەلىبە قىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيت ئىدى ››. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە ،تۈرۈكلەرنى تامامەن يوقۇتۇپ ،ئۇلارنىڭ نەسلىنى مۇتلەق يەر يۈزىدىن ‹‹قۇرۇتۇپ تاشلاش ›› مۇمكىنلىكىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئەرەب ھۆكۈمدارلىرى ،ھە دەپ ئىنگلىزلار تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلدى ... سالجۇق تۈرۈكلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ، ياۋروپادىكى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى بىلەن ،ئىنگلىزلار ئەرەبلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن تامامەن يېنىۋالدى . چۈنكى ئۇلار بۇ رايىش خەلقنىڭ ئۇيۇشۇۋېلىپ ئۆزلىرىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇلارنى ئاجىزلىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدى . ئاقىۋەت بۇ ئۇرۇشتا ئەڭ چوڭ زىيان تارتقىنى يەنىلا ئەرەبلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە تامامەن قارشى مەنبەدىكى ‹‹دىنى ،تىلىمۇ ئوخشىمايدىغان مۇستەملىكە ئەل تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى››. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىر پۈتۈن زېمىنى سانسىز ياماق چۈشكەن ئەسكى چاپاندەك ،كىشىنىڭ ئىچىنى سېرىلدۈرگىدەك دەرىجىدە پارچە ـ پارچە قىلىپ تاشلاندى .ھەتتا 1946ـ يىلى ئاشۇ خەلق سۇلتانلىرى چوڭ بىلىپ چوقۇنغان غەربلىكلەر ،ئۇلارنىڭ زېمىنىغا قوراللىق بېسىپ كىرىپ ،سەرگەردان يەھۇدىيلار ئۈچۈن ھازىرقى ئالقانچە كەلگۈدەك ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ بەردى ... ‹‹شۇڭا كۆپچىلىك ئەرەبلەر قاتتىق پۇشايمان ئىلىكىدە قالدى .››مانا بۇ ئەرەبلەرنىڭ ،جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەت ،سىياسەت ...چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپى .

بۇنىڭدىن باشقا ‹‹1922ـ يىلى 1ـ ئايدا تۈركىيەگە كەلگەن سوۋېت گېنېرالى فىرونزىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيەنىڭ مەڭگۈ كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلماسلىققا (ياردەم بەرمەسلىككە )كۆنۈشى شەرتى ئاساسىدا ،تۈركىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يەنە نۇرغۇن پۇل ۋە قورالغا ئېرىشىدىغان بولدى ››{ ‹‹تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخى ››،33ـ بەت ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،ئاپتورى : ياڭ تاۋجۇن ، تەرجىمە قىلغۇچىلار : ھاجى قۇتلۇق قادىرى ،ئەخمەتجان ئىسمايىل .} دېمەك ،بۇنىڭدىن بىز ھالقىلىق پەيتتە ،تۈركىيە ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ،ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىگەنلىگىدەك ئەھۋاللارنىمۇ كۆرەلەيمىز .بۇنداق بىنورمال تاشقى سىياسەت ،بۇ دۆلەت ھازىرغىچە ئارلاپ ـ ئارلاپ قىسمەن باش باقانلار تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈپ كەلدى ...
ئەرەب ھۆكۈمدارلىقىدىكى بۇنداق غەپلەتلەر ،يېتەرسىزلىكلەر ،كېيىنكى چاغلاردا باشقا مۇسۇلمان ئەل خەلقلىرىنىڭ سىياسىي ،ھاكىمىيەت باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىغىمۇ ،ئۇسۇلىغىمۇ مەنپىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەي قالمىدى . .. شۇنداقتىمۇ ئىسلام ئالىمى مەيلى ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىرلىرىدە بولسۇن ، ئوتتۇرا شەرق ،ئوتتۇرا ئاسىيا ،جەنۇبىي ئاسىيادا ... تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قۇربانلارنى بېرىپ ‹‹ مۇستەقىللىق ››كىمۇ ئېرىشتى ،بىراق بۇ يەنىلا غەربنىڭ ئىقتىسادىي ،مەدەنىيىتى ،سىياسىتى ئاستىدىكى قىسمەن ‹‹ئەركىنلىك ››بولۇپ ، بۇ ھال نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى يەنىلا تاشقى قوراللىق كۈچلەرگە بېقىندى قىلىپ قويدى . بۇ ئەللەرنىڭ نۇرغۇنى غەرب تەسىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەپەككۇرىنى ئويغىتىش ئاساسىدىكى ئىجادىيلىق بىلەن ئەمەس ،ئەكسىچە قارا قويۇق دوراش ،شەكىلۋازلىق بويىچە قوبۇل قىلدى . مىسىر ،ماراكەش ،پاكىستان ...لار مۇشۇ مەقسەتتە كۆپلەپ ئوقۇغۇچىلارنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتتى .بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ،مىللىي روھىيىتىنى ئۇنتۇپ ،غەربنى دورايدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدى .پاكىستاننىڭ ‹‹مىراسخور ››فىلىمىدىكى ‹‹ياقۇپ ››، ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ‹‹ئەزمەتخان ››مانا مۇشۇنداق غەرب ئىدىيەسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغۇچىلارنىڭ سىمۋوللۇق تىپىدۇر ... غەربنى ئۆلۈك ھالدا تەقلىد قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئىلىم ـ پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تامامەن رەت قىلىش ،بۇ ئىسلام ئالىمىدىكى چۈشكۈنلىكلەرنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . بۇ ھال تا 21 ـ ئەسىرگىچە پەسكويغا چۈشۈش تۇرماق ،سەلبىي تەرەپتىن قىيامىغا يەتتى ...
ئىسلام ئالىمىدىكى مەنىۋى ھالاكەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىدىن يەنى بىرى ، مۇسۇلمانلارنىڭ ‹‹دۆلەت قانۇن ››كىرى بولغان ئېتىقاد ،كالاملىرىدىكى ھەقىقەتلەرگە تەتۈر تاناسىپ يولىغا ماڭغانلىقى ،ئۇنىڭدا دېيىلگەن ئىلىم ـ ئىرپانلارنى ئۆگىتىش  ،ئىنسانىي قىممىتىنى ھۆرمەت قىلىش ،ئەركىنلىك ـ ھۆرلۈك ئۇقۇملىرىنى ئۇلارنىڭ تەتۈر  قوبۇل قىلىۋالغانلىقىدىن ئىدى .بۇنىڭ ئەكسىچە پەنگە ،دېموكراتىيەگە ...بولغان قىزغىنلىق غەربتە ئىزچىل داۋام ئەتتى .يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىردە كۆپلەپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىدى .بۇنىڭغا ‹‹ قۇرئانى كەرىم ››دىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا تۇنجى كىتاب نازىل بولغاندا بەرپا ئېتىلگەن ‹‹ئوقۇ ›› دېگەن ئايەت مەنىۋى ئىلھام بولغان ئىدى .بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى كۆپلىگەن ئىسلام ئالىملىرى ‹‹ئىسلام دېنى پەن ۋە ئېتىقاد ئاساسىغا قۇرۇلغان ››دەپ قارىشاتتى . ئۇلار يەنە بۇ دىن كالامى بولغان ‹‹قۇرئانى كەرىم ››دە ئاسترونومىيە ، تېبابەت ، ماتېماتىكا ، خىمىيە ... دېگەندەك پەنلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ... ‹‹ئاللاھ ئالەمنى پەن بىلەن ياراتقان ›› ... پەن بىلەن ئېتىقاد ئايرىلماس گەۋدىدۇر ،يەنى ‹‹ بىز ئېتىقادتىن قالسا پەن ئارقىلىق خۇداغا يېتەلەيمىز ››دەپ قاراشقان ئىدى .مۇشۇ خىل دۇنيا قاراشلار تۈپەيلى ، ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب دۇنياسى جۈملىدىن  ئىسلام دۇنياسى ئۆز دەۋرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى .
بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەردىكى ‹‹ ھەقىقىي مۇسۇلمان قىشمۇ ـ ياز ياپراقلىرى كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان خورما دەرىخىگە ئوخشايدۇ .››دېگەن بايانلار ، نۇرغۇن ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا خورما دەرىخىگە ،جۈملىدىن تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قوزغاپ ،ئۇلار ئېڭىدا مۇھىت قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن ... بىراق موڭغۇل ئىستېلاسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ،بۇنداق ھەقىقىي ئەرزىگۈدەك ھاللار ئىسلام ئالىمىدە كەمدىن ـ كەم كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدى .بۇ بېكىنمە رايوندا مۇسۇلمانلارنى ھىدايەتكە باشلايدىغان ،ئاڭا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ،جۈملىدىن  ئىنسانىيەت دېموكراتىيەسى ،باراۋەرلىكىنى ...تولۇق چۈشىنىپ يېتىدىغان ئىستىداتلىق شەخسلەر تۈرۈكلەردە قىسمەن كۆرۈلىدۇ يۇ ،لېكىن باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە روياپقا چىقمىدى .شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى 16ـ ئەسىردىن كېيىن تېزلا غەربنىڭ مۇستەملىكە نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى .نۇرغۇن سىياسىيونلار ئىلىم ئېلىشنىڭ ئىسلام دىنىغا زىت ئەمەس ،بەلكى بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يېتەلمىدى ..ئىلگىرى ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان مەدەنىيەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇ ھالەت ھازىرقى دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدى .يەنى ئافغانىستان ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، تالىبانلار نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي قىممەتكە ئىگە  قەدىمىي مەدەنىي مىراسلارنى ،كۇشان خانلىقىنىڭ پايتەختى بەلخ شەھىرىدىكى بۇددا ھەيكەللىرىنى چېقىپ تاشلىدى . ھەتتا ھىراتتىكى نەۋائىنىڭ قەبرىسىمۇ  رەھىمسىزلىك بىلەن تۈزلىۋېتىلدى .بۇنداق ئېچىنىشلىق تېرورلۇقلارغا قارىتا باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى ھېچقانداق ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرمىدى .ئوتتۇرا ئاسىيا ،شىنجاڭ رايونى  ۋە ھىندىستان ...قاتارلىق  دۆلەتلەردىكى گۈللەنگەن دەۋرلەرنىڭ نىشانى بولغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىسلام ئالىمىنىڭ  زەئىپلىشىشىگە ۋەيرانىگە ئايلىنىشى ...
