ئۆتمۈشۈم،كەلگۈسۈم ۋە كومپيۇتېر
مەنبەسى: https://qutbilik.wordpress.com/author/qutbilik/
ئىلاۋە: يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىكى تېما ئاستىدا مەزكۇر يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ياخشى ئىنكاسلار بار ئىكەن. مەن ئوقۇرمەنلەرگە ئاشۇ ئىنكاسلارنىمۇ بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
يول مېڭىشنى سورىساڭ پىشقان قەدەمدىن سورىغىن ،
بىلىم ئېلىشنى سورىساڭ پىشقەدەمدىن سورىغىن .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرئەھلى، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكائونۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى قۇتبىلىك بولىمەن، كەسپىم كومپيوتېر 2005- يىلى بۇمەكتەپكە قۇبۇل قىىلنغاندىن باشلاپ بۇكەسىپ بۇكومپيوتېردۇنياسىغا شۇنداق شۇڭغۇدىمكى ئەيھانناس بۇدۇنيادا يەنەبىر ، يەنەبىر كەسىپكە بۇنداق كۆيمەستىم .مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 2يىل ئۆتۈپ كەتتى ،مەن دەسلەپ كەلگەندىكى QQ نى ئاچالمايدىغان سەۋيەدىن بۈگۈنكى توردا بىمالال مەشۇلات قىلالايدىغان ،كومپيوتېربۇزۇلسا ئوڭشىيالايدىغان ،ھەرخىل سىستىمىلارنى يۇمشاق دىتللارنى بىراۋنىڭ ياردىمىسىز توردىن ئىزدەپ تاپالايدىغان ھەم چۈشۈرۈپ قاچىليالايدىغان ئىشلىتەلەيدىغان بولدۇم ،تۇنجى يىلى كازىۋەنگە كەلگەندىن تارتىپ باشلانغان بۇئىشتىياق مىنى ھەرقىسمەتلەرنى كۆرۈشكە مەجبۇرقىلدى ،باۋيې(包夜) دىگەن بۇنەرسىنى قانداق ئۆگەنگنلىكىمنى بىلمەيمەن ،شۇنەرسىنى ئۈگەندىمما بولدى مەن كومپيوتېرغا مەستانە بوپ قالدىم. كومپيوتېرمىنى ئۆزىگە شۇنداق مەپتۇن قىلدىكى نە تاماق، نەدەرىس ،نە بۇئۈستى بېشىم …ھەمىسىنى ئۇنتۇدۇم ،ھەپتىدە ئازبولغاندا 3قېتىم باۋيې(包夜) قىلىش ماڭا ئۇدۇم بولدى .كىچىسى ھۇقۇش بوپ ئۇخلىماي چىقتىم ،كۈندۈزى كالا بوپ ئويغانماي چىقتىم ،كۈنلەر مانا مۇشۇنداق ئايدا كەلگەن 400كوي يا تاماققا يا باۋيې(包夜) گە يەتمەي بۇكۈنلەر ئۆتۈپ كىتىۋەردى, مىنىڭ بۇكومپيوتېرغا بولغان قىزقىشىم، بۇمەستانىلىقىم ھىچ ئاجىزلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ،مىنىڭ كۆيگىنىم ناخشا ئەمەس ،ئويۇن ئەمەس ،كىنومۇ ئەمەس ،چ چ دا پاراڭلىشىشمۇ ئەمەس پەقەت توردىن يۇمشاق دىتال چۈشۈرۈپ ئۇنى تەتقىق قىلىش ئۇنىڭ نىمگە ئىشلەيدىغانلىقىنى ،نىمىنى كىرگۈزۈپ نىمنى چىقرىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئىدى ،بۇ بەيدۇ تۇرىدىكى مەزمۇنلار تۈگەيدىغاندەك ئەمەس .ئىزدە ئىزدە ..يەنە ئىزدە ….توختىماي ئىزدەش توختىماي باۋيې(包夜) قىلىش ئۇدا داۋاملاشتى …..1ئاي ئەمەس 2ئاي ئەمەس 1يىل داۋاملاشتى ..