- تىزىملاتقان
- 2014-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 618
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
23.6%
|
«چاقچاقچى» بۇرادەر! سىزنى توردىكى نام شەرىپىڭىزگە قاراپ چاقچاقخۇماركىشى ئوخشايدۇ دېسەم،ئەسلى يامانغا يانتاياق بولۇپ ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە «ئالا جۆيلۈيدىغان» بىر گوپپاڭچى ئىكەنسىز ئەمەسمۇ. يازمىڭىزنى ئوقۇپ جۆيلۈشلىرىڭىزدىن سىزنىڭمۇ كىشىلىك ئەخلاققا ۋە مۇنبەر ئەخلاقىغا قىلچە ھۆرمەت قىلمايدىغان ،بىشەم ۋە تەنتەك بىر «يازمىكەش» ئىكەنلگىڭىزدىن گۇمان قىلمىدىم. ئەسلى گەپكە كەلسەك،تور مۇنبىرىدە ئوزىڭىزنىڭ گوپپاڭچىلىغىڭىزنى «ھەقنى قوغدۇغۇچى» گىرىمى بىلەن پەدەزلەپ،تورداشلار ئالدىدا نۇمۇس قىلماستىن باشقىچە قاراشتىكىلەرگە زەھەرلىك شۈلگەيلىرىڭىزنى چاچرىتىپ ،ئېغىزىڭىزدىن «گۇناھكار» غا ئوخشاش ھاقارەت نىجاسەتلىرىنى تۆككەنلىگىڭىزنى كۆرۈپ،مۇنازىرە ئەخلاقىڭىزنى يوقۇتۇپ قويغانلىغىڭىشغا بەك ئىچىندىم . سىز ئۆزىڭىزنى« ھەقنى قوغدىغۇچى» دەپ ئاتىۋاپسىز.سىز زادى قانداق «ھەق» نى قوغدىماقچى؟ ھەق دىگەن ئۇقۇمنى سىز قانداق چۈشۈنىسىز؟ سىزنىڭ نەزەرىڭىزدىكى« ھەق» كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «ھەق»؟ بۇلارغا كاللىڭىزدا ئېنىق جاۋاپ تەييارلاپ قويۇپ، ئاندىن «ھەقنى قوغداش» ھەققىدە گەپ ساتسىڭىزمۇ كېچىككەن بولمايسىز .مەن ھەق دىگەننى مۇنداق چۈشىنىمەن: ھەق دىگەن - ئىمان ۋە ئەقىلغا ئۇيغۇن بولغان،ئىجتىمائىي ئەخلاققا ۋە جەمىيەتنىڭ ھەركەت قائىدىسى بولغان جەمىيەت قانۇن نىزاملىرىغا مۇناسىپ بولغان،كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ھىمايىسى ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن،جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىكى ئىھتىياجىغا پايدىلىق بولغان،جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ قەدىر- قىممەت،ئىززەت ھۆرمەتلىرى،غۇرۇر ۋىجدانلىرىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى نۇمۇس دەپ بىلىدىغان، «گۇناھ» چۈشەنچىلىرى ئېنىق بولغان سۆز ۋە ئىش ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسى چۈشەنچىمىزدىكى ھەق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .ئەگەر سىز ھەقنى قوغدىماقچى بولسىڭىز مانا موشۇنداق ھەقنى قوغدىشىڭىز كىرەك. «ھەقنى قوغداش» شۇئارىنى قانچە جاراڭلىق توۋىلاپ ،«خۇنىك» يۈزىڭىزنى «ھەقنى قوغداش» گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن بولىشىچە پەدەزلەپ، ئەمەلىيىتىڭىزدە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئىززەت -ھۆرمىتىگە، غۇرۇر- ۋىجدانىغا توپا چېچىپ، ئادىمىيلىك پەزىلىتىڭىزنى يوقۇتۇپ،خۇدىڭىزنى بىلمەي گەپدانلىق قىلىپ ،«ئالا جۆيلۈپ» يۇرسىڭىز ،ھەقنى قوغداش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيلا قالماي،ھەق تەرىپىدىن تۈكۇرۇپ تاشلىنىسىز.
يازمىڭىزدا مىنى ئىتقا ئوخشۇتۇپ، ئاچا- سىڭلىمنى چىشلەپ تارتىپ يۈرۈپسىز، مانا موشۇنىڭ ئوزىلا سىزنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىي جەھەتتە چىركىنلەشكەن،ئادەمىيلىك سۈپەتتىن ياتلاشقان،«ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتمايدىغان» بىر «قاۋىغۇچى» ئىكەنلىگىڭىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. (كەچۈرۈڭ ! مېنىمۇ ئەسكى گەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىپ قويدىڭىز . شۇنداق قازانغا شۇنداق چۆمۈچ لازىم بوپ قالدى.) سىز توردا ئوزىڭىزنى ئۆزىڭىز بەك پەسلەشتۈرۋالدىڭىز،ئەگەر سىزدە زەررىچە خىجىل بولۇش ھىسسىياتى بولسا بۇندىن كىيىن كىشىلەرنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى،كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ۋە غۇرۇر- ۋىجدانى بىلەن خالىغانچە ئويناشماڭ! بۇنداق قىلسىڭىز «ئۆزەمنى چاغلىماي شىلتىڭ ئېتىپتىمەن،ئەسكى پالازغا يۆگىنىپ ھەپتە يېتىپتىمەن» دىگەندەك ئىش بوپ قالىدۇ.ئەجداتلارنىڭ «ھۆرمەت قىلساڭ ھۆرمەت كۆرەرسەن » دىگەن سۆزى دائىم ئىسىڭىزدە بولغاي .
|
|