- تىزىملاتقان
- 2013-3-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3174
- نادىر
- 0
- يازما
- 120
ئۆسۈش
39.13%
|
ئەگەر زامان ئۆزگەرمەي ، ۋەزيەت ئۆزگەرمەي ، جەميەت ئۆزگەرمەي مۇشۇنداق كىتىۋىردىغان بولسا .يەنە 40 يىلدا بىزدىن مانا مۇنداق بىر تۈركۈم ئەۋلادلار بارلىققا كىلدۇ . مىللىتى ئۇيغۇر ئىكەنلىگىنى بىلدۇ ئۇيغۇرچە ئوقيالمايدۇ ھەم يازالمايدۇ . دىنىڭ نىمە دىسە ئىسلام دىيەلىشى مۆمكىن ئەممە دىنى ئەمەل سۆز ھەركەتلەرنى بىلمەيدۇ .
مىسال ئالسام . بۇلتۇر قېينىئانامنىڭ ۋاپاتىدا قېينى ئىنىمنىڭ 5 ئاغىنىسى پەتىلەپ كىرىپتۇ .يۇرتىمىزنىڭ قائىدىسى بۇيىنچە پەتىلەپ كىرگەنلەر بىر نەرسە ئېلىپ كىرمەيدۇ ، كىرگەنلەرگە تائام تارتىلمايدۇ ياكى سوۋغا سالام بىرىلمەيدۇ . پەقەت كىرگەن مىھمانلارغا قۇرۇق داستىخان سالىمىز . كىرگەنلەر مۇسىبەت ئىگىللىرىگە بىر -ئىككى ئېغىزدىن ھال سوراش ۋە تەسەللى سۆرلىرىنى قىلىشقاندىن كىيىن بىرنەچچە ئايەت بىلەن
قىسقىغىنە تەبلىغە قىلىپ دۇئادىن كىيىن ئۇزتۇپ قويمىز . چوڭلار نەزرە -چىراقنىڭ تەييارلىقى ھەم مەسلەھەت ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشكەن بۇ مىھمانلارنى مەن كۈتكەن بولدۇم . ئاخىردا مەن ھېلى بىرسى ئېغىز ئېچىپ قالار دەپ پەگادا دۇئاغا تەييار ھالەتتە تۇرىمەن . بۇ ياشلار بىر-بىرىگە قاراپ قويۇپ شۈمشۈيۈپ ئولتۇردى . ئەسلىدىنلا شۇلار باشلاشقا تىگىشلىك ئايەتنى باجام باشلاپ دۇئادىن كىيىن بۇ ياشلارنىڭ يۈزلىرى قىزارغان پىتى چىقىپ كىتىشتى . شۇلارنىڭ ئارسىدىكى ئىككى بالنى مەن تونۇيمەن ئىككىسى بىرنەۋرە ئاكا- ئۇكا بولدۇ . كىچكىنى دىمەي قوياي چوڭىنىڭ 2 ياشقا كىرگەن بىر بالسى بار .ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يېرى . بىر بالغا دادا بولغان بىر ئەركەك ئەلھەمدۇلىللاھ نى بىلمەيدۇ .
بىركۈنلىگى بامدات نامازدا تۈنۈگۈن تويى بولغان بىر يىگىت جامائەت سېپىگە قوشۇلۇپ مەسچىتكە كىرىدى . شۇ ئائىلدىن ئەزەلدىن مەسچىتكە ئادەم چىقمايدىغانتى ھەممىمىز ھەيرانمۇ قالدۇق ، بەزلىرىمىز شۇنداق خوش بولدۇق . گەپ ئارلىقىدا مەسچىتىمىزنىڭ ئىمامى شۇ بالدىن (غۇسۇلنىڭ نىيتى ) دىگەن ئايەتنى يادلاپ بېقشىنى تەلەپ قىلدى .ئەمما بۇ يىگىتمۇ يەرگە قاراپ ئولتۇردى . ئىمام چىرايلىق گەپلەر بىلەن بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس شۇنىڭ ئۈچۈن ياشلارنىڭ خىجىل بولماي ، تارتىنماي ، ئاتا -ئانمىزدىن سوراپمۇ بولسا ئۈگەنمىسەك بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا ، بۇيىگىت ئۆزىنىڭ ئاتا- ئانسىدىن سورغان بولسىمۇ دەپ بىرەلمىگەنلىكىنى ياتلاردىن سوراشقا خىجىل بولۇپ يۈرگەنلىكىنى سۆزلىدى . سىنىڭ داداڭغۇ بىلمىسۇن ئاناڭمۇ بىلمەمدىكەن ؟ ( چۈنكى بۇ بالنىڭ دادسى ئەترەت باشلىقى . ئەمەل چوڭ بولمىسىمۇ پارتىيە ئەزاسى ، شۇڭا دادسى توغرىلۇق سۆزلەش ئىمامغىمۇ بىئەپ ) بۈگۈن سىنى بۇنداق ئۇسال قىلمىسام بولاتتى . سىنىڭ بىلمەيدىغىنىڭنى بىلىمەن . مەنمۇ سەندەك ۋاختىمدا ئۈگەنگەن . ئەمدى سىلەرگە ئۈگەتمىسەم بولمايدۇ . چۈنكى مىنىڭ شۇنداق مەجبۇريىتىم بار . جامائەتكە ئوبدان قېتىلدىڭ جامائەتتىن ئايرىلما . دەپ قويۇپ نامازنى باشلاپ كەتتى . دىمەك پەرزەنتىنى ئۆيلۈك -ئوچاغلىق قىلغان بىر ئاتا -ئانا بولغىچىمۇ تېخچە(غۇسۇلنىڭ نىيتى ) نى بىلمەيدىغان گەپ . بىلسىمۇ بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالغان گەپ .
باشقا مىسال ئالمىساممۇ باللىرىمىزنىڭ ئۆز -ئارا يات تىلدا كالدىرلاپ يۈرگىنىنى كەڭرى ئۇچۇرتالايمىز تۇرمۇشتا . تۈرلۈك چەكلىمىلىك جەميەتتىن يراقلاشتۇرغاي ئىگەم .
|
|