ئىسلام سىياسىيونلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئېڭىغا سىڭگەن تارىخىي ئىللەتلەردىن بىرى ئىسراپخورلۇق ،بەتخەجلىك ئىدى . يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلىرىدىكى بۇ چاكىنىلىقلار ،كۆپلىگەن پۇقرالارغىمۇ يامان رېئاكسىيەلەرنى كۆرسەتمەي قالمىدى .شۇڭلاشقىمۇ بۇنداق يىرگىنىشلىك ئەھۋاللار ئىسلام ئالىمىدە ئۇزاق ئەسىر داۋام ئېتىپ ، تالاي ئىنسانلارنىڭ ئازغانلىقىنى ،ۋەيرانلىقنى ،يېتىم ـ يېسىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ...كەلتۈرۈپ چىقاردى . 13ـ ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىدىكى مەنىۋى بىتاپلىقنىڭ مۇقەددىمە قوڭغىرىقىنى  تۇنجى بولۇپ ئابباسىلار سۇلالىسى ياڭراتتى . ئۇ پەيتتە ئابباسىلار نەسەبىنىڭ بايلىقى تاغدەك دۆۋلىنىپ ،ھۆكۈمرانلار ھەددىدىن زىيادە بەتخەجلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇلچىلار ، سازەندىلەر ،ئوردا شائىرلىرى ۋە ئوردا تېۋىپلىرىغا ناھايىتى كۆپ پۇل بېرىش ئارقىلىق ، ئۇلارنى سېتىۋالاتتى .سېتىۋىلىنغانلار خوجايىنلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشى شەرت بولۇپ .ئېگىلىرىنى قانچە كۆپ مەدىھىيەلىسە شۇنچە جىق بايلىققا ئېرىشەتتى . تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،باغدادلىق مەشھۇر يەھۇدىي نەسلىدىن بولغان شائىر مەرۋان بىن ھەبىب ھەئۇ سەي ( 798ـ 821) بىر پارچە شېئىر ئوقۇپ ھارۇن رەشىىدنى مەدھىيەلىگەن ،بۇ شېئىرنىڭ شۆھرىتى شۇنچىلىك چىقىپ كەتكەنكى .بۇ شۆھرەت ئاشۇ دۆلەت ئاتىسىنىڭ ئوردا شائىرىغا 100مىڭ دەرھەم مۇكاپات بەرگەنلىكىدىن بولغان ئىدى . باشقا بىر شائىر بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئېيتقاچقا ،ئۇمۇ 100مىڭ دەرھەم نائىل بولغان .يەنە بىر ناخشىچى مەلۇم بىر ئاخشىمى، خەلىپە(809ـ813 )گە بېغىشلاپ شائىر ئىسھاق مۇسسىل يازغان مەلۇم ناخشىسىنى ئورۇنداپ بەرگىنى ئۈچۈن ،خەلىپە ئۇنىڭغا 100دەرھەم بەرگەن . خەلىپە ئەمىننىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پەزىلە ئىسىملىك بىر ئايال ناخشىچى ،نۇرغۇن ئالتۇن ـ كۈمۈش بىلەن مۇكاپاتلانغان .
مەئىمون ئەرەب ئىسلام تارىخىدا ‹‹ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى روھىي››نىڭ نامايەندىسى ،بىراق ئۇ چەكتىن ئاشقان بەتخەج پادىشاھلاردىن بولغان . يازما مەنبەلەردىن قارىغاندا ،ئۇ ‹‹بىر سائەت ئىچىدە 24مىليون دەرھەم خەجلىۋەتكەن ›› لىكى ... مەلۇم . بۇ دەۋرلەردە پۇلنىڭ سۇدەك خەجلىنىش ھادىسىسى پەقەت ، ئەمەلدارلار ئارىسىدىلا ئىنتايىن كۆپ ئەۋج ئالغان .بۇنىڭ ئەكسىچە ‹‹تۆۋەن قاتلام خەلق ،مەرىپەت ئىگىلىرى ،ئىلىم ھامىيلىرى يەنىلا يوقسۇزچىلىق ،نامراتچىلىق ئىچىدە قاق سەنەم بولۇپ ››ياشىغان . داڭلىق شائىر ئەبۇل ئەللامۇل ئەلى (973ـ 1057) نىڭ باغدادتا جان باقالماي ،يۇرتى مۇئەلگە قايتىپ غۇربەتچىلىكتە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر .ھەممە جايدا ئەيش ـ ئىشرەت ، ناخشا ـ ئۇسۇل خۇمارلىق  ئەۋج ئالغان.ئەرەبلەر يىراقتىن ئەلچىلەر كەلسىمۇ ئۇلارنى ئۇسۇل ئويناپ كۈتۈۋالغان، ھەتتا دۈشمەنلىرى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۇسۇل ۋە ناخشا بىلەن تەسىرلەندۈرمەكچى بولغانلىقى مەلۇم ...بىراق ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ،ھەتتا ئەھۋال ئېغىرلىشىپ شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى ،ئۇسۇل ۋە ناخشا بىلمەيدىغانلار ئادەم قاتارىغا كىرمەيدۇ دەپ قارىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار ناخشا ـ ئۇسۇل بىلەن شۇنچىلىك بىخۇتلاشقانكى ،ئەرەب خەلىپىلىرىمۇ خەلقنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مەغۇل قىلىپ باشقۇرسا ، ئۈنۈمىنىڭ  ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان ... دۆلەت ئاتىلىرى ئۇرۇق ـ  تۇغقان ، بالا ـ چاقىلىرىنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىنى پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرىدىكى داڭلىق ناخشا ـ ئۇسسۇلچىلارنى ئوردىغا يىغىۋېلىپ ، ھەشەمەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكەن . ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى بۇ خىل يىرگىنىشلىك ھالەت ئۈچىنچى قارار خەلىپە مەھىدىنىڭ ۋاقتىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن .مەھىدى ھارۇن رەشىدنىڭ تويىنى ئۆتكۈزگەندە ،بۇ تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ،ئالتۇن ـ كۈمۈشلۈك سوۋغاتلارغا ئىگە بولغان ..ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋەزىر ،تۆرىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھەشەمەتچىلىكتە بىر ـ بىر بىلەن بەسلەشكەن .
مىلادى 825ـ يىلى ،9ـ ئاي (رامىزان ئېيى ) دا ، خەلىپە مەئىمىنوننىڭ توي كېچىسى، كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ بەس ـ مۇنازىرە قىلىدىغان چوڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان .شۇ توي كېچىسىدىكى مەئىمىنون بىلەن ئۇنىڭ باش ۋەزىرى ھەسەن بىن سەيىھىلىنىڭ 18ياشلىق قىزى بۇللانىڭ تويىدا پۈتۈن ئوردا ئىچى ۋە سىرتى ھەشەمەتلىك قىلىپ كاتتا بېزەلگەن .بۇ تويغا 52مىليون دەرھەم خەجلەنگەن ،يەنى بۇ پارس ( ھازىرقى ئىران دۆلىتى) ۋە ‹‹ئەھۋاس ››تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۇستەملىكە دۆلەتتىن چىقىدىغان بىر يىللىق يەر بېجىدىن كېلىدىغان كىرىم بىلەن تەڭ ئىدى . شۇ كېچىسى ئوردىدىكى دىدەكلەر كۆتۈرگەن چوڭ ئالتۇن پەتنۇسقا 1000دانە گۆھەر سېلىنغان ئىدى . سۇلتان بۇلارنى چاچقۇزۇپ ئاندىن تېرىتىپ ، يېڭى كېلىننىڭ بوينىغا ئاستۇرغان .
ھادى ۋە رەشىت تەختكە ئولتۇرغاندا ، بۇ بېغەملەشكەن دۇنيا ئۇسۇل،  نەغمىگە شۇنچىلىك بېرىلگەنكى ،بۇ ھال پۈتۈن ئەرەبلەردە تاڭ قالغۇدەك دەرىجىدە ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلانغان .ھارۇن رەشىت نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بىر ئەلنەغمە ئورنى ( ئىشرەت سارىيى ) سالدۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نامىنى قويغان . ..
يۇقىرىقىدەك كۆپلىگەن ئىسلام سىياسىيونلىرى ،دۆلەت پاسىبانلىرىنىڭ  مۇشۇنداق سەۋەنلىكلىرى تۈپەيلى ،ئىسلامىيەت جۈملىدىن ئەرەب ئىسلام دۇنياسى 1258ـ يىل موڭغۇللارنىڭ دەھشەتلىك قوشۇنىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ،موڭغۇللار بۇ ئىشرەتخور قەۋىمنى بولۇپمۇ مەركىزى پايتەخت باغداتنى ۋە سودا مەركىزى شامنى تامامەن ۋەيران قىلغان ... خەلىپە ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۆتتىن ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلىنىپ ، پارچىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ...پەقەت مىسىر مەملۈك سۇلالىسىنىڭ قىپچاق ـ تۈرۈك نەسلىدىن بولغان سەركەردىسى بايباراس ،چەۋەندازلارغا باش بولۇپ قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ ،چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكونىڭ قوشۇنلىرىغا مىلىدى 1259ـ يىلى نىل دەرياسىدىن ئۆتۈش ئىمكانىيىتى بەرمىگەن ۋە دۈشمەننى ئارقىغا چېكىندۈرگەن . ھىلاكۇ شۇ مەغلۇبىيىتى تۈپەيلى ئىراقتا ‹‹ئىلىخانلار ھاكىمىيىتى ››نى قۇرۇپ ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن يانغان .بايبارسنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، ئۇ دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلەتتى .بۇ ياش قومانداننىڭ ياۋغا قارشى جەڭ قىلغان پەيتى ،ئۇنىڭ مىسىر سۇلتانى بولمىغان چېغى ئىدى .ئۇرۇش ئەڭ ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە ،مىسىرنىڭ ئەرەب سۇلتانى ھەرەمخانىسىدا ئەيش ـ ئىشرەت ،ئۇسۇل ، نەغمە ـ ناۋا بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى ... موڭغۇللارنىڭ ياۋروپا ئەھلى سەلىپچىلەر بىلەن بىرلىشىپ مىسىرغا قىلغان ھۇجۇمىنى بايبارىسنىڭ چېكىندۈرگەنلىكىنى بىلگەن سۇلتان ،ھاكىمىيەت تايىقىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ ، بايبارسنى  سۇلتانلىققا تەكلىپ قىلغان ئىدى .
ئەرەبلەردىكى ناخشا ۋە ئۇسۇل خۇمارلىق كېيىنچە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە تېزلىكتە كېڭىيىپ ئۇلارنىڭ چۈشكۈن تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمغا ئايلىنىپ قالغان .
بۇلاردىن باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلىرىدىمۇ بۇنداق ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرىنىڭ يېتەرسىز ئالامەتلىرىمۇ نۇرغۇن : ئۇيغۇرلار قۇرغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ پاجىئەلىك بولۇشىمۇ ، ئۇيغۇرلاردىكى دۆلەت باشقۇرۇش تەدبىرنىڭ چولتىلىقىدىن دېيىشكە بۇلاتتى . شاھ مەھمۇد جۇرۇس يازغان ‹‹ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار ›› دا يېزىلىشىچە ،سەئىدى خاننىڭ ‹‹ سوپىلىق جەندىسىنى كىيگەن ، ھەزرىتى ئەزىزلەرگە ››گە ... ‹‹مەختۇم ئەزەم ›› ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ‹‹ئىشانلارغا قول بېرىپ ،مۇرىت بولغانلىقى ›› ۋە بۇ كۇلا ـ جەندە ئەھىللىرىنىڭ دۆلەت سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشتە ئۆزى بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇپ ،ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ... سەئىدخاننىڭ مۇشۇ سەۋەنلىكى تۈپەيلى كېيىنكى ۋاقىتقا كەلگەندە مەختۇم ئەزەمدەك چۈپرەندىلەرنىڭ ئىشانلىق ئەقىدىلىرى سەئىدىيە خانلىقىنى چىرىتىپ ،ئىسمائىلخان دەۋرىگە كەلگەندە دۆلەت قانۇننىڭ رولىنى تامامەن چىرىتىپ  تاشلىغان .
قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىمۇ  ئۆزىمىزدىكى مۇشۇ خىل يېتەرسىزلىكلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ: ‹‹ سۇلالە سەردارلىرى بىلەن قارىخانىلار غوجىدارلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ، شەرقي سۇلالىلەر بىلەن غەربىي سۇلالىلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ، دەھرىي ھاكىمىيەت بىلەن ،دىنىي ساھەلە ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ، سۇلالە بىلەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ سەركەردە ـ سەردارلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ››{ ‹‹قارىخانىلار تارىخىدىن بايان ›› 2006ـ بەت ، 2000ـ يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، ئاپتورى : ۋېي لىياڭ تاۋ } ، شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان پەرھات جىلاننىڭ ‹‹مەھمۇد قەشقەرى ››ناملىق رومانىنىڭ 309ـ بەتلىرىدە ‹‹سۇلايمان ئارسلان خان بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان ( ئاكا ـ ئۇكىلار ) ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش تۈپەيلى ››قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى .. . بۈيۈك ئاسترونوم ،ئالىم ، دانا سىياسىيون ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلى شاھزادە ئابلىتىپخان ،جىيەنى ئەبۇ سەئىدى مىرزا ...قاتارلىقلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىشى ،رەسەتخانىلىرىدىك ئىلمىي جاۋاھىراتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلىشى ...ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە شەكىللەنگەن نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشلار ... بۇندىن سىرت 15ـ ئەسىردە ھىراتنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت قۇرغان ھۈسەيىن بايقارا، ھاكىمىيىتىنىڭ خاتىمىسىگە قەدەم قويغاندا ،نەۋائىدەك ‹‹ئىلىم ئەھلىلىرىنى كۆزگە ئىلماس ›› بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم . مەنبەلەردە ئۇ توغرىدا ‹‹خۇراساندا قىرىق يىلغا يېقىن پادىشاھ بولۇپ ،پېشىندىن كېيىن ئىچمىگەن كۈنى يوق ئىدى ... ھەددىدىن ئارتۇق ئىشرەت ۋە پاسىقلىق بىلەن مەشغۇل ئىدى ... شۇ سەۋەبلىك بۇ دۆلەت ھالاكەتكە يۈزلەندى .›› { ‹‹ ئەلشىر ناۋائى ›› ،35ـ بەت ، ئاپتورى : ئەسئەت سۇلايمان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002ـ يىل 8ـ ئاي } دېيىلگەن .مۇشۇنداق مەنىۋى يىمىرلىشلەر تۈپەيلى ،ھىرات كېيىنكى چاغلاردا ئىچكى نىزا پاتقىقىغا پاتقان ،ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن . بۇ تىراگېدىيەلەرگە يەنىلا قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ سىياسەت ئىلىمى دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە دۆلەت ئىگىلىرىنىڭ ئىستېداتسىزلىقى تۈپ سەۋەب بولغان . سەئىدىيەنىڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرىدىن قانخور ئابابەكرى خان ۋە قوقان خانى خۇدايارخانلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى زوراۋانلىقلىرى ... ۋەلىخان تورىنىڭ قەشقەردە ‹‹ئادەم بېشىدىن مۇنار ياسىشى ››، ياقۇپ بەگنىڭ خوتەندە بىگۇنا خەلققە قارىتا ئېلىپ بارغان ‹‹قەتلىئام ›› لىرى ، پۈتۈن قەشقەر ،خوتەندىكى قاسساپلارنى ئېلىپ كېلىپ ،خوتەندە ئۆزىگە قارشى تۇرغان ـ تۇرمىغاننىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇق بېرىشى ( بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە 40مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ) ... بۇلارنىڭ بەرى ، ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى گۈللەنگەن دەۋرلەردىن كېيىنكى ھۆكۈمدارلىق كەمتۈكلۈكىنىڭ بىر تىمسالىدۇر .
بۇنىڭدەك مەنىۋى ۋاكوملۇقلار تا يېقىنقى دەۋرگىچە ،ھەتتا ھازىرغىچە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە . 19ـ ئەسىرگە قەدەم قويغاندا ، بۇھال ئىراندەك چوڭ تارىخى ئۇزۇن بىر دۆلەتنىمۇ غەربكە بېقىندۇرۇپ قويدى . بۇ ئەسىردە رۇسىيە ،ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىرانغا بېسىپ كىردى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم قاتناش ـ تىرانسپورت ،تاموژنا تۈگۈنلىرىنى ،دېڭىز پورتلىرىنى ... زورلۇق كۈچى بىلەن ئىگىلىۋالدى .نەتىجىدە ئىران دۆلىتى مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەيى ۋە مەبلەغ سېلىش ئورنى بولۇپ قالدى ... بۇ قانلىق پاجىئەگە شۇ دۆلەتلەردىكى كاللىسى قۇرۇق فېئوداللار ،بىغەم سىياسىيونلار سەۋەبچى بولغان ئىدى ... بۇ ئىلىمسىزلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىران 20ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىران تامامەن رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى . 19 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمدا ئاتاقلىق دېموكراتىزمچى ،مۇتەپەككۇر مىرزا پاتالى ئاخۇندوۋ ( 1878ـ 1812) جەڭگىۋار قەلىمى بىلەن ، تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى ،قۇلچىلىق ئىدىيەسى كۈچلۈك قورچاقلارنى سۆكۈپ تاشلىدى .خەلق ئاممىسىغا قارىتا ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ زور بۆلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش شوئارىنى تەشەببۇس قىلدى ... بىراق يېڭىلىققا قارشى تۇرىدىغان،  دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان قورچاق ھۆكۈمەت ھاممىلىرى ئۆز قېرىنداشلىرىنى ،مىرزا پاتلىدەك ئەزىمەتلىرىنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىدۇ ...
1979ـ يىلى ‹‹پادىشاھقا قارشى كۈرەش ›› بىلەن داڭ چىقارغان ھۇمەينى ،ئۇزاق ۋاقىتلىق سەرگەردانلىق ھاياتىدىن كېيىن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ،ئىسلام ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىدۇ . ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر قاتار ‹‹ئىسلاھات ›› لار ئېلىپ بېرىلىدۇ .ھۇمەينى تىكلىگەن ‹‹ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ›› ،‹‹قۇرئانى كەرىم ››نى ئاساسلىق دۆلەت قانۇنى قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس دەستۇرىدىكى ‹‹ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار ›› { ‹‹قۇرئانى كەرىم ›› ، سۈرە بەنى ئىسرائىل ،33ـ بەت } دېگەن ئەھكاملارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ . بۇنداق سىياسىيونلاردىكى ئازغۇنلۇق ،ئىككى ئورتاق دىنغا ئىگە دۆلەتلەردىن ئىران بىلەن ئىراقنىڭ مۇشۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن ،ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەڭ قانلىق ئۇرۇشىدا گەۋدىلىك كۆرىلىدۇ . ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدا ھېچقانداق تالاش ـ تارتىش قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىدى . بۇ پەقەت ئىككى مۇسۇلمان دۆلەت رەھپەرلىرىنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئىككى كاتتىباش ئۆز دۆلەت قانۇنلىرىنىڭ ئەكسىچە ،ھەممىنى بىراقلا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولدى . ھەتتا ھۇمەينى :‹‹ئامېركاچوڭ شەيتان ›› ، ‹‹بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى كىچىك شەيتان ›› دەپ جار سالدى . بۇنىڭ بىلەن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىرانغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدە بولدى .
ئىسلام ئالىمىدىكى بۇ يوقىلاڭ ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق باشلاندى .بۇ 80ـ يىللاردىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئىدى 9ـ ئاينىڭ 22- كۈنى ئىراق 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى . بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمىلى كۈچى تەڭ بولغاچقا بۇ خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلاندى . بىكاردىن ـ بىكارغا بۇ ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتى سانسىزلىغان بىگۇنا ئاممىنى ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇردى .سوۋېت ئىتتىپاقى ‹‹ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىغۇچى دۆلەت ›› بولۇۋېلىپ ، ئىككىلي دۆلەتكە ئاستىرتتىن قۇرال ساتتى . ‹‹ئۆزىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇش ›› تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سالدى . ھۇمەينى بىلەن سادام باشقىلارنىڭ بۇ سىياسىي نەيرىڭىگە ھەدەپ ئۇسۇل ئوينىدى . .. رۇسلار 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئېشىپ قالغان ۋە ئولجا ئالغان كونا قوراللارنى ئۆزلىرىمۇ قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالغان بىر پەيتتە ، بۇ ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتىگە سېتىپ بىر تەرەپ قىلىشىدىكى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى ھەم رۇسلار زور پايدىغا ئېرىشتى . بىھۇدە ئۇرۇش تۈپەيلى ئىككى دۆلەت سانائەت ، يېزائىگىلىك ... جەھەتتە تامامەن 40 يىللىق ھالىدىن كەتتى .ئىران ۋە ئىراق ئۇرۇشى ئەرەب ۋە پارس سىياسىيونلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ،سىياسەت ،ئىنسانپەرۋەرلىك غايىسىنىڭ نەقەدەر چاكىنىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى ...
بۇ توغرىدىكى ئەمىلى مىساللار ،ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرى سىياسىي سەھنىسىدىمۇ تالايلاپ  ئۇچرايدۇ : ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈرۈكمەن باشى ـ سەپەر مۇرات نىيازوف 1990ـ يىلى دۆلەت زۇڭتۇڭى بولغان .بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنى ‹‹مەڭگۈلۈك دۆلەت ئاتىسى ـ تۈركمەنىستان پادىشاھى ›› دەپ ئاتىشى ، پۈتۈن سىياسىي ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى ،ئەلگە دېموكراتىيە ،ئەركىن سايلام ھوقۇقىنى بەرمەسلىكى ،ئاخبارات ئەركىنلىكىنى بوغۇشى ... ئۆز خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ ،ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئوكرانىيە دۆلەتلىرىدىن 2005ـ يىلنىڭ بېشىدا كۆپلەپ ھەربىي قوراللارنى سېتىۋېلىشى ... قىرغىز زۇڭتۇڭى ئاسقار ئاقايېۋنىڭ 2004ـ يىللىق سايلامدا يېڭىلىپ ،ئۆز سىياسىي رەقىبلىرىگە ئاستىرتتىن ھۇجۇم ئورۇنلاشتۇرۇشى ،ئەركىن مەتبۇئاتنى ،نامايىش قىلىشنى چەكلىشى ... قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايۇفنىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى ۋە سايلامدا ئۆزى بىلەن رىقابەتلەشكەنلەرنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرىشى ... ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموفنىڭ خەلق دېموكراتىيىسىنى چەكلىشى ،خەلق مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹ئەرك دېموكىراتتىك پارتىيەسى ››رەھبەرلىرىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىشى ھەم بىر قىسىم نامايىشلارنى قانلىق باستۇرۇشى ... تاجىكىستان زۇڭتۇڭى ئىمام ئەلى راخمانوفنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن ئاللاھ قاچان چىقىپ كەتكەن روس ئەسكەرلىرىنى قايتا چاقىرىپ كېلىپ ،دۆلىتىنى يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويۇشى... ھازىرقى ئىران رەھپەرلىرىنىڭ دۆلىتىدە ئوتتۇرا ئەسىر ھاكىمىيەت تۈزۈمىنى قوللىنىشى ... ۋە ئۆز دىننى قېرىنداشلىرى ، قوشنىسى تۈرۈكلەر بىلەن دۈشمەنلىشىشى . ‹‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان ››تۈرۈكلىرىنى ،تۈركمەنلەرنى قاتتىق باستۇرۇشى ،ئۇلارغا ھېچقانداق ھوقۇق ،ئەركىنلىك بەرمەسلىكى ...ھازىرقى ئەرەبلەرنىڭ 20دىن ئوشۇق دۆلىتى بولسىمۇ، 300 مىليوندىن ئوشۇق نوپۇسى بولسىمۇ ،تېخىچە بىرلىككە كېلەلمەي ،نوپۇسى 4ـ 5 مىليون كەلگۈدەك ئىسرائىلىيەگە بوزەك بولۇشى ، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرالماسلىقى بۇلارنىڭ بەرى ئىسلام ئالىمىدىكى ھاكىمىيەت ،سىياسەت دۆلەت ...چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يېتەرسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ بىر سالقىن مەنزىرىسى .
مۇسۇلمانلار جامەسىنىڭ قالاق ھالەتتە قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەردىن يەنە بىر ،ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئىناق بولماسلىقىدۇر . ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان ئەرەبلەردە ، قەبىلە ۋازلىق ،تەبىقە ۋازلىقنىڭ يىلتىزى خېلىلا چوڭقۇر بولۇپ .ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئافرىقا ،ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بەرى ،ئاشۇ قەبىلىلەر ئايرىمىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان . ئۇلار بۆلۈنۈشىنى ئەۋزەل بىلىشتەك يېتەرسىزلىكلىرى تۈپەيلى ، غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرگە بېسىنچاق بولۇپ قالغان . ئىلگىرى ئەرەبلەر گۈللەنگەن دەۋرلەردە سانى ئاز ،قوراللىرى ناچار تۇرۇپ، دۇنيادا قۇدرەتلىك سانالغان رىم ئېمپىريىسىنى ھالاك قىلغان .مۇندىن مىڭ يىل ئاۋۋال ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ تالاس دەرياسى بويىدا قۇدرەتلىك تاڭ سۇلالىسىنىڭ زور قوشۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ ،ئۇلارنىڭ 1000يېقىن ئادىمىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى پايتەختىگە يېتىۋالالىغان ... بۇنى ئەلۋەتتە شۇ چاغلاردا ئەرەبلەرنىڭ ھەمدەملىك ـ ئېتىقاد ئاساسىغا قۇرۇلغان بىرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى . ئاشۇ دەۋرلەردە ئەرەبلەر يەھۇدىلارنى باش كۆتۈرگىزمىگەن ئىدى ... بىراق ھازىر ئەھۋال تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ . ئەرەب دۇنياسى ھەتتا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كىچىك دۆلەتلەر ئالدىدىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ،ھەربىي ،مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى .ئىناقسىزلىققا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ،ئۇلاردا مىللىي روھ چۈشەنچىسى تولىمۇ كەم . شۇڭلاشقا ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە... قاتارلىق مۇستەملىكىلەرنىڭ تەسىرىدىن  ،يەنى سىياسىي تەسىرىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلغان ئەمەس . ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسمى رۇسىيەنى ،بىر قىسمى شەرقتىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنى ،يەنە بىر قىسمى ئىران ۋە ئامېرىكىنى ياقىلايدۇ . ئۇلار ھامان مۇشۇ دۆلەتلەر بىزگە ھامىي بولالايدۇ دەپ قارايدۇ . ئۇلاردا ئۆزلىرىدىكى قۇدرەتكە ئىشىنىش  تۇيغۇسى يېتەرسىز بولغاچقا ،‹‹ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قولىدىدۇر ›› { سۈرە ياسىن ،83ـ ئايەت } دېگەن مىزاننى ئۇنتۇپ قېلىشقان .ئۇلارچە ئۇلارنى بىردىنبىر قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان نەرسە ،ئەرەب مىللىي روھى بولماستىن ،بەلكى ئەرەب نېفىتلىرىگە كۆز تىككەن ‹‹كۈچلۈك غەرب››لىكلەردۇر .
2004ـ غەربلىكلەر ئىراققا باستۇرۇپ كەلگەندە ،ئىراق ئارمىيەسى بۇندىن 40ـ 50يىل ئىلگىرىكى رۇسىيەدىن نېفىتكە تېگىشىپ ئالغان كونا قۇراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ .ئۆزلىرىنىڭ غەرب ئالدىدىكى تولىمۇ ئاجىز مەۋقەسىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى .ھەتتا ئىراق ئەسكەرلىرى ئاشۇ كونا قۇراللار بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى كۇۋەيت ئەرەبلىرىگە تاجاۋۇزچىلىق يۈرگۈزۈپ ، ‹‹جاھاندا ئۆزىدىن قۇدرەتلىك دۆلەت يوق ››دەپ جار سالغان ئىدى . ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئۇنى ئاستىرتتىن كۈشكۈرتۈۋاتاتتى .ئىراق ھۆكۈمدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز قېرىنداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى بىلگەن بىلەن ،تارىخى دۇشمىنى ئىسرائىلىيەگە ھېچقانداق قۇرال ئىشلىتەلمىدى . مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ ھە دەپ غەربكە خۇشامەت قىلىشنى ئەرەبلەردىن ئۆگىنىپ ،ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋەتكىنى بىلەن .غەرب بۇ دۆلەتلەرنىڭ پەقەت نېفىت ۋە خام ئەشيالىرىغا قىزىقىپ ،ئۇلارغا ھېچقانداق چوڭ بىر سانائەت زاۋۇتلىرىنى قۇرۇش ئاساسىدىكى مەبلەغلەرنىمۇ سېلىپ بەرمىدى .ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشنا بولغان چوڭ دۆلەت ئىران ، باشقا دۆلەتلەردىن كۆرە دىنىي قېرىندىشى تۈركىيەدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ . چۈنكى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ‹‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان ››دىكى 20مىليونغا يېقىن ئەزەرلەر  ،ئىران شەرقىي شىمالىدىكى تۈركمەنلەر تۈركىيە تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن . چۈنكى ئۇلار ئۆز ئارا قانداش خەلق .شۇڭا ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنى دەي ـ دەيگە سېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىگە ئەمەس ، بەلكى ئۆز ئىچىدىكى ئىنسانلىق مىللەتلەرگە ،ئەتراپىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاجىز دۆلەتلەرگە زوراۋانلىق قىلىشقا ئىمتىيازلىق ... بۇ دۆلەت سىياسىيونلىرىغا ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان ھاكاۋۇرانە ھوقۇقنى ،ئاستىرتتىن كۈشكۈرتۈپ ئەرەب ـ تۈرۈك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارشى قويۇۋاتقان ‹‹ئاكا دۆلەت ››رۇسىيە بەرگەن ، چۈنكى رۇسىيەنىڭ كونا قۇراللىرىنى پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدىغان بىردىن بىر چوڭ دۆلەت ئىراندۇر .ئىران مىللىتارىسلىرى ،دۆلەت بېشىدىكى موللىلار ... مۇشۇ ئەمەلدىن قالغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ۋە خەلقىنى ئالداپ ،دۇنيا خەلقى ئالدىدا بىر ‹‹ قەغەز يولۋاس››قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېچقاچان سەزگەن ئەمەس .شۇڭلاشقا رۇسىيە بۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنى كۈشكۈرتۈپ ،سوۋېت ئىتتىپاقىدىن  قالغان كونا ھىلە بىلەن ،ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىش ئۈچۈن ، ‹‹يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىمىز ›› دېگەن بانادا ، ئۇنى بىر يادرو دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ ،دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىنى بۇراپ ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيەلىك  ھوقۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلماقتا .تۈركىيە سىياسىيونلىرى ئىراننىڭ بۇخىل تۇيۇق يولىنى ئالدىن سەزگەچكە ،ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىپ ئۆزىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتىدۇ .بۇلارنىڭ بەرى ،ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىناقسىزلىقىدىن، باشقىلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالىدۇر .
ھازىرقى ئىران – پارىسلىرى ئۆزلىرىنى ، بىز ئىسلام ئالىمىدە بىرىنچى سەركەردە ،تارىخىمىز ئۇزۇن... چوڭ دۆلەت دەپ قارايدۇ .ئەمما ئۇلار پەقەت ئېلىمىزدىكى  تۇڭگانلارنىلا بىر مەزھەپ بولغىنى ئۈچۈن ھەقىقىي مۇسۇلمان دەپ چۈشىنىدۇ . ..سالا ،ئۇيغۇر ، قازاق ،تاتار ... مۇسۇلمانلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئەدىبلەرنى مەنسىتمەيدۇ .ئۇلارنىڭ مەزھىپىدە بولمىغان ھەممە مۇسۇلمان ‹‹غەيرى مۇسۇلمان››دۇر .بۇ قاراشلار ئۇلار دۆلەت قانۇنى دەپ قارايدىغانلا مۇقەددەس كالامدىكى ‹‹ئى مۆمىنلەر ! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋىمنى ( بىر جامە ،يەنە بىر جامەنى ،بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ) مەسخىرە قىلمىسۇن ››{ سۈرە ھۇجۇرات ،11ـ ئايەت } دېگەن ئايەتلەرگە تامامەن زىت كېلىدۇ .
90ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ،ياۋروپادىكى جەنۇبىي سىلاۋيانلار ‹‹يۇگوسلاۋىيەگە ››سېرىپلىرى رۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن دۆلەت چېگراسى ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئالبانلارغا ئىرقى قىرغىنچلىق ئېلىپ باردى .بۇنىڭ بىلەن ‹‹كوسوۋو                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                                       مۇسۇلمانلىرى ››نىڭ ھەقىقىي سەرگەردانلىق ھاياتى باشلىنىپ ،پۈتكۈل ياۋروپادا مۇساپىر مۇسۇلمان ئالبانلارغا ياردەم كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتكەندە. پەقەت تۈركىيە بۇ سانى كۆپ ھەم ئېغىر كۈندە قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا مىليونلاپ پۇل ،ماددىي ياردەم كۆرسەتتى ھەتتا ئۇلارغا ئولتۇراق يەر ئاجرىتىپ بەردى ... بىراق باشقا ئۆزلىرىنى چوڭ سانىغان ئەرەب ، ئىران ،ئافرىقا ... مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن قورقۇپ ياردەم قولىنى سۇنالمىدى ... ھەتتا بەزىلىرى بىر مىللەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇشتى .
مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ۋەقە كاۋكازىيەدە روي بەردى . دادايېف باشچىلىقىدا چېچىنلار ئۆز ئەركى ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلدى . دادايېفتىن كېيىن ئۇلارغا ئارسلان ماسخادوف سەردار بولۇپ ،رۇسىيە تەۋەسىدە ‹‹4 يىل مۇستەقىل ›› بولدى ... بىراق روس ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئۇلارغا ۋەھشىيانە باستۇرۇش ئېلىپ باردى .بۇ قىرغىنچىلىققا پەقەت ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراز بىلدۈردى ھەم بۇ دۆلەتلەردە روس ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىشلار ئەۋج ئالدى .تۈركىيە غەرب باشلىقلىرىنى ئىستانبۇلغا يىغىپ چېچىنىيە مەسىلىسىنى تىنچ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلماقچى بولدى . لېكىن ئامال بولمىدى .رۇسىيە خەلقئارا قانۇنغا پىسەنت قىلماي ،كاۋكازدىكى زوراۋانلىقىنى داۋام قىلدۇرىۋەردى  .باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ قانلىق قىرغىنغا قارشى بىرەر ئورۇندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ياكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يىغىلىش ـ مۇنازىرىمۇ بولمىدى ... بەلكى ئەرەبلەر ، ئىرانلىقلار ، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ، پاكىستانلىقلار ...مۇشۇنداق چوڭ ۋە ئەڭ سەزگۈر دۇنياۋى مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ،ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى .قازاقىستان ،ئۆزبېكىستان ... قاتارلىق دۆلەتلەر ‹‹رۇسىيەدىن خۇدۈكسىرەپ ›› مۇساپىر چېچىنلارغا پانا بېرىشتىن باش تارتتى .
ئىسلام ئالىمدىكى ئىجتىمائىي چېكىنىشلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى : ئۇلارنىڭ ئىلىم ـ پەننى تازا دېگەندەك راۋاج تاپقۇزمىغانلىقى  .بولۇپمۇ ماددىي ئەشيا ـ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرى ،جۈملىدىن يېزائىگىلىك ،يېنىك سانائەت ـ ئېغىر سانائەت : ماشىنىسازلىق ،ھەربىي ئەسلىھە ،دۆلەت مۇداپىئەسى ...دەك چوڭ ئىشلاردا زامانىۋىلىشىش قەدىمىنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىدۇر ...‹‹ئەگەر سىلەر راستتىنلا بىلسەڭلار غەلپەتتە قالماڭلار .››{سۈرە تەكاسۈر ،5ـ ئايەت } دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئەكسىچە ،كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىلمۇ ـ ئېرپان، زامانىۋىلىشىشتىن ھازىرغىچە ‹‹غەلپەتتە ››قالغان .ئۇلار ھەيدەيدىغان ماتورلۇق بۇيۇملار ،ئىشلىتىۋاتقان ئېلېكتىر  سايمانلىرى ،ھەربىي ،دۆلەت مۇداپىئە سانائەت ئەسلىھەلىرى ،قاتناش ـ تىرانسپورت ۋاسىتىلىرى ... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى غەرب ئەللىرىدىن سېتىۋالىدۇ . بۇ تەييار تاپ دۆلەتلەر ئاساسلىقى غەربنى خام ئەشيا بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .بىرلا سەئۇدى  ئەرەبىستانىغا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا ، ياپونىيە ۋە كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدۇر  .بۇ دۆلەتلەرگە ئەرەبىستان نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان بولۇپ ،ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ %95 نى تەشكىل قىلىدىكەن . غەربتىن ئەرەبىستانغا ئىمپورت قىلىنىدىغىنى ئېغىر تىپتىكى سانائەت ، ئېلېكتىر بۇيۇملىرى . ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى ،تىرانسپورت ،بىناكارلىق قوراللىرىدىن تاشقىرى ،يېمەك ـ ئىچمەك ،كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ...دۇر .ئىرانمۇ  ئىسلام ئالىمىدىكى چوڭ دۆلەت بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ سانائىتى ۋە يېزا-ئىگىلىك تەرەققىي قىلمىغان . ئىراننىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن يەر كۆلىمىنىڭ ئاران % 10 تەشكىل قىلىدىكەن ،دائىم غەربتىن ئاشلىق ئىمپورت قىلىدىكەن . ئېكسپورت قىلىدىغىنى پەقەت نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىكەن .
1998ـ يىلى 9ـ ئايدا جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹دۇنيا خەرىتىسى قوللانمىسى ›› ناملىق كىتابتا ،مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان يېزائىگىلىك ،سانائەت ... ماددىي مەھسۇلاتلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇنداق بېرىلگەن : (قىسقارتىلدى )
‹‹پاكىستان››: ئەنئەنىۋى قالاق يېزا ئىگىلىك دۆلىتى . ئېكسپورت قىلىدىغىنى پاختا ، پاختا توقۇمىچىلىق ئەشيالىرىدۇر .
‹‹ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ››، زۆرۈر دائىم ئىشلىتىدىغان يېزائىگىلىك ۋە سانائەت ...مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ .ئىقتىسادى پەقەت گاز ۋە نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدۇ .
‹‹ئومان سۇلتانلىقى ››:بارلىق ئىقتىسادى كۈچى نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ .يېزا ئىگىلىكىدە پەقەت چىلان ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قۇرۇق بېلىق .سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان .
‹‹يەمەن جۇمھۇرىيىتى ››: بۇ دۆلەتتە تېخنىكىسى تەرەققىي قىلمىغان چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ .
‹‹ئىيوردانىيە پادىشاھلىقى ››: تەرەققىي قىلمىغان يېزائىگىلىك دۆلىتى .مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ،تاماكا سەي ـ كۆكتات ،مېۋە ـ چېۋە ،
‹‹سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى ›› :ئەنئەنىۋى يېزائىگىلىك دۆلىتى ...
‹‹سۇدان جۇمھۇرىيىتى ››: يېزائىگىلىك ۋە سانائىتى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلمىغان .
‹‹ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى ››: بۇ  دۆلەتتە كانچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئاساس قىلىدۇ .
‹‹ئەرەب سوتسىيالىستىك لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى ››: بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ% 99نى نېفىت ئېكسپورتى تەشكىل قىلىدۇ .
‹‹تۈركمەنىستان ››: بۇ دۆلەت ئاساسلىق نېفىتكە تايىنىدۇ .
‹‹ئۆزبېكىستان ››: بۇ دۆلەت يېزائىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشىدىكى پاختا ئېكسپورتىغا تايىنىپ ئىقتىسادىي ئېنېرگىيەنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .
‹‹قازاقىستان ››: كونا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مىراس قالغان تۆمۈر ـ تەسەك ،ياغاچ ماتېرىياللىرى ،كۆمۈر ... ئېكسپوىت قىلىشقا تايىنىدۇ .
يۇقىرىقىلارنىڭ  ھەممىسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تايانچ كۈچى بولغان ، ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپ چىقىرىشتىكى ئەمىلى ئەھۋالىدۇر . بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغىنى غەرب دۇنياسىنىڭ يۈكسەلگەن يېزائىگىلىك ،پەن ـ تېخنىكا ،سانائەت ...لىرىدىكى ئۆزگىچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدۇر .بۇلارنىڭ ئىلغار تېخنىكا بىلەن قوراللانغان يۈكسىلىش سۈرىتى ،ئىسلام ئەللىرىدىن ئالاھىدە خاسلىقلارغا ئىگە بولۇپ . بۇ ھال بۇ ئىككى مۇسىبەت ۋە مەنپىي قۇتۇپ ئوتتۇرسىدىكى ھاڭنىڭ ئاسمان ـ زېمىن ئىكەنلىكىنى بىزگە شەرھلەپ بېرىدۇ . ..بۇ ئوخشىماسلىقلارنى تۆۋەندىكى جانلىق پاكىتلار تېخىمۇ روشەن دەلىللەيدۇ :(قىسقارتىلدى )
‹‹بۇلغارىيە ››: كانچىلىق ، خىمىيە ، ئېلېكتىرون ،كېمىچىلىك سانائىتى تەرەققىي قىلغان ،يېزائىگىلىك ماشىنىلاشقان
‹‹بېلگىيە ››:تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتى .
‹‹ئاۋسترىيە ›› : سانائىتى ۋە يېزائىگىلىك تەرەققىي قىلغان .
‹‹نورۋېگىيە ›› :تەرەققىي قىلغان يېزائىگىلىك ،سانائەت دۆلىتى .
................................................................
يۇقىرىدا بىز ئىسلام ئالىمى بىلەن غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ،سانائەت ،يېزائىگىلىك بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتۇق .بۇلاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى ،ئىسلام ئالىمىدىكى تىراگېدىيەلىك كۆرۈنۈشلەر ،بولۇپمۇ بۇ دۆلەتلەردىكى نامراتلىق ،نادانلىق، ئاچارچىلىق ...نىڭ مەنبەيى ،تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرى ،ئۇلار تۇرغان مۇھىت تەرىپىدىن بەلگىلىنىپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇلارنىڭ ئىلىم ئېلىش مۇھىتنىڭ تۆۋەنلىكى ،تەربىيەلىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى يېزائىگىلىك ۋە سانائىتىنىڭ زامانىۋىلاشمىغانلىقى ،بۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىپتىدائىي شەكىلدە قالاق پېتى قالغانلىقى ...بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر . بىزنىڭچە بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى قالاق ، پەقەت ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشقىلا تايانسا شۇنداقلا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز دېگەندەك تەبىئىي نەرسىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالسا ،ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىدىن ئىلغار بولغان دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئۇ دۆلەت نامىدا ‹‹مۇستەقىل ›› سانالسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئاكتىپ ئورۇندىكى ئەللەرگە بېسىنچاق بولۇپ ،ھەقىقىي مۇستەقىللىق رولىنى يوقىتىدۇ . يەنى باشقا تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالمىسا ،پەقەت سىرتقا تايىنىدىغان ،ھەتتا ئۆز دۈشمىنىدىن ئۈمىد كۈتىدىغان ئاجىز دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ . ھازىرقى شارائىت ئىلىم پەننىڭ ئۇچقاندەك  يۈكسىلىشىنى ،بىر دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مىللىي قۇۋۋىتىنى مەدەنىيەت ،مەرىپەت ...ئىشلىرىدىن سىرت يەنە ھەربىي سانائەت ،ماشىنىسازلىق ئېلېكتىرون ، ئاۋىياتسىيە ،قاتناش سانائەتلىرىنىڭ ... تەرەققىياتىمۇ بەلگىلەپ قويغان . يۇقىرىقىلاردىن بىزگە مەلۇمكى ،ئىسلام ئالىمى بۇ جەھەتتە  پەقەت ئىستېمال قىلىدىغان ،ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان پاسسىپ زۇۋانغا ئايلىنىپ قالغان .
ئۇنداقتا بىزنىڭ كاللىمىزغا ئىسلام ئالىمى نېمە ئۈچۈن سانائەت تېخنىكىسىدا غەربتىن ئارقىدا قالىدۇ .؟ نېمە ئۈچۈن بۇلار ھازىرغىچە بۇ نۇقتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىدى ...؟دېگەن سوئاللارنىڭ كېلىشى تۇرغانلا گەپ .بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولسىمۇ ،ئۇنى مۇنداق نۇقتىغا جەملەشكە بولىدۇ : مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى دەستۇرىدا ‹‹تۆمۈرنى ياراتتۇق ،تۆمۈر كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار ››{ ‹‹قۇرئانى كەرىم ››، 57ـ سۈرە ھەدىس ،25ـ ئايەت .} دېيىلگەن .بۇ يەردە ئېيتىلغان تۆمۈر ئىككى خىل سىمۋوللۇق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ . بىرى، ئىنسانلار قەدىمدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ،قۇرال سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان تۆمۈرنى . يەنە بىرى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش رۇدا تاشلاردىن ئېرىتىلىپ ياسالغان باشقا ھەرخىل مېتاللارنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ‹‹تۆمۈر ››ـ مېتالغا تالاي سىرلار يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ،مەدەنىيىتى ،ئېتىقادى... ۋە باشقا ساھەلەردە ھازىرغىچە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە . شۇنى ئېيتىش كېرەككى ،ئاشۇ ‹‹تۆمۈر ـ مېتال ›› دىن ئىبارەت مۇھىم نەرسە ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تالاي رەت ئۆزگەرتىۋەتكەن ، يۈكسەلدۈرگەن ... ئەگەر ئۇ بولمىغاندا ھازىرقىدەك تەرەققىياتلار بولمىغان بۇلاتتى دېسەك ھېچ خاتالاشمىغان بولىمىز . شۇنداقلا ئۇنىڭسىز ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بارلىق سانائەت ،يېزائىگىلىك ، دۆلەت مۇداپىئەسى ...قاتارلىقلارنىڭ روياپقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇڭلاشقىمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ سانائەتنىڭ خۇرۇچى ،ئاساسىي ماددىسى ئاشۇ تۆمۈر ـ مېتالنى كەشىپ قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ـ تۇرانىيەلىكلەر ، ئەڭ بۇرۇن ئىنسانىيەت تارىخىدا تەرەققىيات ،مەدەنىيەت ... يارىتىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى .ئاشۇ تۆمۈر ـ مېتالنىڭ كۈچى بىلەن ئۇلار دۇنيادا تۇنجى بولۇپ يايلاق ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۇل تېشىنى تۇرغۇزغان . ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ جەڭدە كېرەك بولىدىغان قوراللارنى ،مىنىدىغان ئېتىغا كېرەك بولىدىغان تاقىلارنى ياسىغان.. . ئەگەر تۆمۈر ـ مېتال بولمىغىنىدا ،يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ،غەرب ـ شەرق ئارىلىقىدا بۇنچە چوڭ مەدەنىيەت ،ئىرىقى ئەبجەشلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان ،غايەت زور ‹‹ ئوچۇق ››مەدەنىيەت››نىڭ ئاساسىنى تىكلىيەلمىگەن بۇلاتتى .بۇ خەلقلەر ئاشۇنىڭ قۇدرىتى ئارقىلىقلا ھەقىقەتنىڭ يولىنى ئاچالىغان . ئۇلار تۆمۈردىن زور ‹‹مەنپەئەت ››كۆرگەچكە ، ئۆزلىرىدە ئاشۇ مۇستەھكەم قاتتىق تۆمۈر ـ مېتالدەك  روھىنى يېتىلدۈرگەن . خۇددى تۆمۈردەك قاتتىق بىردەكلىكىنى ـ ھىملىقىنى ،زور ئۇيۇشۇش كۈچىنى ، ھەرقانداق زەربىگە بولغان يىمىرىلمەسلىكىنى ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چىرىمەسلىكىنى ... ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىلغان ئىدى .شۇڭلاشقا ئەجدادلىرىمىز بولغان تۇرانىيەلىكلەر تۆمۈرگە ـ مېتالغا بولغان ئىزدىنىشىنى توختاۋسىز ئىچكىرلەپ ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلاھىي ھەقىقەتنى تاپماقچى بولۇشقان . ھەرخىل تۆمۈر ـ مېتال مەدەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇپراق ۋە تاغلارغا چوقۇنغان .تۆمۈر ۋە تۆمۈر روھىدىكى سىرلار ئۇلارنى بارغانچە ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىپ بارغاچقا .ئۇ ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ ۋە ئېتىقادىنىڭ بىر تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنىپ قالغان .شۇڭلاشقا ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرى ياشىغان ۋە چوقۇنغان تاغلارغا ،ئاشۇ مېتاللارنىڭ نامىنى بېرىپ ‹‹ ئالتۇن ››ـ ‹‹ئالتاي تاغ ››،‹‹تۆمۈر تاغ ›› ...دەپ ئاتىغان بولسا ، ئادەم ئېسىملىرىغىمۇ ئاشۇ خىل تۆمۈر ـ مېتال روھىنى نامايان قىلىپ ،ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۆمۈر خىسلىتىگە ئىگە بولۇپ ‹‹مۇستەھكەم ـ چىڭ ›› ، ‹‹باتۇر ››، ئەخلاقىي نۇقتىدىن جەلپكار ياكى ‹‹پاك ›› بولۇشىنى ... ئارمان قىلىشىپ ‹‹ چىن تۆمۈر باتۇر ›› ،‹‹تۆمۈر لەڭ ››، ‹‹ پولات ›› ،‹‹كۈمۈش بىبى ››، ‹‹قوغۇرسۇر ئالتۇن›› ...دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان ئىدى قەدىمكى يايلاق مىللەتلىرى جۈملىدىن تۈرانىيەلىكلەر ياشىغان ئوردۇس يايلىقى ،ئوتتۇرا ئاسىيا ...رايونلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ھون ،تۈرۈك...مىللەتلىرىنىڭ قەبرىلىرى تېپىلغان بولۇپ ، بۇ قەبرىلەردىن ئالتۇن تاج ،مېتالدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ، تۆمۈر قۇراللار كۆپلەپ تېپىلغان .دېمەك ، بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆمۈر ـ مېتال تەتقىقاتىنىڭ ،ئۇنىڭغا بولغان ئىزدىنىشنىڭ خېلى بۇرۇن باشلانغانلىقىدىن ۋە شۇنى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .يىپەك يولىنى تۇنجى بولۇپ ئاچقان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ـ تۇرانىيەلىكلەر دەسلەپ ئىشنى تۆمۈر بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان مېتاللاردىن ،يەنى ئالتۇن سودىسىدىن باشلىغان ئىدى . ئۇلار ئالتاينىڭ ئالتۇنلىرىنى ،شىمالى يايلاقتىكى ئىپتىدائىي يايلاق يولى ‹‹ئالتۇن يولى ›› بىلەن غەربكە ئاپىرىپ ساتقان ئىدى . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىياغا قۇرغان بىرنەچچە قەدىمى شەھەرلەرگە ‹‹تۆمۈر قاپقان ›› دەپ نام بەرگەن بولسا ، شەھەر قوۋۇقلىرىنى تۆمۈردىن ياسار ئىدى . ئىلگىرى ئالتاي ـ ئالتۇن تېغىدا تۇنجى بولۇپ تۆمۈر تاۋلىغان كۆك تۈرۈكلەر ،ئاشۇ تۆمۈرنىڭ كۈچىدە تولۇق قوراللىنىپ ،ئۆزلىرىگە زوراۋانلىق قىلغان ئاۋارلارنى ھالاك قىلىپ ، 6ـ ئەسىردە ‹‹ كۆك تۈرۈك خانلىقى››نى ئالتاي – ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرغان .ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھونلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسىنى تۆمۈر روھى ۋە تۆمۈردىن ياسالغان ئىلغار قۇراللار بىلەن يەڭگەن ئىدى . ئۇلار ئىجاد قىلغان ئوقيانىڭ باشىقى ئۆتكۈر ھەم ئۇچلۇق تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى .ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ـ ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ ،مۇندىن 4ـ 5 مىڭ يىل ئىلگىرى تۆمۈر ساپان ئارقىلىق تارىم ۋادىسىدا بوز ئاچقان .
دېمەك ، ئۇيغۇر ـ تۇرانىيەلىكلەر تەبىئەتنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ،ھەقىقىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆمۈر ـ مېتالنىڭ سىرىنى تۇنجى ھېس قىلغاچقا ،ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۈچلۈك مەدەنىيەت ياراتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى . تۆمۈر ـ مېتال روھى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتى ،ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ سانائەت – مەدەنىيەت يۈزلىنىشىنىڭ ،تەرەققىيات سۈرىتىنىڭ تېز ـ ئاستىلىقىنى بەلگىلەپ قويغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر .ئەمىلى مىسال بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا تۆمۈر سانائىتى ،جۈملىدىن مېتالچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئەمىلى كۈچى ھەقىقەتەن زوردۇر . بولۇپمۇ ياۋروپا ـ غەرب ،ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ ،مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا بۇ جەھەتتە ئارقىدا قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەردىن بىرىمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك . ھازىرقى غەربلىكلەر سانائەتنىڭ ئاساسىي ماددىسى بولغان تۆمۈرنىڭ قۇدرىتىنى ،تۆمۈر روھىنى ـ ‹‹تۆمۈر ھەقىقىتىنى ››چۈشەنگەن .شۇڭا ئۇلاردا تۆمۈردەك ئۇيۇشۇشچانلىق ،ھېملىك ۋە سانائەتلىشىشى ئالدىغا كەتكەن . مۇسۇلمانلار بۇ روھتىن كۆرە ،ئۆزلىرى ياشاپ تۇرغان قۇملۇقلاردىكى قۇرغاق ‹‹قۇم››دەك چېچىلاڭغۇلۇق ،ئۇيۇشالماسلىقتەك  ... يامان تەرەپلەرنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋالغان .شۇ سەۋەبتىن 19ـ ئەسىرنىڭ بۇسۇغىسىغا كېلە ـ كەلمەي ،بوراندا قالغان قۇمدەك ھەر تەرەكە چېچىلىشقا باشلىغان ... بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ روھ بىلەن تەپەككۇرىنى تويۇندۇرغان غەربلىكلەر ،مېتال ـ مىستىن ياسىغان چېركاۋ قوڭغۇراقلىرىنىڭ سادالىرى ،ئىلگىرىكى يىپەك يولىنىڭ ئۇ بېشدىن بۇ بېشىغىچە ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئەزان ئۈنلىرىنى بېسىپ كەتتى ...
