- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1551
- نادىر
- 0
- يازما
- 170
ئۆسۈش
55.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 15:16
sheydai يوللىغان ۋاقتى 2015-2-27 14:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتىن ئەپەندى. مۇنبەردىكى بەزىلە ...
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام .ئۈمۈدنىڭ بولىشى ھەرخىل تەۋەككۈچىلىكنىڭ يىقىلغۇسىدۇر .ئەمىلىيەتتە بىر مېللەتنى بىر ئادەمگە ئوخشۇتۇپ مۇئامىلە قىلساق بولىدۇ .مەسىلەن .پۇتېننىڭ روسىينى يىڭى بىر دەۋرگە باشلاپ كىرىشى دەل بىر ئىرادىكىلىك بىر كىشىنىڭ سالاپەت ۋە ئەقىل ئارقىلىق دۆلەت باشقۇرۇش ئۇسۇلى دەل روسىيەنىڭ يىڭى دۇنيا تۈزۈلمىسى ئورناتماقچى بولغانلىقىندۇر .بىز روسىلارغا ئەمەس بەلكى سىياسەت ۋە ئىستىراتىيىگىيىدىكى ئۇسلۇبقا ئىگە بولغان روسىيە ھۆكۈمىتىگە قارىشىمىز كىرەك .پۇتېن ئەنئەنىۋى غەرپكە ئۆزىنى سۈركەش ،مەدىنىيەتلىك غەرب ئاھالىسى بولۇشنى ئۈمۈد قىلغان روس مېللىتىنىڭ يولىنى ئەمەس بەلكى روسلارنى ئۆزىنىڭ ئىدىيە ۋە دۇنيا قارىشى بىللەن ياشاشنى ئۈگەتتى .غەرب دۇنيا قارىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاسىياۋە شەرقىي ياۋروپا تەسىرىنى كۈچەيتىپ روسلارغا ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۈگەتتى .مۇنبەردىكى بىرقىسىم كىشىلەر تارىخى ئۆچ،ئانۇمۇسلارنى مۇشۇ يەردە تېللاش ۋە كارشى تۇرۇش بىلەن ئىلىش مەقسىتىدە مىنى روسپەرەس قىلىپ چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ .بىراق ،ھەقىقەت ئىغىزدا ئەمەس ھەرىكەتتە .بىز پۇتېننى قانچە قانخور ،ئىپلىس ،روسنى قانچە ۋاپاسىز كۆرەيلى دۇنيادا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئەڭ ياخشى تاللاش .ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش مەنپەئەتلىك ھەمرا دۆلەت تاللاشتىن ئايرىلالمايدۇ .ئوتتۇرا ئاسىيا ئىزچىل ئامىكىرىكا چۈشىنىدۇ كۆرۈپ ،ئامىرىكىنىڭ دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرىقتىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئاغدۇرماقچى بولدى بىراق ،روسىيە ئىزچىل بۇ بالىلارچە خام خىيالنى روياپقا چىقارمىدى .دۇنيادا مۇتلەق تەڭپۇڭلۇق يوق .ئامىرىكىنىڭ ئىلگىرىكى تاتلىق ھەمراھلىرى ھازىر باشلامچى دۈشمەنلىرى .روسىيەنىڭ بولسا مۆتىدىللىك بىلەن تاشقى ئالاقە سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە .يەنە كىلىپ ئۆزىنىڭ ئىستىراتىيىگىلىك مەنپەئەتى بار دۆلەتنى قۇرال كۈچى ئارقىلىق بولسىمۇ قوغداش ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ ھەم ھەركىتى بىلەن ئىپادىلەپ كەلدى .ئاسىيا ئىستىراتىيىگىسىنى ئەگەر پۇتېن ئىرادىسى بىلەن ماڭسا ..كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ .چۈنكى قېرىم ئومۇمى خەلق ئاۋاز قۇيۇش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىنى بىز شىنجاڭلىقلار ،شىياڭگاڭلىقلار بىۋاستە ھىس قىلغان رايونلاردۇر .
بىر داھىي ياكى بىر دۆلەت،دۆلەت باشىغا ئۆچمەنلىك ،دۈشمەنلىك بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقلىي يەكۈن ، سىياسىي ،جۇغراپىيىۋىلىك ،ئىستىراتىيىگىيىلىك قاراش بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك .ھىسسىي يەكۈن بىلەن ئىنكار قىلىش ،پەقەت قۇلاق موللىرىنىڭ قاۋاشلىرىدىندۇر .بىزنىڭ روسلارنى ،پۇتېننى ياقتۇرۇش ياقتۇرماسلىقىمىز مۇھىم ئەمەس بەلكى پايدىلىنىش ............. |
|