- تىزىملاتقان
- 2015-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 846
- نادىر
- 0
- يازما
- 78
ئۆسۈش
69.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SARSAN_8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 13:24
ilqi62 يوللىغان ۋاقتى 2015-3-12 11:47
چىكىندى دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمە ...
چەت يېزا-قىشلاقلاردا ئەزەلدىنلا ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان تونۇشىنىڭ تۈۋەنلىكى ، شارائىتنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىنىشنىڭ ھۈدىسىدىن ئاران چىقىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار نىمىلا بولمىسۇن ھۆكۈمەتنىڭ ۋە جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىشى ئارقىلىق %80،%90ئوقۇغۇچىنىڭ ئانا تىلدىن ساۋادى چىقىپ بولاتتى .«قوش تىل مائارىپى» يولغا قويۇلغاندىن كىيىن ھىلىقىدەك قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرۈشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىنىدىغان دۆۋە-دۆۋە ئارخىپلارنىڭ بېسىمى ، ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىراقلا خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىغا ئۆتكەنلىكتىن ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسى «قوش تىل ئوقۇتۇشى» غا ماسلىشالماي قالدى . ھۆكۈمەت بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى خەنزۇ تىلى بۇيىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئەۋەتىپ ، تەربىيەلەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ يەنىلا ئۈنىمى دېگەندەك ياخشى بولمىدى .(1يىللىق 2يىللىق تەربىيەلەش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى قانچىلىك يوقىرى كۆتۈرگىلى بولاتتى ؟ ) مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوقۇغۇچىلار يا ئۇيغۇر تىلىدا ساۋادى چىقماي ، يا خەنزۇ تىلىدا ساۋادى چىقماي نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار تەجىربە ماتىريالى بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ساۋاتسىزلار مەيدانغا كەلمەكتە . بۇ جەھەتتە %95 ئوقۇتقۇچى زارلاش بىلەن خىزمەت قىلۋاتىدۇ . نىمە ئۈچۈن زارلايدۇ ؟ يەنىلا شۇ پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ جۈملىدىن مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن زارلايدۇ . سىز ئويلاپ بېقىڭ . بۇنى چىكىندى دەمدۇق ياكى ئىلگىرىلىدى دەمدۇق ؟
مەن ئۇشبۇ بايانلارنى كوم ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ، ئۆز ھىسياتىمغا تايىنىپ قىلۋاتقىنىم يوق . بەلكى 32يىللىق خىزمەت ئەمەلىيىتم ۋە كۈزەتكەنلىرىم ئاساسىدا بايان قىلۋاتىمەن .
ۋاقىتنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى تاقا تۇقا سۆزلەر بىلەن سىزگە قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بېرەلمىدىم . |
|