- تىزىملاتقان
- 2012-12-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4611
- نادىر
- 0
- يازما
- 248
ئۆسۈش
87.03%
|
پۇتىن بۇ ئاتاقلىق دۆلەت ئاتىسىنى چوڭ بىلىپتۇدە...ئۇكرائىنانى يۇتىۋىلىش شۇنچىلىك ئوڭاي.قازاقىستانغا شېلتىڭ ئىتىشمۇ تەس ئەمەس.چۈنكى قازاق ئىلىدا روسلار جىق.ئۇنىڭ ئۈستىگە قازاقىستاندىن قايتقانلارنىڭ قەلىمىدىن قازاقىستان يەرلىك ئاھالىلىرىنىڭ قازاق تىلىدىن كۆرە روس تىلىغا مايىل ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بىرىلگەن.بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا قازاق؛ارمۇ شەھەرلىكلەر يىزا سەھرادىن كىلىدىغان يەرلىك قازاقلارنى ياقتۇرماسلىق ئىدىيەسى مەۋجۇت.بۇ مىللەت توپىدا بۆلىنىش بار مىللەت دۆلىتىنى پۇتىننىڭ ئۇكىرائىناچە ئۇسۇل بىلەن پارچىلاشقا ئۇرىنىش ئىشىمۇ تەسكە تۇختىمىغۇدەك...دىمەك پۇتىن زەھەرخەندە سىتالىننىڭ نۇسخىسىكەن.قايتا سوۋىت ئىتىپاقىنى جانلاندۇرىمىز دەيدىكەن.ئارلىقتا قالغان مىللەتلەر ئامېرىكا ياكى روسىيەگە قاراپ بولالماي تۈگىشىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.ئامېرىكىغا بىقىناي دىسە بۇ مۇستەققىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى روسىيەنىڭ زىمىنى بىلەن قۇشنا،ئامېرىكىغا يىراق.روسىيەنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرەي دىسە بۇ ئىككى يۈزلىمىچى خەق تۇتقاقلىق كىسىلى بار ئادەمدە تۇرۇپ تۇرۇپ قۇشنىسىنىڭ ئۈيىگە بۇلاڭچىلىققا كىرىۋاتقان.يا جاھاننىڭ خۇجىسى بولغان ئامېرىكىلىقلار پۇتىننى ئانى تاپماي ئۆزىنىڭ غىمى بىلەن يۈرگەن....ھەي ...بۇنداق بولۇپ چار پادىشاھنىڭ قولىغا قالغاندىن بىراقلا تۈگەشكەن ياخشى جۇمۇ...1991-يىلدىكى سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتىپاقىcccp پارچىلانغاندا ئۆكتەبىر ئنقىلابى غەلبە قىلغاندا لىنىننىڭ سۆزلىرى ۋە باشقا مۇستەققىل ئىدىيەدىكى كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرى ئادەمنى ھەر ئويلارغا سالىدۇ.روسلار تەرىپىدىن باسقىنغا ئۇچىراۋاتقان يەرلىك مىللەتلەر....65-يىلدىكى كۆچ كۆچتە ئورۇسلارغا بۇزەك بولۇنۇپ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا دۆلەتنى ئاغدۇرۇش مەقسىتى بار دەپ يەتتە سۇ،چىلەك قاتارلىق رايۇنلارغا پالاندۇرۇلغان ئۇيغۇرلار...قىرغىن قىلىنغان مەھەللە كاتتىللىرى...
بىراق ئىشلار بۇنداق بولۇپ كەتمەس.قازاقلارمۇ قىرغىزلاردەك بوش ئەمەس.ھىلىمۇ بۇ روس مىللەتچىلىرىگە چىداپ ئاران تۇرىۋاتقاندۇ.قازاقلارمۇ بۇزەك خەلىق ئەمەس.قازاقىستاننى ئۇكرائىناغا ئۇخشىتىپ قالغان بولسا پۇتىن بۇ قازاقىستانغا ھەربى ئارلىشىش ئۇرۇنلاشتۇرسا ئۇكرائىنادىكى غەلبىسى قازاقىستاندا بازار تاپالمايدۇ.چۈنكى ئۇكرائىنا نىڭ روسىيەگە تەسلىم بولىشىدا بىرىنجىدىن،ئۇكىرائىنانى يىللاردە قوللىدى،قەرىز بەردى،ئارقىدىن ھەربىي ياردەم بەردى.ئۇكرائىنا بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ رۇسلاردىن كۆچمەنلەرنى كەڭ قۇبۇل قىلىۋەردى.ئارقىدىن روسلار بىلەن ئۇكرايىن مىللەتچىلىرى ئارسىدا تالاش تارتىش كۆرۈلىۋىدى ئۇكرائىنا تەرەپ بىسقتۇرۋەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇكرائىنيانىڭ سابىق باشلىقى يانۇكۇۋىچ بىر پارىخۇر.شۇنداق بولغاچقا روسىيە بۇ ئۇرۇشقا تەۋەككۇل قىلالىدى.قازاقىستانغىچۇ...بەلكىم بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلۇماتىيە نازاكىتىنى بىز چۈشەنمەيمىز.ماقالىدىمۇ دەيدۇ مانا:نەزەربايىف پۇتىن بىلەن بولغان ئالاقىگە قاتتىق ئىھتىيات قىلىدۇ...دىيىشلىرىدىن نەزەربايىفنىڭمۇ پۇتىن بىلەن ئىغىز بۇرۇن يالاشمايدىغانلىقى مەلۇم.يەنى نەزەربايىف مىللەتنى ساتىدىغان باشلىق ئەمەس.ئۇندىن سىرىت قازاق ئىلىدا مول بولغان كان ۋە نېفېت بايلىقى بار.بۇ نۇقتىدىن روسىيەگە بىقىنمايدۇ.پەقەت روسىيەنىڭ ھەربى ئەۋزەللىكىدىن تەپتارتىدۇ.بىراق قازاقىستانمۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىشنى بىلىدۇ.تورداشلارنىڭ ئىسىدىمىكىن،2006-6-ئايدا ئۆزبىكىستان ئەندىجاندا مىللەتچىلەر ئارسىدا قاتتىق ئۇرۇش چىقىپ كەتتى.ئۆزبىكىستان باشلىقى ئىسلام ئىسلام كەرىمۇف بۇ تۇقۇنۇشنى بىسىقتۇرماقتا يوق ئۆزى بىر ھەربى تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ قاتتىق توپقا تۇتۇپ نۇرغۇن ئاھالىنى قىرىۋەتتى..بۇنىڭدىن ئامېرىكا ئەل بىشى كىچىك بوش تېلېۋىزىيە نۇتىقىدا ئىسلام كەرىمۇفنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىمىز دىۋىدى بۇ ئىسلام كەرىمۇف شۇ ھامان پۇتىننىڭ قۇينىغا ئۆزىنى ئاتتى.ئارقىدىن ئۆزبىكىستاندىكى ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بىكارلاشنى تەلەپ قىلدى.ماناس ھەربىي بازىسىدىن جۇڭگۇ قەشقەرگە ئىككى سائەتلىك كىلىدىغان بۇ ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ تاقىلىشىدىن دۆلىتىمىزمۇ روسىيەمۇ خۇرسەن بولدى.شۇندىن بىرى ئۆزبىكىستان روسىيەنىڭ بىقنىدۇرىشى بىلەن ھازىرغا قەدەر تەرەققىياتى ئاستا ئەمما ئامانلىق قازاقىستانغا قارىغاندا قالايمىقان دۆلەتكە ئايلاندى.يىقىنقى ئىقتىساد خەۋەرلىرىدىن بىلىشىمچە ئۆزبىكىستان قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان ئەمگەك بازارلىرى تاقىلىشقا باشلىغانكەن...ئىشقىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئامېرىكا ۋە روسىيە ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ تەۋەلىك تالىشىش سورۇنى بولۇپلا قالسا چاتاق بولىدۇ.بۇنىڭدىن دۆلىتىمىز بىخەتەرلىكىمۇ تەسىرگە ئۇچىرشى مۇمكىىن.شۇڭا بۇ نۇقتىنى ئويلاشقان دۆلىتىمز مۇقىملىق ۋە ئەبىدى ئەمىنلىك ئۈچۈن غەربىي رايۇننى تىرىشىپ گۈللەندۈرۈشنى باشلىۋەتتى.پۇتىندەك زەھەرخەندە باشلىق بولمىسا ئامېرىكىدەك بىر ئىشغالىيەتچى بولمىسا بىزمۇ بىر دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسىتىدە ياخشى كۈن كەچۈرسەك...ئەل دۆلەتلەر تىنىچ بولسا،بىزمۇ بىر ماندا ئەدەم بولغانكىن چەتئەللەرنى ساياھەت قىلىشىپ كەلسەك .... |
|