- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4034
- نادىر
- 3
- يازما
- 203
ئۆسۈش
67.8%
|
gunah يوللىغان ۋاقتى 2015-1-29 23:17
فوندى جەمىيەت قۇرمايدىغان بولدىڭلارما ئوغال بالىنىڭ ئ ...
سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلەلمىدىم، بىراق مۇنبەر ئىسمىڭىزنىڭ 'گۇناھ' دەپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم.
ھۆرمەتلىك «گۇناھ» قېرىندىشىم، مەن ئالدى بىلەن مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ئىنكاس يازغاندا، قارىشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق نام - شۆھرەت ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بولمايدىكەن، ئالدى بىلەن قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلىسىز، سىزنىڭ «پەسكەش» دېگەن گېپىڭىز كۆڭلۈمگە بەك كەلدى، سىزنىڭ قانچىلىك «ئۈستۈنكەش» لىكىڭىزنى يازغان ئىنكاسىڭىزدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بۇ سىزگە بىرىنچى ئەسكەرتىشىم.
مەن «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نىڭ ئىشىغا يول مېڭىۋاتقىلى بىر قانچە كۈن بولدى، بۈگۈنمۇ يېرىم كۈن ۋاقتىم شۇ ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ئىزدەش بىلەن ئۆتتى.
مەن ھەرگىزمۇ سىز دېگەندەك «ئەلسۆيەر فوندى» دېگەن شەخسىي نام بىلەن تەسىس قىلمايمەن، چۈنكى بۇ «فوند» نى قانۇنىي يول بىلەن قۇرۇشىمىز كېرەك، ئۆز ئالدىڭىزغا فوند قۇرسىڭىز، قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىسىز، خۇددى گۈلەنلەردەك. مەن دەل شۇ سەۋەبتىن، قەدەمنى سالماقلىق بىلەن ئېلىپ، توغرا يول بىلەن بىر ئەمەلىي ئىش قىلاي دەپ ئويلاۋاتىمەن، بۇ ئىشىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمدا سىلەرنىڭ ئاكتىپ قوللىشىڭلارغا موھتاجمەن، مەن بىرەر ئىشنى باشلا باشلىماي قىزغىنلىقىمغا سوغۇق سۇ سېپىپ، پاسسىپ گەپلەرنى قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەلكىم سىلەر «ئىلىم چېيى» نى بىلىشىڭلار مۇمكىن، بۇ چاي دەل مېنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسۇم ۋە ھارماي يول مېڭىپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. بۇ قېتىممۇ مەن چوقۇم قىلالايمەن، پات ئارىدا مەن تەسىس قىلىشقا ھەسسە قوشقان «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ قالىسىلەر.
«تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلىش بىز كۆچەت تىكسەك سايىسىدا ئەۋلاتلار سايىدايدىغان ياخشى ئىش. مەن بۇ مۇكاپاتنى تەسىس قىلىش جەريانىدا توردا ئېغىز ئاچماسلىق قارارىغا كەلدىم، يەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، جاكارلىماقچى.
شۇڭا سىلەرنىڭ قارىسىغىلا قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نام چىقىرىش ئۈچۈن باغداشقا ماقالە يازدى دېمەسلىكىڭلىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئەزەلدىن تورغا ماقالە يازسام نامىم چىقارمىكىن دەپ يازمايمەن، ماڭا ئۇنداق قۇرۇق نامنىڭ كېرىكىمۇ يوق، بىزدە نامى چىققانلارنىڭ ھال - ئەھۋالىمۇ تايىنلىق.
ئىمكان بولسا ئۆز ئارا ھە ھۇ دېيىشىدىغان ئىشلارنى قىلساق، كەينىمىزدىن غاجىۋالىدىغان، يۈرەكلىرىگە نەشتىرىمىزنى سانجىۋالىدىغان ئىشلارنى ئاز قىلساق، بولمىسا ئاشۇ كېچىلەپ تورغا بىكارغا ماقالە يېزىپ، بىز ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقان دوستلىرىمىزنى ۋاي دات دېگۈزۈۋېتىپ، ئۇيغۇرچە تورغا قارىغۇسىز قىلىۋېتىمىز.
مۇبادا مەن بىلەن ئايرىم ئالاقىلەشمەكچى بولغان دوستلار بولسا ئايرىمخانامغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى تۈپەيلىدىن مۇشۇ يەرگىچە توختىلاي.... |
|