- تىزىملاتقان
- 2014-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 175
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
58.33%
|
سۇئال: «شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئەۋلادلىرى قۇمۇلدا ھازىرمۇ باردۇ؟»
جاۋاپ: بار. شاھ مەھسۇد چىڭۋانىڭ بىر نەچچە ئەۋرىسى بار. ھازىر بىردىن بىر ھايات ئوغۇل ئەۋرىسىنىڭ ئىسمى رامزان، 60 نەچچە ياشلاردا بار، مىجەزى ياخشى، چىقىشقاق ، چىرايلىق كېلەشكەن ئادەم، شەھەر ئىچى يېزىسى ئەجدىھا تال كەنىتىدە، بىز ئاغىنە. ئۇ شاھ مەھسۇد ۋاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى نەزەر ۋاڭنىڭ 2-ئوغلى ئابدۇللاھ ۋاڭنىڭ 3-ئوغلى، ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىلا ئولتۇرىدۇ.
مەن 1969يىلى 1-ئايدىن 1973يىلى 9-ئايغىچە (شاڭخەي جۇڭيى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتكىچە) ئابدۇللاھ ۋاڭنىڭ چوڭ ئوغلى راھمان، ئوتتۇرانچى ئوغلى ھاجى ۋە كىچك ئوغلى رامزان بىلەن بىر دۈيدە 4-5يىل لاۋگەيدەك ئەڭ ئېغىر، ئەڭ پاسكىنە ئىشلارغا سېلىنغان ئىدۇق. چۇنكى مەن 18 يېشىمدا «سېسىق زىيالى»لار قاتارىدا كەمبىغەل دېھقانلارنىڭ تەربىيەسىنى ئالغىلى يېزىمىزنىڭ بۇ دۇيىگە چۈشكەن ئىدىم.
ئابدۇللاھ ۋاڭنىڭ چوڭ ئوغلى راھمان ئاكىمىز (تولا بولسا مەندىن 10 ياشلار چوڭ )ئۈرۈمچىدە شوپۇر ئىكەن ، ۋاڭنىڭ ئەلادى دەپ يېزىغا چۈشۈرۋېتىلىپتۇ، بىز ، كشىلەر ئەڭ كۆزگە ئىلمايدىغان كالا ھاۋرىسىنى ھايداپ ، قەھرىتان سوغۇقتا 10نەچچە سائەت ئشلەيتتۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ ماشىنىنى قانداق ئۇستا ھايدايدىغانلقىنى ۋە رېمۇنىت قىلالايدىغالىقىنى زوقلىنىپ دەپ بىرەتتى...... ئاتالمىش«مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن كېيىن سىياسەت ئەمەلىيلىشىپ ئۈرۈمچىدىكى ئەسلىي ئىدارىسغا قايتىپتۇ، ۋاپات بولغىلى نەچچە يىل بولۇپتۇدەك، ئاللاھ رەھمەت قىلغاي!
ئابدۇللاھ ۋاڭنىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ھاجى( ئەسىلى ئىسمى نىمىلىكىنى سورىۋالماپتىمەن، مەندىن تولا بولسا 4-5 ياشلار چوڭ ) بەلكى تولۇقسز ئوتتۇرىغىچە ئوقۇغان بولسا كېرەك ، ئۇ چاغلاردا 5 خىل (پومششىك، باي دېھقان، ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچى، بۇزۇق ئۇنسۇر)لارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تولۇق ئوتتۇرا ۋە داشۆلەرگىچە ئوقۇش رۇخسەت قىلىنمايتتى. ئۇ چىرايلىق، ئىگىز بوي ، ناھايىتى قاملاشقان يىگىت ئىدى. ماڭا دائىم :«مەن قۇمۇلنىڭ بۇرۇنقى پادىشاھسىىنىڭ ئوغلى، سەن ھازىرقى پادىشاھسىنىڭ ئوغلى ، دۆلەتنى بۇلار كۆرسە، ھېسابىنى بىز بېرەمدۇق ؟! »دەپ تولا قاقشايتتى....( مېنىڭ دادام 60-يىللاردىكى قۇمۇل ۋىلايتىنىڭ 30نەچچە ياشلىق ئەڭ ياش شۇجىسى ئىدى ، گەرچە، دادام بۇلارنىڭ دۆلىتىنى كۆرمىگەن بولسىمۇ ) . مەن ھاجىغا «سەۋرى قىلغىن بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ،دەيتتىم» . كېيىن ئۇ دادىسىنىڭ ئاكىسى بېشىر ۋاڭنىڭ قىزى زوھرە خېنىم بىلەن تۇي قىلىپتۇدەك(ئۇ يىللاردا كىشىلەر ۋاڭ ئەۋلادلىرى بىلەن نىكاھلىنشتىن قورقاتتى ) ، نەچچە بالىلىق بولدى بىلمىدىم. نەچچە قېتىم قۇمۇلغا بارغاندا يوقلاپ قوياي، دېدىم - يۇ، ئاللاھ بۇيرۇمىدى بولغاي يوقلىيالمىدىم. 80-يىللاردا، بىر كۈنى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە دادامنى يوقلاپ بارسام (دادام 1950-يىلىدىن 1953يىلغىچە شىئەن يېزا ئىگىلىك ئىنىستېتۇتىدا ئوقىغان بولغاچقىمىكىن، 1981-يىلىدىن باشلاپ قۇمۇلدىن يۆتكەپ بۇ ئىدارىغا شۇجى ۋە ئاكادېمىيە باشلىقى قىلىپ قويدى )، دادام : «بېشر ۋاڭنىڭ زوھرە دېگەن قىزى مېنى يوقلاپ ئۆزى تىككەن قۇمۇل دۇپپىسدىن بىرنى ئالغاچ كەپتۇ، ساڭا بىرەي، سەن كەيگىن » دېدى. ئۇنى ناماز، تۇي -تۆكۈن ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇھىم سورۇنلاردا كېيىپ قويىمەن. نەچچە يىل بولدى، ھاجىمۇ ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ. ئاللاھ رەھمەت قىلغاي ! 2014-يىلى قۇمۇلغا بارغاندا زوھرە خېنىمدىن كۆڭۈل سوراپ يوقلاپ قوياي دەپ «ئوردا باغ»قا چىقسام، ھازىرقى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى خېشۇن خۇايۇەن(和顺花园)گە كۆچۈپ كېتىپتۇ، ئۇ يەرگە بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم ، كىشىلەر بىلمەيدىكەن . ئاللاھ بۇيرىسا بۇ يىل قۇمۇلغا بارسام يوقلايمەن.
بېشىر ۋاڭنىڭ يەنە بىر قىزى لۈكچۇندە ئىكەن، بەلكىم چوڭ قىزى بولسا كېرەك، 1998-يىلى ئۇيغۇر تېبابىنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرىنى 4-قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرپانغا بارغىنىمدا تۇرپان ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىنىڭ باشلىقى ئەخمەت ئاكا بىر مەھەلىگە كەلگەندە بۇيەردە بېشىر ۋاڭنىڭ بىر قىزى بار، كۆرۈشۈپ قوياملا دېدى، مەن ئەلبەتتە بولىدۇ، دەپ يوقلاپ بېرىپ كۆرۈشتۈم ۋە خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشتۈم.
ئابدۇللاھ ۋاڭنىڭ 3-ئوغلى رامزاننىڭ بىلىشىمچە بىر ئوغۇل بىر قىزى بار، ئوغلى بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىكەن، قىزى ئىچكىرىدە ئوقۇيدىكەن. دائىم سالام سائەت قىلىشىپ تۇرىمىز، بىر شەنبە كۈنى بامدات نامازدىن كېيىن ئالتۇنلۇقتىكى قەۋرىستانلىققا مەرھۇم ئاپامنىڭ بېشىنى يوقلاشقا ئالدىراش كېتۋاتسام رامزانمۇ ئالتۇنلۇققا موتۇتسىكىلىتتا مېڭپتىكەن، « ئابدۇرەھىم دوختۇر» موتورۇمغا مىنگىشىپ ئالسىلا دېۋىدى، مەن « ئۇلۇغ بۇۋىلىرى شاھ مەھسۇتنىڭ روھى يۈگىرەپ چىقىپ ، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلغان بوشقىنىڭ ئەۋلادىغا شوپۇر بوپسەن دەپ ئۆزلەنى سوتلاپ يۇرمىسۇن »دەپ چاقچاق قىلسام، « ئۆزلەنىڭ ئەجداتلىرى ئۇلۇغ مومام( شاھ مەھسۇتنىڭ ئايالى) نى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتىغى جەمەت تۇرسا، ئۇلۇغ بۇۋىلىرى بوشقى ( ئۇردا ئارقا سەپ ئىشلىرى باشلىقى ) تۇرسا، مەن بولساممۇ كىچىككىنە خىزمەت قىلىپ ئۆتنە قايتۇرىتەي » دەپ تۇرۇۋالغاچقا بىللە بىر دەمدىلا ئالتۇنلۇققا چىقتۇق، ۋاڭلارقەۋرىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «قۇمۇل مۇزىيى»نىڭ شەرقى تېمى ئىچىدە بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەۋرىستانلىقى بار بولۇپ، قۇمۇل شەھەر ئايلانما يولىنىڭ ئىچىدىكى بىردىن-بىر ساقلىنىپ قالغان قەۋرىستانلىق ئىدى، ۋاڭلار قەۋرىستانلىقى ئايلانما يولنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، «ئالتۇنلۇق» دەپ ئاتىلاتتى، چۈنكى، ۋاڭ-خوجا، تەيجى، بەگلەر «ئالتۇن» جەمەت، ئەلەم ، مۇپتى، قازىلار «كۆمۈش» جەمەت، ۋاڭلارنىڭ ئاتىغى( ئاتا ئاغاسى ياكى ئاتاق ئاتىسى)، ئوردا ئەمەلدارلىرى «مىس» جەمەت دەپ قارىلىپ ، قەۋرىستانلىقى ئالتۇن مەھەللىسىدە ئىدى. ئابدۇرەھىم ئابلىز شەھەر باشلىقى بولغان يىللاردا قەۋرىلەر چېقىلىپ يېڭى قەۋرىستانلىققا كۆچۈرۈلگەندە «قۇمۇل مۇقام سارىيى» نىڭ غەربىدىكى «ئەلەم ئاخۇنۇملار قەۋرىستانلىقى» دىكلەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن نەچچەيۇز كىشى بۇزدۇرماي تۇرىۋالدى، ئۇنىڭغىچە مەركەزدىن زورمۇ-زور قەۋرە چاقماسلىق ھەققىدە ھۆججەت چىقىپ قەۋرە چېقىش توختاپ «چاق-چاقتىن چاقماق چىقىپتۇ » دېگەندەك ئىش چىقىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. «مازاردىن پۇتۇڭنى تارت، ئۇلۇغلاردىن ئاغىزىڭنى» دېگەندەك، نەچچە يىلدىن كېيىن 2003-يىلى 10-ئاينىڭ بېشىدا ئابدۇرەھىم سىجاڭنىڭ ئاپىسى خەلىچىخان بۇجاڭ (قۇمۇل ۋىلايەت تەشكىلات بۆلۈمىنڭ باشلىقى )قاتارلىق بىر ئۆيدىن نەچچە كىشى ماشىنا ۋەقەسىدىن قازا تاپتى ( خېلى ياخشى ئىشلارنى قىلغان ئايال ئىدى، تەغدىردىن بولسا بالدۇر تۇگەپ كەتتى )، ئابدۇرەھىم سىجاڭمۇ ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېتىلدى.
قۇمۇللۇقلار ئەزەلدىن ئەمەلدارلارغا خوشامەت قىلمايدىغان، سۆزلىرى سىيلىق - سپايە، كۆڭلى تۈز-ئاقكۆڭۈل، يالغانچىلىق قىلمايدىغان ، باشقىلارنى بۆزەك قىلمايدىغان، باشقىلار بوزەك قىلسا مۇش كۆتۇرۈپ چىقىدىغان، دىيانەتلىك كشىلەردۇر،...ئۇلاردىن ساۋاتسىزلار ئاز، قەلەم -ئەلەم ۋە ئىلىم-پەن بىلەن شوغۇللنىدىغانلار كۆپ چىقىدۇ...ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، ئابدۇكېرىم خوجا، غولام غوپۇر، ئايشە ئەخمەت ( نەۋرە ئاچام )....قەلەمكەشلەر ۋەكىلى، تۆمۇر خەلپە، خوجىنىياز ھاجى، سېيىت باتۇر، سوپاخۇن پولكونىك...ئەلەمكەشلەر ۋەكىلى، گۇۋۇيۇەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغۇچى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىسلەر خېمىت ھېمىت ۋە مەن، ئاپتونوم رايون بويىچە تۆھپىسى گەدىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەردىن ئالدىنقى ئىككەيلەندىن باشقا يەنە ھەجەرگۈل قاسىم، خانىشلار ...نەچچە ئونلىغان دوكتۇر ۋە پروفسسورلار بار. ئەلنەغمچلەردىن ئالمىخاننى بىيىت بىلەن يېڭىپ قۇمۇلغا كېلىن قىلىپ ئەكەلگەن كىچىك بۇۋىمىز ئىبراھم بىيىتچى، مەشھۇر غىجەكچى ئاخۇنبەگ، نەغمىچى ئاقپاشاھ، لەپەرچى لەلىخان ، نەغمىچى ۋە غىجەكچى كۆزى ئاجىز قارىلار بار...
( خاتا كەتكەن جايلار بولۇشى تەبىئىي، بەزىدە تېمىدىن چەتنەپ كەتتىم ، ئەفۇ قەلەملەر بىلەن تۈزۈتۈپ قويۇشىڭىزلارنى تۆۋەنلىك بىلەن سورايمەن، رەھمەت! )
|
|