قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1638|ئىنكاس: 68

مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

2

دوست

2196

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   6.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28391
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 147
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ راستلا چىكىندىمۇ؟




    مەن نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مائارىپىمىزنىڭ چىكىنگەنلىگى ۋە ياكى تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر مائارىپىغا يىتەلمەيۋاتقانلىنى قەيت قىلىپ يازغان ماقالىلىرىنى، ئىنكاسلىرىنى كۈرۈپ كۆڭلۇم بەكمۇ غەش ھەم پەرىشان بولغاندىن سىرت ئۇزۇندىن بۇيان زادى مائارىپىمىز چىكىندىمۇ راس دىگەن خىياللار مىنى ئۈزىگە چەمبەرچاس باغلىۋېلىپ مىنى بەكمۇ بىئارام قىلدى.ھەمدە مائارىپىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى بىر قۇر سىرداپ چىقىش ئىستىگى بىلەن تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. ئەپسۇس بۇنداق يازمىلار مەندىن قېچىپ يۈردىمۇ ئىش قىلىپ مۇنداق يازمىلارنى تېپىپ بۇلالمىدىم. لېكىن يەنىلا بىر ئۇقۇتقۇچى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن ئۆز ھالىمغا يارىشا ئىزدىنىش ئىستىگىمدىن ھېچ بىر يانالمىدىم. ئاخرى مەن بىر قىسىم پىشقەدەم ئۇستازلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم.ئوخشاش بولمىغان توپلار ئارىسىدىن بىرقانچە پىشقەدەم ئۇستازلار بىلەن پاراڭلاشتىم.سۆھبەتلەشتىم. بىرقانچە يىللىق ئۇقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئاڭلىغان، قىسقا ماتىرياللارنى ئۇقۇپ ئىسىمدە قالغان، شۇنداقلا پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ئوتتۇرغا قويغان دەلىللىرىگە ئاساسەن مائارىپ چىكىندىمۇ دىگەن سۇئاللارغا قىسقىچە جاۋاپ تاپقاندەك ھېسسىياتقا كىلىپ كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىدىدە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. راس گەپ قىلىش مىنىڭچە گۇناھ ئەمەس. مەن يازغۇچى پەيلاسوپمۇ ئەمەس. تەتقىقاتچىمۇ ئەمەس. پەقەت ئاددىغىنا بىر ئۇقۇتقۇچى. ئاددى بىر ئادەم بەرىبىر ئاددى گەپ قىلىدۇ. مەسىلىلەرگە ھەقىقەتەن ئاددى قارايدۇ. لېكىن مائارىپىمىز چىكىندى دىگەن گەپنىڭ ئۈزى ئاددى گەپ ئەمەس. شۇڭا تورداشلارنىڭ كەڭ دائىرلىك پىكىر قىلىپ بېقىشىنى سۇرايمەن.
    بىر ئىش ۋە ھەركەتنىڭ چىكىنگەنلىگى ۋە تەرەققى قىلغانلىغىنى پەقەت ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەنلا ھۈكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭ بىرى تارىخنى سىرداپ كىلش: يەنا بىرى بىرلا ۋىىتتىكى ئوخشاش بولغان باشقا بىر ئىش ھەركەتنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ھۈكۈم قىلىش. مەن تۇۋەندە مائارىپ چىكىندىمۇ-قانداق دىگەن مەسىلىگە قارىتا تارىخنى سىرداپ كىلىش ئۇسۇلى بىلەن ھۈكۈم قىلىپ باقاي. ئۇنداقتا مەن ئالدى بىلەن تارىختىكى مائارىپ ئەھۋالىنى تۈۋەندىكىدەك بۇلەكلەرگە بۈلۈپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي.
