قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4057|ئىنكاس: 73
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئىسلام ئالىمىدىكى تىراگىدىيەلەر ۋە ئۇنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

12

تېما

0

دوست

1009

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11234
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 12:06:24 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئىسلام ئالىمىدىكى  تىراگىدىيەلەر   ۋە ئۇنىڭ
تارىخىي سەۋەبلىرى

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا

پۈتۈن ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ،سىياسىي ،ھاكىمىيەت ،پەلسەپە ،تەببئىي پەن ...لەردىكى ئالەمشۇمۇل ئۇتۇقلىرىنىڭ روياپقا چىقىشى ۋە كېيىنكى چۈشكۈنلۈك سىگنالىنىڭ ياڭرىشى ،مەھكۇملۇق ، توزانلىرىغا ئەسىر بولىشى ،ئوتتۇرا شەرق جۈملىدىن ئەرەپلەرنىڭ سەلتەنەت سۈرۈشى ياكى ئارقىغا چېكىنىش تارىخى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى . پاسىق ،ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشلارنىڭ شېرىكلىرى ئىدى . ئۇلاردا ئومۇمى يۈزلۈك قەبىلىۋازلىق ،يۇرتۋازلىق ،پاھىشۋازلىق  ...تەك ئەقىل ،ئەخلاق مىزانلىرىغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلار يۇقىرى بالداققا كۆتۈرۈلگەن ،بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ھايۋان ئورنىدا قۇل قىلىپ سېتىلىشى ،پەس ئىت ـ ئىشەكنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قېلىشى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىدى .ئۇلار ئۆز قىزلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن نومۇس قىلاتتى ، ئۇلارنى خالىغانچە دەپسەندە قىلاتتى . ھەتتا ئاياللارنىڭ ئەتكەن تاماقلىرىنى ھارام سانايتتى : ئۇلار ئاياللار ھەيزدار بولۇپ تۇرىدۇ ،ئۇلارنىڭ قولىدىن بىر نەرسە يىيىش ھارام دەپ قارىشاتتى .قىزلارنى بولسا خۇپىيانە ھالدا ‹‹تىرىك كۆمۈشەتتى ››. شۇ سەۋەبلىك پۈتۈن ئىسلام ئالىمىدە بولۇپمۇ ئەرەب ئېلىدە ئادەملەرنى قۇل قىلىپ سېتىش ھادىسلىرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى سەۋەپسىز نىزا ـ جاڭجاللار يۇقىرى پەللىگە چىققاچقا ،بىر قەبىلە يەنە بىر قەبىلىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئەسىرلىرىنى قوشنا ئەللەرگە قۇل قىلىپ سېتىشاتتى ، ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىشاتتى ياكى خارلاپ ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۋېتەتتى .ئۇلار ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن بۆلەك ،سىرىتقى ئەللەر بىلەن ئانچە بېرىش ـ كېلىش قىلىپ كەتمەيتتى .دۇنيانىڭ كۆلىمى ئۇلار ئۈچۈن غەربتە قىزىل دېڭىز ،شەرقتە دەجلە ،ئېفرات دەرياسىنىڭ شەرىقىلا بولۇپ ،ئۆزلىرىدىن باشقا ھەرقانداق مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۇلار ئۈچۈن بەرى بىر ئىدى .ئۇلار سەھرايى كەبىر قۇملۇقلىرىدەك ئادەمنى قىينايدىغان قۇرغاق تەپەككۈرلىرى سەۋەپلىك تالاي ئەسىر ماكېدونلارنىڭ  ،بابىلونلۇقلارنىڭ ،پارىسلارنىڭ ...مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى ...
ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بولىشى ،ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۈتۈلمىگەن كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويغىنىشلارنى ئېلىپ كەلدى .مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ سىياسىي ، ھەربىي ۋە ھاكىمىيەت ...سىتراتىگىيىسى ،ھەدىس ئىلمى ۋە ‹‹قۇرئانى كەرىم ››نىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتلىقتىكى دەستۇرى قىلىنىشى ،ئەرەپلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ساپاسىنى مىسلىسىز ئىلگىرى سۈردى . ئۆز قەبىلىلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ئەللەر بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ كۆرمىگەن ئەرەبلەر ، ‹‹سودا قىلىش ›› يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ،سودا كارۋانلىرىنىڭ ياردىمىدە پۈتۈن ئاسىيا ،ياۋروپا ۋە ئافرىقا خەلقلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچۇرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولدى .كېمىلىرى بىلەن يىراق ئوكيانلارغا سەپەر قىلىشتى ... شۇ ئاساستا دۇنيانىڭ ئۆزلىرى ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە تولىمۇ كەڭرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى ... سىرىتقى ئەللەر مەدەنىيەت تەپەككۇر ئېڭى ،ئۇلارنىڭ ئۇيقىچان ئىدراكىنى غىدىقلاپ ئويغاتتى .ئەرەب سەھرالىرىدا ئاندا ـ ساندا ئۆسۈپ قالىدىغان خوما دەرەخلىرىدىن بۆلەك ھېچ نىمىسى بولمىغان بۇ ئىنسانلار ،شەرق ۋە غەرپتىكى ئەللەرنىڭ تېببىي يەرلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ،قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېلىپ ،ئۆزلىرىنىڭ نەرسىلىرىنى ياقا يۇرۇتلارغا ئېلىپ باردى . بۇ جەرياندا شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەت ۋە ماددىي ئەسلىھەلىرىدە ،ئەنئەنىۋى خاسلاشقان ، قۇتۇپلاشقان تەپەككۇرلىرىنىڭ سوقۇلۇشى يۈز بەردى . ئەرەب سودا كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرى توختاۋسىز ھالدا شەرق ۋە غەرب ئارلىقىدا جاراڭلاپ تۇردى .
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى كېڭەيتىش يولىدىكى ئۇرۇشلىرى ،ئۇلارغا بۇ تەرەپلەردىن نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كەلدى .ئوتتۇرا ئاسىيا ،ھىندىستان ئەللىرىنىڭ روھىي ۋە ماددىي بايلىقلىرى ئۇلارغا كۆپ ياقىلىق ئوبيېكىتىپ ۋە سوبيېكتىپ ئۇتۇقلارنى ئاتا قىلدى .ئۇلار بۇنىڭ تۈرتكىسىدە سوت ئۇيقىدىكى ياۋرۇپادا،شىمالىي ئافرىقىدا يېڭىچە بىر مەدەنىيەت يولى بەرپا قىلىپ ،ئوتتۇرا ئاسىيا مەرىپىتى ،پەلسەپىسى ،تەبئىي پېنى ...ئاساسىدىكى مەنىۋىيەت قۇۋۋەتلىرى بىلەن ،قاقشال تېرەكتەك جانسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان غەرب دۇنياسىنىڭ روھىيىتىگە جان ئاتا قىلغان ئىدى .
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى بىرنەچچە ئەسىردىن باشلاپ ،بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىن ئەرەب دۇنياسىدا جاھالەت قۇيۇنلىرى كۆتۈرۈلۈپ ،مەزھەپچىلىك ،يۇرتۋازلىق كۈچەيدى ( بۇ ھال ھازىرغىچە بىر ئىللەت سۈپىتىدە داۋام ئېتىپ كەلمەكتە ...) . ئەرەب سۇلتانلىرى يېڭىدىن ئىستىلا قىلغان زېمىنلاردىكى باشقا مۇسۇلمانلارغىمۇ ،ئەرەب بولمىغان مىللەتلەرگىمۇ قاتتىق قوللۇق قىلىشقا ،ئۇلارنى يەكلەشكە ، ئۇلاردىن ئالىدىغان باج سېلىقنىڭ مىقتارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا باشلىدى . بۇ خەلقلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دەستۇر ‹‹ قۇرئان كەرىم ››نىڭ ئەھكاملىرىغا ئانچە ئېتىبار قىلماس بولۇپ كەتتى . مەزھەپلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ مىسىر پاتىمە سۇلالىسى ، باغداتنى مەركەز قىلغان ئابباسىلار سۇلالىسى ،ئىسپانىيە ئەرەب سۇلتانلىقلىرى ئۆز ئارا ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ ،بىرلىكنىڭ ئورنىغا ئىچكى نىزانى كۆتۈرۈپ چىقتى . ئوردا ھەرەملىرى نارەسىدە قىزلارنىڭ ـ سىرىتتىن ئېلىپ كېلىنگەن توقاللارنىڭ نالە ـ پەريادلىرى بىلەن زىل ـ زىلىگە كەلدى ... شۇڭلاشقا ئۇلار تېزلا زەئىپلىشىپ كەتتى .
ئەرەپلەرنىڭ ،جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئىجتىمائىي ئېڭىدىكى بۇنىڭدەك ئارقىغا چېكىنىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل . ئۇنىڭ يېتەرسىز ئامىللىرىنى ھەر تەرىپتىن ئىزدەشكە توغرا كەلسىمۇ ، يەنىلا ئۇنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە يادرولۇق نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ :
مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى تىراگىدىيەسىنىڭ تارىخىي سەۋەپلىرىنىڭ بىرى : ئۇلاردىكى دولەت باشقۇرۇش ،ھاكىمىيەت ...چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىز بولىشىدۇر .ئىسلام ئالىمىدە ئىلگىرى سۇلتان سەنجەر ،نىزامۇل مۈلۈك ، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ... ۋە كېيىنكى دەۋىرلەردە بابۇر ، ئەكپەر ...دەك يىتىك سىياسىيون ۋە دولەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ ،بىراق مۇسۇلمانلار جامەسى بۇ ئۇلۇغلارنىڭ سىياسەت ،سەلتەنەت ،ئەلنى دېموكىراتتىك ئۇسۇلدا ئىدارە قىلىش ... ھەققىدىكى تەدبىرلىرىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تېزلا ئۇنتۇپ كېتىشتى .
موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن ،ئەرەبلەرنى يەنىلا تۈرۈكلەر ـ سالجۇقىلار ئىستىلا قىلدى . تۈرۈكلەر ئەرەبلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن كۆرە ، ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي زىدىيىتى بار ياۋرپالىقلارنى كۆپىرەك ‹‹تالان – تاراج ››قىلدى . ،چۈنكى ئەرەبلەر قانداقلا بولمىسۇن سالجۇقىلار ئېتىقاد جەھەتتىن يېقىن ئىدى . تۈرۈكلەر ياۋرۇپادا باشقا مىللەتلەرگە ئەمەس ،بەلكى ئۆز ئېتقادلىرىدىن  ئاينىپ سىلاۋيانلىشىپ كەتكەن بۇلغارلارغا ۋە جەنۇبىي سىلاۋىيانلارغا ،روسلارغا قۇراللىق مۇداخىلە يۈرگۈزدى .شۇنداقتىمۇ ئەرەبلەر تۈركلەرنى ئۆزلىرىگە مەڭگۈلۈك دۈشمەن دەپ قارىغان ئىدى . ئۇلار بۇ ‹‹ يات مىللەت ›› لەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،سىرىتقى كۈچلەردىن ئىنگلىزلارغا تايىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلىشقان ئىدى . چۈنكى ئىنگلىز سىياسىيونلىرى ئەرەبلەرگە بىر تاغار قۇرۇق ۋەدىلەرنى بېرىپ ، ‹‹دۈشمەن››لەرنى ئەرەب زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ ،ئۇلارغا ‹‹ مۇستەقىللىق بېرىدۇ ››غانلىقىنى ۋەدە قىلىشتى ... ئەرەبلەر ئىنگلىزلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىغا ئالدىنىپ ،تۈرۈكلەرنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قىردى ،ھەتتا بىگۇنا ئاياللار ،بالىلارمۇ بۇ قىر ـ چاپتىن مۇستەسنا بولالمىدى ..شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك مۇسۇلمان رەقىبلىرىدىن بىرى بولغان سالجۇقىيلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئەربلەرنىڭ قولى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ...1922ـ يىللاردىن باشلاپ بۇ شورلۇق زېمىندىكى پاجىئەلەر ،ئەرەپلەرنىڭ ئالدىغا ھەر بىر قەدەمدە يېڭى بىر تەجرىبىنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ ،ئەرەب سىياسىيونلىرى ۋەزىيەتنى ئۆزلىرىگە پايدىلىق تەرەپكە بۇراشنى بىلەلمىدى .ئەكسىچە يات مىللەتلەرنىڭ قولى بىلەن تۇرۇك سۇلتانلىقىغا قاخشاتقۇچ زەربە بەردۇق ، ‹‹غەربلىكلەر بىزگە قىيامەت ئەمەس ،ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ... ››دەپ قاراشتى .ئەرەب ئىنگلىز بىرلەشمە ئارمىيىلىرى سالجۇقىيلارغا قارشى ئۇرۇشتا ،تۈرۈكلەرنىڭ ‹‹ئائىلىسى 40مىليوندىن بىراقلا 10مىليونغا چۈشۈپ قالغان ،ئۇلارغا پەقەت ئاناتولىيەلا قېلىپ قالغان بولۇپ ،ئىنگلىزلار غەلبە قىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيت ئىدى ››. مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيىتتە ،تۈرۈكلەرنى تامامەن يوقۇتۇپ ،ئۇلارنىڭ نەسلىنى مۇتلەق يەر يۈزىدىن ‹‹قۇرۇتۇپ تاشلاش ›› مۇمكىنلىكىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئەرەب ھۆكۈمدارلىرى ،ھە دەپ ئىنگلىزلار تەرپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلدى ... سالجۇق تۈرۈكلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ، ياۋروپادىكى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىشى بىلەن ،ئىنگلىزلار ئەرەبلەرگە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن تامامەن يېنىۋالدى . چۈنكى ئۇلار بۇ رايىش خەلقنىڭ ئويۇشىۋېلىپ ئۆزلىرىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇلارنى ئاجىزلىتىش قارارىغا كەلگەن ئىدى . ئاقىۋەت بۇ ئۇرۇشتا ئەڭ چوڭ زىيان تارتقىنى يەنىلا ئەرەبلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىگە تامامەن قارشى مەۋقەدىكى ‹‹دىنى ،تىلىمۇ ئوخشىمايدىغان مۇستەملىكە ئەل تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى››. ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى بىر پۈتۈن زېمىنى سانسىز ياماق چۈشكەن ئەسكى چاپاندەك ،كىشىنىڭ ئىچىنى سېرلدۈرگىدەك دەرىجىدە پارچە ـ پارچە قىلىپ تاشلاندى .ھەتتا 1946ـ يىلى ئەشۇ خەلق سۇلتانلىرى چوڭ بىلىپ چوقۇنغان غەربلىكلەر ،ئۇلارنىڭ زېمىنىغا قۇراللىق بېسىپ كىرىپ ،سەرگەردان يەھۇدىلار ئۈچۈن ھازىرقى ئالقانچە كەلگۈدەك ئىسرائىلىيە دولتىنى قۇرۇپ بەردى ... ‹‹شۇڭا كۆپچىلىك ئەرەبلەر قاتتىق پۇشايمان ئىلىكىدە قالدى .››مانا بۇ ئەرەپلەرنىڭ ،جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيەت ،سىياسەت ...چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپى .

بۇنىڭدىن باشقا ‹‹1922ـ يىلى 1ـ ئايدا تۈركىيەگە كەلگەن سوۋېت گېنىرالى فىرونزىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيەنىڭ مەڭگۈ كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلماسلىققا (ياردەم بەرمەسلىككە )كۆنۈشى شەرتى ئاساسىدا ،تۈركىيە سوۋېت ئىتتپاقىدىن يەنە نۇرغۇن پۇل ۋە قۇرالغا ئېرىشىدىغان بولدى ››{ ‹‹تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخى ››،33ـ بەت ،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ،ئاپتورى : ياڭ تاۋجۇن ، تەرجىمە قىلغۇچىلار : ھاجى قۇتلۇق قادىرى ،ئەخمەتجان ئىسمايىل .} دېمەك ،بۇنىڭدىن بىز ھالىقىلىق پەيىتتە ،تۈركىيە ھۆكۈمدارلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ،ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەملىگەنلىگىدەك ئەھۋاللارنىمۇ كۆرەلەيمىز .بۇنداق بىنورمال تاشقى سىياسەت ،بۇ دولەت ھازىرغىچە ئارلاپ ـ ئارلاپ قىسمەن باش باقانلار تەرپىدىن يۈرگۈزىلىپ كەلدى ...
ئەرەب ھۆكۈمدارلىقىدىكى بۇنداق غەلپەتلەر ،يېتەرسىزلىكلەر ،كېيىنكى چاغلاردا باشقا مۇسۇلمان ئەل خەلقلىرىنىڭ سىياسىي ،ھاكىمىيەت باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىغىمۇ ،ئۇسۇلىغىمۇ مەنپىي تەسىرلەرنى كۆرسەتمەي قالمىدى . .. شۇنداقتىمۇ ئىسلام ئالىمى مەيلى ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىرلىرىدە بولسۇن ، ئوتتۇرا شەرق ،ئوتتۇرا ئاسىيا ،جەنۇبىي ئاسىيادا ... تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قۇربانلارنى بېرىپ ‹‹ مۇستەقىللىق ››قىمۇ ئېرىشتى ،بىراق بۇ يەنىلا غەربنىڭ ئىختىسادىي ،مەدەنىيىتى ،سىياسىتى ئاستىدىكى قىسمەن ‹‹ئەركىنلىك ››بولۇپ ، بۇ ھال نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان دولەتلىرىنى يەنىلا تاشقىي قۇراللىق كۈچلەرگە بېقىندى قىلىپ قويدى . بۇ ئەللەرنىڭ نۇرغۇنى غەرب تەسىرىنى ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت تەپەككۈرىنى ئويغىتىش ئاساسىدىكى ئىجادىيلىق بىلەن ئەمەس ،ئەكسىچە قارا قويۇق دوراش ،شەكىلۋازلىق بويىچە قوبۇل قىلدى . مىسىر ،ماراكەش ،پاكىستان ...لار مۇشۇ مەقسەتتە كۆپلەپ ئوقۇغۇچىلارنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئەۋەتتى .بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ،مىللىي روھىيىتىنى ئۇنتۇپ ،غەربنى دورايدىغان ماشىنا ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالدى .پاكىستاننىڭ ‹‹مىراسخور ››فىلىمىدىكى ‹‹ياقۇپ ››، ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ‹‹ئەزمەتخان ››مانا مۇشۇنداق غەرب ئىدىيىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغۇچىلارنىڭ سىموۋۇللۇق تىپىدۇر ... غەربنى ئۆلۈك ھالدا تەقلىد قىلىش ياكى ئۇنىڭ ئىلىم ـ پەن مۇۋاپىقىيەتلىرىنى تامامەن رەت قىلىش ،بۇ ئىسلام ئالىمىدىكى چۈشكۈنلىكلەرنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . بۇ ھال تا 21 ـ ئەسىرگىچە پەسكويغا چۈشۈش تۇرماق ،سەلبىي تەرىپتىن قىيامىغا يەتتى ...
ئىسلام ئالىمىدىكى مەنىۋى ھالاكەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىدىن يەنى بىرى ، مۇسۇلمانلارنىڭ ‹‹دولەت قانۇن ››كىرى بولغان ئېتىقاد ،كالاملىرىدىكى ھەقىقەتلەرگە تەتۈر تاناسىپ يولىغا ماڭغانلىقى ،ئۇنىڭدا دىيىلگەن ئىلم ـ ئىرپانلارنى ئۆگىتىش  ،ئىنسانىي قىممىتىنى ھۆرمەت قىلىش ،ئەركىنلىك ـ ھۆرلۈك ئۇقۇملىرىنى ئۇلارنىڭ تەتۇر  قوبۇل قىلىۋالغانلىقىدىن ئىدى .بۇنىڭ ئەكسىچە پەنگە ،دېمۇكىراتىيەگە ...بولغان قىزغىنلىق غەربتە ئىزچىل داۋام ئەتتى .يەنى شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىردە كۆپلەپ يېڭلىق يارىتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىدى .بۇنىڭغا ‹‹ قۇرئانى كەرىم ››دىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا تۇنجى كىتاب نازىل بولغاندا بەرپا ئېتىلگەن ‹‹ئوقۇ ›› دېگەن ئايەت مەنىۋى ئېلھام بولغان ئىدى .بۇنىڭدىن باشقا ئىلگىرىكى كۆپلىگەن ئىسلام ئالىملىرى ‹‹ئىسلام دېنى پەن ۋە ئېتىقاد ئاساسىغا قۇرۇلغان ››دەپ قارىشاتتى . ئۇلار يەنە بۇ دىن كالامى بولغان ‹‹قۇرئانى كەرىم ››دە ئاسترونومىيە ، تېبابەت ، ماتېماتىكا ، خىمىيە ... دېگەندەك پەنلەرگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان ... ‹‹ئاللا ئالەمنى پەن بىلەن ياراتقان ›› ... پەن بىلەن ئېتىقاد ئايرىلماس گەۋدىدۇر ،يەنى ‹‹ بىز ئېتىقادتىن قالسا پەن ئارقىلىق خۇداغا يېتەلەيمىز ››دەپ قاراشقان ئىدى .مۇشۇ خىل دۇنيا قاراشلار تۈپەيلى ، ئوتتۇرا ئەسىر ئەرەب دۇنياسى جۇملىدىن  ئىسلام دۇنياسى ئۆز دەۋرىدە كۆرۈلۈپ باقىمىغان گۈللىنىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى .
بۇنىڭدىن باشقا ھەدىسلەردىكى ‹‹ ھەقىقىي مۇسۇلمان قىشمۇ ـ ياز ياپراقلىرى كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان خورما دەرىخىگە ئوخشايدۇ .››دېگەن بايانلار ، نۇرغۇن ئەرەب ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردا خورما دەرىخىگە ،جۈملىدىن تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان ھېرىسمەنلىكىنى قوزغاپ ،ئۇلار ئېڭىدا مۇھىت قوغداش ئېڭىنى يېتىلدۈرگەن ... بىراق موڭغۇل ئىستىلاسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ،بۇنداق ھەقىقىي ئەرزىگۈدەك ھاللار ئىسلام ئالىمىدە كەمدىن ـ كەم كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدى .بۇ بېكىنمە رايۇندا مۇسۇلمانلارنى ھىدايەتكە باشلايدىغان ،ئاڭا ئۈلگە كۆرسىتىدىغان ،جۇملىدىن  ئىنسانىيەت دېموكراتىيىسى ،باراۋەرلىكىنى ...تولۇق چۈشنىپ يېتىدىغان ئىستىداتلىق شەخىسلەر تۈرۈكلەردە قىسمەن كۆرۈلىدىيۇ ،لېكىن باشقا مۇسۇلمان ئەللەردە روياپقا چىقمىدى .شۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمانلار دۇنياسى 16ـ ئەسىردىن كېيىن تېزلا غەربنىڭ مۇستەملىكە نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى .نۇرغۇن سىياسىيونلار ئىلىم ئېلىشنىڭ ئىسلام دىنىغا زىت ئەمەس ،بەلكى بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يېتەلمىدى ..ئىلگىرى ئۆز ئەجدادلىرى ياراتقان مەدەنىيەتلەرنى ئۆز قولى بىلەن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى . بۇ ھالەت ھازىرقى دەۋرىمىزگىچە داۋاملىشىپ كەلدى .يەنى ئافغانىستان ئىچىكى ئۇرىشى مەزگىلىدە ، تالىبانلار نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي قىممەتكە ئىگە  قەدىمىي مەدەنىي مىراسلارنى ،كۇشان خانلىقىنىڭ پايتەختى بەلخ شەھەرىدىكى بۇددا ھەيكەللىرىنى چېقىپ تاشلىدى . ھەتتا ھىراتتىكى نەۋائىنىڭ قەبرىسىمۇ  رەھىمىسىزلىك بىلەن تۈزلىۋېتىلدى .بۇنداق ئېچىنىشلىق تېرورلۇقلارغا قارىتا باشقا مۇسۇلمان ئەللىرى ھېچقانداق ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرمىدى .ئوتتۇرا ئاسىيا ،شىنجاڭ رايۇنى  ۋە ھىندىستان ...قاتارلىق  دۆلەتلەردىكى گۈللەنگەن دەۋرلەرنىڭ نىشانى بولغان كۆپلىگەن مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىسلام ئالىمىنىڭ  زەئىپلىشىشىگە ۋەيرانىگە ئايلىنىشى ...
ئىسلام سىياسىيونلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ئېڭىغا سىڭگەن تارىخىي ئىللەتلەردىن بىرى ئىسراپخورلۇق ،بەدخەجلىك ئىدى . يۇقىرى قاتلام ئاقسۆڭەكلىرىدىكى بۇ چاكىنىلىقلار ،كۆپلىگەن پۇقرالارغىمۇ يامان رېئاكسىيىلەرنى كۆرسەتمەي قالمىدى .شۇڭلاشقىمۇ بۇنداق يىرگىنىشلىك ئەھۋاللار ئىسلام ئالىمىدە ئۇزاق ئەسىر داۋام ئېتىپ ، تالاي ئىنسانلارنىڭ ئازغانلىقىنى ،ۋەيرانلىقنى ،يېتىم ـ يېسىرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ...كەلتۈرۈپ چىقاردى . 13ـ ئەسىردە ئىسلام دۇنياسىدىكى مەنىۋى بىتاپلىقنىڭ مۇقەددىمە قوڭغىرىقىنى  تۇنجى بولۇپ ئابباسىلار سۇلالىسى ياڭراتتى . ئۇ پەيىتتە ئابباسىلار نەسەبىنىڭ بايلىقى داغدەك دۈلىنىپ ،ھۆكۈمرانلار ھەدىدىن زىيادە بەتخەجلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسسۇلچىلار ، سازەندىلەر ،ئوردا شائىرلىرى ۋە ئوردا تېۋىپلىرىغا ناھايىتى كۆپ پۇل بېرىش ئارقىلىق ، ئۇلارنى سېتىۋالاتتى .سېتىۋىلىنغانلار خوجايىنلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتىرىشى شەرت بولۇپ .ئىگىللىرىنى قانچە كۆپ مەدھىيىلىسە شۇنچە جىق بايلىققا ئېرىشەتتى . تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا ،باغداتلىق مەشھۇر يەھۇدىي نەسلىدىن بولغان شائىر مەرۋان بىن ھەبىب ھەئۇ سەي ( 798ـ 821) بىر پارچە شېئىر ئوقۇپ ھارۇن رەشىىدنى مەدھىيلىگەن ،بۇ شېئىرنىڭ شۆھرىتى شۇنچىلىك چىقىپ كەتكەنكى .بۇ شۆھرەت ئەشۇ دولەت ئاتىسىنىڭ ئوردا شائىرىغا 100مىڭ دەرھەم مۇكاپات بەرگەنلىكىدىن بولغان ئىدى . باشقا بىر شائىر بۇ شېئىرنى ناخشا قىلىپ ئېيتقاچقا ،ئۇمۇ 100مىڭ دەرھەم نائىل بولغان .يەنە بىر ناخشىچى مەلۇم بىر ئاخشىمى، خەلىپە(809ـ813 )گە بېغىشلاپ شائىر ئىسھاق مۇسسىل يازغان مەلۇم ناخشىسىنى ئورۇنداپ بەرگىنى ئۈچۈن ،خەلىپە ئۇنىڭغا 100دەرھەم بەرگەن . خەلىپە ئەمىننىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پەزىلە ئىسملىك بىر ئايال ناخشىچى ،نۇرغۇن ئالتۇن ـ كۈمۈش بىلەن مۇكاپاتلانغان .
مەئىمون ئەرەب ئىسلام تارىخىدا ‹‹ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى روھىي››نىڭ نامايەندىسى ،بىراق ئۇ چەكتىن ئاشقان بەتخج پادىشاھلاردىن بولغان . يازما مەنبەلەردىن قارىغاندا ،ئۇ ‹‹بىر سائەت ئىچىدە 24مىليون دەرھەم خەجلىۋەتكەن ›› لىكى ... مەلۇم . بۇ دەۋىرلەردە پۇلنىڭ سۇدەك خەجلىنىش ھادىسىسى پەقەت ، ئەمەلدارلار ئارىسىدىلا ئىنتايىن كۆپ ئەۋج ئالغان .بۇنىڭ ئەكسىچە ‹‹تۆۋەن قاتلام خەلق ،مەرىپەت ئىگىللىرى ،ئىلىم ھامىيلىرى يەنىلا يوقسۇزچىلىق ،نامراتچىلىق ئىچىدە قاق سەنەم بولۇپ ››ياشىغان . داڭلىق شائىر ئەبۇل ئەللامۇل ئەلى (973ـ 1057) نىڭ باغداتتا جان باقالماي ،يۇرتى مۇئەلگە قايتىپ غۇربەتچىلىكتە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى بۇنىڭ جانلىق دەلىلىدۇر .ھەممە جايدا ئەيش ـ ئىشرەت ، ناخشا ـ ئۇسۇل خۇمارلىق  ئەۋج ئالغان.ئەربلەر يىراقتىن ئەلچىلەر كەلسىمۇ ئۇلارنى ئۇسۇل ئويناپ كۈتىۋالغان، ھەتتا دۈشمەنلىرى مۇڭغۇللارنىمۇ ئۇسۇل ۋە ناخشا بىلەن تەسىرلەندۈرمەكچى بولغانلىقى مەلۇم ...بىراق ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان ،ھەتتا ئەھۋال ئېغىرلىشىپ شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى ،ئۇسۇل ۋە ناخشا بىلمەيدىغانلار ئادەم قاتارىغا كىرمەيدۇ دەپ قارىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار ناخشا ـ ئۇسۇل بىلەن شۇنچىلىك بىخۇتلاشقانكى ،ئەرەب خەلىپىلىرىمۇ خەلقنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مەغۇل قىلىپ باشقۇرسا ، ئۇنۈمىنىڭ  ئىنتايىن چوڭ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقان ... دولەت ئاتىللىرى ئۇرۇق ـ  تۇغقان ، بالا ـ چاقىلىرىنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ توي مۇراسىملىرىنى پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرىدىكى داڭلىق ناخشا ـ ئۇسسۇلچىلارنى ئوردىغا يىغىۋېلىپ ، ھەشەمەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكەن . ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى بۇ خىل يىرگىنىشلىك ھالەت ئۇچۇنچى قارار خەلىپە مەھىدىنىڭ ۋاقتىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن .مەھىدى ھارۇن رەشىدنىڭ تويىنى ئۆتكۈزگەندە ،بۇ تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەممىسى ،ئالتۇن ـ كۈمۈشلىك سوۋغاتلارغا ئىگە بولغان ..ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ۋەزىر ،تۆرىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھەشەمەتچىلىكتە بىر ـ بىر بىلەن بەسلەشكەن .
مىلادى 825ـ يىلى ،9ـ ئاي (رامىزان ئېيى ) دا ، خەلىپە مەئىمىنوننىڭ توي كېچىسى، كېيىنكى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسىنىڭ بەس ـ مۇنازىرە قىلىدىغان چوڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغان .شۇ توي كېچىسىدىكى مەئىمىنون بىلەن ئۇنىڭ باش ۋەزىرى ھەسەن بىن سەيىھىلىنىڭ 18ياشلىق قىزى بۇللانىڭ تويىدا پۈتۈن ئوردا ئىچى ۋە سىرتى ھەشەمەتلىك قىلىپ كاتتا بېزەلگەن .بۇ تويغا 52مىليون دەرھەم خەجلەنگەن ،يەنى بۇ فارس ( ھازىرقى ئىران دولىتى) ۋە ‹‹ئەھۋاس ››تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۇستەملىكە دۆلەتتىن چىقىدىغان بىر يىللىق يەر بېجىدىن كېلىدىغان كىرىم بىلەن تەڭ ئىدى . شۇ كېچىسى ئوردىدىكى دىدەكلەر كۆتەرگەن چوڭ ئالتۇن پەتنۇسقا 1000دانە گوھەر سېلىنغان ئىدى . سۇلتان بۇلارنى چاچقۇزۇپ ئاندىن تېرىتىپ ، يېڭى كېلىننىڭ بوينىغا ئاستۇرغان .
ھادى ۋە رەشىت تەخىتكە ئولتۇرغاندا ، بۇ بېغەملەشكەن دۇنيا ئۇسۇل،  نەغمىگە شۇنچىلىك بېرىلگەنكى ،بۇ ھال پۈتۈن ئەرەبلەردە تاڭ قالغۇدەك دەرىجىدە ئىجتىمائىي كەيپىياتقان ئايلانغان .ھارۇن رەشىت نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بىر ئەلنەغمە ئورنى ( ئىشرەت سارىيى ) سالدۇرغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نامىنى قويغان . ..
يۇقىرقىدەك كۆپلىگەن ئىسلام سىياسىيونلىرى ،دولەت پاسىبانلىرىنىڭ  مۇشۇنداق سەۋەنلىكلىرى تۈپەيلى ،ئىسلامىيەت جۈملىدىن ئەرەب ئىسلام دۇنياسى 1258ـ يىل مۇڭغۇللارنىڭ دەھشەتلىك قوشۇنىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ،مۇڭغۇللار بۇ ئىشرەتخور قەۋىمنى بولۇپمۇ مەركىزى پايتەخىت باغداتنى ۋە سودا مەركىزى شامنى تامامەن ۋەيران قىلغان ... خەلىپە ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق ـ تۇققانلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تۆتتىن ئاتنىڭ قۇيرۇقىغا باغلىنىپ ، پارچىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ...پەقەت مىسىر مەملۈك سۇلالىسىنىڭ قىپچاق ـ تۈرۈك نەسلىدىن بولغان سەركەردىسى بايباراس ،چەۋەندازلارغا باش بولۇپ قەيسەرلىك بىلەن چەڭ قىلىپ ،جىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى ھىلاكونىڭ قوشۇنلىرىغا مىلىدى 1259ـ يىلى نىل دەرياسىدىن ئۆتۈش ئىمكانىيتى بەرمىگەن ۋە دۇشمەننى ئارقىغا چېكىندۈرگەن . ھىلاكۇ شۇ مەغلۇبىيىتى تۈپەيلى ئىراقتا ‹‹ئىلىخانلار ھاكىمىيىتى ››نى قۇرۇپ ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن يانغان .بايبارسنىڭ غەلبىگە ئېرىشىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى ، ئۇ دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلەتتى .بۇ ياش قومانداننىڭ ياۋغا قارشى جەڭ قىلغان پەيىتى ،ئۇنىڭ مىسىر سۇلتانى بولىمىغان چېغى ئىدى .ئۇرۇش ئەڭ ئەۋجىگە چىققان پەيتلەردە ،مىسىرنىڭ ئەرەب سۇلتانى ھەرەمخانىسىدا ئەيش ـ ئىشرەت ،ئۇسۇل ، نەغمە ـ ناۋا بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى ... مۇڭغۇللارنىڭ ياۋروپا ئەھلى سەلىپچىلەر بىلەن بىرلىشىپ مىسىرغا قىلغان ھۇجۇمىنى بايبارىسنىڭ چېكىندۈرگەنلىكىنى بىلگەن سۇلتان ،ھاكىمىيەت تايىقىنىڭ ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ ، بايبارسنى  سۇلتانلىققا تەكلىپ قىلغان ئىدى .
ئەربلەردىكى ناخشا ۋە ئۇسۇل خۇمارلىق كېيىنچە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىگە تېزلىكتە كېڭىيىپ ئۇلارنىڭ چۈشكۈن تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمغا ئايلىنىپ قالغان .
بۇلاردىن باشقا مۇسۇلمان تۇركىي مىللەتلىرىدىمۇ بۇنداق ھاكىمىيەت چۈشەنچىلىرىنىڭ يېتەرسىز ئالامەتلىرىمۇ نۇرغۇن : ئۇيغۇرلار قۇرغان سەئىدىيە خانلىقىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ پاجىئەلىك بولىشىمۇ ، ئۇيغۇرلاردىكى دولەت باشقۇرۇش تەدبىرنىڭ چولتىلىقىدىن دېيىشكە بۇلاتتى . شاھ مەھمۇد جۇرۇس يازغان ‹‹ سەئىدىيە خانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتىرياللار ›› دا يېزىلىشىچە ،سەئىدى خاننىڭ ‹‹ سوپىلىق جەندىسىنى كەيگەن ، ھەزرىتى ئەزىزلەرگە ››گە ... ‹‹مەختۇم ئەزەم ›› ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ‹‹ئىشانلارغا قول بېرىپ ،مۇرىت بولغانلىقى ›› ۋە بۇ كۇلا ـ جەندە ئەھىللىرىنىڭ دولەت سىياسىيىتى يۈرگۈزۈشتە ئۆزى بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق بولۇپ ،ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ... سەئىدخاننىڭ مۇشۇ سەۋەنلىكى تۈپەيلى كېيىنكى ۋاقىتقا كەلگەندە مەختۇم ئەزەمدەك چۈپرەندىلەرنىڭ ئىشانلىق ئەقىدىلىرى سەئىدىيە خانلىقىنى چىرىتىپ ،ئىسمايىلخان دەۋرىگە كەلگەندە دولەت قانۇننىڭ رولىنى تامامەن چىرتىپ  تاشلىغان .
قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاقىۋىتىنىمۇ  ئۆزىمىزدىكى مۇشۇ خىل يېتەرسىزلىكلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇ: ‹‹ سۇلالە سەردارلىرى بىلەن قارىخانىلار خوجىدارلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ، شەرقي سۇلالىلەر بىلەن غەربىي سۇلالىلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ، دەھرىي ھاكىمىيەت بىلەن ،دىنىي ساھەلە ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ، سۇلالە بىلەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ سەركەردە ـ سەردارلىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت ››{ ‹‹قارىخانىلار تارىخىدىن بايان ›› 2006ـ بەت ، 2000ـ يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، ئاپتورى : ۋېي لىياڭ تاۋ } ، شىنجاڭ ياش ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان پەرھات جىلاننىڭ ‹‹مەھمۇد قەشقەرى ››ناملىق رومانىنىڭ 309ـ بەتلىرىدە ‹‹سۇلايمان ئارسلان خان بىلەن مۇھەممەد بوغراخان ( ئاكا ـ ئۇكىلار ) ئوتتۇرسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش تۈپەيلى ››قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەنلىكى .. . بۈيۈك ئاسترونوم ،ئالىم ، دانا سىياسىيون ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلى شاھزادە ئابلىتىپخان ،جىيەنى ئەبۇ سەئىدى مىرزا ...قاتارلىقلار تەرىپىدىن قەتلە قىلىنىشى ،رەسەتخانىللىرىدىك ئىلمىي جاۋاھىراتلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى ...ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە شەكىللەنگەن نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان ئىچكى ئۇرۇشلار ... بۇندىن سىرىت 15ـ ئەسىردە ھىراتنى مەركەز قىلىپ ھاكىمىيەت قۇرغان ھۈسەييىن بايقارا، ھاكىمىيىتىنىڭ خاتىمىسىگە قەدەم قويغاندا ،نەۋائىيدەك ‹‹ئىلىم ئەھلىلىرىنى كۆزگە ئىلماس ›› بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم . مەنبەلەردە ئۇ توغرىدا ‹‹خۇراساندا قىرىق يىلغا يېقىن پادىشاھ بولۇپ ،پېشىندىن كېيىن ئىچمىگەن كۈنى يوق ئىدى ... ھەددىدىن ئارتۇق ئىشرەت ۋە پاسىقلىق بىلەن مەشغۇل ئىدى ... شۇ سەۋەپلىك بۇ دولەت ھالاكەتكە يۈزلەندى .›› { ‹‹ ئەلىشىر ناۋائى ›› ،35ـ بەت ، ئاپتورى : ئەسئەت سۇلايمان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002ـ يىل 8ـ ئاي } دىيىلگەن .مۇشۇنداق مەنىۋى يىمىرلىشلەر تۈپەيلى ،ھېرات كېيىنكى چاغلاردا ئىچكى نىزا پاتقىقىغا پاتقان ،ھالاكەتكە دۇچ كەلگەن . بۇ تىراگېدىيىلەرگە يەنىلا قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەملىرىدىكى ھۆكۈمدارلارنىڭ سىياسەت ئىلىمى دولەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە دولەت ئىگىللىرىنىڭ ئىستېداتسىزلىقى تۇپ سەۋەب بولغان . سەئىدىيەنىڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرىدىن قانخور ئابابەكرى خان ۋە قوقان خانى خۇدايارخانلارنىڭ خەلق ئۈستىدىكى زوراۋانلىقلىرى ... ۋەلىخان تورىنىڭ قەشقەردە ‹‹ئادەم بېشىدىن مۇنار ياسىشى ››، ياقۇپ بەگنىڭ خوتەندە بىگۇنا خەلققە قارىتا ئېلىپ بارغان ‹‹قەتلىئام ›› لىرى ، پۈتۈن قەشقەر ،خوتەندىكى قاسساپلارنى ئېلىپ كېلىپ ،خوتەندە ئۆزىگە قارشى تۇرغان ـ تۇرمىغاننىڭ ھەممىسىنى بوغۇزلاشقا بۇيرۇق بېرىشى ( بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە 40مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلىشى ) ... بۇلارنىڭ بەرى ، ئىسلامىيەت دۇنياسىدىكى گۈللەنگەن دەۋرلەردىن كېيىنكى ھۆكۈمدارلىق كەمتۈكلۈكىنىڭ بىر تىمسالىدۇر .
بۇنىڭدەك مەنىۋى ۋاكوملۇقلار تا يېقىنقى دەۋرگىچە ،ھەتتا ھازىرغىچە ئۆز كۈچىنى كۆرسۈتۈپ كەلدى ۋە كەلمەكتە . 19ـ ئەسىرگە قەدەم قويغاندا ، بۇھال ئىراندەك چوڭ تارىخى ئۇزۇن بىر دۆلەتنىمۇ غەربكە بېقىندۇرۇپ قويدى . بۇ ئەسىردە روسىيە ،ئەنگلىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر ئىرانغا بېسىپ كىردى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم قاتناش ـ تىرانسىپورىت ،تاموژنا تۈگۈنلىرىنى ،دېڭىز پۇرىتلىرىنى ... زورلۇق كۈچى بىلەن ئىگەللىۋالدى .نەتىجىدە ئىران دولىتى مۇستەملىكە قىلغۇچى دۆلەتلەرنىڭ خام ئەشيا مەنبەيى ۋە مەبلەغ سېلىش ئورنى بولۇپ قالدى ... بۇ قانلىق پاجىئەگە شۇ دۆلەتلەردىكى كاللىسى قۇرۇق فېئوداللار ،بىغەم سىياسىيونلار سەۋەپچى بولغان ئىدى ... بۇ ئىلىمسىزلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئىران 20ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئىران تامامەن روسىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى . 19 ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمدا ئاتاقلىق دېموكراتىزمچى ،مۇتەپپەككۈر مىرزا پاتالى ئاخۇندوۋ ( 1878ـ 1812) جەڭگىۋار قەلىمى بىلەن ، تاجاۋۇزچى كۈچلەرنى ،قۇلچىلىق ئىدىيىسى كۈچلۈك قورچاقلارنى سۆكۈپ تاشلىدى .خەلق ئاممىسىغا قارىتا ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ بۇ زور بۆلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش شوئارىنى تەشەببۇس قىلدى ... بىراق يېڭىلىققا قارشى تۇرىدىغان،  دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان قورچاق ھۆكىمەت ھاممىلىرى ئۆز قېرىنداشلىرىنى ،مىرزا پاتلىدەك ئەزىمەتلىرىنى ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلىدۇ ...
1979ـ يىلى ‹‹پادىشاغا قارشى كۈرەش ›› بىلەن داڭ چىقارغان ھومەينى ،ئۇزاق ۋاقىتلىق سەرگەردانلىق ھاياتىدىن كېيىن دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ ،ئىسلام ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەسس قىلىدۇ . ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر قاتار ‹‹ئىسلاھات ›› لار ئېلىپ بېرىلىدۇ .ھومەينى تىكلىگەن ‹‹ئىران ئىسلام جۇمھۇريىتى ›› ،‹‹قۇرئانى كەرىم ››نى ئاساسلىق دولەت قانۇنى قىلغان بولسىمۇ ،لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەشۇ مۇقەدەس دەستۇرىدىكى ‹‹ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار ›› { ‹‹قۇرئانى كەرىم ›› ، سۈرە بەنى ئىسرائىل ،33ـ بەت } دېگەن ئەھكاملارنى كۆزگە ئىلىپمۇ قويمايدۇ . بۇنداق سىياسىيونلاردىكى ئازغۇنلۇق ،ئىككى ئورتاق دىنغا ئىگە دۆلەتلەردىن ئىران بىلەن ئىراقنىڭ مۇشۇ ئەسىردە يۈز بەرگەن ،ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئەڭ قانلىق ئۇرۇشىدا گەۋدىلىك كۆرىلىدۇ . ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدا ھېچقانداق تالاش ـ تارتىش قىلغۇدەك چوڭ مەسىلە يوق ئىدى . بۇ پەقەت ئىككى مۇسۇلمان دولەت رەھپەرلىرىنىڭ ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى . ئىككى كاتتىۋاش ئۆز دولەت قانۇنلىرىنىڭ ئەكسىچە ،ھەممىنى بىراقلا ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولدى . ھەتتا ھومەينى :‹‹ئامېركاچوڭ شەيتان ›› ، ‹‹بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى كىچىك شەيتان ›› دەپ جار سالدى . بۇنىڭ بىلەن باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىرانغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى .
ئىسلام ئالىمىدىكى بۇ يوقىلاڭ ئۇرۇش مانا مۇشۇنداق باشلاندى .بۇ 80ـ يىللاردىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئىدى 9ـ ئاينىڭ 22- كۈنى ئىراق 100 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن ئىرانغا ھۇجۇم قىلدى . بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمىلى كۈچى تەڭ بوغاچقا بۇ خورىتىش ئۇرۇشىغا ئايلاندى . بىكاردىن ـ بىكارغا بۇ ئىككى مۇسۇلمان دولىتى سانسىزلىغان بىگۇنا ئاممىنى ئۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇردى .سوۋېت ئىتتپاقى ‹‹ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدىغۇچى دولەت ›› بولىۋىلىپ ، ئىككىلي دۆلەتكە ئاستىرىتتىن قۇرال ساتتى . ‹‹ئۆزىنىڭ قولى بىلەن ئۆزىنى ئۇرۇش ›› تاكتىكىسىنى ئىشلىتىپ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سالدى . ھومەينى بىلەن سادام باشقىلارنىڭ بۇ سىياسىي نەيرىڭىگە ھەدەپ ئۇسۇل ئوينىدى . .. روسلار 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئېشىپ قالغان ۋە ئولجا ئالغان كونا قۇراللارنى ئۆزلىرىمۇ قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى بىلەلمەي ئىككىلىنىپ قالغان بىر پەيىتتە ، بۇ ئۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتىگە سېتىپ بىر تەرەپ قىلىشىدىكى پۇرسەتكە ئىگە قىلدى ھەم روسلار زور پايدىغا ئېرىشتى . بىھۇدە ئۇرۇش تۈپەيلى ئىككى دولەت سانائەت ، يېزائىگىلىك ... جەھەتتە تامامەن 40 يىلىق ھالىدىن كەتتى .ئىران ۋە ئىراق ئۇرىشى ئەرەب ۋە پارىس سىياسىيونلىرىنىڭ ھاكىمىيەت ،سىياسەت ،ئىنسانپەرۋەرلىك غايىسىنىڭ نەقەدەر چاكىنىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى ...
بۇ توغرىدىكى ئەمىلى مىساللار ،ھازىرقى ئىسلام دۆلەتلىرى سىياسىي سەھىنىسىدىمۇ تالايلاپ  ئۇچرايدۇ : ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن تۈرۈكمەن باشى ـ سەپەر مۇرات نىيازوف 1990ـ يىلى دولەت زۇڭتۇڭى بولغان .بىراق ئۇنىڭ ئۆزىنى ‹‹مەڭگۈلۈك دولەت ئاتىسى ـ تۈركمەنىستان پادىشاھى ›› دەپ ئاتىشى ، پۈتۈن سىياسىي ھوقوقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋىلىشى ،ئەلگە دېمۇكىراتىيە ،ئەركىن سايلام ھوقوقىنى بەرمەسلىكى ،ئاخپارات ئەركىنلىكىنى بوغۇشى ... ئۆز خەلقنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىدىن گۇمانلىنىپ ،ئۇلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن روسىيە ۋە ئوكرانىيە دۆلەتلىرىدىن 2005ـ يىلنىڭ بېشىدا كۆپلەپ ھەربىي قۇراللارنى سېتىۋېلىشى ... قىرغىز زوڭتۇڭى ئاسقار ئاقايېۋنىڭ 2004ـ يىللىق سايلامدا يېڭىلىپ ،ئۆز سىياسىي رەقىبلىرىگە ئاستىرىتتىن ھۇجۇم ئورۇنلاشتۇرىشى ،ئەركىن مەتبۇئاتنى ،نامايىش قىلىشنى چەكلىشى ... قازاقىستان زوڭتۇڭى نەزەربايېۋنىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى ۋە سايلامدا ئۆزى بىلەن رىقابەتلەشكەنلەرنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرىشى ... ئۆزبېكىستان زوڭتۇڭى ئىسلام كەرىموپىنىڭ خەلق دېموكراتىيىسىنى چەكلىشى ،خەلق مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹ئەرىك دېموكىراتتىك پارتىيىسى ››رەھبەرلىرىنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىشى ھەم بىر قىسىم نامايىشلارنى قانلىق باستۇرۇشى ... تاجىكىستان زوڭتۇڭى ئىمام ئەلى راخمانوپنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن ئاللا قاچان چىقىپ كەتكەن روس ئەسكەرلىرىنى قايتا چاقىرىپ كېلىپ ،دۆلىتىنى يېرىم مۇستەملىكە ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويىشى... ھازىرقى ئىران رەھپەرلىرىنىڭ دۆلىتىدە ئوتتۇرا ئەسىر ھاكىمىيەت تۇزۇمىنى قوللىنىشى ... ۋە ئۆز دىننى قېرىنداشلىرى ، خوشنىسى تۈرۈكلەر بىلەن دۈشمەنلىشىشى . ‹‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان ››تۈرۈكلىرىنى ،تۈرۈكمەنلەرنى قاتتىق باستۇرۇشى ،ئۇلارغا ھېچقانداق ھوقۇق ،ئەركىنلىك بەرمەسلىكى ...ھازىرقى ئەرەپلەرنىڭ 20دىن ئوشۇق دولىتى بولسىمۇ، 300 مىليوندىن ئوشۇق نوپۇسى بولسىمۇ ،تېخىچە بىرلىككە كېلەلمەي ،نوپۇسى 4ـ 5 مىليون كەلگۈدەك ئىسرائىلىيىگە بوزەك بولىشى ، پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرالماسلىقى بۇلارنىڭ بەرى ئىسلام ئالىمىدىكى ھاكىمىيەت ،سىياسەت دولەت ...چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يېتەرسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنىڭ بىر سالقىن مەنزىرسى .
مۇسۇلمانلار جامەسىنىڭ قالاق ھالەتتە قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەپلەردىن يەنە بىر ،ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئىناق بولماسلىقىدۇر . ئىسلام دىنىنى تۇنجى قوبۇل قىلغان ئەرەبلەردە ، قەبىلە ۋازلىق ،تەبىقە ۋازلىقنىڭ يىلتىزى خېلىلا چوڭقۇر بولۇپ .ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئافرىقا ،ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بەرى ،ئەشۇ قەبىلىلەر ئايرىمىسىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان . ئۇلار بۆلۈنىشىنى ئەۋزەل بىلىشتەك يېتەرسىزلىكلىرى تۈپەيلى ، غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرگە بېسىنچاق بولۇپ قالغان . ئىلگىرى ئەرەبلەر گۈللەنگەن دەۋىرلەردە سانى ئاز ،قۇراللىرى ناچار تۇرۇپ، دۇنيادا قۇدىرەتلىك سانالغان رىم ئىپىرىيىسىنى ھالاك قىلغان .مۇندىن مىڭ يىل ئاۋۋال ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ تالاس دەرياسى بويىدا قۇدىرەتلىك تاڭ سۇلالىسىنىڭ زور قوشۇنلىرىنى بىتچىت قىلىپ ،ئۇلارنىڭ 1000يېقىن ئادىمىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدىكى پايتەختىگە يېتىۋالالىغان ... بۇنى ئەلۋەتتە شۇ چاغلاردا ئەرەپلەرنىڭ ھەمدەملىك ـ ئېتىقاد ئاساسىغا قۇرۇلغان بىرلىكىنى بىرنىچى ئورۇنغا قويغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايتتى . ئەشۇ دەۋىرلەردە ئەرەبلەر يەھۇدىلارنى باش كۆتۈرگىزمىگەن ئىدى ... بىراق ھازىر ئەھۋال تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ . ئەرەب دۇنياسى ھەتتا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كىچىك دۆلەتلەر ئالدىدىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىي ،ھەربىي ،مەدەنىيەت تەسىرىنى كۆرسىتەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالدى .ئېناقسىزلىقتا شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ،ئۇلاردا مىللىي روھ چۈشەنچىسى تولىمۇ كەم . شۇڭلاشقا ئافرىقىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە... قاتارلىق مۇستەملىكىلەرنىڭ تەسىرىدىن  ،يەنى سىياسى تەسىرىدىن ھازىرغىچە قۇتۇلغان ئەمەس . ئوتتۇرا شەرق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىر قىسمى روسىيىنى ،بىر قىسمى شەرقىتىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرنى ،يەنە بىر قىسمى ئىران ۋە ئامېرىكىنى ياقىلايدۇ . ئۇلار ھامان مۇشۇ دۆلەتلەر بىزگە ھامىي بولالايدۇ دەپ قارايدۇ . ئۇلاردا ئۆزلىرىدىكى قۇدىرەتكە ئىشىنىش  تۇيغۇسى يېتەرسىز بولغاچقا ،‹‹ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزىنىڭ قولىدىدۇر ›› { سۈرە ياسىن ،83ـ ئايەت } دېگەن مىزاننى ئۇنتۇپ قېلىشقان .ئۇلارچە ئۇلارنى بىردىنبىر قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان نەرسە ،ئەرەب مىللىي روھى بولماستىن ،بەلكى ئەرەب نېفىتلىرىگە كۆز تىككەن ‹‹كۈچلۈك غەرب››لىكلەردۇر .
