- تىزىملاتقان
- 2015-2-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 499
- نادىر
- 0
- يازما
- 55
ئۆسۈش
99.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Fedaiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 20:39
ئورخۇن ئەپەندىنىڭ كونكىرىت مەسىلىگە كۆچكەنلىكىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئېيتىلغان پىكىرلەر ھەقىقەتەن جايىدا ئېلىپ بېرىلغان پىكىرلەر.
ياۋرۇپامۇ زامانىسىدا ئىسلام ئەللىرىدىكى يىرىك پەن تەتقىقات ئەسەرلىرىنى زور تۈركۈمدە تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىقات قىلىش ئاساسىدا بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى ياراتتى.
جۇڭگۇمۇ بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلىپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەرجىمە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈنكىدەك، دۇنيادىكى نۇرغۇن ياخشى كىتابلار ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا چىقىپ بولىدىغان ياخشى ئەھۋال شەكىللەندى.
قىسقىسى، تەرەققىياتتا تەرجىمىنىڭ رولى ھەقىقەتەن بۈيۈك.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كەلسەك:
بۇنداق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە پىدائىي تەرجىمانلار بار. ئۇلار ئەلۋەتتە، بۇ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە مىللىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم باسقۇچ ئىكەنلىكىنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلغانلار.
لېكىن، ئۇلار بۇ ئىشلاردىن قول ئۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا. چۈنكى، 1- تەرجىمانغا بېرىلىدىغان پۇل ( ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مىڭ خەت 50 يۈەن) بەك ئاز بولماقتا. مۇھاكىمىلىق، نەزىيىۋى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش مۈشكۈل ئىش، ئۇنىڭغا زور بىلىم ۋە ئىزدىنىش جەيانى كېتىدۇ. سېلىنغان ئەقلىي سېلىنمىغا قارىغاندا تەپەككۈر ئاچىدىغان نەزىرىيىۋىي ئەسەر تەرجىمىسىگە بېرىلىدىغان پۇل يوق ھېسابىدا بولۇپ، بۇ ئۇ جاپاكەشلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ھەرگىزمۇ يەتمەيدۇ. بۇ خۇددى ناۋايغا تەننەرخى 1 كويغا توختايدىغان ناننى 5 موغا بەر دېگەندەكلا بىر ئىش.
2- تەپەككۈر ئاچىدىغان، مۇھاكىمىلىق، نەزەرىيە خارەكتېرى كۈچلۈك كىتاب بازارلىق بولمىغاچقا (يەنى: كۆپ قىسىم خەلق بۇنداق كىتابلارنى ئوقۇمىغاچقا) نەشرىياتلار بۇنداق كىتابلارنى نەشىر قىلىشتىن قاچماقتا. چۈنكى، زىيان چىقىدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن، تەپەككۈر ئەمەس ھېسسىيات قوزغىتىدىغان بەزى پاخال كىتابلارمۇ تۈركۈملەپ بازارغا چىقماقتا. چۈنكى، بۇنىڭدا پايدا بار.
3- كىتابنىڭ بازارغا چىقىش سۈرئىتى بەكمۇ ئاستا. كىتاپلارنىڭ تەستىق ئۆتكىلى بەك مۇرەككەپ ۋە ئاستا بولغاچقا زور كۆپ قىسىم تىجارەتچىلەر كىتاب تىجارىتى ساھەسىدىن يالتايماقتا. بىر خۇسۇسىي ئۆز كىتابىنىڭ چىقىشىغا ئاز دېگەندىمۇ 2 يىل ساقلايدۇ، (ئەگەر كىتابنى ئۆزى چىقىرىمەن دېسە)، بۇ ھالدا كىممۇ كىتاب تىجارىتى قىلسۇن.
«ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» دېگەن تولىمۇ ياخشى ئېيتىلغان گەپ.
ئىسلاھات دېگەننى مانا مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن باشلاش كېرەك.
ئىنكاسىمنىڭ بىرىنچى بەتتىلا كۆرۈنۈشىنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم. چۈنكى، مۇھىم پىكىرلەر ئىدى. باشقۇرغۇچىلار يۆتكەپ قويالماسما...
|
|