- تىزىملاتقان
- 2012-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1701
- نادىر
- 0
- يازما
- 69
ئۆسۈش
70.1%
|
روزى سايت
تىل ئالاقە قورالى ،تىل قەلبنىڭ ئەينىكى ،
تىل ئادەمنى ،ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە .
تىل غەزىنە ، تىل ھىكمەت ، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى ،
تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە .
تىل نادانغا پەم بېرىپ ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ ،
ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھرى تاپتى سۆيۈكتە .
شۇڭا ھەر بىر قۇۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن ،
ئاتا تىلى - ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ ،بۈيۈك -تە !
ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل،
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئەشۇ تىلدا ناۋاسى .
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل ، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل،
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى ، مىراسخورى -ھەقداسى.
ئۇ -ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار ،
مەن بۇ تىلنى ئۈگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا .
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى ،
پاراڭلاشقان ،سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا .
بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرۈكۈمگە پىچىرلاپ ،
ۋاپادارلىق ،مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن.
ئوغلۇم ،قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ ،
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن ، مۇرادىمنى بىلدۈرگەن .
مۇشۇ تىلدا ناۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى ،
شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە .
يۈسۈپكە "خاس ھاجىپ " لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل،
مەھمۇد بوۋام مۇشۇ تىلدا دەرس ئۈگەتكەن ئەرەپكە .
مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا ،
زىمىستاننى لەنەتلەپ ، تاڭغا مەڭز-يۈز ياقتىم .
كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم ، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم ،
بىللە كۆيدۈم ئوتىدا ، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم .
مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى ،
گۈل -چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ.
مەن كۈلىمەن ،قۇۋۇمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە ،
تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ .
شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم ،زەر تىلىم ،
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى .
زەررە كىچىك ، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن ،
مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ، ئاتومچە بار قىممىتى .
ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى ، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى ،
سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن شامىلى .
مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا ،ياڭرىسۇن ،
سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!! |
|