- تىزىملاتقان
- 2015-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 184
- نادىر
- 0
- يازما
- 7
ئۆسۈش
61.33%
|
،تۈرۈكلەرنىڭ ‹‹ئائىلىسى 40مىليوندىن بىراقلا 10مىليونغا چۈشۈپ قالغان
------------
ماۋۇ تولىمۇ بىمەنە گەپ بوپتۇ، پۈتۈن 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئىمپىرىيەسىدىن ۋاپات بولغان ئادەم تەخمىنەن 3 مىليون، يارىدار بولغانلار 700 مىڭ ئەتراپىدا تۇرسا، پۈتۈن 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ۋاپات بولغانلارمۇ 15 مىليوندىن ئاتۇق، يارىدار بولغانلار 20 مىليوندىن ئارتۇق تۇرسا، قانداق بولۇپ تۈرۈكلەردىنلا 30 مىليون نوپۇس ئازلاپ كەتكەن بولىدۇ؟
------------
يەنى ئافغانىستان ئىچىكى ئۇرىشى مەزگىلىدە ، تالىبانلار نۇرغۇن چوڭ شەھەرلەردىكى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي قىممەتكە ئىگە قەدىمىي مەدەنىي مىراسلارنى ،كۇشان خانلىقىنىڭ پايتەختى بەلخ شەھەرىدىكى بۇددا ھەيكەللىرىنى چېقىپ تاشلىدى . ھەتتا ھىراتتىكى نەۋائىنىڭ قەبرىسىمۇ رەھىمىسىزلىك بىلەن تۈزلىۋېتىلدى .
-------------
ۈيسۈپ قەرزاۋى ئافغانىستاندىكى بۇددانى چىقىۋىتىشتىن توسقان، توسۇشى سىياسىي مەۋقە ئۈچۈن ئىدى، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئارقىلىق بۇددىسىتلارغا دۈشمەنلىك پەيدا قىلماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. ئەمما شەرىئەتتە بۇدلارنى چىقىشقا بۇيرۇلغان ۋە چىقىلىدۇ.
ئەلىشىر نەۋائىنىڭ قەبرىسىنى چاقسا نېمە ئۈچۈن چاققانلىقىغا قارايمىز. ئەگەر كىشىلەر ئەلىشىر نەۋائىنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ، دۇئا تەلەپ قىلىپ، شاپائەت ۋە شىپالىق تەلەپ قىلىپ كىلىشكەن بولسا بۇ اللەغا شىرىك كەلتۈرۈش، ئەلۋەتتە تۈزلەپ، قەبرىنى كىشى بىلمەس جايغا يۆتكىۋىتىمىز. ئەگەر كىشىلەر ئەلىشىر نەۋائىنى ئۇلۇغلاپ قەبرىسىنى كاتتا ياسىغان بولسا يەنىلا تۈزلەپ، ئاددى، پەرقلەنمىگۈدەك سالىمىز، رەسۇلۇللاھ قەبرىنىڭ تىزدىن ئىشىپ كىتىشىنى، قەبرىنى بىزەشنى ۋە ئۇلۇغلاشنى قاتتىق توسقان، ھەتتا ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى ئۇلۇغلاش ۋە بىزەشتىن توسقان. يىقىندا ۋاپات بولغان پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ قەبرىسى قانچىكى ئاددى ۋە ھەشەمسىز ئىكەنلىكىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئەجىبا بۇ گۈزەل ئەمەسمۇ؟
ئەلىشىر نەۋائىنى ئەزىزلەش ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن بولىدۇ، قەبرىسىنى ئۇلۇغلاش بىلەن ئەمەس. قەبرىگە لايىق ھۆرمەت قىلساق بولغىنى.
شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي، ئەرەب بىلەن پارسلار ئارىسىدىكى ماجرا رەسۇلۇللاھنىڭ دەۋرىدىن باشلىنىدۇ، ئەنە شۇ زامانلاردا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پارسلارنى بويسۇندۇرغىنى ئۈچۈن، پارسلار ئۆمەرنى يامان كۆرىدۇ، ئەرەبلەرنى يامان كۆرىدۇ. ئسىلام دىنىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۆزلىرىنىڭ ئاتەشپەرەسلىكىدىكى ئەقىدىسىنى تەڭ ساقلاپ قالغان. ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا قۇرئان ئورتاقلىقىمىز بولغان بىلەن ئىمان ئورتاقلىقىمىز يوق، ھەتتا قۇرئاننىمۇ كامىل چۈشمىگەن دەپ قارايدۇ، رەسۇلۇللاھنى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلدى دىمەيدۇ، ئاياللىرىغا پاھىشە قىلدى دەپ بوھتان چاپلايدۇ، ساھابىلىرىنى كاپىرغا چىقىرىدۇ، ئەلىنى پەيغەمبەر ئىدى دەيدىغانلىرىمۇ، خۇدا دەپ تونۇيدىغانلىرىمۇ بار. ئۇلارنىڭ پەقەت مۇسۇلمان ئاتىلىپ قالغان يىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق ئورتاقلىقىمىز يوق.
ئىنسانلار مىللەت سۈپىتىدە، قىرىنداشلىق سۈپىتىدە، ئورتاق تىل، ئورتاق ماكان سۈپىتىدە بىرلىككە كەلمەيدۇ بەلكى ئورتاق ئەقىدە، ئورتاق پىكىر ئۈستىدە بىرلىككە كىلىدۇ. بۇ ھەممە ئادەمگە ئايان ئىش.
ئاندىن، يالغۇز ئەرەبلەرلا ئۆزىنىڭ دىننى قىرىنداشلىرىغا خائىنلىق قىلىپ كەلگىنى يوق. دۇنيا تارىخىدا بۇنىڭ مىساللىرى كۈرمىڭ. مەيلى ئۇيغۇر تارىخى، مەيلى جوڭگۇ تارىخى مەيلى دۇنيا تارىخىىدا بولسۇن، شۇنداقلا ھىلىھەم ئىنسانلار بىر مىللەت، بىر قەۋم، بىر دىن ۋە تىلدا بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئۇرۇشماي ئۆتكىنى يوق. بەلكى بىر دىل بىر نىيەت بولغىنىدا ئاندىن ئۇرۇشماي ئۆتكەن. ئىنسانىيەت كۆلەملەشكەن جەمىيەت تارىخىدا ئۇرۇشماي ئۆتكەن كۈن ئارانلا 6 كۈنمىش بىر كىتابكا ئوقۇشۇمچە.
يەھۇدىلار زەكەرىيا ئەلەيھىسالامنى، يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرگەن، ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى تۇتۇپ بەرگەن. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى پەيغەمبەرلىرى ئىدى.
خىرىستىئانلار ئەۋۋەلكى تارىخىدا ھەم خىلى قىرغىنچىلىقلارنى قىلغان. مۇھەممەد فاتىھنىڭ ئىستانبۇلدا غەلبە قىلىشىدىمۇ خىرىستىئان مەزھەبلىرىنىڭ ئىچكى نىزاسى زور ياردەم بولغان. 1-،2-دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغانلارمۇ خىرىستىئانلار ئىدى، ئۆلگەن ۋە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ يەنىلا خىرىستىئانلار. ئافرىقا پۇقرالىرىنى قۇل قىلغان، قۇل قىلىپ ساتقان، دىڭىزغا ئۆلۈكىنى توننىلاپ تاشلىۋەتكەنلەرمۇ خىرىستىئانلار، 1960-يىلى تېخى ئاۋىستىرالىيەدە قۇللۇق تۈزۈم بىكار بولدىغۇ دەيمەن.
كاپىرلارنى ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتۈرگىنى سانائەت ئىنقىلابى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قىلىشىمۇ قۇرئاننى چۈشىنىش يتەرلىك بولماسلىق.
كۆپ نەرسىلەرنى يازغان بولسىڭىزمۇ ھەربىرىنى تەھقىقلاپ رەت قايتۇرۇشقا چامىم ۋە ۋاقتىم يەتمەيدۇ. شۇڭا كاللامدا ئايان ۋە ئوچۇق بولغان مەسىلىلەردە تەھلىل قالدۇردۇم.
بىر تەرەپلىمە ھاياجان بىلەن ماقالە يىزىشتىن ساقلانغايسىز. بۇنداق يەڭگىلتەگلىك قىلىدىغان ياشتىن ئۆتۈپ كەتتىڭىز ئاللىبۇرۇن.
|
|