- تىزىملاتقان
- 2014-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 618
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
23.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tarsayi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 12:44
دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش دىگەنلىك -دۆلەتنى تەشكىل قىلىدىغان ھەممە ساھەلەرنى يەنى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ،ھاكىمىيەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش پائالىيىتىنى،دۆلەت پۇقرالىرىنى ،دۆلەت ئىقتىسادى ۋە بايلىغىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دىگەنلىك بولۇدۇ .دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى -ئالدى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش بولىشى كىرەك. دولەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشى ئىشقا ئاشماي تۇرۇپ،پۇخرانى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بەسى مۇشكۈل.1980 - يىلىدىن باشلاپ جۇڭگۇ كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدە جۇڭگۇدا قانۇن تۈزۈلۈپ قانۇن يۈرگۈزۈش يولغا قويۇلدى .35 يىلدىن بېرى كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە نەچچە ئونمىڭ قانۇن ،نىزام بەلگىلىمە؛ تۈزۈم تۈزۈلۈپ موشۇ غايەت زور قانۇنلار كودىكسىيىسى ئارقىلىق جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى دۆلىتىنى پۇقرالىرىنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ، لىيكىن ھازىرغىچە قانۇننىڭ ھوقۇقنى كونتىرۇل قىلىشى ھەقىقىي ئىشقا ئاشقىنى يوق. ھوقۇقنى كوتىرۇل قىلىش ئاجىز بولغاچقا دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش كۆزلەنگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي،«قانۇن پەگادا، ھوقۇق تۆردە،لەغمەن ئۈستۈندە ،سەي ئاستىندا. كالا مەپىدە، ئات جۇۋازدا » بولۇپ كەلدى.قانۇن پەقەت پۇخرانى ھۆكۈمەتكە بويسۇندۇرۇشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ كەلدى. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇندا ئۆزى ئىدارە قىلماقچى بولغان خەلىق ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتنى ئادا قىلماسلىقتىن ، خەلىققە زىيان يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە قانۇننىڭ قۇربى يەتمەي كەلدى. دۆلەت مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلنىشى ناھايتى كەسكىن ۋە قاتتىق،پۇخرالارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە ئىجىرا قىلنىشى ناھايتى سالماق، ئىھتىياتچان ۋە تەمكىن بولغاچقا نەچچە مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ھەقسىزلىققا ئۇچىرىغان پۇخرالارنىڭ ئەرىز داتلىرى قانۇنىي ئادالەتكە ئىرىشەلمەي ،تالاي قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى. گەرچە «قانۇن ئالدىدا ھەممە باپ- باراۋەر»دەپ دەب- دەبىلىك توۋىلانسىمۇ ،لىيكىن ئەمەلدە باراۋەرسىزلىك يەنىلا ھۆكۈم سۈرىۋەردى. يۇقارقىدەك ئەھۋال ئاستىدا خەلىقنىڭ قانۇنغا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچى تۆۋەنلەپ كەتتى. 30 يىلدىن بىرى نەچچە يۈز مىڭ سائەت ۋاقىت ئاجىرىتىپ،نەچچەمىللىيۇن يۇەن پۇل سەرپ قېلىپ ئىلىپ بىرىلغان «قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان پۇقراۋىي قانۇن ئۈگۈنۈش پائالىيەتلىرىمۇ ئۆز ئۈنىمىنى كۆرسىتەلمەي جۇڭگۇ جەمىيىتىدە يەنىلا چىرىكلىك ۋە مۇقىملىققا تەسىر يەتكۆزىدىغان جىنايەتلەر بارغانسىرى ئەۋىج ئالدى. ھاكىمىيەتتە ھوقۇق تۇتقان جوۇيۇڭكاڭدەك، شۇ سەيخۇدەك كاتتىلار ھەيۋەتلىك مۇنبەرلەردە «دولەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش »توغۇرسىدا جاراڭلىق «ۋەز ئېيتىپ » ،مۇنبەردىن چۈشكەندە بولسا قانۇندىن قىلچە ئەيمەنمەي قانۇننى ئاياغ ئاستى قىلىپ، كومپارتىيىنىڭ «يۈزىنى تۆكۈش » كە جۈرئەت قىلالىدى . مانا بۇ پاكىتلارغا ھەيرانلىق بىلەن قارايدىغان بولساق.دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ قانچىلىك موھىم ۋە قانچىلىك تەخىرسىزلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز . 35 يىللىق قانۇننى يولغا قويۇش جەريانىدىكى تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن كومپارتىيىمىز ،بۇ قىتىمقى يېغىندا ،خەلىق كۆڭلىگە ياقىدىغان گەپنى قىلىپ ،دولەتنى قانۇن بىلەن ھەقىقىي تۈردە توغرا ئىدارە قىلىشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.ۋە قەتئىي ئىرادىگە كەلدى.ئەندىكى گەپ دولەت ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشتىن باشلاپ،دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشتا ئۈنىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتە قالدى. جۇڭگۇدا مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، قانۇنىي نازارەت ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايدىكەن ،ئۇ ھالدا ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دولەتتە ھەقىقىي ئەمىنلىك ئىشقا ئاشماي ،مۇقىمسىزلىق شاھتىن گادايغىچە ھەممىنىڭ كۆڭلىنى ئارامىدا قويمايدىغان ئىجتىمائىي ھادىسىگە ئايلىنىپ، خەلىقنى غەم تەشۋىش بېسىپ ،مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھەممە- ھەممىنى دوغا تىكىدىغان ۋەزىيەتنىڭ داۋام قىلىشى بەك ئۇزۇراپ كىتىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋەزىيەت دۆلىتىمىزنىڭ توختاۋسىز تەرەققىياتىغا ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا مۇقىملىق خىزمىتى بىلەن ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشى چوقۇم زىچ بىرلەشتۈرۈلگەندىلا ئاندىن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا ھەقىقى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ ، دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭدا مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ھەقىقىي ئىشقا ئىشىپ ،خەلق غەم ئەندىشە ۋە تەشۋىشتىن ھەقىقىي قۇتىلىدۇ .
شاھتىن گادايغىچە ھەممە ئادەم قانۇندىن ئەيمىنىدىغان،قانۇندىن ھەقىقىي قورقىدىغان،قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان،قانۇنغا ھەقىقىي ئىشىنىدىغان،ۋە قانۇننى سۆيۈپ ئۈگىنىدىغان بولىدۇ .مانا بۇنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلغانلىق دەيمىز . |
|