1.        ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى مائارىپ. بۇ ۋاخىتىكى مائارىپ ئەسلىدىكى دىننى مائارىپ ئاساسىدىكى دىن بىلەن پەن بىرلەشكەن مائارىپ بۇلۇپ بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ئەخلاقنى ئەڭ ئالدىنىقى ئۇرۇنغا قويغان بۇلۇپ تەخنىكا بىلەن بىرلەشتۇرۇلمىگەن ھەمدە ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇقۇتۇش ۋاستىللىرى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ئۇمۇمى خەلىق مائارىپى بۇلالمىغان بولغاچقا ئۇقۇغانلارنىڭ ئۇمۇمى ئاھالە ئىچىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى ئىنتايىن تۈۋەن. ئۇمۇمى خەلىق مائارىپى ئەمەس. دىمەك بۇ مائارىپنى گۈللەنگەن مائاىپ دىيىشكە بولمايدۇ.
2.        ئازاتلىقتىن باشلاپ مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتىكى مائارىپ پەننى مەكتەپلەرنى مۇتلەق ئاساس قىلىغان پەن بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن مائارىپ بۇلۇپ بۇ خىل مائارىپ مەكتەپلەر مائارىپى ۋە كەچ-كۇرۇسلار مائارىپى يولغا قۇيۇلۇپ، ئۇمۇمى خەلىق قاتناشقان مائارىپ بولسىمۇ لېكىن ئۇقۇتۇش شارائىتى ناچار، ئۇقۇتۇش ماتىريالى كەم بۇلۇش سەۋەپلىك نۇغۇن ئۇرۇنلار باشلانغۇچ سەۋىيىدە ئۇقۇش ۋەزىپسىنى تاماملاپ بولغان. ئۇقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ساۋادى چىقسا ۋە تۆت ئەمەلنى بىجىرەلىسىلا بىلىملىك كىشى ھىساپلانغان. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىملىرىلا ئالى-ئوتتۇرا تەخنىكا مەكتەپلىرىدە ئۇقۇيالغان. مۇشۇنداق بولغاچقا نۇرغۇن كەسپى خادىملار باشلانغۇچ مەكتەپ تۆتىنجى يىللىقلارنى پۈتتۇرۇپلا شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللۇنۇپ تايانچىلىق روللارنى ئوينىغان. لېكىن ‹‹مائارىپ ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىگى بىلەن بىرلەشتۇرۇۈش›› پاڭجىنىغا ئاساسەن مەكتەپلەر يېرىم ئۇقۇپ يېرىم ئەمگەك قىلغان بولغاچقا  بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ سەۋىيسى بەكمۇ تۈۋەن. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنى بىر قەدەر ئالغا باستى دىگىلى بولسىمۇ گۈللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولمايدۇ.
3.        مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدىكى مائارىپ. مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىدۇ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ئاساسەن ‹‹يېرىم ئۇقۇپ، يېرىم ئىنقىلاپ قىلدىغان مائارىپ››؛ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۇقۇش پۈتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ %50-40 تىلا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىناتتى. بۇ ۋاختتىكى مائارىپنىمۇ گۈللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولمايدۇ. ‹‹ئۇقۇتقۇچىلار سېسىق توققۇزۇنچى›› دىگەن سۆز شۇۋاخىتتا كىلىپ چىققان. ‹‹ئۇقۇتقۇچىلار سېسىق توققۇزۇنچى›› دىگەن سۆز چىققان مائارىپنى قانداقمۇ گۈللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولسۇن؟
