- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18161
- نادىر
- 0
- يازما
- 1578
ئۆسۈش
20.4%
|
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيىنى داۋاملىق جازالىماقچى
مەنبە: شىخۇا ئاگىنىتلىقى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭەش مەجلىسى 13- مارت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوكرائىنا كىرزىسىغا مۇناسىۋەتلىك شەخىس ۋە كوللېكتىپلارنى جازالاش مۇددىتىنى بۇ يىل 9- ئايغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇمۇمىي ئاخبارات چىقىرىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى جازالاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش 150 شەخىس ۋە 37 تەشكىلاتىقا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇلار قىرىمنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى ئاكشانوف، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئانتونوفلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خېلى بۇرۇنلار ئوكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەققىللىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن يۇقىرىدا ئىسمى چىققان شەخىس ۋە تەشكىلاتلارغا جازالاش تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپاغا كىرىشنى چەكلەپ، ياۋروپادىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتقان بولۇپ، جازالاش مۇددىتى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى توشاتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى شەخىس ۋە تەشكىلاتلارنى جازالاشتىن باشقا يەنە رۇسىيىنىڭ ياۋروپا كاپىتال بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ بۇ جازالاش تەدبىرى ياۋروپا پۇقرالىرى شىركەتلەرنىڭ رۇسىيىنىڭ بەش بانكىسى تارقاتقان مۇددىتى 30 كۈندىن ئاشىدىغان زايوم، پاي چېكى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە قورالىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەش، رۇسىيىنىڭ ئۈچ دۆلەت مۇداپىئە شىركىتى، ۋە ئۈچ ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ زايوم ئارقلىق مەبلەغ قوبۇل قىلىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ مەسىلىگە قارىتا جامائەتچىلىك ئوكرائىنا كىرزىسىنىڭ بارغانسېرى يامانلىشىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىينى جازالاش مۇددىتىنىڭ بۇ يىل 7 ئايدا ئاخىرلىشىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى كېيىنكى نۆۋەتلىك ياۋورپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا رۇسىيىگە قاراتقان ئىقتىسادى جازا مۇددىتىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى قارار قىلىشى مۇمكىن، ئەمما جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس- دەپ قاراشتى. ئۆتكەن يىلى 3- ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوكرائىنا كىرزىسىنى باھانە قىلىپ رۇسىيىگە كۆپ قېتىم جازالاش تەدبىرى قوللاندى، رۇسىيىمۇ بۇ تەدبىرلەرگە قارىتا مۇناسىپ قايتۇرما زەربە بەردى.
|
|