2004ـ غەربلىكلەر ئىراققا باستۇرۇپ كەلگەندە ،ئىراق ئارمىيسى بۇندىن 40ـ 50يىل ئىلگىرىكى روسىيەدىن نېفىتقا تېگىشىپ ئالغان كونا قۇراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ .ئۆزلىرنىڭ غەرب ئالدىدىكى تولىمۇ ئاجىز مەۋقەسىنى ئاشكارلاپ قويغان ئىدى .ھەتتا ئىراق ئەسكەرلىرى ئاشۈ كونا قۇراللار بىلەن ئۆز قېرىنداشلىرى گۈۋەيت ئەربلىرىگە تاجاۋۇزچىلىق يۈرگۈزۈپ ، ‹‹جاھاندا ئۆزىدىن قۇدىرەتلىك دولەت يوق ››دەپ جار سالغان ئىدى . ئەمەلىيەتتە روسىيە ئۇنى ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈۋاتاتتى .ئىراق ھۆكۈمدارلىرى ئۆزلىرنىڭ ئاجىز قېرىنداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى بىلگەن بىلەن ،تارىخى دۇشمىنى ئىسرائىلىيىگە ھېچقانداق قۇرال ئىشلىتەلمىدى . مۇشنىڭغا ئوخشاش باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىمۇ ھە دەپ غەربكە خۇشامەت قىلىشنى ئەرەبلەردىن ئۈگۈنۈپ ،ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋەتتكىنى بىلەن .غەرب بۇ دۆلەتلەرنىڭ پەقەت نېفىت ۋە خام ئەشيالىرىغا قىزىقىپ ،ئۇلارغا ھېچقانداق چوڭ بىر سانائەت زاۋۇتلىرىنى قۇرۇش ئاساسىدىكى مەبلەغلەرنىمۇ سېلىپ بەرمىدى .ئوتتۇرا شەرىقتىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشنا بولغان چوڭ دولەت ئىران ، باشقا دۆلەتلەردىن كۆرە دىنىي قېرىندىشى تۈركىيەدىن بەكرەك ئەنسىرەيدۇ . چۈنكى ئىراننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ‹‹جەنۇبىي ئەزەربەيجان ››دىكى 20مىليونغا يېقىن ئەزەرلەر  ،ئىران شەرقى شىمالىدىكى تۈرۈكمەنلەر تۈركىيە تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن . چۈنكى ئۇلار ئۆز ئارا قانداش خەلق .شۇڭا ئىرانلىقلار ئۆزلىرىنى دەي ـ دەيگە سېلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىگە ئەمەس ، بەلكى ئۆز ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە ،ئەتىراپىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش ئاجىز دۆلەتلەرگە زوراۋانلىق قىلىشقا ئىمتىيازلىق ... بۇ دولەت سىياسىيونلىرىغا ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىدىغان ھاكاۋۇرانە ھوقوقنى ،ئاستىرىتتىن كۈشكۈرتۈپ ئەرەب ـ تۇرۈك مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارشى قويۇۋاتقان ‹‹ئاكا دولەت ››روسىيە بەرگەن ، چۈنكى روسىيەنىڭ كونا قۇراللىرىنى پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدىغان بىردىن بىر چوڭ دولەت ئىراندۇر .ئىران مىللىتارىسلىرى ،دولەت بېشىدىكى موللىلار ... مۇشۇ ئەمەلدىن قالغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ۋە خەلقىنى ئالداپ ،دۇنيا خەلقى ئالدىدا بىر ‹‹ قەغەز يولۋاس››قا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېچقاچان سەزگەن ئەمەس .شۇڭلاشقا روسىيە بۇ مۇسۇلمان دۆلىتىنى كۈشكۈرتۈپ ،سوۋېت ئىتتپاقىدىغان قالغان كونا ھېلە بىلەن ،ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇش مەيدانى ئېچىش ئۈچۈن ، ‹‹يادرو ئېلېكتر ئىستانىسىسى قۇرۇپ بېرىمىز ›› دېگەن بانادا ، ئۇنى بىر يادرو دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ ،دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىنى بۇراپ ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيىلىك  ھوقوقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا قولغا كىرگۈزۈش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلماقتا .تۈركىيە سىياسىيونلىرى ئىراننىڭ بۇخىل تۇيۇق يولىنى ئالدىن سەزگەچكە ،ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىپ ئۆزىنى قوغدىماقچى بولىۋاتىدۇ .بۇلارنىڭ بەرى ،ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئىنقاسىزلىقىدىن، باشقىلارنىڭ ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالىدۇر .
ھازىرقى ئىران – پارىسلىرى ئۆزلىرىنى ، بىز ئىسلام ئالىمىدە بىرىنچى سەركەردە ،تارىخىمىز ئۇزۇن... چوڭ دولەت دەپ قارايدۇ .ئەمما ئۇلار پەقەت ئىلىمىزدىكى  تۇڭگانلارنىلا بىر مەزھەپ بولغىنى ئۈچۈن ھەقىقىي مۇسۇلمان دەپ چۈشىنىدۇ . ..سالا ،ئۇيغۇر ، قازاق ،تاتار ... مۇسۇلمانلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ۋە ئەدەپلەرنى مەنسىتمەيدۇ .ئۇلارنىڭ مەزھىپىدە بولىمغان ھەممە مۇسۇلمان ‹‹غەيرى مۇسۇلمان››دۇر .بۇ قاراشلار ئۇلار دولەت قانۇنى دەپ قارايدىغان مۇقەددەس كالامدىكى ‹‹ئى مۆمۈنلەر ! بىر قەۋىم يەنە بىر قەۋىمنى ( بىر جامە ،يەنە بىر جامەنى ،بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى ) مەسخىرە قىلمىسۇن ››{ سۈرە ھۇجۇرات ،11ـ ئايەت } دېگەن ئايەتلەرگە تامامەن زىت كېلىدۇ .
90ـ يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،ياۋروپادىكى جەنۇبىي سىلاۋيانلار ‹‹يۇگوسلاۋىيىگە ››سېرىپلىرى روسىيەنىڭ قوللىشى بىلەن دولەت چىگىراسى ئىچىدىكى مۇسۇلمان ئالبانلارغا ئىرقى قىرغىنچلىق ئېلىپ باردى .بۇنىڭ بىلەن ‹‹كوسۇۋا مۇسۇلمانلىرى ››نىڭ ھەقىقىي سەرگەردانلىق ھاياتى باشلىنىپ ،پۈتكۈل ياۋرۇپادا مۇساپىر مۇسۇلمان ئالبانلارغا ياردەم كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتكەندە. پەقەت تۈركىيە بۇ سانى كۆپ ھەم ئېغىر كۈندە قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا مىليونلاپ پۇل ،ماددىي ياردەم كۆرسەتتى ھەتتا ئۇلارغا ئولتۇراق يەر ئاجىرتىپ بەردى ... بىراق باشقا ئۆزلىرنى چوڭ سانىغان ئەرەب ، ئىران ،ئافرىقا ... مۇسۇلمان دۆلەتلىرى روسىيەدىن قورقۇپ ياردەم قولىنى سۇنالمىدى ... ھەتتا بەزىللىرى بىر مىللەت بولمىغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولۇشتى .
مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ۋەقە كاۋكازىيەدە روي بەردى . دادايېف باشچىلىقىدا چېچىنلار ئۆز ئەركى ئۈچۈن روسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلدى . دادايېفتىن كېيىن ئۇلارغا ئارسلان ماسخادوف سەردار بولۇپ ،روسىيە تەۋەسىدە ‹‹4 يىل مۇستەقىل ›› بولدى ... بىراق روس ھۆكىمىتى بۇ قېتىم ئۇلارغا ۋەھشىيانە باستۇرۇش ئېلىپ باردى .بۇ قىرغىنچىلىققا پەقەت ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى ئېتىراز بىلدۈردى ھەم بۇ دۆلەتلەردە روس ھۆكىمىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىشلار ئەۋج ئالدى .تۈركىيە غەرب باشلىقلىرىنى ئىستانبۇلغا يىغىپ چېچىنىيە مەسىلىسىنى تىنچ سىياسى يول بىلەن ھەل قىلماقچى بولدى . لېكىن ئامال بولمىدى .روسىيە خەلىقارا قانۇنغا پىسەنىت قىلماي ،كاۋكازدىكى زوراۋانلىقىنى داۋام قىلدىرىۋەردى  .باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ قانلىق قىرغىنغا قارشى بىرەر ئورۇندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ياكى دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى يىغىلىش ـ مۇنازىرىمۇ بولمىدى ... بەلكى ئەربلەر ، ئىرانلىقلار ، ئوتتۇرائاسىيالىقلار ، پاكىستانلىقلار ...مۇشۇنداق چوڭ ۋە ئەڭ سەزگۈر دۇنياۋى مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ،ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى .قازاقىستان ،ئۆزبېكىستان ... قاتارلىق دۆلەتلەر ‹‹روسىيەدىن خۇدۈكسىرەپ ›› مۇساپىر چېچىنلارغا پانا بېرىشتىن باش تارتتى .
ئىسلام ئالىمدىكى ئىجىتىمائى چېكىنىشلەرنىڭ سەۋەبلىرىدىن يەنە بىرى : ئۇلارنىڭ ئىلىم ـ پەننى تازا دېگەندەك راۋاج تاپقۇزمىغانلىقى  .بولۇپمۇ ماددىي ئەشيا ـ ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتلىرى ،جۈملىدىن يېزائىگىلىك ،يىنىك سانائەت ـ ئېغىر سانائەت : ماشىنىسازلىق ،ھەربىي ئەسلىھە ،دولەت مۇداپىيەسى ...دەك چوڭ ئىشلاردا زامانىۋىلىشىش قەدىمىنىڭ يوق دىيەرلىك ئىكەنلىكىدۇر ...‹‹ئەگەر سىلەر راستىنلا بىلسەڭلار غەلپەتتە قالماڭلار .››{سۈرە تەكاسۈر ،5ـ ئايەت } دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئەكسىچە ،كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىلمۈ ـ ئىرپان، زامانىۋىلىشىشتىن ھازىرغىچە ‹‹غەلپەتتە ››قالغان .ئۇلار ھەيدەيدىغان ماتورلۇق بۇيۇملار ،ئىشلىتىۋاتقان ئېلېكتر  سايمانلىرى ،ھەربىي ،دولەت مۇداپىيە سانائەت ئەسلىھەلىرى ،قاتناش ـ تىرانسىپورىت ۋاستىلىرى ... بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى غەرب ئەللىرىدىن سېتىۋالىدۇ . بۇ تەييار تاپ دۆلەتلەر ئاساسلىقى غەربنى خام ئەشيا بىلەن تەمىن ئېتىدۇ .بىرلا سەۋۇدى  ئەرەبىستانىغا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورىت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئامېرىكا ، ياپۇنىيە ۋە كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىدۇر  .بۇ دۆلەتلەرگە ئەرەبىستان نېفىت ئېكىسپورىت قىلىدىغان بولۇپ ،ئومۇمى ئېكسپورتنىڭ %95 نى تەشكىل قىلىدىكەن . غەربتىن ئەرەبىستانغا ئىمپورىت قىلىنىدىغىنى ئېغىر تىپتىكى سانائەت ، ئېلېكتر بۇيۇملىرى . ماشىنا ئۈسكىنىلىرى ،تىرانسىپورىت ،بىناكارلىق قۇراللىرىدىن تاشقىرى ،يېمەك ـ ئىچمەك ،كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ...دۇر .ئىرانمۇ  ئىسلام ئالىمىدىكى چوڭ دولەت بولىسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ سانائىتى ۋە يېزائىگىلىكى تەرققىي قىلمىغان . ئىراننىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى پۈتۈن يەر كۆلىمىنىڭ ئاران % 10 تەشكىل قىلىدىكەن ،دائىم غەربتىن ئاشلىق ئىمپورىت قىلىدىكەن . ئېكىسپورىت قىلىدىغىنى پەقەت نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئىكەن .
1998ـ يىلى 9ـ ئايدا جۇڭگو خەرىتە نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان ‹‹دۇنيا خەرىتىسى قوللانمىسى ›› ناملىق كىتابتا ،مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان يېزائىگىلىك ،سانائەت ... ماددىي مەھسۇلاتلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا مۇنداق بېرىلگەن : (قىسقارتىلدى )
‹‹پاكىستان››: ئەنئەنىۋى قالاق يېزا ئىگىلىك دولىتى . ئېكسپورىت قىلىدىغىنى پاختا ، پاختا توقۇمىچىلىق ئەشيالىرىدۇر .
‹‹ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ››، زۆرۇر دائىم ئىشلىتىدىغان يېزائىگىلىك ۋە سانائەت ...مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ .ئىقتىسادى پەقەت گاز ۋە نېفىت ئېكسپورتىغا تايىنىدۇ .
‹‹ئومان سۇلتانلىقى ››:بارلىق ئىقتىسادى كۈچى نېفىت ئېسپورىت قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ .يېزا ئىگىلىكىدە پەقەت چىلان ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن قۇرۇق بېلىق .سانائىتى تەرققىي قىلمىغان .
‹‹يەمەن جۇمھۇرىيىتى ››: بۇ دۆلەتتە تېخنىكىسى تەرققىي قىلمىغان چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ .
‹‹ئىئوردانىيە پادىشالىقى ››: تەرققىي قىلمىغان يېزائىگىلىك دولىتى .مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ،تاماكا سەي ـ كۆكتات ،مېۋە ـ چېۋە ،
‹‹سۇرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتى ›› :ئەنئەنىۋى يېزائىگىلىك دولىتى ...
‹‹سودان جۇمھۇريىتى ››: يېزائىگىلىكى ۋە سانائىتى ئوخشاشلا تەرققىي قىلمىغان .
‹‹ھىندونېزىيە جۇمھۇريىتى ››: بۇ  دۆلەتتە كانچىلىق ۋە يېزائىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ .
‹‹ئەرەب سوتسيالىستىك لىۋىيە جۇمھۇرىيىتى ››: بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ% 99نى نېفىت ئېكىسپورتى تەشكىل قىلىدۇ .
‹‹تۈركمەنىستان ››: بۇ دولەت ئاساسلىق نېفىتكە تايىنىدۇ .
‹‹ئۆزبېكستان ››: بۇ دولەت يېزائىگىلىك ئىشلەپ چىقىرىشىدىكى پاختا ئېكىسپورتىغا تاينىپ ئىقتسادىي ئېنېرگىيەنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ .
‹‹قازاقىستان ››: كونا سوۋېت ئىتتپاقىدىن مىراس قالغان تۆمۈر ـ تەسەك ،ياغاچ ماتىرىياللىرى ،كۆمۈر ... ئېكسپوىت قىلىشقا تايىنىدۇ .
يۇقىرىقىلارنىڭ  ھەممىسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تايانىچ كۈچى بولغان ، ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپ چىقىرىشتىكى ئەمىلى ئەھۋالىدۇر . بۇنىڭغا روشەن سېلىشتۇرما بولىدىغىنى غەرب دۇنياسىنىڭ يۈكسەلگەن يېزائىگىلىك ،پەن ـ تېخنىكا ،سانائەت ...لىرىدىكى ئۆزگىچە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدۇر .بۇلارنىڭ ئىلغار تېخنىكا بىلەن قۇراللانغان يۈكسىلىش سۈرىتى ،ئىسلام ئەللىرىدىن ئالھىدە خاسلىقلارغا ئىگە بولۇپ . بۇ ھال بۇ ئىككى مۇسىبەت ۋە مەنپىي قۇتۇپ ئوتتۇرسىدىكى ھاڭنىڭ ئاسمان ـ زېمىن ئىكەنلىكىنى بىزگە شەرھىلىپ بېرىدۇ . ..بۇ ئوخشىماسلىقلارنى تۈۋەندىكى جانلىق پاكىتلار تېخمۇ روشەن دەلىللەيدۇ :(قىسقارتىلدى )
‹‹بولغارىيە ››: كانچىلىق ، خىمىيە ، ئىلىكتىرون ،كېمىچىلىك سانائىتى تەرققىي قىلغان ،يېزائىگىلىكى ماشىنىلاشقان
‹‹بىلگىيە ››:تەرققىي قىلغان سانائەت دولىتى .
‹‹ئاۋستىرىيە ›› : سانائىتى ۋە يېزائىگىلىكى تەرققىي قىلغان .
‹‹نورۋىگىيە ›› :تەرققىي قىلغان يېزائىگىلىك ،سانائەت دولىتى .
................................................................
يۇقىردا بىز ئىسلام ئالىمى بىلەن غەربتىكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتسادىي ،سانائەت ،يېزائىگىلىكى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقتۇق .بۇلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكى ،ئىسلام ئالىمىدىكى تىراگىدىيىلىك كۆرۈنىشلەر ،بولۇپمۇ بۇ دۆلەتلەردىكى نامراتلىق ،نادانلىق، ئاچارچىلىق ...نىڭ مەنبەيى ،تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى قاتارلىقلارنىڭ تۈپكى سەۋەبلىرى ،ئۇلار تۇرغان مۇھىت تەرپىدىن بەلگىلىنىپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇلارنىڭ ئىلىم ئېلىش مۇھىتنىڭ تۆۋەنلىكى ،تەربىيلىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا ئۆز دۆلەتلىرىدىكى يېزائىگىلىك ۋە سانائىتىنىڭ زامانىۋىلاشمىغانلىقى ،بۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىپتىدائىي شەكىلدە قالاق پېتى قالغانلىقى ...بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر . بىزنىڭچە بىر دۆلەتنىڭ خەلقىنىڭ ئىختىسادىي ئاساسى قالاق ، پەقەت ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىشقىلا تايانسا شۇنداقلا نېفىت ۋە تەبئىي گاز دىگەندەك تەبئىي نەرسىلەر بىلەن چەكلىنىپ قالسا ،ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزىدىن ئىلغار بولغان دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئۇ دولەت نامىدا ‹‹مۇستەقىل ›› سانالسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ئەشۇ ئاكتىپ ئورۇندىكى ئەللەرگە بېسىنچاق بولۇپ ،ھەقىقىي مۇستەقىللىق رولىنى يوقىتىدۇ . يەنى باشقا تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرالمىسا ،پەقەت سىرىتقا تايىنىدىغان ،ھەتتا ئۆز دۈشمىنىدىن ئۈمىد كۈتىدىغان ئاجىز دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ . ھازىرقى شارائىت ئىلىم پەننىڭ ئۇچقاندەك  يۈكسىلىشىنى ،بىر دولەت ۋە خەلقنىڭ مىللىي قۇۋىتىنى مەدەنىيەت ،مەرىپەت ...ئىشلىرىدىن سىرىت يەنە ھەربىي سانائەت ،ماشىنىسازلىق ئىلىكتىرون ، ئاۋىئاتسىيە ،قاتناش سانائەتلىرىنىڭ ... تەرەققىياتىمۇ بەلگىلەپ قويغان . يۇقىرىقىلاردىن بىزگە مەلۇمكى ،ئىسلام ئالىمى بۇ جەھەتتە  پەقەت ئىستېمال قىلىدىغان ،ئىشلەپ چىقىرالمايدىغان پاسسىپ زۇناغا ئايلىنىپ قالغان .
ئۇنداقتا بىزنىڭ كاللىمىزغا ئىسلام ئالىمى نېمە ئۈچۈن سانائەت تېخنىكىسىدا غەربتىن ئارقىدا قالىدۇ .؟ نېمە ئۈچۈن بۇلار ھازىرغىچە بۇ نوقتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىدى ...؟دېگەن سوئاللارنىڭ كېلىشى تۇرغانلا گەپ .بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولسىمۇ ،ئۇنى مۇنداق نوقتىغا جەملەشكە بولىدۇ : مۇسۇلمانلارنىڭ قانۇنى دەستۇرىدا ‹‹تۆمۈرنى ياراتتۇق ،تۆمۈر كۈچ ـ قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار ››{ ‹‹قۇرئانى كەرىم ››، 57ـ سۈرە ھەدىد ،25ـ ئايەت .} دېيىلگەن .بۇ يەردە ئېيتىلغان تۆمۈر ئىككى خىل سىموۋۇللۇق ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ . بىرى، ئىنسانلار قەدىمدىن ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ،قۇرال سۈپىتىدە پايدىلىنىدىغان تۆمۈرنى . يەنە بىرى ئاشۇنىڭغا ئوخشاش رودا تاشلاردىن ئېرىتىلىپ ياسالغان باشقا ھەرخىل مېتاللارنى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بۇ ‹‹تۆمۈر ››ـ مېتالغا تالاي سىرلار يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمىشى ،مەدەنىيىتى ،ئېتقادى... ۋە باشقا ساھەلەردە ھازىرغىچە مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە . شۇنى ئېيتىش كېرەككى ،ئەشۇ ‹‹تۆمۈر ـ مېتال ›› دىن ئىبارەت مۇھىم نەرسە ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تالاي رەت ئۆزگەرتىۋەتكەن ، يۈكسەلدۈرگەن ... ئەگەر ئۇ بولمىغاندا ھازىرقىدەك تەرەققىياتلار بولمىغان بۇلاتتى دېسەك ھېچ خاتالاشمىغان بولىمىز . شۇنداقلا ئۇنىڭسىز ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى بارلىق سانائەت ،يېزائىگىلىك ، دولەت مۇداپىيەسى ...قاتارلىقلارنىڭ روياپقا چىقىشى مۆمكىن ئەمەس ئىدى . شۇڭلاشقىمۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى بولۇپ سانائەتنىڭ خۇرۇچى ،ئاساسىي ماددىسى ئەشۇ تۆمۈر ـ مېتالنى كەشىپ قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ـ تۇرانىيەلىكلەر ، ئەڭ بۇرۇن ئىنسانىيەت تارىخىدا تەرەققىيات ،مەدەنىيەت ... يارىتىش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى .ئەشۇ تۆمۈر ـ مېتالنىڭ كۈچى بىلەن ئۇلار دۇنيادا تۇنجى بولۇپ يايلاق ئىمپىرىيەسىنىڭ ئۇل تېشىنى تۇرغۇزغان . ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ جەڭدە كېرەك بولىدىغان قۇراللارنى ،مىنىدىغان ئېتىغا كېرەك بولىدىغان تاقىلارنى ياسىغان.. . ئەگەر تۆمۈر ـ مېتال بولمىغىنىدا ،يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئاتلىرى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ،غەرب ـ شەرق ئارلىقىدا بۇنچە چوڭ مەدەنىيەت ،ئىرىقى ئەبجەشلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمىغان ،غايەت زور ‹‹ ئوچۇق ››مەدەنىيەت››نىڭ ئاساسىنى تىكلىيەلمىگەن بۇلاتتى .بۇ خەلقلەر ئاشۇنىڭ قۇدىرتى ئارقىلىقلا ھەقىقەتنىڭ يولىنى ئاچالىغان . ئۇلار تۆمۈردىن زور ‹‹مەنپەت ››كۆرگەچكە ، ئۆزلىرىدە ئەشۇ مۇستەھكەم قاتتىق تۆمۈر ـ مېتالدەك  روھىنى يېتىلدۈرگەن . خۇددى تۆمۈردەك قاتتىق بىردەكلىكىنى ـ ھىملىقىنى ،زور ئۇيۇشۇش كۈچىنى ، ھەرقانداق زەربىگە بولغان يىمىرىلمەسلىكىنى ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چىرىمەسلىكىنى ... ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىلغان ئىدى .شۇڭلاشقا ئەجداتلىرىمىز بولغان تۇرانىيەلىكلەر تۆمۈرگە ـ مېتالغا بولغان ئىزدىنىشىنى توختاۋسىز ئىچكىرلەپ ئېلىپ بارغان ۋە ئۇنىڭدىكى ئىلاھىي ھەقىقەتنى تاپماقچى بولۇشقان . ھەرخىل تۆمۈر ـ مېتال مەدەنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇپراق ۋە تاغلارغا چوقۇنغان .تۆمۈر ۋە تۆمۈر روھىدىكى سىرلار ئۇلارنى بارغانچە ئۆزلىرىگە جەلپ قىلىپ بارغاچقا .ئۇ ئۇلار تۇرمۇشىنىڭ ۋە ئېتىقادىنىڭ بىر تەركىبى قىسىمىغا ئايلىنىپ قالغان .شۇڭلاشقا ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرى ياشىغان ۋە چوقۇنغان تاغلارغا ،ئەشۇ مېتاللارنىڭ نامىنى بېرىپ ‹‹ ئالتۇن ››ـ ‹‹ئالتاي تاغ ››،‹‹تۆمۈر تاغ ›› ...دەپ ئاتىغان بولسا ، ئادەم ئىسملىرىغىمۇ ئەشۇ خىل تۆمۈر ـ مېتال روھىنى نامايان قىلىپ ،ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۆمۈر خىسلىتىگە ئىگە بولۇپ ‹‹مۇستەھكەم ـ چىڭ ›› ، ‹‹باتۇر ››، ئەخلاقىي نوقتىدىن جەلىپكار ياكى ‹‹پاك ›› بولىشىنى ... ئارمان قىلىشىپ ‹‹ چىن تۆمۈر باتۇر ›› ،‹‹تۆمۈر لەڭ ››، ‹‹ پولات ›› ،‹‹كۈمۈش بىبى ››، ‹‹قوغۇرسۇر ئالتۇن›› ...دېگەندەك ئىسىملارنى قويغان ئىدى قەدىمكى يايلاق مىللەتلىرى جۈملىدىن تۈرانىيەلىكلەر ياشىغان ئوردۇس يايلىقى ،ئوتتۇرا ئاسىيا ...رايونلىرىدىن نۇرغۇنلىغان ھون ،تۈرۈك...مىللەتلىرىنىڭ قەبرىلىرى تېپىلغان بولۇپ ، بۇ قەبىرلەردىن ئالتۇن تاج ،مېتالدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى ، تۆمۈر قۇراللار كۆپلەپ تېپىلغان .دېمەك ، بۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۆمۈر ـ مېتال تەتقىقاتىنىڭ ،ئۇنىڭغا بولغان ئىزدىنىشنىڭ خېلى بۇرۇن باشلانغانلىقىدىن ۋە شۇنى مەدەنىيەت تەرەقىياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .يىپەك يولىنى تۇنجى بولۇپ ئاچقان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ـ تورانىيەلىكلەر دەسلەپ ئىشنى تۆمۈر بىلەن ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان مېتاللاردىن ،يەنى ئالتۇن سودىسىدىن باشلىغان ئىدى . ئۇلار ئالتاينىڭ ئالتۇنلىرىنى ،شىمالى يايلاقتىكى ئىپتىدائىي يايلاق يولى ‹‹ئالتۇن يولى ›› بىلەن غەربكە ئاپىرىپ ساتقان ئىدى . ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىياغا قۇرغان بىرنەچچە قەدىمى شەھەرلەرگە ‹‹تۆمۈر قاپاقا ›› دەپ نام بەرگەن بولسا ، شەھەر قوۋۇقلىرىنى تۆمۈردىن ياسار ئىدى . ئىلگىرى ئالتاي ـ ئالتۇن تېغىدا تۇنجى بولۇپ تۆمۈر تاۋلىغان كۆك تۈرۈكلەر ،ئەشۇ تۆمۈرنىڭ كۈچىدە تولۇق قۇرئاللىنىپ ،ئۆزلىرىگە زوراۋانلىق قىلغان ئاۋارلارنى ھالاك قىلىپ ، 6ـ ئەسىردە ‹‹ كۆك تۈرۈك خانلىقى››نى ئالتاي – ئورخۇن ۋادىسىدا قۇرغان .ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن ھونلار شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنى تۆمۈر روھى ۋە تۆمۈردىن ياسالغان ئىلغار قۇراللار بىلەن يەڭگەن ئىدى . ئۇلار ئىجاد قىلغان ئوقيانىڭ باشىقى ئۆتكۈر ھەم ئۇچلۇق تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى .ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ـ ئۇيغۇرلار تۇنجى بولۇپ ،مۇندىن 4ـ 5 مىڭ يىل ئىلگىرى تۆمۈر ساپان ئارقىلىق تارىم ۋادىسىدا بوز ئاچقان .