4.        مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ 80-يىللارنىڭ ئاخىرغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ بىر قەدەر ئالغا باسقان خاتا ئىدىيىلەر ۋە خاتا نوختىئىنەزەرلەرگە خاتىمە بىرىلگەن، ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئىمتاھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن مائارىپ بولسىمۇ لېكىن يېزىلاردا يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە كۈتۈرە بىرىش ۋە بىر قىسىم كىشىلەر ئالدىن بېيىش، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە(بۇ سىياسەت جۇڭگۇنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا نىسبىتەن ناھايتى توغىرا سىياسەت) ئە گىشىپ (1) نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىنى  مەكتەپتىن قاچۇردى. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ %80 ۋاختى بالا تۇلۇقلاش بىلەن ئۆتتى.(2) چەتنىڭ ئىلغار پەن تەخنىكىللىرىغا ئىلغار مەدىنىيەتلىرىگە ئەگىشىپ بىزنىڭ ئەخلاقىمىزغا يات بەزى ناچار ئەخلەتلەرمۇ ئىلىمىزغا كىرىشكە باشلاپ بىر قىسىم ئۇقۇغۇچىلار ۋە ياشلارنى ئەخلاقى جەھەتتە چوڭقۇر ھاڭغا ئىتتىردى. (3) باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۇقۇش پۈتتۇرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ %70-60 تىلا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىناتتى. شۇڭا بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنىمۇ تازا گۇللەنگەن مائارىپ دىگىلى بولمايدۇ.
5.         90-يىللاردىن 2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپ ‹‹ئىككى ئاساسەن›› ئۇمۇملاشتۇرۇش باسقۇچى بۇلغاچقا ئالدىنىقى باسقۇچلاردىكى مائارىپقا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ياخشى تەرەققى قىلغان مائارىپ دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئالى مەكتەپنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى تۈلىيەلمەي ئالى مەكتەپ ھاياتىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر بولدى: ‹‹تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىىتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش›› سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە مەكتەپلەر ئۇقۇتۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلارنى كۆرسەتكۈچ ۋەزىپە بەلگۈلەپ ھەقلىق ئەمگەككە تەشكىللىدى. بەزى ۋاخىتلاردا ئەمگەك ۋاختى ماۋسۇمدا ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ كەتتى: مەكتەپ رەھبەرلىرى كىم قانداق ئىش بار دىسە دەرىسنى توختۇتۇپ شۇ ئىشنى قىلىشقا بۇيرىدى. ۋەزىپىنى ئۇرۇنلىيالمىغان سىنىپ مۇدىرلىرى ئىختىزادى جەھەتتىن جازالاندى. ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىغان سىنىپ مۇدىرلار مۇكاپاتلاندى. تاپقان پۇلنىڭ %33 تى يۇقۇرغا تاپشۇرۇلدى. قالغان قىسمى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش خىزمىتىنىڭ راسخۇتلىرىغا ئىشلىتىلدى: كىتاپلار قىممەت بۇلۇپ كۆپ سانلىق ئۇقۇتقۇچىلار يىلىغا 1000-2000يۇئەنگىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق پۇلنى ئۇقۇغۇچىلاردىن يىغالماي مائاشتىن تۇتۇپ قېلىندى. ئۇقۇش ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى سىنىپ مۇدىرلار مائاشى ئارقىلىق مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بەردى. دىمەك بۇ يىللاردا ئۇقۇتقۇچىلار قەرىزگە بۇغۇلۇپ خاتىرجەم خىزمەت قىلالمىغۇدەك ھالغا كىلىپ قالدى. ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق تۇرسا بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنىمۇ تازا گۇللەنگەن، تەرەققى قىلغان مائارىپ دىگىلى بولامدۇ؟.
6.         2000-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ھازىغىچە بولغان مائارىپ. بۇ ۋاخىتتىكى مائارىپنى تورغا چىقىۋاتقان ھەر بىرىمىز كۈرۈپ تۇرۇپتىمز.(1) ئۇقۇغۇچىلار كىتاپ پۇلى تۈلىمەي، ئۇقۇش پۇلى تۈلىمەي خاتىرجەم مەكتەپكە كىلىپ ئۇقۇۋاتىدۇ: ياتاقتا ياتقان ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىسىدىن ئۆچ ۋاخ تاماقنى، ياتاقتا ياتمايدىغان ئۇقۇغۇچىلار چۈشلۈك بىر ۋاخ تاماقنى ھەقسىز يەۋاتىدۇ، ھەقلىق ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئۇرۇنلاش مەسئۇلىيىتى يوق، ئالى مەكتەپنىڭ سىفەن خارەكتىرلىك مەكتەپلىرىدە ئۇقۇۋاتقالارنىڭ كۆپ قىسمى ھەقسىز ئالى مەكتەپ مائارىپىدىن بەھرىلىنىۋاتىدۇ، باشقا خارەكتىردىكى ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى، ئۇقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ. بىر تۇتاش قەرىز بىجىرىپ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىندى. ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتكەن ئۇقۇغۇچى تۇرۇشلۇق ئۇرۇنلارمۇ ئىللىقلىق قۇلىنى سۇنۇۋاتىدۇ، كەسپى مەكتەپلەردە ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئېلىپ تۇرۇپ ھەقسىز مائارىپتىىن بەھىرلىنىۋاتىدۇ: ئۇقۇشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ ھەقسىز مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇۋاتىدۇ. ئەڭ ياخشى يىرى ئۇقۇتقۇچىلار ئەمدى ئۇقۇغۇچىلار تۈلىگىلى ئۇنىمىغان كىتاپ پۇللىرى، ئۇقۇش پۇللىرى ھەقلىق ئەمگەك ۋەزىپە پۇللىرى تۈلىمەيدىغان، خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغان شارائىت يارىتىلدى. مەكتەپلەرگە نىسبەتەن ئۇقۇتۇش شارائىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى، ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تۇلۇقلاپ بىرىلدى. مەكتەپلەر ئاشخانا ياتاق شارائىتىغا ئىگە قىلىندى، ئۇقۇتۇش، ئىش راسخۇتلىرى يىتەرلىك دەرىجىدە مەكتەپلەرگە چۈشۈرۈپ بىرىلدى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھەقسىز مائارىپتىن بەھىرلەندى. مەيلى قانداق مەكتەپ قانداق تۈردىكى ئۇقۇغۇچىلار بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ شۇ مەكتەپتە خاتىرجەم ئۇقۇش. ئۇقۇتقۇچىلاردىمۇ قانداق مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتىراپلىق، ياراملىق تەربىيىلەش. ئاتا –ئانىلار قانداق ئادەم قانداق خىلدىكى كىشى بۇلۇشتىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇق بىرلا ۋەزىپىسى بار. ئۇ بولسىمۇ پەرزنتلىرىنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەش. مانا بۇنى جۇڭگۇ تارىخىدىكى گۈللەنگەن ۋە تەرەققى قىلغان مائارىپ دەيمىز. ھازىر مائارىپتا پەقەت مەسىلە يوقمۇ؟  بار. بۇ مەسىلە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلەردە كۆپ بۇلۇشىغا ئەگىشىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ بۇلۇشى. مانا بۇ نىگىزلىك مەسىلە. ئادەم كۆپ بولسا ياخشىمۇ كۆپ ناچارمۇ كۆپ بۇلۇدۇ. قالغىنىنى ئۈزۇمىز يەنىلا چوڭقۇر ئويلۇنۇپ باقايلى.
(داۋامى بار)

44

تېما

2

دوست

7489

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1913
توردىكى ۋاقتى: 485
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىرقى مائارىپ مائارىپقا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. سەل تەپسىلىرەك توختالسام بۇ ئىنكاس تەستىقلانماي قالىدۇ.

  بىزنىڭ 30- يىللاردىكى مائارىپ.   تۆۋەندىكىسى «مەمتېلى ئەپەندى» دېگەن كىتاپتىن ئارىيە

    ...مەمتېلى تەۋپىق جىددى تۇتۇش قىلىپ ئاتۇشتا 3- قېتىملىق مائارىپ دۇلقۇنىنى يېڭى پەللىگە كۆتىرىدۇ. ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدىكى مائارىپ ھەرىكىتى قىسقىغىنە 6 ئاي ئىچىدە گويا قاراڭغۇ زۇلمەتتە يانغان مەشئەلگە ئايلىنىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئېچىشقا تەييارلىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مەكتەپلەرگە ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ دەسلەپكى قەدەمدە 60 نەپەر ئوقۇتقۇچى تاللاپ بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا تىل ئەدىبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتىماتىكا... قاتارلىق دەرسلەر بويىچە مەخسۇس دەرس ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. ئۇ بۇ جەرىياندا كېچە- كۈندۈز دېمەستىن ئىشلەيدۇ. كۈندۈزلىرى دەرس كىتاپلىرى تەييارلاش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش، يىغىن، ئۇيۇشما خىزمەتلىرى دېگەندەك خىزمەتلەرنى قىلسا، كېچىلىرى مەكتەپ خىزمەتلىرى ئىقتىساد ھەل قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلىدۇ.   
    ئۇ تەربىيلىنىپ چىققان ئوقۇتقۇچىلارغا رەتلىك، بىر خىل ئوقۇتقۇچى كىيىمى كىيدۈرۈپ پۈتۈن شەھەر ۋە يېزىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ.
بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلۇم ئاستىدا سەرسان بولدۇق خارلاندۇق،
ئىلىم- ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولىدۇق.
    مەمتېلى تەۋپىق ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. دەسلەپكى قەدەمدە ئونمىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ۋە ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. كۈندۈزى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرسە، كېچىلىرى كەچلىك كۇرسقا تىزىملاتقانلارغا دەرس بەردى. ئۇ بۇ جەرياندا خەلق بىلەن يېقىنلىشىپ تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن دىھقانلارغا ياردەم قىلىش، يول بويلىرىغا مىڭلارچە تۈپ كۆچەت تىكىشكە ئوخشاش خىزمەتلەرنى قىلدى.
...
    1935- يىلى مەمتېلى ئەپەندى  كەڭ كۆلەملىك جامائەت تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى تەشكىللەپ، "ئىزچى" گوروپپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارغا ئوخشاش پورما كىيدۈرۈپ، ئۆزى باش بولۇپ داقا- بۇمباقلار بىلەن "ئىزچى" مارشىى ئېيتقۇزۇپ ئاتۇش، پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپلىرىنى ئايلىنىپ يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ. خەلق بۇلارنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار خۇددى ئەسكەرلەردەك رەتلىك تىزىلىپ "ئىزچى" مارشىنى ئوقۇپ خەلقنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ.
بىز ئىزچىلەر بولىمىز قولىمىز پولات،
كۆزلىرىمىز نۇرلۇق، قەلبىمىز ساغلام.
خەلق ئۈچۈن ماڭىمىز ئالغا،
دۈشمەنگە قارشى قەتئى ئىنتىقام.
ئۆگەن، ئىشلە، ياش ئىزچى بالا،
ۋەتەن ئۈچۈن قاينايدۇ ۋىجدان.
قالدۇق ئۇزۇن ۋاقىت زالىم قولىدا،
خىزمەت قىلالمىدۇق خەلق يولىدا.
...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

39

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.09%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  159
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3350
تۆھپە : 2139
توردىكى ۋاقتى: 600
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل مائارىپىنىڭ چېكىنىشى  كىشىنىڭ يۇرىكىنى تۇلىمۇ ئېچىشتۇردۇ.....

6

تېما

4

دوست

2141

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 624
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ قىلماي.......

1

تېما

1

دوست

1965

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 590
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ گەپ قىلماي  بولمىسا يوغان بىر جىڭبودىن بىرنى كەيدۈرۈپ قويمىسۇن يەنە

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

8796

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1634
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ئەمدى بىزنىڭ كونتورۇللۇقىمىزدىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى قاراپ تۇرماقتىن باشقا ئامال يوق.

0

تېما

0

دوست

758

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   51.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33176
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 230
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بىر نەرسە دەيلى .

0

تېما

2

دوست

3896

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1174
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ چىكنىمىگەندۇ يا بىر ئىزىدا تۇختاپ قالغاندۇ ،ياكى تەرەقىياتقا يىتىشەلمەي ھاسىراپ ھومىدەپ كەينىدىن پالاقشىپ كىلىۋاتىدىغاندۇ ،ئارقا ئىشكىتىن كىرگەنلەر كوپ بولغاچ قىسىتىلىشىپ ئىسىلۋىلىپ ئىلگىرلىگىلى قويماي، ئىلگىرلىشىگە توسالغۇ بولۋاتقاندۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )