- تىزىملاتقان
- 2014-12-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 752
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
50.4%
|
manmanqi يوللىغان ۋاقتى 2015-2-22 15:00
ئاتا -ئانا پەرزەنتىنىڭ بىرىنچى ئۇستازى،بالىلارنى ق ...
جۇڭگۇدا پەقەت دىپلوم بالاسىدا يۈرگەن كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان<<چوڭلار مائارىپى>> دەيدىغان بىرخىل ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭلارنى تەربىيلەش ئورنى تېخى تەسىىس قىلىنغىنى يوق.شۇ ۋەجىدىن، مەن <<چوڭلارنى(مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن)ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىۋى ئەخلاقى ئارقىلىق تەربىيلەش كىرەك>> دەپ قارايمەن.ئەخلاق-ئىنسانلارغا خاس ھەركەت قائىدىسى، ئۇ ئىنسانلار جەمىيتىنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىدا ھەمدە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ھەربىر مىللاتنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئەخلاق بىلەن قارار تاپىدۇ، بولمىغۇر سۆز-ھەركەتلەر ئەخلاق ئارقىلىق تىزگىنلىنىدۇ، كىشىلەر ئەخلاق ئارقىلىق مۇناسىپ سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەخلاققا ۋە ئېسىل ئەنئەنىگە ئىگە.بىزدىكى بارلىق كىشى، بولۇپمۇ چوڭلار ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنىڭ ئۈچ چوڭ ساھەسى بولغان جامائەت ئەخلاقى، ئائىلە-نىكا ئەخلاقى ۋە كەسپى ئەخلاقنى بىلىشى ھەم شۇ ئەخلاققا قانداق زامان ۋە ماكاندا قەتئى رىئايە قىلىشى كىرەك.
ئەجداتلىرىمىزدىن بىزگىچە يىتىپ كەلگەن قىممەتلىك ئەخلاق دەستۇرلىرى بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دەرىسلىكىمىزدۇر. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ <<قۇتادغۇ بىلىك>>، فارابىينىڭ<<پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى>>، <<بەخىتكە ئىرىشىش يوللىرى ھەققىدە رىسالا>>، ئەھمەت يۈكنەكىينىڭ<<ئەتەبەتۇلھە قايىق>>، مەشھۇر تەسەۋۇپچى ئەھمەت يەسەيۋىنىڭ <<دىۋانى ھىكىمەت>>، ئەلشىر نەۋائىينىڭ<<مەھبۇبۇل قۇلۇپ>>، مۇھەممەت ئابدۇللا خاراباتىنىڭ<<مەسنەۋى خاراباتى>>، ئىمىر ھۈسەيەن سەبىرىنىڭ<<ماقالات>>، ئەخلاق شۇناس ئالىم مۇھەممەت سىدىق بەرشىيدىنىڭ<<سىدىقنامە>>، ئابدىقادىر داموللامنىڭ<<نەسىھەتى ئامما>>،<<مۇخەممەس>>،ۋە<<مىتاتۇل ئەدەپ>>.....ئۇنىڭدىن باشقا، قوشنا دۆلەت ۋە مىللەت تىللىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان<<كەلىلە ۋە دېمىنە>>، <<ئەھلاقۇل مۇھنىسىيىن>>، شەيىق سەئىدىنىڭ<<گۈلىستان>>،<<بوستان>> شەمسۇلئالى قابۇسنىڭ<<قابۇسنامە>> قاتارلىق كىتاپلىرى بىزنىڭ ئۆيدە ئوقۇتقۇچىسىز ھالدا تەربىلىنىشىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ!!!
ئاشۇ كىتاپلارنىڭ بىرەر پارچىسىنى ئوقۇپ ئوقۇپ كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىمىزنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدىغان بولساق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك، مەدىنىيەتلىك چوڭلاردىن بولۇشىمىزغا گەپ كەتمەيدۇ. پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسىل پەزىلەتلەر بىلەن ئۆرنەك بولۇپ،ئۇلارنىڭ مەدىنىيەتلىك، ئەدەپلىك، پەزىلەتلىك، شۇنداقلا ساپالىق ھازىرقى زامان ياشلىرىدىن بولۇپ چىقىشىغا تۈرۈتكە بولالايمىز. بۇنىڭ بىلەن، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ ھەرقايسى ئائىلىلىرىدە ئەۋلاتلارغا قارتىلغان ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيسىنىڭ كۆپخىل ئۇسۇل ۋە ۋاستىلىرى شەكىللىنىپ، مەزكۇر تەربىيە تورى ئومومى خەلىق ھاياتىنىڭ موھىم پائالىيەت شەكلىگە ئايلىنىدۇ.
قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق تەربىيسىدە ئەۋلاتلارغا ئەخلاق ئۈگىتىش ئىلىم ئۈگىنىشنىڭ ئالدىغا قويىلىدۇ ياكى ئىككىسى ئوخشاشلا موھىم دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن <<ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس>>دىگەن ھىكىمەت بىزگە ئەجدات نەسىھەتى بولۇپ قالغان. شۇڭلاشقا ھەممىمىز ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىمىقىمىز بەكمۇ زۆرۈر، چۈنكى ھەممىمىز كىچىكلەرگە سىلىشتۇرغاندا <<چوڭلار>> دۇرمىز! |
|