دېمەك ، ئۇيغۇر ـ تورانىيەلىكلەر تەبىئەتنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتىنى ،ھەقىقىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆمۈر ـ مېتالنىڭ سىرىنى تۇنجى ھېس قىلغاچقا ،ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۈچلۈك مەدەنىيەت ياراتقۇچىلاردىن بولۇپ قالغان ئىدى . تۆمۈر ـ مېتال روھى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتى ،ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ سانائەت – مەدەنىيەت يۈزلىنىشىنىڭ ،تەرەققىيات سۈرىتىنىڭ تېز ـ ئاستىلىقىنى بەلگىلەپ قويغان مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر .ئەمىلى مىسال بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا تۆمۈر سانائىتى ،جۈملىدىن مېتالچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئەمىلى كۈچى ھەقىقەتەن زوردۇر . بولۇپمۇ ياۋروپا ـ غەرب ،ئامېرىكا ئەللىرىنىڭ ھەرجەھەتتىن تەرەققىي قىلىپ ،مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھازىرقى شارائىتتا بۇ جەھەتتە ئارقىدا قېلىشىدىكى تۈپ سەۋەپلەردىن بىرىمۇ مۇشۇ بولسا كېرەك . ھازىرقى غەربلىكلەر سانائەتنىڭ ئاساسىي ماددىسى بولغان تۆمۈرنىڭ قۇدىرتىنى ،تۆمۈر روھىنى ـ ‹‹تۆمۇر ھەقىقىتىنى ››چۈشەنگەن .شۇڭا ئۇلاردا تۆمۈردەك ئۇيۇشۇشىچانلىق ،ھېملىك ۋە سانائەتلىشىشى ئالدىغا كەتكەن . مۇسۇلمانلار بۇ روھتىن كۆرە ،ئۆزلىرى ياشاپ تۇرغان قۇملۇقلاردىكى قۇرغاق ‹‹قۇم››دەك چېچىلاڭغۇلۇق ،ئۇيۇشالماسلىقتەك  ... يامان تەرىپلەرنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋالغان .شۇ سەۋەپتىن 19ـ ئەسىرنىڭ بۇسۇغىسىغا كېلە ـ كەلمەي ،بوراندا قالغان قۇمدەك ھەر تەرپكە چېچىلىشقا باشلىغان ... بۇنىڭ ئەكسىچە بۇ روھ بىلەن تەپەككۈرىنى تويۇندۇرغان غەربلىكلەر ،مېتال ـ مىستىن ياسىغان چېركاۋ قوڭغۇراقلىرىنىڭ سادالىرى ،ئىلگىرىكى يىپەك يولىنىڭ ئۇ بېشدىن بۇ بېشىغىچە ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئەزان ئۇنلىرىنى بېسىپ كەتتى ...
ھەقىقەتەن .ھەرقانداق دولەت مۇداپىيەسى ،ئىلىكتىرون ، قاتناش قۇراللىرى ،قۇرلۇش ماتىرياللىرى ...قاتارلىق سانائەت ۋە ئۇنىڭ تەرققىياتى مىللەت روھىنىڭ بارلىققا كېلىشى ،ئەشۇ ھەم ئويۇشىشىچان ھەم ئەۋرىشىم تۆمۈر ـ مېتال روھسىز ھۇجۇتقا چىقمايدۇ . ئۇنىڭ خىسلىتى ـ ھەقىقىتى ئىنسانىيەتنى ـ تەڭرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ . ئىنساننى يۈكسەلدۈرىدۇ ،ئىنساننى ئەزىز قىلىدۇ . ئۇ خۇددى ئېتقاددەك  مۇستەھكەمدۇر . شۇڭا خەلقىمىزدە  ئاجىز ئادەم ياكى مىللەتلەرنى تەرپلىگەندە ‹‹ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق خەلق ياكى ئادەم ›› دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلىتىدۇ . بۇ سۆزگە ھەقىقەتەن زور ھېكىمەت يوشۇرۇنغاندۇر . ئەگەر قولىدا تۆمۈر ـ تۆمۈر قۇرالى بولمىغان ئادەم ،سەپەرلەردە ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولىشى ئېنىق ... پىچاق ـ تۆمۈر شۇڭا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ گۆش توغراپ يەيمىز ۋە باشقا ئىشلارنى قىلىمىز . ئۇ بولمىغاندا بۇ ئىشلارنى قىلىش تولىمۇ تەسكە توختار ئىدى . ھازىرقى غەربلىكلەر ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سانائەت بۇيۇملىرىنى( تۆمۈرنى ـ مىتالنى ـ ھەقىقەتنى ) ساتسا ،مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئەكسىچە پۇلى يوق ئادەم قان ساتقاندەك ،‹‹ئاللا يارىتىپ قويغان ›› نېفىتنى ،تەبئىي گازنى ...ساتماقتا ...
بىز بۇلاردىن مۇسۇلمانلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك ۋە ھازىرقى تىراگىدىيىلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى ئاسانلا بىلىپ ئالالايمىز ، يەنى مۇسۇلمانلاردا ‹‹تۆمۈر ـ مېتال خىسلىتى ››كەم . بۇ توغرىدىكى ئىزدىنىش تېخمۇ كەم .ئۇلاردا تۆمۈردەك بىرلىك ،يەنى ھەمدەملىك يوق . يەنە بىر تەرەپتىن ئىلىم پەننىڭ سىموۋۇلى بولغان ‹‹تۆمۈر ـ مېتال ›› غا بولغان ئاشىقانە تەلپۈنۈش ،ئۇنى تەتقىق قىلىدىغان روھى ،قىزغىنلىقى كەمچىل .ئۇلار ھەرقانداق پەننىڭ ئاشۇنى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . غەرب ئەللىرى ئاشۇ تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۆمۈر سانائىتىدىن مەھرۇم قالغان بۇ يېپىق زونا ئىنسانلىرىنى  بىر – بىرىگە ئۇرۇشقا سېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىلىرىدىن قانغىچە پايدىلاندى ۋە پايدىلانماقتا .
ئىسلام ئالىمىدىكى غېرىبلىقلارنىڭ يەنە بىر سەلبىي سەۋەبى : تارىخى يىلتىز ئۇزۇن بولغان ،ئۇلار ئېڭىغا يۆگىمەشتەك چىڭ چىرماشقان ئىشرەتۋازلىقتۇر . ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىدا :‹‹زىناغا يېقىنلاشماڭلار ، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر ،يامان يولدۇر ››{سۈرە ئىسرائىل ،32ـ ئايەت .} دېيىلگەن .روسىيەنىڭ مەشھۇر شائىرى پوشكىن ئۆزىنىڭ داڭلىق ئەسىرى ‹‹باغچا ساراي فونتانى ››ناملىق ئەسىرىدە ، ئىسلام ئالىمىدىكى ئىشرەتخۇرلۇق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتكەن ئىدى . ئەسىرىدە شائىر قىرىمدىكى تاتار خانلىقلىرىدىن بىرى ‹‹قىرىم خانلىقى ››ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن خارابىلىككە مەھكۇم بولغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى ئانالىز ئېلىپ بارغان . ئەسىلىدە قىرىم خانى جىلايى ›› ئىنتايىن ئىشرەتخور بولۇپ ،ئۇ ھەر بىر ئىستىلا قىلغان زېمىندا بۇزۇقچىلىققا يول قويىدۇ . ئۆزى بولسا پايتەخىت شەھەر ‹‹ باغچا سارايغا ›› بىنا قىلىنغان ھەشەمەتلىك ئوردسى ئىچىدىكى ھەرەمخانسغا بىر فونتان ياسىتىدۇ . بۇ ئۇنىڭ ئىشرەتخۇرلىقى ۋە‹‹ توقاللىرىنىڭ سەگىدىشى ›› ئۈچۈن ئىدى . ھەر بىر مۇستەملىكە ئەلدىن نارەسىدە قىزلارنى ئۆز ھەرەمخانسغا ئېلىپ كېلىۋەرگەچكە ،ھەرەمخانا دەپسەندە قىلىنغان قىز ـ چوكانلارنىڭ پەريادى بىلەن زىلزىلىگە كېلىدۇ . ئەسەردە زۇلمىغا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ‹‹گىروزىن قىزى سەلىمە ››، ۋە ‹‹ رۇس قىزى مارىيە ›› لەرنىڭ ھالاكىتى ئارقىلىق ،پوشكىن بۇ ئەسەردە جىلايخاننىڭ ئىشرەتخۇرلىقى ،ئۇنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ،ھەمدە ھەرەمخانىدىكى ‹‹باغچا ساراي فونتانى ››مىليونلىغان ئىسلام ئالىمىدىكى دەپسەندە بولىۋاتقان ،بىگۇنا ئاياللارنىڭ كۆز يېشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتپ بېرىدۇ .
ئوخشاشلا ،ئىسلامىيەتنىڭ گۈللەنگەن ئوتتۇرا ئەسىرىدىن كېيىنكى پاجەلىرىنىڭ  تۈپ سەۋەپلىرىمۇ يەنىلا ئىشرەتخورلۇق ئىدى . بۇنىڭدەك كېسەللەنگەن پسىخىك ھادىسە ئىسلامىيەت دۇنياسىدا ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان بىر ھالدۇر . بۇنىڭدا ئەرەبلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى باشلامچىلىق رولى ،مەنىۋى يېتەرسىزلىكى كۆرۈنەرلىك بولۇپ كەلدى .بۇ ئىللەت ھازىرغا قەدەر مۇشۇ ئەللەردە روي بېرىۋاتقان بولۇپ : ئىشەنچىلىك مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ئۇرۇش ـ نىزاغا تولغان ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ نارەسىدە قىزلىرىنى ھىندونېزىيىگە ،ئەرەپلەرنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى دۇبەيدەك ئېچىۋىتىلگەن شەھەرلىرىگە ئاپىرىپ ساتىدىغان ،پاھىشە بولۇشقا زورلايدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بارلىقى مەلۇم . نۇرغۇنلىغان ئەرەب سودىگەرلىرىنىڭ غەربتە شۇنچە پۇل تېپىپ شۇ پۇللارنى ، نامىرات دۆلەتلەرنى ـ خەلقلەرنى يۆلەشكە ئەمەس ، بەلكى ئامېركىلىق ،فىرانسىيەلىك پاھىشىلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقى ... بۇمۇ بىر ئەمىلى پاكىتتۇر .
بۇنىڭدىن باشقا نەشىكەشلىك ـ زەھەرلىك چېكىملىك ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدىكى يامان ئىللەتلەردىن بىرىدۇر. روسىيە ئافغانىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە %70زەھەرلىك چېكىملىك چىقىدىغان دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . زەھەرلىك چېكىملىكلەر  بۇ يەر ئارقىلىق پۈتكۈل مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ۋە غەربكە تارقىلىدۇ ،ھازىر پاكىستان ئارقىلىق شىنجاڭغىمۇ كىرمەكتە.بۇ ئىسلامىيەت ئالىمىلا ئەمەس ،پۈتكۈل دۇنيا تەشۋىشلىنىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەردىن بىرىدۇر
بىز يۇقىردا ئىسلام دۇنياسىدىكى غېرىبلىق : پەن ـ تېخنىكا ،سانائەت ...قاتارلىقلاردىكى تىراگىدىيىلىك ئەھۋاللار ھەققىدە مۇناسىپ چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ئۇتتۇق . بۇ يالغۇز ئوتتۇرا شەرق ،ئافرىقا ...مۇسۇلمانلىرىغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي ،بەلكى ھازىرقى ئۇيغۇرلار جامەسىگىمۇ ھەقىقىي ماس كېلىدۇ . چۈنكى تارىختىن بۇيان ئەرەب ، ئىران ئوتتۇرا ئاسىيالاردىكى ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ،ئىجتىمائىي ،مەدەنىيەت ھاياتىغا ھەرخىل يۆلىنىشتە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن . ھەتتا ئۇلاردىكى تالاي چېكىنىشلەرمۇ بىزگە ئوڭ تاناسىپلىق غىدىقلاشلارنى ئاتا قىلغان ... شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمىزكى ، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئىلغار مىللىي مائارىپ ،يۈكسەك ئىتتىپاقلىق ،پاك ئىجتىمائىي ئەخلاق ، پاكا ئېتىقاد ...ئاساسىغا قۇرۇلمىغان غايىلەر ،تەلپۈنۈشلەر ... ھامان ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەۋقەسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ .شۇڭا دەيمىزكى ئىسلامىيەتنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئالدىدىكى ئاجىزلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى : يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەنىۋى كېسەللىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . كۆپلىگەن ئىسلام ئەللىرى ھە دەپ ئۆزلىرىنى توغرا يولدىمىز دەپ قارىسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ھىدايەت يولىدىن، ئىنسانىيلىقتىن ،بىرلىكتىن ، ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشتىن ...چەتلەپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئىسلام ئالىمىدىكى سىياسىيونلار ئېتىقادىنى ـ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنلىرىنى ئويۇنچۇق ئورۇندا كۆرىدۇ . ئۇلار ئەشۇ خەلقلەرنى تولۇق تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنىڭ بىردىن بىر يولى ئۆزلىرىگە تايىنىش ،غەربنىڭ ئىلغار پەن تەتقىقاتىنى ئۆز ئەمىلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى كۈچلەندۈرۈشنى ئاڭقىرالمايدۇ .ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇلار قۇرۇقتىن ـ قۇرۇق قۇلچىلىقىنى ياكى بولسا بىرتەرەپلىمىلىك بىلەن ھەممنى ئىنكار قىلىشنى ،ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشنى ،بىر بىرى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇشنى ئەۋزەل بىلىدۇ ...مانا بۇ ئىسلامىيەتنىڭ تارىخىي ،يەنى رېئالنى پاجىئەسىنىڭ سىرى ... مانا بۇ مۇقەددەس كىتاپلاردا ئېيىتلغان ‹‹تۆمۈر ››روھىنىڭ زەئىپلىشىشى ...!

ئەسكەرتىش :  

ماقالىدا بىر قىسىم نوقسانلار بولسىمۇ ئەمما ئاپتورغا تىل تەكۈزمەسلىكڭلارنى ئۈمىت قىلىمە  

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 732
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2660
توردىكى ۋاقتى: 905
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-18
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 13:53:06 |ئايرىم كۆرۈش
  ناھايىتى ئەتراپلىق مۇلاھىزە بوپتۇ ، تەپسىلى چۈشۈنۈپ ئۇقۇپ بېقىشنى ئويلاپ قالدىم ، شۇنىسى خەتنىڭ تەڭشىكى تازا توغرا ئەمەس ، مۇمكىن بولسا قايتا تەڭشەپ قويسىڭىز .......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

4

دوست

5016

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1546
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 13:58:53 |ئايرىم كۆرۈش
تەھىرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن بۇ تىمىنى ،،،، ياخشى مۇلاھىزە قىلىنىپتۇ .

0

تېما

0

دوست

317

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 14:36:27 |ئايرىم كۆرۈش
پايدىلانغان مەنبەلىرىڭىزنى ئەسكەرتمەپسىز.

0

تېما

13

دوست

3578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14768
يازما سانى: 393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 1031
توردىكى ۋاقتى: 179
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 15:35:33 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى  تېما ئىكەن   ،  بىراق  ئاپتۇرى  ئنىق  ئەمەسقۇ            ،

0

تېما

2

دوست

3776

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   59.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1138
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 16:33:37 |ئايرىم كۆرۈش
بۇغۇ ياخشى تىما ئىكەن ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن يىتەرسىزلىكلەر كورستلىپ بىرلىپتۇ ،سىز ئويلىغان نۇرغۇنلىغان يىتەرسىزلىكلەرنى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئولىما ئالىملارمۇ بىلىشى ھەم بۇ ئىشلارنى ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئويلىشى مۇمكىن شۇ ئىش ئۇچۇن كىچە كۇندىز تىرىشىپ تەر تۇكىشى ئىزدىنىپ جاپا چىكىشى مۇمكىن ، بىراق بۇلارنىڭ تەرققى قىلىشنى مۇسۇلمان قەۋملەرنىڭ  بىرلىشۋىلىشنى  تېخنىكا ئوگۇنۇپ تەرققى قىلىشنى خالىمايدىغان مۇستەبىت ھوكىمرانلار بىلەن مۇسۇلمانلارغا دۇشمەنلىك قىلدىغان دوشمەن دولەتلەرنىڭ جاسۇس ئىشپىيۇنلىرى  بۇ دولەتلەرنىڭ ۋەخەلقىنىڭ ئارزلىرنىڭ ئەكسىنچە ئوز مەقسەت مۇدئالىرغا يىتىش ئۇچۇن توختىماي زىدىيەت سېلىش قەستلەش،ئىغۋا تارقىتىش  قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇ دولەتلەرنىڭ ۋەخەلقىنىڭ تەرقىياتىنى بۇغۇپ ،ئوزلىرىگەبېقىندى قىلىشنىڭ كويىدا شۇڭلاشقا بۇ دولەتلەردە جىدەل ماجىرا ئۇزۇلمەيدۇ بۇ دولەتلەرنىڭ نۇرغۇن زېھنى ۋە ئىقسادى زىيان بولۇدۇ  دە بۇلارنىڭ كۇتكىنى شۇ  

0

تېما

0

دوست

61

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33712
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 17:27:31 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆزىڭىز يازدىڭىزمۇ ياكى باشقا بىرەر كىشىنىڭ ئەسىرىمۇ ؟؟ بەك ياخشى ئەسەركەن، تۆمۈر روھى مېنى تەسىرلەندۈردى ...........

0

تېما

19

دوست

1321

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 89
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-13
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 17:53:28 |ئايرىم كۆرۈش
بىلگەننى دەرھال كىشىگە يەتكۈزۈش بۇ پەيغەمبىرىمىز ھەدىسلىرىدىن ئەمەسمۇ ، شۇڭا مەندىن بىر ئايەت بىر ھەدىس بولسىمۇ يەتكۈزۈۈپ كويۇڭلار دەپتىكەن پەيغەمبىرىمىز ، ياخشى تېما بولغانلىقى ئۈچۈن ھەمبەھىرلەشنى نىيەت قىلدىم ، ئاللا خالىسا باغداشنى مۇشۇنداق ياخشى تېمىلاردىن قۇرۇق قىلمىسا .....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )