- تىزىملاتقان
- 2015-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 846
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
69.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SARSAN_8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 16:49
ilqi62 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 15:25
مەن ئۇقۇتقۇچى. تىمىدىمۇ ئەسكەرتكەن ئىدىم. بىزنىڭ مەكت ...
سىز «مەكتەپ يىل بېشىدا ھەرقايسى بۈلۈم ئىشخانا ئەزالىرىنى بىكىتىپ مۇناسىۋەتلىك ئارخىپلار قائىدىلىك ھالدا ۋاقتىدا ئىشلىنىپ ماڭىدۇ .شۇنداق بولغاچقا ئارخىپ ئىشلەش ئانچە قىيىنچىلىق ئېلىپ كىلەلمەيدۇ . » دەپسىز . سىزنىڭ سۆزىڭىزدىن قارىغاندا سىزلەرنىڭ ئۇ تەرەپتە ھەر بىر ئارخىپقا مەسئول بولغان خادىمنىڭ قوشۇمچە خىزمىتى يەنى دەرسكە كىرىش ......دېگەندەك خىزمەتلىرى يوق ئوخشايدۇ لېكىن ،بىزنىڭ بۇ تەرەپتە ئىشلىنىدىغان ئارخىپقا مەسئول خادىلار ، ھەپتىسىگە 15،16 ھائەتتىن دەرس ئۆتىدۇ . بەزىلىرى سىنىپ مۇدىرى . ئۇلار تەقسىم قىلىنغان دەرسلەرنىڭ دەرس تەيارلىقىنى قىلمىسا تېخى ، ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىگە ئورناتمىسا تېخى ، ھەپتىسىگە 3خىل ئۆگىنىش خاتىرىسىنى تولۇقلىمىسا تېخى . سىز دېگەندەك چارۋىچىلىق ئىدارىسىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىدارە ھەپتىسىگە 1قېتىم ياكى 2 قېتىم تەكشۈرۈش دەپ كېلىۋاتقان . تەكشۈرۈش كېلىدىكەن دېگەن خەۋەر كەلسە ، تەكشۈرۈشتىن لاياقەتلىك بولۇپ ئۆتىمىز دەپ جىددىچىلىك ئىچىدە يەنە كام قالغان ماتىرياللارنى تەيارلاش بىلەن بولۇپ دەرسلەر تاشلىنىپ قېلىۋاتقان . تەكشۈرۈش كەلسە ، تەكشۈرۈش كەلدى دەپ يەنە دەرسلەر قېلىۋاتقان . قىسقىسى مۇشۇنداق جىددىچىلىك ئىچىدە ئۇقۇتۇشنىڭ نومال ئېلىپ بېرىلىشىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟
ئۇنداق دېسەم سىز مېنى بەك چىدىماس ئوخشايسىز -دەپ قالماڭ . مەنمۇ تەۋەيىمىزگە نىسبەتەن خېلى «ياخشى» ،«جىگەرېلىك» سانىلىدىغانلارنىڭ بىرى . ......بولدىلا سوزلىسەم ،سۆز تۇلا . يىغىپ ئېيتقاندا ھازىرقى مائارىپ ،مائارىپ بولماي قالدى . ھازىرقى مائارىپتىن ئۇقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلار ، ئاتا-ئانىلار جۈملىدىن پۈتۈن جەمئىيەت رازى ئەمەس . |
|