- تىزىملاتقان
- 2013-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3974
- نادىر
- 0
- يازما
- 435
ئۆسۈش
65.8%
|
بالىغا ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتنى سىڭدۈرۈش ئائىلە تەربىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم تېما.
بالىڭىزنىڭ دوستى ئۆيىڭىزگە كەلسە بالىڭىزنىڭ دوستىغا باشلىقىڭىز كەلگەندەك قىزغىنلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك.بۇ بالىغا ھۆرمەتنى،ئۆزىگە ئىشىنىشنى، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆگىتىدۇ.ئاتا-ئانىنىڭ بالىنىڭ دوستىغا قىلغان مۇئامىلىسى ئەمەلىيەتتە بالىغا قىلغان مۇئامىلىدۇر.بالا ئۆز دوستىغا قىلىنغان ھۆرمەتتىن ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت ئالىدۇ.
بىز ھەمىشە بالىلارغا نەسىھەت قىلغاندا بۇيرۇق تەلەپپۇزىنى ئىشلىتىمىز. بۇندىن كىيىنكى جەمىيەتتە «ئانى قىل،مانى قىلما»دېگەندەك ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىلەن بالا تەربىيلىسەك بالىلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز.بالىغا«بالام مېنىڭچە مانداق قىل»دېگەندەك تەكلىپ تەلەپپۇزى بىلەن مۇئامىلە قىلىش بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى،ئۆزىنى ئىپادىلەشكە بولغان جۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ.
بالىغا ئىمتىھاندىن ئۆتمىسە پەقەتلا بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىگىنىمىزنىڭ ئۆزى بالىغا باشقىچە چىقىش يولى يوق دېگەن ئۇچۇرنى بەرگەنلىكىمىزدۇر.بالىغا بۇنداق دىكتاتورلارچە مۇئامىلە قىلىش بالىغا بولغان ئادالەتسىزلىكتۇر.بالىنىڭ قىلغان ئىشىدىن ئاچچىقلانغىنىدا ئۇنى قارا قويۇق تىللاش ۋە قول تەگكۈزۈش ئاتا-ئانىنىڭ ياۋايى جەمئىيەتتىكى ياۋايى خۇلقتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.ئاتا-ئانا قانچە ياۋايى بولسا بالا شۇنچە كۆپ تىل ۋە شۇنچە كۆپ تاياق يەيدۇ.بالا قانچە كۆپ تىل ۋە تاياق يېسە شۇنچە ياۋايىلىشىدۇ ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىنى تاياق ۋە تىلدىن ئىزدەشكە تىرىشىدۇ.بالا خاتا قىلغىنىدا بالىغا بەرگەن تاياق ياكى تىل جازاسى بالىغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتالىقىنى تونۇش ھېسسىي ئەمەس،«خاتا ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ يولى تاياق ۋە تىل دېگەن »مېتود تەربىيەسىنى بىرىدۇ.
تېمىىڭىزنىڭ بۇ يەلىرىنى ئوقۇپ خىلى مەمنۇن بولدۇم ، تېمىڭىزنى ياخشى يىزىۋىتىپ تۇيۇقسىز قىيىپ كىتىدىكەنسىز !
تېىما يازغاندا رايۇنمىزدىكى تورداشلار قارىشى ئىلىۋاتامدۇ ، قارىشى ئىلىنمايۋاتامدۇ بۇنى بىلىپ يازسىڭىز ،
ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن .
مىنىڭ ئەڭ ياقتۇردىغان تېملىرىم بىلىمخۇمار ئەپەنىدىنىڭ تېىملىرى ، ..
|
|