- تىزىملاتقان
- 2014-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2623
- نادىر
- 0
- يازما
- 134
ئۆسۈش
20.77%
|
begir يوللىغان ۋاقتى 2015-2-1 10:35
مەلۇم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەيدىكەنسىز قورقماي ئە ...
مىنىڭ تىمامغا يازغان ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. ئالدى بىلەن سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي: مىنىڭ يازغىنىم قانداقتۇ بىرەر يوقۇرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانغا يوللىنىدىغان ئەرز-شىكايەت خېتى ئەمەس (ئەرز-شىكايەت خەتلىرىدە پاكىت ئېنىق يېزىلمىسا بولمايدۇ)، بەلكى تاراتقۇلارغا يوللىنىدىغان ئادەتتىكى بىر ماقالە، تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتقاندا، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا چىقىرىلغان« ج ك پ مەركىزىي كومېتىتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» نى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېزىلغان تەسىرات ماقالىسى. ئادەتتە تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بۇخىل ماقالىلەردە مىسال كەلتۈرۈلگەن ئىشلارغا دائىر ھەقىقى پاكىتنى ئەينەن يېزىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. مىنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشتىن مەقسىدىم بىرەر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى پارتىيە مەركىزىي كومېتىتىنىڭ قارارىنى ئۆگىنىش جەھەتتىكى تەسىراتىمنى، دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر كۆز قاراشلىرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت. بۇ ماقالىنىڭ توردا ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئۇنىڭدا مىسالغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقى ماڭىمۇ ئايان.
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى «ئۆسەك سۆز تارقاتتى دىگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىشىڭىز مومكىن» دىگەن گېپىڭىز كۈلگۈمنى كەلتۈرىۋەتتى. سىزگە دەپ قوياي، ھازىر بىرەر ماقالە ئۈچۈن كىشىلەرگە خالىغانچە قالپاق كەيدۈرىدىغان، جىنايەت ئارتىدىغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرى ئەمەس، ئۇ ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ قالدى، ئۇنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ. ئېلىمىزدە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ. قانۇنچىلىقتا «پاكىت ئاساس، قانۇن ئۆلچەم» دىگەن پىرىنسىپ بار، ج خ، تەپتىش ئورگانلىرى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ھەقىقى ۋە يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات بولماي تۇرۇپ، بىرەر ماقالىغا «ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دىگەن «جىنايەت» نى ئارتىپ قويۇش بەلكى سىزدەكلەرنىڭ ئوي خىيالى بولۇشى مومكىن.
مىنى پاكىتى يوقمىكىن دەپ قالماڭ. مەن بىۋاستە كۆرگەن، ئاڭلىغان پاكىتلارنى بۇ تىمىغا مىسال تېرىقىسىدە كىرگۈزۈپ قويدۇم، لېكىن ئېنىق جاي، ۋاقىت، ئادەم قاتارلىقلارنى ئاشكارىلىمىدىم. مۇبادا قانۇن ئىجرا قىلغۇچى بىرەر ئورگان مىنى ئىزدەپ كېلىپ «سەن توردا مانداق بىر ماقالە ئېلان قىلىپسەن، پاكىتىڭ بارمۇ» دەپ سورىسا، مەن ئۇلارنى «قاچان، قەيەردە، كىم-كىملەر...» دىگەندەك ئېنىق پاكىت بىلەن تەمىنلىيەلەيمەن، بىراق بۇلارنى سىزگە ئېيتىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىم يوق. سىزنىڭ بۇ تىمىنى «ئۆسەك سۆز دۈۋىسى» دەيدىغانغا يىتەرلىك دەلىل- ئىسپاتىڭىز بولسا قېنى قويۇپ باقمامسىز؟!
مەن تىمامدا «قانۇن مەۋجۇت ئەمەس، نۇپۇزىدىن قالدى» دىگىنىم يوق. قانۇننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلار، قانۇننىڭ نۇپۇزىنى بىر چەتكە چۆرۈۋەتكەنلەر دەل ئەشۇنداق ھوقوقنى قانۇن ئۈستىگە قويۇۋالغان بىرقىسىم ئەمەلدارلاردىن ئىبارەت. مەركەزنىڭ قارارى ئاساسىي قاتلاملاردا ھەقىقى ئەمەلىيلىشىدىغانلا بولسا، بۇ بىرقىسىم كىشىلەر قانۇن قەپىزىگە سولانماي قالمايدۇ. ئۇ چاغدا دۆلەتنى قانۇن بۇيىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بۇيىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ھەقىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ. |
|