- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4552
- نادىر
- 1
- يازما
- 276
ئۆسۈش
85.07%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئەزىز قېرىندىشىم!
مونۇ يازمىڭىز ھەرھالدا بولىدىكەن. ئالدىنقىسىنى كۆرگىنىمدە ، «قېنى سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئىسلاھاتنى قەيەردىن باشلايدىغانلىغىمىزنى ئېيتىپ بېقىڭ » دېمەكچى ئىدىم. ئەمما جىددىيچىلىكتە دېيەلمەي قالغان ئىدىم . ئەمدى قارىسام بۇنى يېزىپسىز. دېمەك، جاۋابىمنى قەدىرئاۋال ئالغانمۇ بولدۇم.
ئەمما ئەمدى ۋاقت ئېتىبارى بىلەن ھازىرچە مۇنداق ئىككى نوقتىدا قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمەن.
1)3.كىتاب ئوقۇش تۈرلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرايلى. نوقۇل ھالدىكى دىنىي كىتاب ئوقۇش ياكى نوقۇل ھالدىكى پەننىي كىتاب ئوقۇشتەك بىرتەرەپلىمە قاراشلىرىمىزنى تاشلايلى، ئىماملىرىمىز، قارىملىرىمىزمۇ جەمىيەت ،قانۇن، پەلسەپە، پىسخكا قاتارلىق پەننىي كىتابلارنىمۇ ئوقۇسۇن.
قوبۇل قىلىمەن. شۇنىڭدىمۇ زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىسلامىي ئاڭ - ئىدېلوگىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشىنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئىمتىھان دۇنياسى. نوقۇل ھالدا تۈمۈر - تەسەك، چالما- كېسەك تەتقىقاتى بىلەن ھەپىلىشىپ ھۇزۇر سۈرۈپ ئۆتىدىغان دۇنيا ئەمەس. جۈملىدىن دۇنياغا نەزەر سېلىپ باقايلى، تەڭسىزلىك، ھەقسىزلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن جىگەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ترادىگىيىلىرىنى ئۇچرىتىمىز. ئەقەللىسى ئۆزىمىزگە كەلسەكمۇ ئاز بولمىغان پەرىشانلىق كۆرۈنۈشلەرنى ، ئالدامچىلىق، قىزىل كۆزلۈك، پاھىشىلىك..... كەبى ژىركىنىشلىك ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىمىز. بۇلارنى نوقۇل پەننى مەلۇماتتا يېتىشكەن زىيالىلار ئوڭشىيالامدۇ؟
2) 7. تارىخى رومان ئوقۇشتىن تارىخى مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆچەيلى. تارىخى رومان يالغۇز يازغۇچىنىڭلا پىكىرى سۆزلىنىدىغان بولۇپ ئوقۇرمەنگە تاللاش پۇرسىتى قالدۇرمايدۇ. تارىخى مۇھاكىمىلىق ئەسەرلەردە تەتقىقات خارەكتىرلىك مەزمۇنلار سۆزلىنىدىغا بولۇپ ئىككى ئۈچ خىل مەزمۇنلار ئۈستىدە توختۇلۇپ ئوقۇرمەنگە تاللاش پۇرسىتى بىرىدۇ. تارىخ ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلمايلى، زىھنىمىزنى بۈگۈنگە كەلگۈسىگە سەرپ قىلايلى.
بۇ پىكىرىڭىز ئانچە ساغلام ئەمەس.
بىلىپ قويۇڭ، تارىخ كۆزىمىزنى ئاچىدۇ. تارىخىي رومان __ تارىخىي ئەينەنلىكنى ئەدەبىي ۋە بەدەئىي ۋاستىلار بىلەن يۇغۇرۇپ زىرىكىشلىكنى قەدەممۇ - قەدەم يوقاتقان ھالدا ئوقۇغۇچىغا بىر بۈتۈن تارىخىي ۋەقە-ھادىسىنى تۇلۇق يەتكۈزۈشتە كاتتا رول ئوينايدۇ.
مەن 1995- يىلى شۋېتسىيىگە بارغىنىمدا ستوكھولىمدىكى بېرۋاردھالىن تارىخ مۇزىخانىسىغىمۇ كىرىپ باقتىم. چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئېيتىشىدىن قارىغاندا شۋېتسىيىلىكلەر يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە بۇ مۇزىيخانىغا پات - پات كېلىپ «تارىخ دەرسى» ئالىدىكەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە «تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت __ قۇل مىللەت» دەپ قارىلىدىكەن. |
|