- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18420
- نادىر
- 0
- يازما
- 1591
ئۆسۈش
21.05%
|
كامىرون: ئۇكرائىناغا ھەربىي قىىسىم ئەۋەتىمىز
مەنبە : sina.com.cn
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئامېرىكا "ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى" نىڭ 27-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە، غەرب ئەللىرى بىلەن روسىيىنىڭ قارشىلىشىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە بېرىپ قالدى، 25-چىسلا روسىيىنىڭ 2000 نەپەر پاراشوتچى ئەسكىرى چېگرا رايوندا جىددىي ھەربىي مانىۋېر ۋە مۇداپىئە كۆرۈش مانىۋېرى ئېلىپ باردى، بۇندىن 24 سائەت بۇرۇن ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قىسىم ئەسكەرلىرى ئىستونىيە چېگرا رايونىدا پاراتتىن ئۆتكەن ئىدى، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان ھەربىي ماشىنىلار روسىيە زېمىنىدىن ئاران 300 مېتىر يىراقلىقتا پاراتتىن ئۆتتى.
26-چىسلا روسىيە يەنە كۆپ قىسىم ھەربىي مانىۋېر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ش ئا ئە ت نى "قالايمىقان ھەرىكەت" قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىمزالانغان مىنىسكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئۇكرائىنا كىرزىسىنى ھەل قىلىشقا ئانچە چوڭ رول ئوينىيالمىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 25-چىسلا روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننى ئەيىبلەپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بارلىق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلدى، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھۆرمەتلەنمىدى، دېدى ۋە روسىيىگە يەنە يېڭى باسقۇچلۇق ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دەل شۇ كۈنى، يەنە 25-چىسلا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيانقى تۇنجى ئادەم ئۆلمىگەن بىر كۈن بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن ئۇرۇش سەۋەبىدىن 5700 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئىدى.
گىرمانىيە بېرلىن ياۋروپا قىتئەسى سىياسىشۇناسى گېسلېر (Gessler) "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:"مىنىسكى كېلىشىمى پەقەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، بىراق ھەرگىز تىنچلىق كېلىشىمى ئەمەس. روسىيە بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ توقۇنۇشى بۇنىڭلىق بىلەن يوقاپ قالمايدۇ. قارشىلىشىش 2015-يىلى پۈتۈن بىر يىل داۋاملىشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالالىشى ناھايىتى قىيىن."
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون مۇنداق دېدى، بىز ھەربىي قىسىم ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى قىسىمدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشىگە ياردەملىشىشىنى قارار قىلدۇق، كانادا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە قاتنىشىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، روسىيە خەلق رايى سىناش تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، %40 دىن ئارتۇق روسىيىلىكنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ئۇكرائىناغا قورال-ياراغ ياردىمى تەمىنلەپ قالسا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇرۇش پارتلايدىكەن.
ئىسپانىيە "ياۋروپا-ئاسىيا باھالاش" تور بېكىتى ئامېرىكىنىڭ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ماللوك (Mallock) نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى، روسىيىگە قارىتا تەلۋىلەرچە تەشۋىقات كۈرىشى ئېلىپ بارماسلىق كېرەك. روسىيىنى بوش چاغلاپ قالغان كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، روسىيە دېگەن رايون خاراكتىرلىك دۆلەت. ئۇندىن باشقا روسىيىدە يەنە كۆپ مىقداردا قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار.
|
|