ئىقتىسادچىل،تىجەشلىك بۇلۇشنىڭ پايدىسى،ھەشەمەت،ئىسراپخورلۇقنىڭ زىيىنى توغرىسىدا مىسال ئالىدىغان بولساق،تاڭ سۇلالىسى پادىشاھى تاڭ شۈەنزۇڭ يېڭى تەخىتكە چىققاندا شۇنچە چوڭ ئەلنىڭ خاقانى تۇرۇقلۇق ئوتتۇز ياشقا كىرگەن مەۋلۇت كۈنىنى يىمەك-ئىچمەك،مەي-شاراپ،نەغمە-ناۋاسىز ئىنتايىن ئاددىي ئۆتكۈزۇپ،ئەلنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،جۇڭگو تارىخچىلىرى ماختىنىپ سۆزلەيدىغان ‹كەييۈەن يىللىرىدىكى مەمۇرچىلىق›نى قولغا كەلتۈرگەن.بۇ جۇڭگونىڭ نەچچە مىڭ يىللىق فىئودالىزىم تارىخىدىكى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرىدۇر.دۆلەت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا نەتىجە قازانغان بۇ پادىشاھ كىيىن ئۇيۇن-تاماشا،ھەشەمەتچىلىك،كەيىپ-ساپا،ئەيش-ئىشرەت، مەنمەنچىلىككە ھەددىدىن زىيادە بىرىلىپ،مۇھىم ئىشلاردا بىپەرۋالىق قىلىپ،دۆلەتنى مۇنقەرىز بۇلۇش گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويغان ،ئۆزى ئاستانىدىن قېچىپ چىقىپ،جېنىنى ئاران ساقلاپ قالغان،ئاخىرقى ئۆمۈرىنى ھەسرەت-نادامەت، پۇشايمان ئىچىدە يىغلاپ ئۆتكۇزگەن.
پىسخولوگىيە ئىلمىدە‹ئابرويپەرەسلىك،شۆھرەتپەرەسلىك ئىنسان تەبئيتىنىڭ قاراڭغۇ،خۇنۈك بىر تەرىپىدۇر›دەپ قارايدۇ. ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپخورلۇق قالاقلىقنىڭ نىشانىسى ئىكەنلىگى ھەممىمىزگە ئايدېڭ،ئەلۋەتتە!
بەزىلەر بۇنى ‹بۇ دىگەن ئادەمگەرچىلىك ›دەپ توغرا چۈشەندۈرمەكچى بولىشىدۇ،كۈرۈپ تۇرۇپتىمىزكى بۇ ئايىغى چىقماس ئادەمگەرچىلىك بىزگە ھېچقانداق نەپ بېرەلمىدى،ئەكسىچە زىيىنى بىسيار كۆپ بولماقتا.ئاددىيلا ئېلىپ ئېيتساق بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇزۇن داۋاملاشقاندا بىرىنچىدىن،پۇل-ئىقتىساد ئىسراپچىلىقى ئېغىر بۇلۇپ،خەلىق نامراتلىشىدۇ.
ئىككىنچىدىن،يىمەك-ئىچمەك ئسراپ بۇلۇپ خارلىنىدۇ.
ئۈچۈنچىدىن،ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ ۋاختى بىھۇدە ئىسراپ بۇلىدۇ.
تۆتىنچىدىن،بەس-بەس ۋە دورامچىلىق ئەۋىج ئېلىپ،ئۆرپ-ئادەت بۇزۇلۇپ،ئەقىدە-ئېتقاد يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ.
بەشىنچىدىن،سالامەتلىككە زىيانلىق بۇلۇپ،يىمەك-ئىچمەك رېتىمى بۇزۇلۇپ،تۈرلۈك ساقايماس كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ!
بىر نەچچە يىل مابەينىدە،توي سېلىقى تىك سىزىقلىق يۆنىلىش بويىچە ئۈسۇپ كەلدى،بۇمۇ ئىنتايىن زىيانلىق،ناچار ھادىسىلەرنىڭ بىرىدۇر.بۇنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭدۇر.ئاددىيلا ئېلىپ ئېيتساق؛
بىرىنچىدىن،نىكاھنىڭ چىن ئاساسى بولغان مۇھەببەت خارلىنىدۇ؛
ئىككىنچىدىن،بويتاق يىگىت،ئولتۇرۇپ قالغان قىزلار كۈپىيىپ ئەخلاق بۇزۇلىدۇ؛
ئۈچۈنچىدىن،يەنىلا پۇل-ئىقتىسادئىسراپچىلىقى بۇلۇپ،خەلىق نامراتلىشىدۇ؛
تۆتىنچىدىن،ئاتا-ئانا،قىز-يىگىتلەردە روھى بېسىم تۈپەيلى ھەر خىل كېسەللىكلەر پەيدا بۇلىدۇ!
مەن دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن،ئىسراپچىلىق،چوڭچىلىق،ھەشەمەتچىلىك قىلمىشلىرىغا بۇرۇندىنلا باشقىچە پىكىرىم بار ئىدى،بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قايناپ ئۈزىنى تۇتالماي قالغان مەنمەنچىلىك،قۇرۇق ئابرويپەرەسلىك،بەس سېلىشىشلارنى كۆرۈپ،بىر نەچچە ئادەم بىلەن پاراڭلاشساملا ئۈرۈمنىڭ قارشى پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم،ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ،مېنىڭ كۆز قارىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.بۇ مەنمەنچىلىك ،ئايىقى چىقماس ئادىمەتچىلىكنى قوللايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى،بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نارازىلىقى مەندىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچلۈك ئىكەن، كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇكى، بارچە خەلق،پارتىيە-ھۆكۈمەت،دىنىي-زاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ئىشنى مۇھىم ئىشلار قاتارىدا كۆرۈپ،قاتتىق تەرتىپكە سېلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ!ھازىر پارتىيىمىز ئىختىسادچىل،تىجەشلىك جەمىئيەت قۇرۇش،ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى،رەھبىرىي كادىرلارنى كونتىرول قىلىپ باشلامچى بولدى،بۇ ئىشلارنى تەرتىپكە سېلىش پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە ھەم ئۇيغۇن،شۇ سەۋەپ ئەتراپىمدىكى بىر تۈركۈم ئاممىنىڭ ھاۋالىسى ۋە ئۆز ئارزۇيۇم بۇيىچە قەلىمىم ئاجىز،سەۋىيەم تۆۋەن بولسىمۇ بۇ يازمىنى يېزىپ چىقتىم،نۇرغۇن پىكىر قۇبۇل قىلىش ھەم مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تەرتىپكە سېلىشقا تىگىشلىك ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىچە دەپ قارىدۇق:
بىرىنچى،توي سېلىقى،يەنى يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە بىرىدىغان تويلۇق پۇلىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 15000يۈەننىڭ تۈۋىنىدە كونتىرول قىلىش،قىز تەرەپ ئېلىپ كېلىدىغان تويلۇق ماللار(يوتقان-كۆرپە،بىرنەچچە قۇر كىيىم-كېچەك،ئالتۇن زىبۇ-زىننەت )بولسا مۇۋاپىق بۇلىدۇ،باشقا ئۆيگە كىرەكلىك بۇيۇملارنى ئۇغۇل تەرەپ ئەھۋالىغا قاراپ تەييارلىسا.
ئىككىنچى،ئوغۇل پەرزەنتى يوق، قىز پەرزەنتلىك بولغانلار رېستۇراندا ئۆتكۈزۈدىغان گۈلچاينى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك.بۇ بىزنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتىمىزدە قائىدە-يوسۇنلىرىمىزدا ئەسلا يوق بىر ئىش.
ئۈچۈنچى،ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ سۈننەت تۇيىنى ئۆز ئۆيلىرىدىلا ئاددىي ئۆتكۈزۈپ، كۆپرەك پەرزەنتلەرنىڭ تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
تۆتىنچى،چوڭ تويدا بولىۋاتقان قىز ئولتۇرۇشى،ئوغۇل تەرەپ كەچلىك ۋىچىركىسى(كەچلىك زال ئولتۇرىشى)دىگەندەك رېستۇراندا بولىدىغان بىھۇدە ئىسراپچىلىقنى ئازايتىش تولىمۇ زۆرۈردۇر.بۇ ئۆرپ-ئادىتىمىزە ئەسلىدىمۇ يوق ئىش بولۇپ، پەيدا بولغىلى ئۇزاق بولمىغان ، تۇرمۇشىمىزغا يېڭىدىن سىڭىپ كىرگەن ئۆزىمىزگە يات ئادەتلەردۇر.
بەشىنچى،تويلاردا قومۇل مۇقاملىرىنى ئۇرۇنلاش،قومۇل مەشرەپلىرى، يۈز ئاچقۇ بىيىتلىرى قاتارلىق ئەنئەنۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز تېخىمۇ ئۇمۇملاشتۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلسا.
ئالتىنچى، تويدا چوڭ رەھمەت،كىچىك رەھمەت قاتارلىق رەسمىيەتلەر ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ ئادەم سانىغا چەك قۇيۇلسا.
يەتتىنچى،ھەرخىل چوڭ-كىچىك مەرىكىلەردە،خىنە ئېلىش(سوغات) ۋە بېرىش(پۇل ۋە رەخت-پۇچۇق قاتارلىق نەرسىلەر)قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا.بۇ ھەممە مەسىللەرنىڭ نېگىزى بۇلۇپ،ئەگەر بۇ مەسلە ھەل بولسا بارلىق ئىسراپچىلىق،ھەشەمەت،مەنمەنچىلىك ھادىسىلىرى تۈپ يىلتىزىدىن يۇقايدۇ.
مەن ئاڭلىغان،بىلگەن ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا بەزى يېزا رايونلاردا يۇقارقى تەۋسىيەلەر تەشۋىق قىلىنىپ يولغا قۇيۇلقان ھەم ئۈنۇمى ياخشى بولغان،لېكىن رايۇنلار ئارا بۇلۇنغان توي-تۆكۈنلەردە پىكىر بىردەك بولماي يەنىلا يولدىن چىقىپ كەتكەن.بۇ ئىشلار پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، دىنىي-زاتلارنىڭ ، يۇرت چوڭلىرىنىڭ، ھەر بىر پۇقرانىڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك جىددى مەسىلە بولۇپ، پارتىيە –ھۆكلۈمەت تەشۋىق- تەربىيەنى كۈچەيتىپ ، ئومۇميۈزلۈك تۈزىگەندە بارچە خەلقنىڭ ئاكىتىپ قوللىشى بىلەن ماھىيەتتىن ھەل بۇلىدۇ.
مەن ئويلايمەنكى، قېرىنداشلىرىمىز رېستۇرانغا ئازراق قاتراپ كىتاپخانا،كۈتۈپخانىلارنى ئاۋات قىلغان چېغىدا ،بەخت-سائادەت گۈللىرى پۇرەكلەپ ئېچىلىپ خۇشپۇراق چاچىدۇ ! مەلۇم كەسىپ-ساھە،خىزمەت ئۇرۇنلىرىدا نەتىجە قازىنىپ،خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان چېغىدا ھەقىقىي ھۆرمەت-ئىناۋەت تاپىدۇ !