ساق بىريىل ..نىمەئىش بولغىنىنى بەلكىم پەرەز قىلىپ بولغان بۇلشىڭىز مومكىن بىريىل ئۇدا كومپيوتېرخانىدىن چىقماي كۈن بويى باۋيې(包夜) قىلغان كىشىنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالى يەنە نىمە بولماقچى …..ئەتە سەۋىيە سىناش ئىنتاھانى ئالىدۇ دىسمۇ تاس قالدى يەنە باۋيې قىلغىلى ….شۇنداق قىلىپ مىنىڭ 1يىللىق جاپالىق ھالدا تىرشىپ باۋيې قىلىشلىرىم مىنىڭ سىنىپ قېلشىم بىلەن ئاخىرلاشتى .مەن لىيۇجى (留级) قالدىم …..مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوست بۇرادەر ساۋاقداشلىرىم ھەممىسى خۇشال ھالدا مەركىزى ئوقۇتۇش رايونىغا(本部) كەتتى ،بىچارە مەن كازىۋەندە يالغۇز قالدىم ..ئاھ بۇقايتا ئوقۇش تۇنۇمايدىغان ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇش …مىنى كۈتمەكتە ..توختا توختا ئىش بۇلارلام ئەمەس بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈش بىر يىل ئارتۇق ئوقۇش 5يىللىق ئالىي مەكتەپنى 6يىلدا تاماملاش ..بەزىلەر تىياۋجى(跳级) قىلىپ 5يىللىق ئوقۇشنى 4يىلغا چۈشەرسە مەن ئارقىغا تىياۋجى(跳级) قىلىپ 6يىلدا تاماملايدىغان بولدۇم …كومپيوتېرنىمە؟ تورنىمە ؟بەيدۇ نىمە ؟بۇ رىيانلىقتىكى سىنىپ قېلىش (留级) قېلىش نىمە ؟مەن ئېغىرئويلاندىم ،مەن بۇبىر يىلدا نىملەرنى قانچىلىك بىرنىملەرنى ئۆگەندىم ؟يەنە نىملەرنى يوقاتتىم ؟مىنىڭ يوقاتقىنىم بىريىللىق ئۆمرۈم ،بىريىللىق ئوقۇش ،خىراجەت ھەققى ،يەنەنۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ساۋاقداشلىق مىھرى ….نۇرغۇنلىغان ئىنچىكە ھىسياتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار ……ئىرىشكىنىم كومپيوتېردۇنياسىدىكى نۇرغۇن مەۋھۇملۇقلار..ئېلىپ چىقىپ بىركىمگە مانا مىنىڭ ئۆگەنگەن نەرسەم دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان مەۋھۇملۇقلار …. مىنىڭ كازىۋەندىكى ئازاپىق بىر يىلىم شۇنداق قىلىپ باشلاندى ئەمما بۇئىشلارنى ئاتا ئانامغا دىمەسلىك قارارىغا كەلدىم ..ھەم دىمىدىم ،ئاتا ئانام بالام hskئىنتاھاندىن ئۆتتىڭمۇ دەپ سورىغاندا بۇئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىدىم ،مەن ھەئە ئانا مەن ئۆتۈپتىمەن دىدىم ..شۇچاغدىكى ئاشۇ بىر ئېغىز ھە دىگەن گىپىم ئۈچۈن مەن ھازىرغىچە ئازاپلىنىمەن. نىمىشقا دەمسىز؟ شۇنچە يىل ئاتا ئانامغا يالغان سۆزلىمەي ئالىي مەكەپكە چىقىپ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تۇرۇپ ئاتا-ئانامغا يالغان سۆزلىدىم …شۇنچە مىھىر بىرىپ باققان ئانامغا يالغان سۆزلەشكە نىمە ھەققىم بارمىنىڭ؟ …شۇئازاپ شۇ ھىسياتلار ئىچىدە مىنىڭ 2-يىللىق خەنزۇتىلى ئۆگنىشىم باشلاندى .بىرىنجى مەۋسۇم كازىۋەندە قالسام بولمايدىغانلىقى ئېنىق بولمىسا باشقا مەكتەپتىكى دوستلىرىم ،ساۋاقداشلىرىم ئېنىقلام بىلىپ قالدۇ .ئۇلاربىلسە بۇگەپ ناھايىتى تىزلا يۇرتقا ئاندىن دوست يارەنلەر ئارقىلىق ئاتا ئانامنىڭ قۇلقىغا يېتىدۇ .بۇئىشلارنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن مەن بېنبۇغا يېنىپ كەلدىم ،ئاغىناللىرىمنىڭ ياتىقىدا ياتتىم . بىرماۋسۇم ئۇرلۇپ سوقۇلۇپ بەزىدە بوش كاۋات بار بەزىدە يوق دىگەندەك بىردە كىيملىرىم بىلەن ياتسام بىردە دوستلىرىم بىلەن بىر گە يېتىپ دىگەندەك،كازىۋەن بىلەن بېنبۇ (本部) ئوتتۇرسىدا قاتناپ يۈرۈپ بىرماۋسۇمنى تۈگەتتىم. بۇخىل ئىككى مەكتەپ ئارسىدا پالاقشىپ قاتناپ ئوقۇغان ، خاتىرجەم تۇراي دىسە ياتىقى يوق ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالى قانداق بولماقچى ئىدى ،بىرىنچى مەۋسۇم مانا مۇشۇنداق دەرىسلەردە نەتىجىسز ئۆتۈپ كەتتى ،بىرماۋسۇم شۇنداق خارلىق، زارلىق، موھتاجلىق، ھەرخىل ھىسيات توقۇنۇشلىرى ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى .مەن ئاشۇ كۈنلەرنى كۆرۋاتقان ھەربىر ۋقتىمدا ئۆزۈمدىن سورايتىم ،مەن نىمىشقا مۇشۇكۈنگە قالدىم؟نىمىشقا ھەتتا ئاتا ئانامغىمۇ يۈرەكلىك تېلفۇنمۇ قىلالمايدىغان بوپ قالدىم …جاۋابى ئەشۇ كومپوتېر ئەشۇ باۋيې(包夜) ئەشۇ دەھشەت قىزقىشلار ئىدى ……
2-ماۋسۇم ئاتا ئانام ۋە باشقا مەكتەپلەردىكى دوست يارەنلىرىمنىڭ ھىچ قايسىسى بىلمىدى ،شۇنىڭ بىلەن مەن كازىۋەنگە بېرىپ ھىچ يەرگە بارماي ئۆگۈنۈش قارارىغا كەلدم ،5ئاينىڭ 21گىچەتورخانىغا(网吧) دەسسىمەسلىكە قەسەم قىلدىم .ئادەم بۇدۇنيادا قىلمەن دىسە قىلالمايدىغان ئىشى يوق .مەن شۇنچە ياخشى كۆردىغان كومپيوتېرنى ئاشۇ تور ئاشۇ توردىن چۈشىۋاتقان دىتالارنى ئۇنتۇپ دەرىسكە كىرشىپ كەتتىم ،ماڭا بۇ مەن شۇنچىلىك ئامراق بولغان شۇنچە مەستانە بولغان كومپيوتېردىن ئايرىلىش شۇنچە تەس كەلسىمۇ مەن كۆتۈمنى غىت قىسىپ ئولتۇرۇپ خەنزۇتىلى ئۆگەندىم …ئىنتاھان كەلدى… يۈرەك دىگەن سۇ …..ناۋادا يەنە ئۈتەلمىسەمچۇ ؟؟؟ ئاھ خۇدا ئۆزۈڭگە ئامانەت ..نەتىجىمۇ چىقتى .مۇئەلىم نەتىجىنى ئوقۇماقتا ..8دەرجە بولغانلار ..7دەرجە بولغانلار ..ئىسمىم يوق ئاھ خۇدا نىمە كۆرگۈلۈك بۇ ..6دەرجە بولغانلار ..يوق يوق ..ئەڭ ئاخىردا xxxxxx ….ئاھ خۇدا مەن ئۆتۈپتىمەن ..مەن ئۆتتۈم …سىنىپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراشماقتا ،ھەممىسى مەن ئۈچۈن خۇشال بولماقتا ئىدى …مەكتەپ ئىچى بىنا ئالدى ئالدىنقى يىلى ماڭا سىنىپ مەسئۇلى (班主任) بولغان مۇئەللىم :xxxxx ئۆتۈپسەنما ..؟؟؟
ھە مۇئەللىم …..
.ھە ئەمدى كەسىپنى تىتىۋىتىسەنغۇ ؟ياخشى ئوقۇغىن ؟مەنچە سەن ئەمدى كەسىپنىڭ ئالدى بوپ ئوقايسەن .ھاراسىت مىنىڭ كومپيوتېرىمدىكى سىستىمىدىن چاتاق چىققان ۋاقىت چىقرىپ ئوڭشاپ بەرگەن بولساڭ ؟؟؟……
مانا بۇمىنىڭ تۇنجى كومپيوتېر بىلگىنىم ئۈچۈن ئىرىشكەن خۇشاللىقىم ..مىنىڭ مۇئەللىم مىنى ئۆزىنىڭ كومپيوتېرنى ئوڭشاپ بىرىشكە تەكلىپ قىلماقتا ..بىر ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلماقتا …..مانا بۇ بىلىمنىڭ ھۆرمتى ،شۇنداقلا ئىززىتى ئىدى …مەن شۇندىلا تېخىمۇ تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىمنى بوپمۇ بۇبىريىلنى تولۇقلاش ئۈچۈن تىرشىشىم لازىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .مەن ھازىر 2006يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئەمما مەن 2006يىللىتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەس، 2005-يىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئەمەس، 2004-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزۈمگە رىقابەتچى قىلىپ تالىشىم كىرەك ….
شۇنداق قىلىپ مەن يەنە بىر قېتىم كومپيوتېرغا ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆردىغان بۇ ھارامزادىگە يېقىنلاشتىم .ھەم شۇنداق تىرىشتىم ئاساسىي بىلىمدىن تارتىپ سىستىما قاچىلاش ،سىستىمىنى بۇزۇش ،تىزىملاش جەدىۋىلنى پىششىق ئىگەللەش ،ھەرخىل خەنزۇچە ئېنگىلىزچە دىتاللارنى توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىش ئۇلارنى يەنە قايتا ئوراپ قاچىلاش پىرگىراممىسى تۈزۈش ،ئاپتوماتىك قاچىلىندىغان ئوپتېك دېسكا ياساش ،Ghost xpتەخسىسى ياساش ،xpتوپلاشتۇرما دېسكىسى ياساش ،قوزغاتقۇچ دېسكا ياساش ،ئۈن سىن يۇمشاق دىتاللىرىدىن پايدىلنىپ ئېلىكتىرونلۇق ئالبوم ياساش قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆزلىكىمدىن كېچى كىچلەپ باۋيې(包夜) قىلىپ دىگەندەك ئۆگەندىم .بىركىچە باۋيې قىلسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ئاشۇ ئانام بىلەن دادامنى ئالدىغانلىقىمنى ،بىريىل قايتا ئوقۇغانلىقىمنى ،خەقنىڭ مەندىن ئېشىپ كىتۋاتقىنىنى ئويلىسام زادى ئۇيقۇم كەلمەيتى ،ھامىنى بىر ئۆلۈم ئۆلۈپ كىتىدىغان جانغا نىمىشقا ئۇخلايتتىم ھېلىمۇ يىتە ئۇخلىغىنىم دپ ئويلايتىم …ئۆزۈمگە ئۆزۈمنىڭ بەك ئاچىچىغى بارئىدى شۇڭا ئامال بار كومپيوتېركىتاپنى يېنىمدىن ئايرىمايتىم ،(گەرچە خەنزۇتىلى سەۋيەم يىتىشمەي لىيۇجى(留级) قالغان بولساممۇ ئەمما كومپيوتېرغا ئائىت مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چۈشنەلەيتم )ئەنە شۇنداق ئۆگۈنۈشلەر داۋاملاشماقتا ،تور قۇرۇش ،كومپيوتېرلانى ئۆزئارا تورلاشتۇرۇش ،توربەت ياساش ،بۇنەرسىلەرنىمۇ خېلى بىريەرگە ئاپپاردىم ،تېخى دۆۋلەتلىك 1-دەرجە ئىنتىھانىغا قاتنىشىپ دۆۋلەتلىك بىرىنجى دەرىجە كىنىشكىنىمۇ ئالدىم ،خۇشالىقلار ئەمدى ماڭا ياربولماقتا ،ئاينىڭ 15قاراڭغۇ 15يۇرۇق ،يامغۇردىن كىيىن كۈننىڭ چىقىشى تەبىي ،مىنىڭ باھارىم يىتىپ كەلگەن ئىدى ،مەن يازلىق تەتىلدەكومپيوتېرنىڭ ئالدىدا كۈنىگە 15سائەتتەك ئولتۇردۇم ،ۋاقىت ماڭا ناھايىتى جىددىي ئىدى 45كۈنلۈك بۇتەتىل مەن ئۈچۈن ئالتۇنغا تىگۈشكۈسىز ئىدى .شۇڭا كىچە سائەت بەشكىچە كومپيوتېرئۈگۈنۈپ ئاتتىگەن سائەت ئونلاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ دىگەندەك ئۈگەندىم ..ئاتا-ئانام بىچارىلەر ئۇخلا بالام ئۇخلىۋال دەپ قاخشايتى مەن بولسام مانا ھازىر ،مانا ھازىر دپ تاڭ ئاتىۇزىۋىتەتتىم ،ھەرقېتىم ئۇخلىۋال بالام دىگەن گەپنى ئاڭلىغاندا ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ كىتەتتىم .ياق مەن ئۇخلىمايمەن …ئانا دادا ئەگەر سىلەر ئوغلۇڭلارنىڭ بۇكۆرگەن كۈنلىرىنى بىلسەڭلەر ئىدى ئاندىن مىنىڭ نىمىشقا ئۇخلىماي شۇنچە ئۆگىنىدىغانلىقىمنىڭ سەۋبىنى چۈشنۈپ يەتكەن بولاتتىڭلار …خەيرىيەت .يېپىق قازان يېپىق بويىنچە قېلىۋەرسۇن ،ئاتا ئانامغا نىمە دەپ دەيمەن ،مىنڭ نىمە يۈزۈم بار شۇگەپلەرنى دەيدىغانغا …ئەگەر .ئۇلارمىنىڭ 1يىلنىڭ ياغى ئۇلارنى ئالداپ كەلگەنلىكىمنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر .ۋاي داشۆگە ئۆتكەن ئوغلىمىز دەپ چوڭ بىلگەن ئوغلىنىڭ مۇشۇ ئەھۋامىنى بىلسە نىمە بوپ كىتەر …..مەن زادىلا بىلەلمىدىم ..قانداق قىلىشنى زادىلابىلەلمىدىم …..؟؟؟؟؟؟
خۇدانىڭ رەھمىتىدە مىىنىڭ داشۆھاياتىمنىڭ 3يىلى باشلاندى …يېپىق قازان يېپىق …
مەن سىنىپقا شۇنداق تەستە كىردىم ،سىنىپتىكى ساۋاقداشلارنىڭ كۆپچىلكى مىنى بىلدىغان بولۇپ مىنىڭ قايتا بىر يىل ئوقۇغانلىقىمنى ،مىنىڭ كومپيوتېردا خېلى بىرنىملەرنى بىلدىغانلىقىمنى بىلەتتى ،كىيىن مەن سىنىپ باشلىقى بولدۇم ،ھەممە ئىشلا بىرقاتالىقچە ئىزىغا چۈشكەن ئىدى .ئەمدى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان ،تىرشىدىغان پەيىت يىتىپ كەلگەندى …مەن تېرشىۋاتىمەن …مەن بىلىك تورىدىن ئەركىن سىدىق ،پەخىردىن قارلۇق ،قۇدىرەت ياقۇپ قاتارلىق پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن تېخىمۇ غەيرەتكە ،تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىرادىگە كەلدىم …بولۇپمۇ پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئۇيغۇركومپيوتېرئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىرلىشىش ،ئۆملىشىش ،بىرلىكتە ئىشلەش كىرەك دىگەن شۇئارىنى كۆرگەندىن كىيىن بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيوتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم .بىلىم ماكانى بولغان بۇبىلىك تورى مىنىڭ كەلگۈسىمنىڭ بىرقىسمىنى ياراتتى .مەن ھازىر كۈندە سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىلىك تورىنى ئاچىدىغان، يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولۇپ ئاندىن يۈزۈمنى يۇيۇپ ناشتىغا ماڭىدىغان بولدۇم .مەن خۇددى بۇتوردىن ئاتا-ئانامغا نىمە دىسەم بولدىغانلىقى چىقىدىغاندەكلا ھىس قىلمەن ،چۈنكى مەن ئىشىنىمەن بۇيەردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ،كىلەچەك ،ئانام ئۈگەتمىگەن دادام ئۈگەتمىگەن ،مۇئەللىملىرىممۇ ئۈگەتمىگەن ئۈگۈتۈشكە ئامالسىزقالغان ئاشۇ بىلىملەرنىڭ مۇشۇ ئورۇندىن چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ..مەن كەلگۈسنى قانداق بەلگىلەيمەن ،مەن يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،مەن ھازىر كىم ،بۇرۇن كىم ئىدىم كىمنىڭ ئەۋلادى ئىدىم ،بۇندىن كىيىن كىم بولىمەن كىمنىڭ ئەۋلادى بولىمەن ،مەن بىرلىشىنى نەدىن باشلايمەن (قۇت بىلىك دەپ كومپيوتېرخىزمەت گۇرپىسى قۇرغان ‹بىرلىكتە ئۆگىندىغان ،ئۆگىتىدىغان ھەقسىزمۇلازىمەت قىلدىغان › بىرئايغا بارماي پارچىلنىپ كەتتى ،بەلكىم ياخشى باشلىيالمىغاندىمەن )،كىملەر بىلەن بىرلىشىمەن (مەن بىرلەشكەنلەر كومپيوتېركەسپىدىكى سىنىپنىڭ ئالدى باللىلار ئىدى‹يەنىللا پارچىلنىپ كەتتۇق ،بەلكىم ئوبكىتنى توغرا تاللىمىغان ئوخشايمەن›)،يەنە نىملەرنى ئۆگىنىمەن ،كىملەرگە ئۆگتىمەن (ھازىرچە سىنىپتىكى يېڭى ئۈگەنگۈچى ساۋاقداشلىرىمغا كومپيوتېردىن ئاساس قىسمىنى ھەقسىز ئۆتۈپ بېرۋاتىمەن)،قانداق ئۆگىنىمەن ،قانداق ئۆگىتىمەن ،ئانام ئۈگەتكەن دادام ئۈگەتكەن ئاشۇ ئىسىل خىسلەتلەرنى قانداق قىلىپ ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۇلايمەن ،قانداق قىلسام ئانامغا دادامغا يۈزكىلەلەيدىغان بولىمەن ؟مانا بۇ مەن ئىزدىگەن بىلىكتىن تېپىلدىغان بىلىملەر …..
دىن ،مىللەت ،دۆۋلەت ،ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مىنى ۋە مەندك نۇرغۇن سىتودىنىتلارنى بۇجەميەتتە ئۆزىنى ئىپادە قىلىشنى كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا ،مىللەتلەر كەلكۈنسىمان قۇشۇلۋاتقان ،خەنزۇلار مەدەنىيتى ئۆزلىگىدىن غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسىسىمالىتسىيە بولۋاتقان ،ئۇيغۇرلار مەدەنىيتى خەنزۇلار مەدەنىيتى ۋە غەرىپ مەدەنىيتىگە ئاسسىمالتسىيە بوپ كىتۋاتقان بۈگۈنكى بۇدۇنيادا مەن يەنىللا ئانامنىڭ ئوغلى بولالامدىم ،مەن نىمىشلارنى قىلسام قىلسام قايسى يولدا ماڭسام ئانام مەندىن رازى بوپ بالام جاپا چەكتىڭ تېرىشقىن تاللىغان يولىڭدىن ۋازكەچمەي داۋاملاشتۇرغىن‹يولۋاس ئىزدىن ،يىگىت سۆزدىن يانماس › دەيدىغان بولىدۇ ؟؟؟؟؟؟؟
جاۋاپ بەر بىلىك ھەممىسىگە جاۋاپ سەندىن چىقدۇ …جاۋاپ بەر ماڭا ۋە مەندەكلەرگە يول كۆرسەتكىن ……مەندەك ئازغانلارغا يول كۆرسەتكىن ئەمدى ئازمىسۇن …بۇدۇ ئازسا گۇناھ سەندە ….چۈنكى سەن ھازىر مىللەتنى يىتەكلەۋاتىسەن ….
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى
|