قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: sheydai

تورداشلارغا يەنە بىر مۇراجەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

1850

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:49:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 00:51
سىز سەئىدىيە خاندانلىغىنىڭ مۇنقەرىز بولۇش تارىخىدىن  ...


       جاۋابىڭىز يەنە ئېنىق بولمىدى . مەن ئالدىدىكى مەزمۇنلارغا باغلىنىپ كەلگەن :                                                                                                      
       ‹‹ يەنە بىر تەرەپتىن خوجىلار ۋە سوپىلارنىڭ ئەسلىدىلا ساغلام بولغان دىنىي ئەقىدىلىرىمىزنى بۇرمىلاپ، قانلىق قىلىچ ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىۋەتكەن دوگمىلىق يەنى جاھىللىق دەرۋىشلىك، تەركى دۇنيالىقتىن ئىبارەت خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تارىخ چاقىنىڭ خەلقىمىز بېشىدا ئۇزۇن مۇددەت تەتۈر ئايلانغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇنىڭمۇ سەۋەپچىسى دەل ئۆزىمىز. - دېگەن مەزمۇنلارنى توغرا چۈشەندىم .

       ئەمدى ماڭا ئېنىق بولمىغىنى ، يوقۇرقى مەزمۇننىڭ داۋامى بولغان :
       ‹‹  ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيىتىمىزدە، ئەقەللىيسى مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىغىمىزدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ›› - دېگەن ھۆكۈمىڭىزدىن ئىبارەت .

       سىزنىڭ  بۇ ھۆكۈمىڭىزدىن مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمىغان تورداشلارنىڭ                    ھەممىسى   خوجىلار ۋە سوپىلارنىڭ  خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىنى سىڭدۈرىۋالغانلىقىنىڭ مەھسۇلى - دېگەن مەنا چىقىۋاتىدۇ . سىز راستىنلا مۇشۇنداق دېمەكچى بولسىڭىز ، بۇنداق بېشى _ كۆتتى يوق ئەخلەت پىكىرىڭىزنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ . ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دېسىڭىز ، ئېنىق چۈشەندۈرگەيسىز .

       مەن تېمىڭىزنى ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلدىم . قالغان قىسمىنى ئوقۇپ باقاي .

   

11

تېما

8

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 12:12  
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 11:49
جاۋابىڭىز يەنە ئېنىق بولمىدى . مەن ئالدىدىكى مەزم ...


ئەنە شۇلار بىزگە بىلىمسىزلىك، جاھالەت، خار - زەبۇنلۇقنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭ يەنە چۈشەنمىگۈدەك يېرى يوق. تارىخىمىز سىز ۋە مېنىڭ ئەينىگىمىز سىز شۇ تارىخنى ياخشىلاپ كۆرۈپ چىقىڭ. ھەمدە تارىخقا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆزىڭىزگە بىر خىل خىسلەت قىلىڭ. سىز تارىخ بىلگىنىڭىزدە مۇشۇ سوئالنى ماڭا يېنىشلاپ قويمىغان بولاتتىڭىز.مىللەتتە بەلگىلىك ئورتاق نىشان بولمىغان ئىكەن سىز مەندىن سوراۋاتقان مۇنبەردىكى بىر - بىرىمىزنى ئىنكار قىلىش، بىر-بىرىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىش مۇقەررەر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ھەممىز مىللەت يۈكسەلسىكەن دەپ قارايمىز. ئەمما قانداق قىلىپ يۈكسىلىشى توغرىسىدا پىكىر بىرلىگى يوق. سىز نېمىلا دىمەڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز داغلىق تارىخىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان مىراسى. بۇنى ئېتىراپ قىلغۇڭىز كەلمىسە سىز توغرا ئەمەس دەپ قارىغان ھەر بىر پىكرىمگە ئىلمىي رەددىيە بېرىپ، سەۋەبىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئالدى بىلەن سىز تولۇق ئوقۇپ چىقىپ، مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىمنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى، قويغان دەلىلىمنىڭ توغرا - خاتالىغىنى يەكۈنلەپ ئاندىن ئېنىق بىر مەيدان تاللاپ، ئاندىن پىكىرىڭىزنى رېتى بويىچە ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. قۇربىم يەتكىنىگە ئامال بارىچە قايىل قىلغۇدەك جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن. قايىل قىلالمىسام مۇشۇ مۇنبەردە سىز بىلەن مېىڭكىدەك كاللىدىن نەچچىسى بار. مۇنازىرە دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەكسىچە ئاتا - ئانا ، خوتۇن - بالا قاتارلىقلارنى ھاقارەتكە قوشۇپ قارشى تەرەپنى ھاقارەت قىلمايدۇ. ئەشۇ ھاقارەتلىك كەلىمىلەرنى ئىشلىتىدىغانلار ئەڭ زەبۇن بىچارە ئىنسانىي قىياپەتلەر جۈملىسىدىندۇر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

8

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:06:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 12:08  
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 11:49
جاۋابىڭىز يەنە ئېنىق بولمىدى . مەن ئالدىدىكى مەزم ...


جاۋابىڭىز يەنە ئېنىق بولمىدى . مەن ئالدىدىكى مەزمۇنلارغا باغلىنىپ كەلگەن :                                                                                                      
        ‹‹ يەنە بىر تەرەپتىن خوجىلار ۋە سوپىلارنىڭ ئەسلىدىلا ساغلام بولغان دىنىي ئەقىدىلىرىمىزنى بۇرمىلاپ، قانلىق قىلىچ ئاستىدا خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا سىڭدۈرىۋەتكەن دوگمىلىق يەنى جاھىللىق دەرۋىشلىك، تەركى دۇنيالىقتىن ئىبارەت خۇراپاتلىق ئىدىيىسىنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا تارىخ چاقىنىڭ خەلقىمىز بېشىدا ئۇزۇن مۇددەت تەتۈر ئايلانغانلىقىنىڭ مەھسۇلى. بۇنىڭمۇ سەۋەپچىسى دەل ئۆزىمىز. - دېگەن مەزمۇنلارنى توغرا چۈشەندىم .

بۇنى يەنە چۈشەنمىگەن بولسىڭىز سىزنىڭ سوئالىڭىزمۇ تازا ئېنىق ئەمەس. سىز سوپى ئېقىمىنىڭ ئەقىدە، تەرىقەتلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىڭ، ئاندىن كىيىن، دىيارىمىزدىكى سوپىلىق ئېقىمىدىكىلەرگە تەدبىقلاپ كۆرۈڭ. ناۋادا سىز سوپى بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ جىسمىدىڭىزدا مۇجەسسەم بولغان سوپىلىق پەلسەپىسى بىلەن سىزنىڭ ئۇستازىڭىز بولغان مۆھتىرەم سوپىنىڭ تەرىقىنى چوڭقۇر ئەنە شۇ ئەخمەت يەسسەۋىينىڭ ۋە باشقا سوپىزىمچىلارنىڭ نامايەندىلىرىنىڭ پەلسەپە قاراشلىرىغا تەدبىقلاپ بېقىڭ.
مەن سىزگە يارۇشېفنىڭ شۇ كىتابىنىلا ئەۋەتىپ بېرەي كۆرۈپ بېقىڭ. باشقا تارىخلار ھازىرچە تۇرۇپ تۇرسۇن. چۈنكى بۇ زامانىمىزغا ئەڭ يېقىنى.
ئەمدى ماڭا ئېنىق بولمىغىنى ، يوقۇرقى مەزمۇننىڭ داۋامى بولغان :
        ‹‹  ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيىتىمىزدە، ئەقەللىيسى مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىغىمىزدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ›› - دېگەن ھۆكۈمىڭىزدىن ئىبارەت .
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىڭىزغا يەنى خەلىق ئارىسىغا ئوبدان قاراڭ. ئاندىن كېلىپ مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر ئوبدان يېزىلغان تېمىلارنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا قاراڭ.

0

تېما

2

دوست

1850

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25572
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 304
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 16:49:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sheydai يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 12:06
جاۋابىڭىز يەنە ئېنىق بولمىدى . مەن ئالدىدىكى مەزمۇنل ...

        ‹‹  ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ جەمىيىتىمىزدە، ئەقەللىيسى مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىغىمىزدا ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ›› - دېگەن ھۆكۈمىڭىزدىن ئىبارەت .

       بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپىڭىزغا يەنى خەلىق ئارىسىغا ئوبدان قاراڭ. ئاندىن كېلىپ مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر ئوبدان يېزىلغان تېمىلارنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا قاراڭ.
                         -----------------------------------

       مەن ئەتراپىمغا ھەم خەلىق ئارىسىغا ، شۇنداقلا مۇنبەردىكى بىر ئوبدان يېزىلغان تېمىلارنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاسلارغا بەكمۇ زەڭ سېلىپ قاراۋاتىمەن . قارىسام - قارىسام --- مەسچىتلىرىمىزدىكى ئىمام ، خاتىپ ۋە جامائەتلىرىمىزنى كۆرىۋاتىمەن ؛ ئۇلارغا قارا - قويۇق ھالدا سوپا قالپىقىنى مەجبۇرى كەيگۈزۈپ ، ھاقارەتلەپ ، ئىنكار قىلىپ ، ئۇيغۇرۇمنى ئېزىقتۇرۇپ ، پارچىلاپ ، ئۆزارا دۈشمەن قىلىۋاتقان ۋاھھابىلارنى كۆرۈۋاتىمەن ؛ مۇنبەردە بولسا ، ئىلغار پىكىرلىك ئۇستازلارنى ، ياشلارنى ھەم ئاز بىر قىسىم ، ۋاھھابىيلارنىڭ پۇرۇقىنى سىڭدۈرىۋالغان ئوت يۈرەكلەرنى كۆرىۋاتىمەن .
       بىراق ، ئاپپاق غوجىنىڭ ھەم ئۇنىڭ مۇرىدلىرىنىڭ ئەينى دەۋىردە خەلقىمىزگە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپەتلىرىگە قاتتىق نەپرەتلىنىپ ، چىچ - تىرنىقىمدىن ئۆچ بولساممۇ ، بۇ تارىخ شۇ يەردە قالدى . ئۇنىڭ ئاسارىتى ئاستا - ئاستا يىمىرىلىپ يوقالدى . ھازىر ئاز بىر قىسىم رايونلاردا سوپىلار بولسىمۇ ، بۇ سوپىلارنىڭ اللەقا سېغىنىپ ئىبادەت قىلغىنىدىن باشقا ، بىر ئىنسانغا سوپىلىقنى تەرغىپ قىلغانلىقىنى ، باشقىلارنىڭ دىنى ئەقىدىسىدىن قۇسۇر ئىزدىگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم . ... شۇڭا ئۇلار مېنىڭ نەزىرىمنى تارتمىغاچقا ، ھازىرقى سوپىلارنىڭ ، ھازىرقى زامانىمىزدا بىز تىللىغۇدەك قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن خەۋەرسىز مەن . مەن پەقەت ھازىرقى سوپىلارنىڭ ئۆز يولىدا تېنىچ مېڭىپ ، باشقىلار مىڭ تىللاپ ، قاغاپ ، دەسسەپ ، تۈكۈرۈپ ، پېتىغدىۋەتسىمۇ ، مىتمۇ قىلماي ، ئۆز يولىدا تېنىچ ماڭغىنىغا خۇش . ئەگەر بىر كۈنى ئۇلارنىڭ غورۇرى قوزغىلىپ قالمىسىكەن - دەپ ئەندىشە قىلىمەن . شۇڭا تېنىچ ياتقان يىلاننىڭ قوڭىغا چىۋىق چاچقۇچىلارنى اللە ئۇرسۇن . ھازىرقى سوپىلارنىڭ ئىتتىپاقلىققا ، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتقا ئۇيغۇن بولمىغان قىلمىشلىرى بولسا ، دەلىلى بىلەن ، ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ تەنقىد قىلسۇن . ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسا ، ___ ئۇلۇغ بوۋىسى پارىخور ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادىنىڭ ھەممىدى ___ پارىخور - دېگەندەك تۈكى يوق ، ئېزىتقۇر ، ئۇيغۇرۇم ئارىسىغا چىدىرغان سالىدىغان ئەخلەت سۆزلەرنى قىلىپ ، ئارىنى بۇزمىسۇن .

       ئۇيغۇر ۋاھھابىلارنىڭ پىتنە تارقىتىش ئۇسۇلىغۇ ___ مۇشۇنداق ئاپپاق غوجىنىڭ ۋە ئۇنىڭ مۇرىدلىرىنىڭ بۇزۇقچىلىقلىرىنى ئارقا كۆرۈنىش قىلىپ ، سوپىلارنى تىللاش ئارقىلىق ۋاھھابى بولمىغان بارلىق ئۇيغۇرنى قارا كۆرسىتىپ ، بىر قىسىم ياشلارنى قايمۇقتۇرۇپ ، ۋاھھابى بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ .

       سىزنىڭ ، مۇشۇ مۇنبەردە بىر - بىرىمىزنى غاجاپ بىرەر تېمىغا نىسبەتەن ئورتاق بىر پىكىر بىرلىگى ھاسىل قىلالمايۋاتقان بارلىق تورداشنى ئاپپاق غوقىنىڭ ئاسارىتىنىڭ مەھسۇلى - دېگەن ھۆكۈمىڭىزدە ، ئاق - قارا ، ھەق - ناھەق ئارىلاشتۇرىلىۋېتىلگەن .

       دېمەكچىمەنكى ، سوپىلار ( يەنى تەرىقەتچىلەر ) ، ئەھلى سىننىلەر ( يەنى شەرىئەتچىلەر ، تەقلىدچىلەر يەنى ئۇستازىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ماڭغۇچىلار ) ، ۋاھھابىيلار ( يەنى تەقلىدسىز ، ئۇستازسىز ، ئۆز رەيىچە ماڭغۇچىلار ) - دېگەن بۇ ئۈچ ئۇقۇمنى ئېنىق ئايرىپ ، خاتالىق كىمدە بولسا ، شۇنى دەلىلى بىلەن تەنقىد قىلىش كېرەك .    ئۇنداق بولمايدىكەن تەنقىد ئوبىكتى مۇجمەل بولۇپ ، ئىختىلاپقا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ .

       ئۇيغۇرلار ئەسلى ھەنەفىي مەزھىبىدە . ۋاھھابىيلارنىڭ << بىدئەتچى >> دېگەن بىر پىتنىسى بىلەن  نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئېزىپ ، ھەنەفىي مەزھىبىگە قارىشى بۆلۈنىپ چىقتى . لېكىن ئۇلار ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ خاتالىقىنى ، ۋاھھابىيلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى دەلىللەپ بېرەلمەيدۇ . مانا بۇ - بىدئەتچىلىك ، مانا بۇ - ئاشقۇنلۇق ، مانا بۇ - خۇراپىيلىق ، ئازغۇنلۇقتۇر . بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ئۇقۇملارنىڭ ئارىلاشتۇرىلىۋېتىشىنڭ مەھسۇلىدۇر .

11

تېما

8

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 17:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 17:19  

ھېچبولمىغاندا ئاپپاق خوجىنىڭ ئېلىپ كەلگەن بالايى - ئاپەتلىرىنى بىلىدىكەنسىز. ئەنە شۇ سوپىلىقنىڭ سۈلۈكچىلىك نەزەريىەسىنى تەرغىپ قىلغان ئاماسمۇ؟ مەن قوبۇل قىلدىغانلار قوبۇل قىلسۇن دەپ يازدىم. يازمامدا مەسچىتلەردىكى موللىلارنى تىلغا ئالمىدىم. دىمەك دىيارىمىزدىكى سوپىلارغا ئەنە شۇ سوپىلار تەرىقىتىنىڭ تەركى دۇنيا ۋە دىۋانىلىچىلىكتىن ئىبارەت ئەقدىلىرىلا سىڭىپ كەتكەن. سىز تارىخ كۆرۈڭ. دىنىي تارىخىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ جەمىيەت تارىخىمىزنى. سوپىزىم تەلىماتىدىنمۇ يۈزەكى چۈشەنچىڭىز باردەك قىلىدۇ. شۇ سۈلۈكچىلىكنىڭ ئىپاداسى ھازىرمۇ مانا ئىككىمىزنىڭ مۇنازىرىسىدە چىقىپ تۇرۇپتۇ.

0

تېما

0

دوست

272

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34212
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 17:47:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!!!ئويغاق ئىدىيە، پىكىرىڭىزنى قوللايمەن،تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز .ھەممىمىزنىڭ ئوبدان ئويلىنىپ كۆرشىگە ئەرزىيدۇ .

11

تېما

8

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 18:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 16:49
‹‹  ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى  ...

سىز ھەنەفىيە مۇرىتى ئىكەنسىز ئۇنداقتا ئەشۇ ھەنەفىيە ئېقىمىنىڭ تارىخىدىن بىر سۆزلەپ بېقىڭچۇ. ئاندىن ۋاھابىيلار ھەققىدە. بۇ ئىككى ئېقىم كونكرىت ھالدا نېمىنى تەرغىپ قىلىدۇ؟
مېنىڭ ئىدىيەم سىزگە ئەخلەت تۇيۇلىشى ئېنىق. ئەمما باشقىلارغا ئۇنداق ئەمەس.سىزنىڭ قانداق قارىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر ئەركىنلىگىڭىز. ئەمما قۇرئانى كەرىمدە سوپىلىق توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. سوپىلىق ئىسلام دىنىدىن كىيىن مۇئەييەن ۋاقىت ۋە مۇئەييەن زامان شارائىتىدا كېلىپ چىققان. سوپىزىمنىڭ ئاساسلىق تەرىقىتى ئەشۇ يەككە ئەقىدىنى نۇرغۇن مەزھەب، تەرىقەتلەرگە بۆلۈپ تاشلاشلا بولغان. بۇنى ئېتىراپ قىلامسىز؟

11

تېما

8

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 342
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 19:45:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 21:07  
obzorqi يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 16:49
‹‹  ۋە شۇنداقلا بۇ ئاسارەتلەرنىڭ بەلگىسى بۈگۈنكى  ...


