- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 819
- نادىر
- 0
- يازما
- 30
ئۆسۈش
63.8%
|
1.سىزنىڭ ئۆينى كۆرۈپ ئالمىغىنىڭىز خاتا بولۇپتۇ. ئادەتتە ئۆي پۈتمىسە، ئۆي ساتىدىغانلار خېرىدارلارغا تەسۋىرىي خەرىتە ياكى بىنا مودىلىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ساتىدۇ. تەسۋىرىي خەرىتە ياكى بىنا مودىلىغا "پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى، ئۆي قۇرۇلمىسى ۋە كۆلىمى ئەمەلىي پۈتكەن بىنانى ئاساس قىلىدۇ" دەپ يېزىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ ئۆي قۇرۇلمىسى ۋە كۆلىمى توغرىسىدا ئېيتقان ئاغزاكى بايانلىرى%100 توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆي ساتقۇچى ياللانما خادىملار خوجايىندىن كۆپرەك ئۆي سېتىپ، مۇكاپاتنى جىق ئېلىش ئۈچۈن، سىزنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقلىق قىزىقتۇرىدۇ.
2. ئۆي ۋاقتىدا پۈتمەسلىك دائىم كۆرۈلدىغان ئەھۋال. ئادەتتە كورلا تەرەپتە ئۆي توختامدا دېيىلگەن ۋاقىتتا پۈتمىسە، بىر بولسا بىنا ساتقۇچى تەرەپ ئۆي ئىگىسىگە شەھەردىكى نورمال ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارە پۇلى بويىچە قانچىلىك ۋاقىت كىچىكتۈرگەن بولسا شۇنچىلىك ۋاقىت ئۆي ئىجارە ئېلىش پۇلى بېرىدۇ، بىر بولسا كېچىكتۈرگەن ۋاقىتنى ھېسابلاپ، پۇلغا سۇندۇرۇپ، بىر قانچە يىللىق خوجىلىق باشقۇرۇش پۇلىنى ئالمايدۇ. بىنا ساتقۇچى تەرەپنىڭ خوجىلىق پۇلىنى بىر مەزگىل ئالمايمىز دېيىشى توغرا. لېكىن، ئەگەر بىنا ساتقۇچى تەرەپ خوجىلىق شىركىتىنى باشقىلارغا سېتىۋەتسە ئىش تېخىمۇ چاتاق.
3. ئۆي كۆلىمىنىڭ كىچىك چىقىپ قېلىشى كۆپ كۆرۈلدىغان ئەھۋال. ئادەتتە ئۆي پۈتكەندىن كىيىن،تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ئۆينىڭ ئەمەلىي كۆلىمى، ئاممىۋى ئىگىلىگەن كۆلەم تام ئورنى قاتارلىقلارنى ئىنچىكە ئۆلچەپ، ئاندىن ئۆينىڭ ئېنىق قانچە كۋادرات مېتىر ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ. ئۆي كەم چىقىپ قالغان بولسا، بەلكىم كەم چىققان قىسمىنى ئۆي ساتقۇچى تەرەپ سىزگە ياندۇردى ھە قاچان. بۇنىڭغا باشقا ئامال يوق.
4. سىز ئەسلى ئۆينى زادىلا ئېلىش نىيتىڭىز يوق بولغان بولسا 30 مىڭ يۈەن تاپشۇرغاندا پۇلنى قايتۇرۋالىمەن دىسىڭىز، چىڭ تۇرالىغان بولسىڭىز بەلكىم 5000 يۈەننى تۇتۇپ قالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن ئىدى. ھەممىنى تۇتۇپ ئالالمايتتى.
5. ئۆي قۇرۇلمىسى ئادەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايتتى. يەنى خەرىتە ياكى مودىل بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقاتتى. تەكلىپىم، ئەگەر ئائىلىڭىزدە كۆپ ئادەم بولمىسا، ئولتۇرىۋىرىڭ. مېھمانخانا ئۆي چوڭ ئىكەنغۇ، ھىچ بولمىغاندۇ بىرەر ياتاق ئۆي چوڭدۇ.
6.فونتان، ماشىنا توختىتىش مەيدانى دېگەندەكلەر ئۆي بىلەن مۇناسىۋەتسىز. لېكىن، كۆكەرتىشنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسى نازارەت قىلىدۇ. شۇلارغا ئىنكاس قىلىڭ. ئۆي باھاسى چۈشۈپ كەتتى، ھە ، بولمىسا ئىزىغا بولسىمۇ سېتىۋەتكەن بولسىڭىز.
ئەڭ ياخشىسى ئاچقۇچنى ئېلىپ، ئۆينى بېزەپ كۆچۈپ چىقىۋىلىڭ. سىز دېگەن ئىشلار سوت ئارقىلىق ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل بولمايدۇ -دەپ ئويليمەن ئۆزۈمچە. ئېگىز ئىمارەتتىن ئۆي ئالسا خوجىلىق باشقۇرۇش قىممەت، يەر ئاستى ئۆيى يوق، توك توختىسا چىقىش، چۈشۈش تەس، ھەممە ئادەم ئۆينى بېزپ بولغۇچە ۋاراڭ -چۇرۇڭ جىق، گۈللۈك يوق، ماشىنا توختىتىدىغان جاينى يەنە بىر مۇنچە پۇل خەجلەپ ئالىدىغان گەپ. ئەسلى سىز ئادەتتىكى بىنادىن ئۆي ئالماپسىز. |
|