قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4048|ئىنكاس: 61

ئۇيغۇر قىزلىرىغا نەسىھەت

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

2

دوست

286

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   95.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34312
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 18:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   juxkun49 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 01:02  

ئۇيغۇر قىزلىرىغا نەسىھەت

ئىبراھىم خۇدا بەردى   


     چەتئەللىكلەر  بىلەن توي قىلغان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تورداشلارغا ناتونۇش ئەمەس . چۈنكى ئىلگىرى تورلاردا 《ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز 》،《ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ 》دېگەندەك ماقالىلەر  ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . يەنە بىر قىزنىڭ بىر ھېكايىسى بار  بولۇپ ئۇ قىز بىر چەتئەللىك 《ئاكاش 》قا بىلمەي ئىككىنچى خوتۇن بولۇپ تېگىپ قېلىپ بالىلىق بولغان . 《ئۇيغۇر يىگىتى چىقمىغان قىز 》ناملىق ماقالىدە   ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىگە تېگىپ زۇلۇم تارتىپ ئاخىرى چەتئەللىككە تېگىپ بەخىت تاپقانلىقى ۋە ئىنتايىن توغرا قىلغانلىقى تەسۋىرلىنىدۇ . 《ئاكاش 》قا ئىككىنچى خوتۇن بوپ قالغان باش قەھرىمان  قىز《مەن 》مۇ چەتئەللىك 《ئاكاش 》نى ئىنتايىن كېلىشكەن ، مەسئۇلىيەتچان ، بىلىملىك قىلىپ تەسۋىرلىگەن . ئەمەلىيەتتە ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى بەختلىك قىلىۋەتكەن ئەرەپ بىلەن ئاشۇ 《ئاكاش 》لارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتەن شۇنداق ئالىيجاناپ ، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرمۇ ؟ ئۇلار بىلەن ئۆي تۇتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەقىقەتەن بەختلىك بوپ كەتكەنمۇ  ؟  بۇ بىر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسلە .  مەن ئىلگىرى شۇ توغرىلىق ماقالىلەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ئازراق تەنقىدى كۆز - قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان  يۇ لېكىن بولدى قىلغان ئىدىم . بۈگۈن بۇ ھەقتە سۆزلەشكە ئازراق پۇرسەت بولدى . 《ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ 》 دېگەن ماقالىدە ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئافرىقىلىق نېگىردىن  كۈيئوغلى بولسا ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان . ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نېگىر كۈيئوغلى ئاللىبۇرۇن بوپ بولغان  بولۇپ نەۋرىلەرمۇ تۇغۇلۇپ بولغان .  بۇنى تېما ئىگىسى بىلمەي قالغان خالاس .
           يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەللىكلەرگە تېگىش ھادىسىلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بوپ قالدىم  . ئىلگىرى بىر قىسىملار پاكىستانلىقلارغا تېگىپ قاتتىق دەككىسىنى يېگەن بولسا ئەمدى ئوتتۇرا شەرقلىقلىكلەرگە ، تۈرك ، ئەزەرلەرگە تېگىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى چىقىۋاتىدۇ . بۇ گەپلەرنى قىلسام بەزىلەر 《كىمگە تەگسە ئۆزىنىڭ ئىشى ، سېنىڭ نېمە كارىڭ 》دېيىشى مۈمكىن . ئەمما نېمىلا بولمىسۇن كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى سۆزلەپ قويماي بولمايدۇ . ھېچبولمىغاندا چەتئەللىكلەرنى خاتا چۈشىنىۋالغان بىر قىسىملارغا پايدىسى بوپ قېلىشى مۇمكىن .
         ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيدە ئولتۇرسام تۇيۇقسىز  بىرسىدىن تېلىفۇن كەلدى ئالسام بىر مىسىرلىقكەن . نومۇرۇمنى ئۇنىڭغا كىم بەردىكىن  بىلمىدىم .ئۇ تېلىفوندا  《 پالانى چايخانىغا كەل ! سەن بىلەن تونۇشۇپ پاراڭلىشىدىغان مۇھىم بىر ئىش بارتى 》- دېدى . مەن ماقۇل بولدۇم  ۋە دېگەن ئادرىستىكى چايخانىغا بارسام مېنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ . سالاملىشىپ ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن مېنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئىشتا ياردەم قىلىشىم كېرەكلىكىنى ۋە ياردەم قىلسام مېنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى . ئۇنىڭ دېيىشىچە شىنجەننىڭ《شىنجاڭنىڭ ، چەتئەللىكلەرنىڭ تولىسى شۇنداق ئاتايدۇ 》قىزلىرى بەك چىرايلىقمىش  ۋە بەك ئەرزانمىش . بولۇپمۇ چەتئەللىكلەرگە بەك ئەرزانلا تېگەرمىش . ئۇنىڭ بىر دوستىمۇ گۇاڭجۇدا تونۇشقان بىر  شىنجەنلىق قىز بىلەن ئەر - خوتۇن بوپ تۇرۇۋېتىپتىمىش . شۇڭا بولسا مەن ئۇنىڭغا توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزىدىن بىرىنى تېپىپ بەرگۈدەكمەن . شۇنداق قىلسام ئۇ گۇاڭجۇدا بىرىنچىدىن خوتۇنغا ، ئىككىنچىدىن تەرجىمانغا ، ئۈچىنچىدىن تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئاشپەزگە ، تۆتىنچىدىن ئائىلە خىزمەتچىسىگە ئىگە بولارمىش . ئەرەپ ئاشخانىلىرىدىكى تاماقنىڭ قىممەتلىكىدە مۇشۇنداق قىلسا ئايدا خېلى  كۆپ پۇلنى تېجەپ قالارمىش . ۋە ماڭىمۇ قىلغان ياردىمىم ئۈچۈن تاپان ھەققى بېرەرمىش . ئەگەر كېيىن باشقا دوستلىرىغىمۇ قىز تونۇشتۇرسام خېلى پۇل تېپىپ قالغۇدەكمەن  .....بۇ گەپلەرنى ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ ئاران ئاڭلىدىم ۋە بۇنداق ئىشلارغا ياردەم قىلالمايدىغانلىقىمنى ، ئىككىنچى مېنى ئىزدىمەسلىكنى  ئېيتىپ كېتىپ قالدىم . ئۇنىڭ گەپلىرىدىن خېلى بىر كەمگىچە ئىچىم ئاچچىق بولدى . كېيىن بىلسەم مېنىڭ بىر قانچە تونۇشۇممۇ نەق مۇشۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپتۇ .
          يەنە  بىر قېتىم سائەت بازىرىدا بىر دۇكانغا سائەت ئالغىلى كىرسەم بىر  چەتئەللىك دۇكاندار قىزغا گېپىنى ئۇقتۇرالماي تۇرۇپتۇ )ئەسلىدە ئۇ سائەتنىڭ ئىچىدىكى بىر  زاپچاسنىڭ قايسى دۆلەتتە ياسالغانلىقىنى سورىماقچىكەن( مەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تەرجىمانلىق قىلىپ بەردىم . ئۇ خوش بولۇپ ماڭا قاراپ :《سەن شىنجەندىنمۇ ، ئىيغۇرمۇ 》دەپ سورىدى . مەن :《شۇنداق ، ئۇيغۇرلارنى  بىلىدىكەنسەنغۇ   》- دېسەم ئۇ :《دېسكو كۇلۇبىدا بىر شىنجەنلىق ئۇسۇلچى قىز بىلەن تونۇشقانتىم شۇ سۆزلەپ بەرگەن ، سىلەر جۇڭگونىڭ شىمالىدا ياشايدىكەنسىلەر 》- دېدى . مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئېغىر ئۇھسىندىم . بۇچەتئەللىك ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى دېسكوخانىدىكى ئۇسۇلچى قىزدىن تونۇپتۇ . ئاشۇ  قىزمۇ ئۇيغۇر دېگەن  مىللەتنى دېسكوخانىدا ئوبدانلا  تونۇتۇپتۇ .
            ئۆتكەن يىلى 6 - ئايدا بىر دوستۇم بىلەن ئۈرۈمچىدە  ھەرەمباغ تاماقخانىسىدا چاي ئىچىپ ئولتۇرساق 30 ياشلار چامىسىكى ئىككى ئەرەب يىگىتى بىر قىز بىلەن يېنىمىزدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى . قىز كۆرۈنۈشىدىن قازاقتەك تۇراتتى . مەن ئۈرۈمچىدە يىلدا ئاران نەچچە كۈنلا تۇرىدىغان بولغاچقا ئۈرۈمچىدە  بۇ ئەرەپلەرنى كۆرۈپ ئازراق ھەيرانلىق ھېس قىلدىم ۋە ئۈرۈمچىگە نېمە مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە سالام قىلىپ يېنىغا بېرىپ ئولتۇردۇم . ئۇلار ئۆزلىرىنى تىببى ئۇنۋېرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەپ تونۇشتۇردى ۋە كەلگىلى بىر يىل بولغانلىقىنى ئېيىتتى . مەن :《 ئۇيغۇرلارنىڭ تامىقىغا كۆنەلىدىڭلارمۇ ؟  》 دېسەم ، 《 بەزى تاماقلىرىڭلارغا تازا كۆنەلمىدۇق ، تاماقلىرىڭلارغا  ماينى بەك كۆپ ئىشلىتىدىكەنسىلەر 》- دېدى . مەن: 《 بەلكىم ئالدىرىماي كۆنۈپ قالارسىلەر》 - دېدىم  ۋە يەنە بىردەم پاراڭلىشىپ قويۇپ خوشلىشىپ  ئۆز جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم . مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇلار  بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە  ئوخشىمايتتى .
           گۇاڭجۇغا قايتىدىغان كۈنى ئايدورۇمدا ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدا ۋاقىت توشۇشىنى ساقلاپ ئولتۇرسام يەنە 35-36 ياشلار چامىسىدىكى ئۈچ ئەرەپ كەلدى ۋە ماڭا يېقىنلا يەردە ئولتۇردى . مەن بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە ماڭا بۇنچە كۆپ ئەرەبلەرنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم ۋە ھەيرانلىق بىلەن ئۇلاردىنمۇ نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكىنى سورىدىم .  
-كىشمىش ئالغىلى كەلگەن - دېدى بىرسى .
-ھە ، تۇرپانغا بېرىپسىلەردە -سورىدىم مەن .
-شۇنداق ، شۇ يەرگە باردۇق .
- قانداق بىزنىڭ كىشمىشلەر بولامدىكەن ؟ مال ئالدىڭلارمۇ ؟
- بىزنىڭ يەمەننىڭكىگە يەتمەيدىكەن ، ئازراق ئۆرنەك ئېپ قايىتتۇق . كېيىن كېلىپ ئېلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن  .
          مەن ھە دەپ قويدۇم . ئاندىن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تاماقخانىدا  2 سەئۇدىلىق ياشنى كۆرگەنلىكىمنى ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم . ئۇلار ئۇ ئىككىسىنىڭ ماڭا يالغان سۆزلىگەنلىكىنى ، سەئۇدىلىقلار چەتئەلدە ئوقۇماقچى بولسا ئاۋال ئامېرىكىنى ئاندىن قالسا ياۋروپانى تاللايدىغانلىقىنى ، جۇڭگونى تاللىغان تەقدىردىمۇ چوقۇم بېيجىڭ، شاڭخەي ،گۇاڭجۇدەك  شەھەرلەردە ئوقۇيدىغانلىقىنى ، شىنجاڭدەك ئىقتىىساد ۋە مائارىپى تۆۋەن جايلارغا ئۇلارنىڭ ئوقۇش ئۈچۈن كەلمەيدىغانلىقىنى  پەقەت ئۇلارنىڭ بۇ يەرگە كەلسە ئوينىغىلى كېلىدىغانلىقىنى سۆزلەشتى . مەن ئۇلارغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدم . بىز بىر ئايروپىلاندا گۇاڭجۇغا چۈشتۇق ۋە ئايدورومدا خوشلاشتۇق . بەلكىم ئالدىنقى ئىككى سەئۇدىلىق راستىنلا بىلىم ئېلىش مەقسىتىدە كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردۇ . كېيىنكى ئۈچ يەمەنلىك ھەقىقەتەن كىشمىش ئالغىلىرى كەلگەنلەردۇ . مەن ئۇلار ھەققىدە ئارتۇق گۇماندا بولۇشنى لايىق كۆرمىدىم .
       ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك دېڭىز بويى رايونلىرىدا جۇڭگولۇق قىزلار بىلەن توي قىلىپ يا قىلماي بىللە تۇرۇۋاتقان چەتئەللىكلەر خېلى كۆپ . بۇلارنىڭ ئىچىدە قانۇنلۇق توي خېتى بېجىرىپ بالىلىق بولغانلىرىمۇ بار . ھېچنىمىسى يوقلىرىمۇ بار . خەنزۇ قىزلارمۇ چەتئەللىكلەرگە تېگىشكە ئامراقكەن . چەتئەللىكلەرمۇ تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگولۇق قىزلارغا ئۆيلىنىدىكەن . ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەنلىرى يەنە بەزى ئېھتىياجلارنى نەزەردە تۇتۇپ تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىغا نەزىرىنى تىككەنىكەن . مەن بۇ يەردە ئەرەپكە تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خېلى ئاڭلىدىم ، كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىمۇ بار . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ يەرلەردە تونۇشقان بولسا ھەتتا بەزىلىرىنى ئەرەپلەر ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئەپ كەلگەنىكەن . ئاڭلىسام ئۈرۈمچىدىمۇ مەخسۇس مۇشۇنداقلارغا دەللاللىق قىلىۋاتقانلار بارمىش . ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ ھېسسىيات جەھەتتە ئاجىز ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان بولغاچقا ئەرەپكەن دېسە  ماقۇل بولىدىغانلار چىقىدىكەن . ئۇيغۇر قىزلىرى بۇ يەردىكى پۇلدىن باشقىنى تازا ئويلاپ كەتمەيدىغان سودىگەر ئەرەپلەرنى مىڭ يىل بۇرۇنقى تەقۋادار ئەرەپلەرگە ئوخشىتىۋالىدىكەن دە تېزلا ماقۇل بولىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ چەتئەللىكلەرمۇ  ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن ، بىركۈنلەردە دۆلىتىدىكى خوتۇنى بىلىپ قېلىپ جېدەل قىلسا ياكى  تىجارىتى ئاقماي قالسا ئاستا خېتىنى بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ يوقىلىدىكەن . بۇنداق ئەھۋالدا زىيان تارتىپ يىغلاپ قالىدىغىنى يەنە شۇ بىچارە قىزلاركەن  .
           مەن يەنە تۈركلەر ۋە ئەزەرلەر بىلەن ئۆي تۇتىۋاتقان  بىر نەچچە ئۇيغۇر قىزىنى ئاڭلىدىم . ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ باشقا مۇسۇلمان ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشى دىنى نۇقتىدىن خاتا ئەمەس . ئەمما كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى بۇ چەتئەللىكلەر جۇڭگوغا ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئۆي تۇتۇپ تۇرمۇش قۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلمىگەن ئەكسىچە تىجارەتنى ، پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن . ئۇلارنىڭ بۇ يەردە توي قىلىشى پەقەتلا باشقا مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن . چەتئەللىكلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ جۇڭگولۇق قىزلارغا ئۆيلىنىپ توي خېتى ئېلىشى جۇڭگودا تۇرۇش ئىقامىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىكەن . ئىشقىلىپ  ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا ھەرخىل مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغانكەن . مەن چەتئەللىككە تەگكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاجايىپ بەخت سۈرۈپ ، خوشاللىققا چۆمۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم ، بۇقىزلارنىڭ ئەرلىرى ئاياللىرىنىڭ باشقا ئۇيغۇر قىز دوستلىرى بىلەن باردى - كەلدى قىلىشىنى ، ھەتتا كۆپرەك تېلىفوندا سۆزلىشىشىنىمۇ خالىمايدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەن بۇنداق قىزلاردىن يىغلاپ ،  ئازاپ تارتىپ قالغانلىرىدىنمۇ نەچچىنى ئاڭلىدىم  .يەنە  قايسىدۇر بىر قىزنىڭ شىيئەگە تېگىپ شىيئە بوپ كەتكەنلىكىنى ، يەنە بىرىنىڭ ئېرىنىڭ ئۆيىنى سېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ،  يەنە نەچچىسىنىڭ ئالدىنىپ ۋاقىتلىق خوتۇن بوپ قالغانلىقىنى  . ئىشقىلىپ ئاڭلىغانلىرىم خېلى كۆپ . ئاڭلىغان بىر- ئىككى قىرغىز ، قازاق قىزنىڭ ھېكايىسىمۇ بار . بەزى چەتئەللىكلەر كېچىلىك كۇلۇبلارغا بېرىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان قىزلارنى ئېلىپ ئۆي تۇتۇپ يۈرەرمىش  . بىر قېتىم بىر نەچچە دوستۇم بىلەن مۇشۇ توغرىلىق سۆزلىشىپ قالدىم . بىرى : 《بىر قىسىم قىزلار ئەرسىز كوچىدا يۈرگىچە ، ياكى كېچىلىك كۇلۇبلاردا ئۇسۇل ئويناپ ، پاھىشە بولغۇچە نېمىلا بولمىسۇن مۇشۇلارغا خوتۇن بوپ ئۆيىدە ئولتۇرغىنى ياخشى ئەمەسمۇ 》دېدى . بوپتۇ ،  بۇنىغۇ ياخشى دەيلى .  ئەمما  قايمۇقۇپ  شۇلارغا خوتۇن بوپ قالغان  بەزى ئەخلاقلىق قىزلارچۇ ؟  بۇ يەردىكى بىر قىسىم سودىگەر چەتئەللىكلەرنىڭ  ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيلا ئۇلارغا تېگىپ قالغان بىرقىسم قىزلارغا ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتماي بولمايدۇ .
