- تىزىملاتقان
- 2015-1-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1056
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
5.6%
|
بۇ ئىش قارماققا كىچىك ئىشتەك تۇيۇلغان بىلەن،لىكىن ئەمىليەەتە چوڭ ئىش،ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاجىرشىش‹.مودا›،بوپكەتتى بۇنىڭ 90پىرسەنىت سەۋەبى دەل شۇ ئاۋىيىولۇق،بىزنىڭ يۇرىتتىمۇ،سالىھ بىر ئەرخوتۇن بار ئىدى،بىر بالىسى بولۇپ ئايالى تۇغۇتتىن يىنىپ كىتىدىغان چاغدا مىھمان قىچقىردىغان ئىش باركەنتۇق،ئوغال تەرەپ قىزنىڭ ئۆيىگە كۆپ نەرسە ئاپىرىپ بەرمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن قىز تەرەپنىڭ ئاچىسى،ئوغالنىڭ ئاچىسىغا تىلاۇن قىلىپ نەرسە كىرەك ئاز بوپقالدى كۆپرەك ئەۋەتىپ بەرسە دەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل تەرەپ خاپا بولۇپ ئىزا تارتماي تىلفۇن قىپتۇ دەپ بىرمۇنچە كايىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئەرخوتۇن ئازارلىشىپ قىلىپ ئاخىرى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن ئەر خوتۇنلۇق مىھرىمۇ سۇسلۇشۇپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن بىر يىل ئۆتۈپ ئاجراشتى،بالا يىتىم قالدى دادىسىغا،مۇشۇ ئىشلارنى تۈزۈتۈدىغان ئادەممۇ يوق ئۇ ئىماماخۇنۇمنلار مەسچىتتە كەچكىچە تاھارەتنىڭ پەرىزى تكت ۋاي تىنىچلىق دىنى ۋاي بۇ دەپ كاغا كىلىدىغان بزىگە كىرەك بولغان ۋەزنى ناھايىتىمۇ ئاز قىلىدۇ،كۆپىنىچىسى بىر دەپ بولغان گەپنى ئىت يىلدىن ئىشەك يىلغىچە دەۋىرىدۇ،ئۇنى دەۋەرەىچە مۇشۇنداق ئىشلارنى دىسە ھۆكۈمەت ئىماملىقتىن ئىلۋەتمەيدۇ،بولدى بۇ ئىش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىرلىككە كىلەلمەستىكى سەۋەپلەرنىڭ مەنبەسى چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق ئاۋى خولۇق سەۋەپىدىن خاپۇلىشاپ قىلىپ توغرا دەۋەت قىلسىمۇ ئىشنىڭ گىپىنى ئاڭلامتىم دەپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۇ چاي بۇچاي،ھەتتا بىرسى ئۆلەپ قالسىمۇ بارلىق بىر تۇققانلىرىغا 100 يۆەندىن چاي ئىچۈرىكەن تاس قالىكەن جەددى جەمەتىگە چاي ئىچۈرگىلى،مۇشۇنىڭ بىلەن ئىقدىسادى ئانچە ياخشى ئەمەس ئائىلىلەر پەقەت روناق تاپالمايكەن،مىنىڭ تىجارىتىممۇ ئادەتتە خىلى يامان ئەمەس پايدا قالىدىغان تىجارەت لىكىن يىل ئاخىرسىدا ھىساپلىساق قولۇمىزغا ھىچقانچە بۇل ئاچمايدۇ ،مەن بۇ پۇللارنى نەگە كەتكەندۇ دەپ كۆپ ئويلاپ ئاخىرى سەۋەبىنى تاپتىم،دەل تۇققاننىڭ جىق بولغىنىدىنكەن،قارىسام ئاپام دادامغا ھىلى بىرسىنى مارەكلەيىتتىم ھىلى بىرسى ئۈرۈمچىگە بىرىپ كەپتىكەن توۋا ئۈرۈمچى ھەرەم بولمىسا شۇنىڭغىمۇ پۇل ئاپىرىپ يوقلايدىكەن،ئاز ئاپاسا سەت تۇرىدۇ شۇڭا تۆۋەن دىگەندە 200 يۈەن،بولمىسا 500 يۆەنگىچە داداممۇ قاقشاپ بىرىدۇ مەن تولا گەپ قىلىپ خىلى تۈزەتكەن بولساممۇ لىكىن قۇدا باقىلىق ئادەمەە ھەرقانچە تۈزەتسىمۇ ئاپارماي بولمايدىكەن يەنە شۇ ھەپتە ئون كۈندە بىرقىتىم مارەكلەش بار،ھىلىمۇ بىز تىجارەتچىكەنمىز ئايدا ئۈچ تۆتمىڭ مائا ئالىدىغان ئادەم بولساق تۇرمۇشىمىزنى ئاران ئۆتكۈزۈپ كۈندە نان يەپ ئۆتۈدىكەنمىز ئاللاھقا شۈكرى يەنىلا قورسۇقىمىز توق لىكىن بىر يىل ئاران تاپقان پۇللار مۇشۇنداق چاي پاي ئۆي ئوڭشاشقا كىتىدىكەن،مەن ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى قولۇمغا ئالسام بىر تۈزەتمىسەم دەپكىتىمەن،
ئۇيغۇرلار ھازىر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئالدىراش دىننى پەننى ئىلىملەرگە قىزىقىدىغانلار ساناقلىق،شۇڭا مۇشۇ ئىشنىڭ مەنبەسىنى چوقۇم تىپىپ تۈزەتمىسەك كۆپ ئىشلىرىمىز تۈزەلمەيدۇ.
ھەي ھازىر خوتۇن ئالماقنىڭ تەسلىكى. |
|