- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18155
- نادىر
- 0
- يازما
- 1578
ئۆسۈش
20.39%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا orkex تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-27 13:53
ئۆزبېكىستان ئەلباش سايلىمى تەييارلىقىغا جىددىي كىرىشتى
ئۆزبېكىستان ئەلبېشى ئىسلام كەرىموف 11-فېۋرال ئەلباش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى تىزىملىكىنى تەستىقلاپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەلباش سايلىمى ئۈچۈن يول ھازىرلىدى، سايلامغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمىتى ھازىر جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
ئەسلىدىكى كىشلەرنى ساقلاپ قېلىش
ئەلباش بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۆزبېكىستان يېڭى ھۆكۈمىتى زۇڭلى، بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە بەش نەپەر مۇئاۋىن زۇڭلى قاتارلىق جەمئىي يەتتە كىشىدىن تەشكىل تاپقان، ئاساسىي جەھەتتىن ھۆكۈمەت ئەسلىدىكى كىشلەرنى ساقلاپ قالغان.
زۇڭلى (Шавкат Миромонович МИРЗИЁЕВ) شاۋكەت مىرزىيېۋ 2003-يىلىدىن بۈگۈنەىچە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى (РустамАзимов) رۇستەم ئازىموۋ مالىيە مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ماكرلۇق ئىقتىساد ۋە ئىسلاھاتنى باشقۇرىدۇ.
بۇندىن سىرت، يېڭى ھۆكۈمەت يەنە 13 نەپەر مىنىستىر ۋە ئالتە نەپەر كومىتىت رەئىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى ئورنى بوش قالغان.
تۆت ئادەم ئەلباش سايلىمىغا قاتنىشىدۇ
بۇ قېتىملىق ئەلباش سايلىمى بولسا ئۆزبېكىستان ئەلباش-پارلامېنىت تۈزۈمى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇ سەۋەبتىن قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۇچىرىغان. نۆۋەتتە تۆت نەپەر ئاساسلىق سىياسىيون ھەرقايسى ئۆزىنى ئەلباش نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن.
ئەركىن دېموكراتىيە پارتىيىسى ھازىرقى ئەلباش ئىسلام كەرىموفنى نامزات كۆرسەتكەن. ئىسلام كەرىموف 1938-يىلى تۇغۇلغان، ئىقتىساد ئىلىمى دوكتۇرى، 1991-يىلى ئۆزبېكىستان ئەلباشلىقىغا سايلانغان، بۈگۈنگىچە ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.
خەلق دېموكراتىيىسى پارتىيىسى بۇ پارتىيە رەئىسى ئۆمەروۋنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. ئۆمەروۋ 1953-يىلى تۇغۇلغان، ئىلگىرى دۆلەت كان بايلىقى قوغداش كومىتىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
مىللى گۈللىنىش دېموكراتىيە پارتىيىسى بۇ پارتىيەنىڭ ئەزاسى سەيىدوفنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. سەيىدوف 1958-يىلى تۇغۇلغان، قانۇن ئىلىمى دوكتۇرى، پرافېسسور، ئادۋوكات، ھازىر دۆلەتلىك كىشلىك ھوقۇق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، 2007-يىلى ئىلگىرى مۇستەقىل ئەلباش نامزاتلىقى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن.
پارلامېنىتنىڭ ھوقۇقى چوڭايدى
ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا، ئۆزبېكىستان پارلامېنىت سايلىمى ئۆتكۈزدى، سايلامغا قاتناشقانلاردىن يۇقىرى بايان قىلىنغان تۆت پارتىيە ۋە بىر سىياسىي تەشكىل « ئۆزبېكىستان ئېكولوگىيە ھەرىكىتى» بار. ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالاموف سايلام ئەركىن ۋە باراۋار دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. سايلامدىن كېيىن، پارلامېنىتنىڭ ھوقۇقى چوڭايغان ھەم يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، پارلامېنىتنىڭ زۇڭلىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقى بولغان، ئەلباشنىڭ زۇڭلىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھوقۇقى بىكار قىلىنغان، ئەلباش پەقەت زۇڭلى ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەتنىڭ ۋالىيسى ۋە پايتەخىتنىڭ شەھەر باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىسا بولىدۇ. بۇندىن سىرت، مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىككە ھوقۇق بەرگەن.
http://www.nur.cn/news/2015/02/211275.shtml |
|