- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 703
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
40.6%
|
emetbeg يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 17:02
ئۇيغۇر يېزىقى كىمگە پۇتلاشتى ؟
ئەمەتبەگ ئۆمەر
تۆنۈگۈن ...
يېزىقىمىز ھىچكىمگە پۇتلاشمىدى ھەم پۇتلاشمايدۇ ، ئابدىۋېلى مۇئەللىمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىر تەشەببۇس خالاس ، ھەرگىزمۇ يېزىق پۇتلشىپ ئۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمەس . يازمىڭىزدىكى ‹‹ ئىنىگىلىز تىلىدىكى سۆزلەرنى ئەرەپ يېزىقى بىلەن ، خەنزۇتىلىنى سىلاۋىيان يېزىقى بىلەن توغرا ، ئۆلچەملىك ئىپادىلىگلى بولمايدۇ›› بۇ جۈملىلەرنى يۈزەكى چۈشەنگەندە توغرا ئەمما ، ئەمما چوڭقۇر تەھلىل يۈرگۈزگەندە پۇت دەسسەت تۇرالمايدۇ ، ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن يېزىقى ئارقىلىق ئىپادىلەش توغرا كەلگەندە ئېنگىزلار قوللانغا 26 ھەرىپنى كۆچۈرۈپ كىلىپلا شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدۇ ئەلۋەتتە ، ئەمما بىز تىلىمىزغا مۇناسىپ ھالدا يېڭى ھەرىپلەرنى قوشۇش ياكى قوشما ھەرىپ قوللىنىش ئارقىلىق باشقىلاردا يوق تاۋۇشلارنى تامامەن ئىپادىلەپ كىتەلەيمىز ، بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىمۇ تىلىمىزنى كونا يېزىققا ئوخشاش توغرا ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ ، سىلاۋىيان يېزىقى بىلەنمۇ ئوخشاشلا ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ ، ئەگەردە خەنزۇچىنى سلاۋىيان يېزىقى ئارقىلىق ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە ئەلۋەتتە مۇناسىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تامامەن ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ . شۇڭا يۇقارقى پىكرىڭىزگە قوشۇلمايمەن . ئەمما ئىپادىلىگى بولۇشى بىلەنلا يېزىق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ، بۇنىڭ بەدىلى ھەقىقەتەن زور بولىدۇ .
يېزىق ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىنى پەقەت بىر تەشەببۇس دەپلا قارىساق توغرا بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ بىرنەچچە تور يازارلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلانلا ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس ، ھۆكىمىتىمىزدىن ئەمىر-پەرمان چۈشمىسە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ، ئەمما ئۆزىڭىزمۇ دەپ ئۆتكىنىڭىزدەك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئومۇمى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى ئىش . تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىگە ئەڭ زور توسالغۇ بولىۋاتقىنى دەل يېزىقنىڭ بىرلىككە كەلمىگەنلىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر ، شۇڭا زىيالىيلار چوقۇم ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك لاتىن يېزىقىنى ئۆگۈنىشى زۆرۈر . |
|