ھەقىقەتەن .ھەرقانداق دۆلەت مۇداپىئەسى ،ئېلېكتىرون ، قاتناش قوراللىرى ،قۇرلۇش ماتېرىياللىرى ...قاتارلىق سانائەت ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى مىللەت روھىنىڭ بارلىققا كېلىشى ،ئاشۇ ھەم ئۇيۇشىشىچان ھەم ئەۋرىشىم تۆمۈر ـ مېتال روھسىز ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ . ئۇنىڭ خىسلىتى ـ ھەقىقىتى ئىنسانىيەتنى ـ تەڭرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ . ئىنساننى يۈكسەلدۈرىدۇ ،ئىنساننى ئەزىز قىلىدۇ . ئۇ خۇددى ئېيتقاندەك  مۇستەھكەمدۇر . شۇڭا خەلقىمىزدە  ئاجىز ئادەم ياكى مىللەتلەرنى تەرپلىگەندە ‹‹ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق خەلق ياكى ئادەم ›› دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلىتىدۇ . بۇ سۆزگە ھەقىقەتەن زور ھېكمەت يوشۇرۇنغاندۇر . ئەگەر قولىدا تۆمۈر ـ تۆمۈر قۇرالى بولمىغان ئادەم ،سەپەرلەردە ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشى ئېنىق ... پىچاق ـ تۆمۈر شۇڭا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ گۆش توغراپ يەيمىز ۋە باشقا ئىشلارنى قىلىمىز . ئۇ بولمىغاندا بۇ ئىشلارنى قىلىش تولىمۇ تەسكە توختار ئىدى . ھازىرقى غەربلىكلەر ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سانائەت بۇيۇملىرىنى( تۆمۈرنى ـ مېتالنى ـ ھەقىقەتنى ) ساتسا ،مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئەكسىچە پۇلى يوق ئادەم قان ساتقاندەك ،‹‹ئاللاھ يارىتىپ قويغان ›› نېفىتنى ،تەبىئىي گازنى ...ساتماقتا ...
بىز بۇلاردىن مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ۋە ھازىرقى تىراگىدىيەلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاسانلا بىلىپ ئالالايمىز ، يەنى مۇسۇلمانلاردا ‹‹تۆمۈر ـ مېتال خىسلىتى ››كەم . بۇ توغرىدىكى ئىزدىنىش تېخىمۇ كەم .ئۇلاردا تۆمۈردەك بىرلىك ،يەنى ھەمدەملىك يوق . يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم پەننىڭ سىموۋۇلى بولغان ‹‹تۆمۈر ـ مېتال ›› غا بولغان ئاشىقانە تەلپۈنۈش ،ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان روھى ،قىزغىنلىقى كەمچىل .ئۇلار ھەرقانداق پەننىڭ ئاشۇنى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . غەرب ئەللىرى ئاشۇ تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۆمۈر سانائىتىدىن مەھرۇم قالغان بۇ يېپىق زونا ئىنسانلىرىنى  بىر – بىرىگە ئۇرۇشقا سېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىدىن قانغىچە پايدىلاندى ۋە پايدىلانماقتا .
ئىسلام ئالىمىدىكى غېرىبلىقلارنىڭ يەنە بىر سەلبىي سەۋەبى : تارىخى يىلتىز ئۇزۇن بولغان ،ئۇلار ئېڭىغا يۆگىمەشتەك چىڭ چىرماشقان ئىشرەتۋازلىقتۇر . ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا :‹‹زىناغا يېقىنلاشماڭلار ، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر ،يامان يولدۇر ››{سۈرە ئىسرائىل ،32ـ ئايەت .} دېيىلگەن .رۇسىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى پۇشكىن ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى ‹‹باغچە ساراي فونتانى ››ناملىق ئەسىرىدە ، ئىسلام ئالىمىدىكى ئىشرەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن ئىدى . ئەسىرىدە شائىر قىرىمدىكى تاتار خانلىقلىرىدىن بىرى ‹‹قىرىم خانلىقى ››ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خارابىلىككە مەھكۇم بولغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئانالىز ئېلىپ بارغان . ئەسلىدە قىرىم خانى جىلايى ›› ئىنتايىن ئىشرەتخور بولۇپ ،ئۇ ھەر بىر ئىستىلا قىلغان زېمىندا بۇزۇقچىلىققا يول قويىدۇ . ئۆزى بولسا پايتەخت شەھەر ‹‹ باغچە سارايغا ›› بىنا قىلىنغان ھەشەمەتلىك ئوردىسى ئىچىدىكى ھەرەمخانىسىغا بىر فونتان ياسىتىدۇ . بۇ ئۇنىڭ ئىشرەتخۇرلىقى ۋە‹‹ توقاللىرىنىڭ سەگىدىشى ›› ئۈچۈن ئىدى . ھەر بىر مۇستەملىكە ئەلدىن نارەسىدە قىزلارنى ئۆز ھەرەمخانىسىغا ئېلىپ كېلىۋەرگەچكە ،ھەرەمخانا دەپسەندە قىلىنغان قىز ـ چوكانلارنىڭ پەريادى بىلەن زىلزىلىگە كېلىدۇ . ئەسەردە زۇلۇمغا  چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ‹‹گىرۇزىن قىزى سەلىمە ››، ۋە ‹‹ رۇس قىزى مارىيە ›› لەۋنىڭ ھالاكىتى ئارقىلىق ،پۇشكىن بۇ ئەسەردە جىلايخاننىڭ ئىشرەتخۇرلىقى ،ئۇنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ،ھەمدە ھەرەمخانىدىكى ‹‹باغچە ساراي فونتانى ››مىليونلىغان ئىسلام ئالىمىدىكى دەپسەندە بولۇۋاتقان ،بىگۇنا ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئوخشاشلا ،ئىسلامىيەتنىڭ گۈللەنگەن ئوتتۇرا ئەسىرىدىن كېيىنكى پاجەلىرىنىڭ  تۈپ سەۋەبلىرىمۇ يەنىلا ئىشرەتخورلۇق ئىدى . بۇنىڭدەك كېسەللەنگەن پىسخىك ھادىسە ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان بىر ھالدۇر . بۇنىڭدا ئەرەبلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى باشلامچىلىق رولى ،مەنىۋى يېتەرسىزلىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەلدى .بۇ ئىللەت ھازىرغا قەدەر مۇشۇ ئەللەردە روي بېرىۋاتقان بولۇپ : ئىشەنچلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇرۇش ـ نىزاغا تولغان ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ نارەسىدە قىزلىرىنى ھىندونېزىيەگە ،ئەرەبلەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى دۇبەيدەك ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ ساتىدىغان ،پاھىشە بولۇشقا زورلايدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بارلىقى مەلۇم . نۇرغۇنلىغان ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ غەربتە شۇنچە پۇل تېپىپ شۇ پۇللارنى ، نامرات دۆلەتلەرنى ـ خەلقلەرنى يۆلەشكە ئەمەس ، بەلكى ئامېرىكىلىق ،فىرانسىيەلىك پاھىشەلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقى ... بۇمۇ بىر ئەمىلى پاكىتتۇر .
بۇنىڭدىن باشقا نەشىكەشلىك ـ زەھەرلىك چېكىملىك ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى يامان ئىللەتلەردىن بىرىدۇر. رۇسىيە ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە %70زەھەرلىك چېكىملىك چىقىدىغان دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . زەھەرلىك چېكىملىكلەر  بۇ يەر ئارقىلىق پۈتكۈل مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە غەربكە تارقىلىدۇ ،ھازىر پاكىستان ئارقىلىق شىنجاڭغىمۇ كىرمەكتە.بۇ ئىسلامىيەت ئالىمىلا ئەمەس ،پۈتكۈل دۇنيا تەشۋىشلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەردىن بىرىدۇر
بىز يۇقىرىدا ئىسلام دۇنياسىدىكى غېرىبلىق : پەن ـ تېخنىكا ،سانائەت ...قاتارلىقلاردىكى تىراگېدىيەلىك ئەھۋاللار ھەققىدە مۇناسىپ چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ئۇقتۇق . بۇ يالغۇز ئوتتۇرا شەرق ،ئافرىقا ...مۇسۇلمانلىرىغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي ،بەلكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار جامەسىگىمۇ ھەقىقىي ماس كېلىدۇ . چۈنكى تارىختىن بۇيان ئەرەب ، ئىران ئوتتۇرا ئاسىيالاردىكى ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ،ئىجتىمائىي ،مەدەنىيەت ھاياتىغا ھەرخىل يۆلىنىشتە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن . ھەتتا ئۇلاردىكى تالاي چېكىنىشلەرمۇ بىزگە ئوڭ تاناسىپلىق غىدىقلاشلارنى ئاتا قىلغان ... شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمىزكى ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئىلغار مىللىي مائارىپ ،يۈكسەك ئىتتىپاقلىق ،پاك ئىجتىمائىي ئەخلاق ، پاكا ئېتىقاد ...ئاساسىغا قۇرۇلمىغان غايىلەر ،تەلپۈنۈشلەر ... ھامان ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەۋقەسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ .شۇڭا دەيمىزكى ئىسلامىيەتنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى : يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋى كېسەللىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرى ھە دەپ ئۆزلىرىنى توغرا يولدا بىز دەپ قارىسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ھىدايەت يولىدىن، ئىنسانىيلىقتىن ،بىرلىكتىن ، ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشتىن ...چەتلەپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئىسلام ئالىمىدىكى سىياسىيونلار ئېتىقادىنى ـ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنلىرىنى ئويۇنچۇق ئورۇندا كۆرىدۇ . ئۇلار ئاشۇ خەلقلەرنى تولۇق تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۆزلىرىگە تايىنىش ،غەربنىڭ ئىلغار پەن تەتقىقاتىنى ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈشىنى ئاڭقىرالمايدۇ .ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار قۇرۇقتىن ـ قۇرۇق قۇلچىلىقىنى ياكى بولسا بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن ھەممىنى ئىنكار قىلىشنى ،ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشنى ،بىر بىرى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ ...مانا بۇ ئىسلامىيەتنىڭ تارىخىي ،يەنى رېئالنى پاجىئەسىنىڭ سىرى ... مانا بۇ مۇقەددەس كىتابلاردا ئېيتىلغان ‹‹تۆمۈر ››روھىنىڭ زەئىپلىشىشى ...!

ئەسكەرتىش :  

ماقالىدا بىر قىسىم نۇقسانلار بولسىمۇ ئەمما ئاپتورغا تىل تەككۈزمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن  !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )