- تىزىملاتقان
- 2014-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 175
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
58.33%
|
باركاللاھ ! قۇمۇلدىن خېلى ئەزىمەتلەر چىقىدۇ!...قەشقەر، خوتەن، ئاتۇش، ئاقسۇ، ئىلى، تۇرپان ئالتە شەھەردىن ئوخشاشلا ئەزىمەتلەر چىقتىغۇ : مەھمۇد كاشىغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ ، ئەلنامە ئالائىدىن خوتەنى، توغلۇق تۆمۈرخان، ھەزىرتى تەجەللىي، موللا موسا سايرامى، موللا ئەخمەت لۈكچۇنى( قىسۇرى) ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، ئەخمەتجان قاسىمى لار...شۆھرەت مۇتەللىپ، خالمۇرات غوپۇر، ئەركىن سىدىق، رىشات ئابباس، تاشپۇلات روزى، تۇرسۇنجان ....لارنىڭ ھەممىسى بىز ئۇيغۇرلاردىنغۇ!
گەپ بۇيەردە قۇمۇل ۋاڭى ۋە قۇمۇل ھەققىدە بولىۋاتىدۇ، ۋاڭلارنىڭ يۇرتنىڭ ئىشىكىنى ساقلاپ بەرگىنىگە، قۇمۇلدا «مۇساپىرلار قەۋرىستانلىقى» قىلىپ بەرگىنىگە، جەنۇپتىن قۇمۇلغا پانالىنىپ كەپقالغان قېرىنداشلارنى نەچچە ئاي يىللاپ «گادايلار سېڭى» دىن چىقىم قىلىپ باققىنىغا، كەتكىسى كەپقالسا مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ نەچچە كۈنلۈك يەرلەگىچە ئۇزۇتۇپ قويغىنىغا، قۇمۇلدا قالغانلىرىنىڭ چوڭ بايلاردىن بولۇپ كەتكىنىگە...رەھمەت ئېيىتساق بولىدۇ! ھازىرچۇ، ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شېئىرىنى قىبلىنامە قىلىپ ھەممە يەرگە ئېسۋالغاننى دېمەي تۇرايلى، قۇمۇللۇقلار بولمىسا « قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق كىلاسسسىكلارنىڭ تەرجىمىسى شۇنچە ۋايىغا يىتەرمىدى، ئۇيغۇرچە بىلىدىغان خەنزۇ ۋە ئېنگىلىز مۇتەخەسسىسلەر ھەيراتتا قالارمىدى! تويلاردا نەنىڭ ناخشىسىنى ئېيىتساڭلار قىزىۋاتىدۇ، سەھنىلەردە كۆپرەك نەنىڭ لاھىيلىگەن كېيىملىرى يارىشىۋاتىدۇ، تېلۋېزۇرلاردا كىملەر لاھىيەلىگەن سەھىپىلەر قارشى ئېلنىۋاتىدۇ، «ساغلاملىق يېتەكچىسى» نى نەلىكلەر باشقۇرۋاتىدۇ، «باغداش» تورىنىچۇ، «ئۇيغۇر تېبابەتچلىكى» جۇرنىلنى نەلىك تەسسىس قىلىپ باشلاپ بەرگەن، 7جىلىتلىق گىگانىت ئەسەر«ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى» نى نەلىك رۇياپقا چىقارغان، نەچچە يۇز مۇتەخىسسىس نەچچە يىلدا ئاران تاماملىغان، ئاسپرانىتلار ئوقۇپ تاماملىمىسا بولمايدىغان 9 خەنزۇچە گىگانىت ئەسەرنى نەلىك ۋايىغا يەتكۈزۇپ بىۋاستە خەنزۇچە يېزىپ بىر يىلدا تاماملىغان.....؟
ھەممە يۇرتنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق تۆھپىسى بار، ئارتۇقچىلىق، كامچىلىقلىرى بار! بىر-بىرىمىزنى تولۇقلايلى ، يۇرتۋازلىق قىلىپ بىر-بىرىمىز سوكمەيلى، بىر ئۇيغۇرنىڭ دەپ ئۆز-ئارا ئۈگىنەيلى ، مەدھىيلەيلى!
ھەرگىزمۇ ئۈمىد غەنىدەك مەھمۇت كاشىغەرى، يۇسۇپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئالىملىرىمىزغا تىل تەككۈزىدىغان مۇناپىقلاردىن بولمايلى!
قەھرىمانلار خەلقنىڭ غېمىنى يىسە، قەھرىمانلانىڭ بېشىغا كۈن كەلگەندە بىز خەق قاراپ تۇرمىغان بولساق ، شىڭشىسەي دېگەن جاللات خوجا نىياز ھاجىنى يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ ئۆلتۈرەلمىگەن بولاتتى !
|
|