- تىزىملاتقان
- 2015-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 112
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
ئۆسۈش
37.33%
|
ھۆرمەتلىك ئابدۇۋەلى مۇئەللىم :
گەرچە سىزنىڭ ‹‹ ھازىر ئۇيغۇرلار ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىپ ، لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقنى قوللۇنۇش ›› مەركىزى ئىددىيە قىلىنغان ( مەن بۇ پىكىرنى سىزنىڭ ۋە مۇنبەردىكى ئىنكاسلار ئارقىلىق ۋاستىلىق ھالدا ئىگەللىدىم .)يازمىڭىزنى تولۇق ئوقۇمىغان بولساممۇ ، بىراق سىزنىڭ ناھايتى تەنتەكلىك ، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يېزىلغان بۇ يازمىڭىزغا ( ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ ) ئىنكاس يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۇۈم.
گەرچە سىزنىڭ بۇ ئاتالمىش ‹‹ ئىسلاھات ›› ئىڭىزنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىدىن خەۋەرسىز بولساممۇ ، سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم .
يېزىق ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار تازا ئەۋج ئېلىۋاتقان مەزگىللەردە ، 2000- يىللارنىڭ بېشىدا ( قايسى يىلى ئىكەنلىكى ئىسىمدە قالماپتۇ) ‹‹ مۇنبەر ›› ژورنىلىدا يېزىق ئىسلاھ قىلىش مەسلىسى توغرىسىدا قەشقەرلىك بىر ئاپتور ( ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ ، لايىق كۆرسىڭىز ، ئىرىنمەي ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ ) بۇ مەسلىگە قارىتا ئىنتايىن ۋەزمىنلىك ، قايىل قىلارلىق ، ئىلمىي ئاساسىي كۈچلۇك بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ ، بۇ تالاش- تارتىشقا خاتىمە بەرگەن ئىدى. بەلكىم سىز بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولۇشىڭىز مۇمكىن . ناۋادا خەۋەردار بولسىڭىز ، شۇ ماقالىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەرگە قارشى پىكىرىڭىزنى ئىلمىي پۇزىتسىيەدە ئوتتۇرغا قويسىڭىز بولىدۇ .
ئاخرقى تەكلىپىم ۋە تەۋسىيەم : سىزنىڭ بىر قىسىم يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇش جەريانىدا ( مەسىلەن : مەھمۇد سىجاڭنىڭ بېيجىڭدا ئۆلگەنلىكى توغرىسىدىكى يازما ) ، سىزنىڭ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى تەپسىلىي، ئەستايىدىل كۆرمىگەنلىكىڭىزنى ، پىكىرىڭىزنى پاكىتلىك يۇسۇندا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يازمايدىغانلىقىڭىزنى بايقىدىم . مەن بىلىدىغان ماتېرىياللاردا ئەسكەرتىلىشىچە ، مەھمۇد سىجاڭ بېيجىڭدا ئۆلمىگەن ، ئۇنىڭ ھىندىستان ، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە داۋاملىق پائالىيەت قىلىپ ، ئەنگلىيە تەرەپ بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ ، چەتئەلدە ۋاپات بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن . بۇ ھەقتە شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە باشقا ئىچكى ماتېرىياللاردا مەنبەلەر بار . بۇ بىر ئاددى مىسال . شۇڭا ماقالە يازغاندا ، شۇ تىما ھەققىدە ئالدىنقىلارنىڭ نىگىزلىك كۆز قاراشلىرى ، ئېلان قىلىنغان كىتاپ - ماقالىلىرى ، تىمىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىش سەۋەبى ۋە ئوتتۇرغا قويۇلماقچى بولغان پىكىر قاتارلىقلارنى ئىلمىي يۇسۇندا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشىڭىز ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي تەلىپى دەپ قارايمەن . |
|