               بىز مۇشۇ يەرلەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ پاكىز مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق . بۇ يەردىكى تۈركلەر ، ئەرەبلەر ۋە ياكى باشقا مۇسۇلمان چەتئەللىكلەر تاماقنى ئانچە  ئىلغاپ كەتمەيدۇ . ماكىدونالدز ، كېنتاكىيلارغا كىرىشى ئادەتتىكى ئىش . دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئامراق بولغاچقا خەنزۇلارنىڭ ئاشخانىلىرىدىنمۇ خېلى يەپ قويىدۇ . بۇنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەچكە دەۋاتىمىز ، ھەتتا ئىلغىماي ئۇزۇن قۇلاقنىڭ گۆشىنى يەپ سالغانلاردىنمۇ نەچچىنى ئاڭلىدۇق . بۇ
يەردىكى  چەتئەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىى ، مۇسۇلمانلىرىمۇ  ئۇنچىۋالا راستچىل ، سەمىيمىي ئەمەس .بەزى يالغان سۆزلىرىگە  ھەيران قالىسىز . بىرى  ماڭا ھەتتا  "سەن ئۈچۈن بالامنى ئۆلتۈرۈپ بېرەلەيمەن"دېگەن .مەن ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدىكى يالغان گەپنى توقۇيالىغىنىغا ھەيران قالغان . ئۇلار ئۇيغۇر يىگىتلىرىدەك كېلىشكەنمۇ ئەمەس . ئۇلارنىڭ بولسا ئازراق پۇلى بار  ئەمما پۇلنى دەپلا چەتئەللىككە تېگىش ئەلۋەتتە توغرا ئەمەس دە . ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردىكى سودىگەر چەتئەللىكلەرنىڭ تىجارەتتە زىيان تارتىپ ئاچقان شىركەتلىرى تاقىلىپ قالىدىغانلىرى جىق ، نەچچە قېتىم  ئۆز ۋاقتىدا ۋىزا يېڭىلىمىغانلىقى سەۋەبىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ جۇڭگوغا كېلەلمەيدىغانلىرىمۇ بار . ئەگەر مۇشۇنداقلارغا يولۇقۇپ قالسىڭىز سىزنىڭ نىكاھىڭىزمۇ تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دېگەن گەپ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە زاۋۇتلارنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۈەن پۇلىنى قويۇۋېتىپ قېچىپ كەتكەنلىرىمۇ بار دېمەك ئۇلارنىڭ سىزنى قويۇۋېتىشى ئادەتتىكى گەپ . ئاڭلىسام چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئۇيغۇر قىزلىرىمۇ  چەتئەللىكلەرگە تېگىشكە ئامراقكەن ئەمما چەتئەلدىكى ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئۇيغۇر قىزلىرى بولمىسا ئالمايدىكەن . بەلكىم ئۇيغۇر قىزلىرى رومانتىكلىققا بەك ئىنتلىدىغاندۇ  ۋە ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغاندۇ .
        شۇڭا ئۇيغۇرقىزلىرىغا دەيدىغىنىمىز  چەتئەللىك يىگىتلەرگە ئۇنچە ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭلار .بولۇپمۇ جۇڭگوغا كەلگەن سودىگەرلەرگە . ئۇلارغا سىلەرنىڭ دىنىڭلار ئوخشىغان بىلەن ئىرقىڭلار ، تىلىڭلار ، مىجەز خۇلقىڭلار ، تۇرمۇش ئادىتىڭلار ، يېمەك - ئىچمىكىڭلار تۈپتىن ئوخشىمايدۇ . شېرىنئاي مەزگىلىڭلار ھامان تۈگەيدۇ . دېمەك سىلەرنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆي تۇتۇپ كېتىشىڭلار ھەقىقەتەن مۈشكۈل . سىلەر خالىغان بىلەن ئاشۇ يولدىشىڭلار خالىسا ھېساپ . شۇڭا ئويلىنىپ ئىش قىلىڭلار ! ئۆزۈڭلارنىڭ كېيىنلىكىنى ئويلاڭلار ! ئېسىڭلاردا بولسۇنكى سىلەر بىر مىللەتنىڭ ئانىسىدۇرسىلەر .

2015-يىل 20-فېۋرال . گۇاڭجۇ

2

تېما

6

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 3119
توردىكى ۋاقتى: 815
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 20:14:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا تەنلىككە تەگكەن ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىغا ھەقىقەتەن لەنەت.


بۇ گەپلەرنى قىز-ئاياللار ئوبدان ئاڭلىسا بولىدۇ.

بولۇپمۇ ئۈرۈمچى قاتارلىق  چوڭ شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ياخشى ئاڭلاپ، ياخشى قىز-ئاياللاردىن بولۇشقا تىرىشىشى لازىم.

يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1079

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15208
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 160
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 20:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ . ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇيغۇر پەرزەنىتلەرنىڭ ئانسى ، مىللەتنىڭ كەلگۇسى ،ئۇيغۇر يىگىتلىرنىڭ تەبى تاللىشى ۋە رىسقىدۇر.ئۇيغۇر قىزلىرنى ياخشى تەربىلەش، ئەدەپ ئەخلاقىلىق شەرىم ھايالىق قىلىپ يتىشتۇرۇش بىز ئاتا-ئانا ھەم كەلگۇسى ئاتا- بولغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا ھەممىزىنىڭ مەسئۇليىتى .بۇلۇپمۇ قىز ئاياللىرىمىزنى قوغداش ، بىز ئۇيغۇر ئەركەكلىرنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىز ، مەيلى قىزلىرىمىز كىمگە تەگسە لامزەللىدەك كارىمىز بولماي يۇرشىمىز ،يەنە بەزىللىرىمىزنىڭ  ئوتتۇردا دەللاللىق قىلىپ يۇرشى ئادەمنى سەسكەندۇردۇ.  ئۇستىدىكى  يازمىنى ئۇقىغاندا يۇرگۇم شۇنداق ئىزىلدى ، ئىزىلدى ئەمەس قان ئاقتى . ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەسلىدە شۇنداقمىدى؟؟؟؟؟؟؟؟ 5000 ئۇيغۇر چەۋەنداز تاڭ سۇلالىسنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان نەچچە يۇزمىڭ تۇپلاڭچى قۇشۇننى يەر بىلەن يەكسان قىلغان ، مىلادىدىن نەچچە ئەسىىر ئىلگىرى ئالىكساندىر ماكدۇنىسكى قۇشۇننى چىكىندۇرۇپ يۇرتىمىزتۇپرىقىنى مۇنقەرىز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان ،ۋەتەن -ئەل ۋە خۇتۇن باللىرنى ئار نۇمۇستا قويماسلىق ئۇچۇن ئۇلۇمدىن قۇرىقمايدىغان شىر يۇرەك  ئەرلەر ئىدى . ھازىر بىزچۇ ؟ قىزلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا باشقلار بىلەن ئىشرەت قىلىپ يۇرسىىمۇ قىلچە نۇمۇس بىلمەيدىغان بوپ كەتتۇق. مەن كورگەن بىر خەۋەرلەردە دىيلىشچە تۇرك قىرنداش دولىتى بولغان تۇركمەنىستان قىزلىرنىڭ پەقەت تۇركمەن ئەرلىرگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى  چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلىشقا بولمايدىغانلىقنى دولەت تۇزىمى قىلىپ بىكتىكەن . بىلشىمچە ، دولتىمىزدىكى نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت بۇلۇپمۇ  زاڭزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ،قىزلىرنىڭ باشقا مىللەتكە ياتلىق بولشىنى  مىللەتكە كەلگەن ھاقارەت دەپ بىلدىكەن . ئالدى بىلەن زاڭزۇ ئەركەكلىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قىزلىرنى قوغدايدىكەن  . ئوز قەۋمىىنڭ قىز -ئاياللىرنى باشقىلاردىن قوغداش دۇنيادىكى ھەرقايسى قەۋىم -مىللەتلەردە ئوخشاشلا ھەققانى ئىش دەپ قارىلدۇ . بەزىدە توردا شۇنداق تورداشلار ئۇچرايدۇ ، دۇنيادا مىللەت دىگەن ئۇقۇم يوق پەقەت مۇسۇلمان كاپىر دەپ ئىككىگە بولنىدۇ ،ئۇغۇل- قىزلىرىمىز مۇسۇلمان نامىدىكى ھەرقانداق ئېرىق ھەرقانداق مىللەت كىشلىرى بىلەن توي قىلسا بولدۇ دەپ دەۋراڭ سالىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ دەرجىدىكى ئەقىلسىزلىغى بىزنى ئىچىندۇرماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق ئىدىيەدىكلەر بەك كوپ بولماسلىقى  مۇمكىن . ئەنە شۇنداق ئىديەكى نادان كىشلەرگە شۇنداق جاكالىغۇم كىلىدۇ :«بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شۇنداقلا مۇسۇلمان ، بىر مۇسۇلمان ئۇيغۇرمىز ، ئۇيغۇرلىقمىز تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان  بەلگسى،مۇسۇلمانلىقمىز بىلەن ئۇيغۇرلىقمىز ئوتتۇرسىدا ھىچقانداق قارمۇ -قارشىلىق ،زىددىيەت  يوق ». شۇنىڭ ئۇچۇن ھەربىر ئەركەك ،كەلگۇسدە ئاتا بولغۇچى كەلگۇسى  قىز-ئوغۇل پەرزەنتىگە ئۆزلۇك ئىڭى سىڭدۇرشى ، شەرمى-ھايالىق تەربىلىشى لازىمدۇر . شۇنداقلا ئەركەكلەر ئۇيغۇر قىز -ئايالدىن ئىبارەت تەبى رىسقىمىز باشقىلار تەرپىدىن تارتىپ كىتىلگەندە ھەم تارتىپ كىتلىش ئالدىدا تۇرغاندا چۇقۇم كوكرەك كىرىپ چىقشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن .(تورغا كوپ چىقمىغاچ ،كوپ ئىنكاس يازمىغاچ ، يازغان ئىنكاسىم سەل چۇۋالچاق بوپ قالدى ، ئەيىپكە بۇيرىمغايسىلەر)

0

تېما

0

دوست

636

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26079
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 206
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 20:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر قىزلىرىمىز نىمانچە ھەۋەس قىلىدىكىن بۇ چەتئەللىكلەرگە  . بۇلتۇر ھېلىقى تۈركىيەلىك كوچا ناخشىچىسى ئىسمائىل ئويۇن قويۇپ كەتكەدىن كىيىن  , توردا كىچىلىكنىڭ فىلىمىنى كۆرۈپ قىزلىرىمىزنىڭ يىۋەتكۈدەك قىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ , بەك ئاچچىغىم تۇتقان  . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىسمائىل دىگەن , شۇندا داڭلىق ناخشىچىمىدۇ دەپ   يۇتۇبىغا كىرىپ قارىسام  ,  ئۇنىڭ ناخشىسىنى ھىچكىم ئاڭلاپ قويمايدىكەن ئەمەسما  . يوتۇبىدا ناخشىللىرىنىڭ چىكىلىش قېتىم سانى  ئاران  ئىككى ئۈچ مىڭ قېتىم  , ئەڭ كۆپ بولغانلىرى  ئون بەش  , يىگىرمە مىڭ قېتىمكەن  .   
تاركان  , ئىبراھىم  , مۇستاپا قاتارلىق ھەتتا بىز ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان ناخشىچىلارنىڭ  بەش , ئون مىليون  ,  ئەللىك   , ئاتمىش مىليو  قېتىم چىكىلىپتۇ  .  
شۇنىڭدىنلا ئۇنىڭ قانچىلىك ناخشىچى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ  . مۆمىنجاننىڭ ئاشۇنداق بىر ناخشىچىنى ئەپ كىرگىنىگە بەك ئاچچىغىم تۇتقان  .

0

تېما

1

دوست

1609

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 489
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 20:55:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەھۋاللارنى گۇاڭجۇدا ئوقەت قىلىدىغان بىر دوستۇمدىن ئاڭلىغان.شۇ دوستۇم سىز بوپ قالماڭ يەنە!

0

تېما

2

دوست

3908

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1178
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 21:11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما  قىزلار ئىھتىيات قىلمىسا بولمايدۇ مەيلى ئەرەپ بولسۇن ياكى پاكىستانلىق بولسۇن مەيلى كىملا بولمىسۇن يات مىللەتلەرگە ئالدىنىپ قالماڭلار

0

تېما

0

دوست

1005

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33838
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 282
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 21:34:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەن مىللىتى گە تەككەنلەرنىمۇ كۆپ كۆردۇق   .   ئۈرۈمچىدە بىر باشلىقنىڭ 2 قىزىمۇ  خەنگە توي قىپتۇدەك .     راسىت گەپنى  قىلسام كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئالەمشۇمۇل گەپلەرنى تولا قىلغىنىمىز  بىلەن   ئەمەلىيەتتە  قولىمىزدىن كىلىدىغىنى چاغلىق .  مەن خەنزۇغا تەككەن بىر قىزنى  ئۇچراتقان  ‹‹5 يىلنىڭ ئالدىدىكى گەپ ››  ئېرى خەنزۇ  بىر ئوغلى بار ئىكەن .  دىسكو خانىدا تۇنۇشۇپ توي قىپتۇ  .سىزگە ئۇيغۇر  چىقمىدىمۇ دەپ نەچچە رەت سورۇدۇم يەرگە بىر قارىغان پېتى دۇكاندىن  كەتكۈچە چىرايىمغا قارىيالمىدى .  مەنمۇ  ھىچ  نىمە  قىلالمىدىم  .  نە   ئامال ما جوڭگو دىگەندە  نىكا ئەركىنلىگى دىگەن بىر  قانۇن  با  ئەمەسما  ھېلىغۇ خەنزۇغا  تىگىپتۇ  لالما ئىت   بىلەن توي  قىلسىمۇ مۇبارەك  بولسۇن دەيدىغان  گەپمۇ  ھەەەەەەەي   ھىچ بىلەلمىدىمغۇ    تاڭ .  ئاللا   ساقلىسۇن مىنىڭمۇ بىر  قىزىم  با   توۋا  دىمىسەك  بىكا

4

تېما

5

دوست

4427

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 1271
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-20 21:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھتىن بالىلىرىمىزغا ئىمان ئىنساب تىلەش بىلەن بىرگە كىچىكلىكىدىن باشلاپ مىللى غورور يىتىلدۈرمەك لازىمدۇر!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )