- تىزىملاتقان
- 2015-2-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 305
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
2.5%
|
masturam يوللىغان ۋاقتى 2015-2-2 14:46
سوتقا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. لېكىن ئەرزنى مۇنداق يازسىڭ ...
بىلىمدان خانىم، مەن سىزنى بەك بىلىمەن، ئەمما يەنە دىسەم مەن پۇقىرا، ئاددى بىر پۇقىرا، ئەمما بىلەرمەنلىك بىلەن خوشۇم يوق.
1. ئەھۋال پۈتۈنلەي ئايدىڭ بولسۇن ئۈچۈن، ئۈچ يىللىق ئەھۋالنى قىسقارتىپ ئۈچ بەتمۇ كەلمەس قىلىپ يازدىم. بۇ مېنىڭچە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، سەل تەپسىلىي يېزىلىپ قالدى، بولمىسا سىز كونا مۇنبەرچى ئوبدان بىلىسز، ئىنكاسلاردا سۇئال، ئىزاھات تولا ياغىدۇ.
2. مەن قانۇننى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىۋالغان تاكىشاڭ زىيالى، يۇقارقى سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تىپىلمىغاچقا ئۇدۇل سوتقا بارمىدىم ، ئادۇۋكات ئىزدىمىدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇل سۈمۈرۈش ماشىنىسى ئىكەنلىكىنى، پىل بىلەن چۈمۈلەنىڭ جىڭىدە ئۆزۈمنىڭ ئۇتماقلىقىنىڭ تەسلىكىنى بىلىمەن، مەن ئاۋال كۆڭلۈمدە سان تۇرغۇزىۋالماقچى، كىيىن قانداق قىلىش ھەققىدە سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزگە تايانماسلىقىم مۇمكىن.
3. مەن بۇرۇن باشقىلارغا ئەرىز يېزىپ بەرگەن، لىكىن بۇ تېما سوتقا سۇنۇلغان ئەرىز ئەمەس،بەلكى مۇنبەرگە يوللانغان ياردەم تېمىسى ئىدى، ماۋزۇغا يەنە بىر قارىۋەتكەيسىز.
4. سىزدەك ياردەم تېمىسغا سىسق گەپ قىلىدىغان ئادەمگە دىگىلى گەپ تاپالماي، ئۆزۈمنى تىللاپ قويدۇم خالاس، لىكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنى تىللىمىدىم، بۇ مۇنبەر ئەخلاقىغا خىلاپ ئەمەس.
5. يەنە بىر دەي، قولۇمغا كاناي ئىلىپ، ناھيىمىزدە ئۆي دىگەن سۆز تىلغا ئىلىنسا مۇشۇ ماجىرا ۋە ماجىرالار قىززىق نۇقتا بوپ كەتتى، ھەممىنىڭ نەتىجىسىگە كۆزى يەتمىگەچكە سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالدى، مەن بۇ يەردە ئازراق بىر نېمە بىلىۋىلىپ ئاندىن سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قىلىشىممۇ ياكى ئوتتۇرغا چۈشۈپ زىيان تارتىىشىممۇ مۇمكىن، بۇنى سىزدەك سۈلھىچىلەر، تەنقىدچىلەر ۋە تاماششا كۆرگۈچىلەر بەلگىلەيدۇ.
6. مەن ئۆزۈم لازىم نەرسىلەرنى پەقەت ۋە پەقەتلا سۇئالدا ئوتتۇرغا قويدۇم، باشقا ئارتۇقچە نەرسىلەرگە باش قاتۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەگەر بەك بىكار قالغان بولسىڭىز، باشقا تېمىلارغا ئىنكاس يېزىڭ.
7. بۇ تېمىدا مەن داۋاملىق مەخسۇس ئۆي-مۈلۈك ماجىرالىرىغا ئارلىشىپ باققان ئادۇۋكاتلارنىڭ دەل كىلىدىغان مەسلەھەت بىرىشىنى ساقلايمەن. |
|