تەسەۋۋۇپ. سوپىلىق
ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنى روھىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تاكامۇللۇققا يېتەكلىگۈچى تەلىمات. "تەسەۋۋۇپ" سۆزىنىڭ ئۆزىگىلا ھەر قايسى ئالىملار ھەر خىل بولغان كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىشىدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىبىن خالدۇننىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرى بىر قەدەر ئەمەلىيەتكە يېقىن دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ "مۇقەددىمە" ناملىق ئەسىرىدە "سۇۋف"--- سۆزى "يۇڭ"،"پوستەك" سۆزلىرىدىن ئېلىنغان بولىشى كېرەك، چۈنكى قەدىمدىن تارتىپ تەركى دۇنيا بولغانلارنىڭ بىر بەلگىسى يۇڭ ياكى پوستەكتىن كىيىم كىيىشىپ يۈرۈش، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئادەتتە نورمال كىيىنىپ يۈرىدىغانلاردىن ئۆزلىرىنى ئايرىپ كەلگەن.
"تەسەۋۋۇپ" ۋە "سوپى" ئاتالغۇلىرى 9-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەبۇ ھاشىم سوپىدىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىدا "زۇھد" يەنى "زاھىدلىق"، "تەركى دۇنيالىق"،"تەقۋادارلىق"،"پېقىرلىق" قاتارلىق ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن.
ئىبىن خالدۇننىڭ پىكىرىچە ساھابىلەر، تۆۋىچىلەر ۋە ئۇلاردىن كىيىنكى زامان كىشىلىرىدە "ھىدايەت"، "ئىبادەت"، "تەقۋادارلىق" ۋە "زاھىدلىق" ئەقىدىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. لېكىن ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى ئەسىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى دەۋىرگە كېلىپ، كىشىلەردە يۇقۇرىقى خۇسۇسىيەتلەرنىڭ ئورنىغا دۇنياپەرەسلىك، دىنغا بىپەرۋا قاراش، رىياكارلىق، كىبىردىن ئىبارەت ئىللەتلەر پەيدا بولۇشقا بالىغاندىن كىيىن،  زاھىدلىق ۋە سوپىلىق يولىنى ئۆزىگە ئىختىيار قىلىپ تاللىغان بىر تۈركۈم ئەقىدىچىلەر مەيدانغا كەلگەن.
تەسەۋۋۇپ تۈرلۈك مەزمۇنلاردا مۇھاكىمە قىلىنغان، مەسىلەن: مەرۇپ ئەلقەرھىينىڭ تەبىرىچە (815-يىللاردا) تەسەۋۋۇپ---ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، تاماخورلۇقنى تەرغىپ قىلماسلىق ۋە پېقىرلىق يولىنى تۇتۇشتۇر.
زۇنۇن ئەلمىسىرىي(859-يىللار) "سوپىلىق بايلىقنى دوست تۇتماسلىق ۋە يوقاتقان بايلىقلىرى ئۈچۈن پەرۋا قىلماسلىق" دەپ تەبىر بەرسە، جۇنەيىد ئەلباغدادىي(909-يىلى) "سوپىلىق--- قەلىبنى ساپ تۇتماق، ئىنسانلارنىڭ ئېڭىدا تۇغما پەيدا بولغان زەئىپلىك ۋە ناخوش ئەخلاقلاردىن پەرۇق بولۇپ، ھايۋانىي ۋە نەپسانىي تۇيغۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلمەك "دەپ تەبىر بەرگەن. ئۇ يەنە "تەسەۋۋۇپ بىر ئۆي بولسا، شەرىئەت ئۇنىڭغا كىرىدىغان ئىشىكتۇر" دەيدۇ.
ئۇنىڭ بۇ تەبىرىنى سوپى ئاللايار قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە "شەرىئەتسىزلەر خۇددى ھاۋاغا كۆڭۈل سىرىنى ئاتا قىلغانلار" دەپ يازىدۇ. مىسىرلىق ئالىم ئىبراھىم باسيۇنىي "ئىسلامدا تەسەۋۋۇپنىڭ پەيدا بولۇشى" ناملىق كىتاۋىدا ھىجرىي 3-4-ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن ئالىملارنىڭ تەسەۋۋۇپ ھەققىدىكى 40 تۈرلۈك تەرىپىنى كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭدىن خۇلاسە قىلىپ ئېيتىش مۈمكۈنكى—تەسەۋۋۇپ ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قائىدە – مىزانلىرىنى ئىخلاس بىلەن بېجىرگەن ئاساستا تەقۋادارلىق، كەمتەرلىك قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، نەپسىنى پاكلاش بىلەن كامىل ئىنسان دەرىجىسىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن ئىبارەت.
تەسەۋۋۇپنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ننەزەرىيەلىرى بار. مەسىلەن:تەسەۋۋۇپ ئىلىمىدىن ساۋاق بېرىدىغان شەخىس---شەيىخ، مۇرشىد، پىر، ئىشان، خوجا، مەۋلا، مەۋلانە، مەھدۇم قاتارلىق ناملار بىلەن تونۇلغان. تەسەۋۋۇپتىن ساۋاق ئالغۇچى شەخىس--- مۇرت، سالىھ، ئەھلى دىل، ئەھلى ھال، مۇتەسسەۋۋىف قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان. تەسەۋۋۇپ بويىچە ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ساھىبكارامەت پىرلار---ۋەلىي، ئەۋلىيا، قۇتىب، ئەقتاب، ئەۋتاد، چىلتەن، ھابدال، ئەبرار، ئەھرار، نۇجەبا، نۇقەبا، سىدىق، غەۋىس... ۋاھاكازالار.
تەسەۋۋۇپ ئەھلى بەزىدە ئاشىق، پېقىر، ھەقىر، دەرۋىش، قەلەندەر، زاھىد، ئارىپ، دىۋانە، ئەھلى مۇھەببەت، ئەھلى سۈلۈك، رىجەلۇلغەيىب، سەۋدايى ۋە گاداي قاتارلىق ناملار بىلەنمۇ ئاتىلىدۇ.
تەسەۋۋۇپ ئىستىلاسى ئاساسىدا ئىجادىيەت قىلغان شائىرلار "مەجاز" ئۇسلۇبىنى تاللىغان. شۇڭلاشقا "مەجاز"، تەشبېھ"، "ئىستىئارە" قاتارلىق مەنتىقىي قانۇنىيەتلەردىن خەۋەردار بولمىغان نەۋائى، فۇزۇلى، ئاتايى، ئۆمەر ھەييام قاتارلىق نادىر ئەدەبىيات پېشۋالىرىنىڭ شېئىرىلىرىنى تولۇق چۈشۈنىش قىيىن.
تەسەۋۋۇپ تەرىقىتىنىڭ ئىسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇپ كېلىۋاتقان ئالەمشۇمۇڭل تەسىرى ئىجابىي تەرەپلەردىن قوبۇل قىلىنسىمۇ، بەزى ئىسلام ئالىمىدە ئۇنىڭغا سەلبىي نۇقتىدىن قاراش، ئۇنىڭ تەرىقەتلىرىنى، ماشايىقلىرىنى، كارامەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئەھۋاللىرى بار. بۇرھانىدىن ئەلبىقاھىينىڭ(1406-1480-يىللار) "تەسەۋۋۇپ بۆھرانى" ، ئابدۇراھمان دىمەشقىيەنىڭ " نەقشىبەندىيە تەھلىلى" قاتارلىق كىتاپلىرىدا تەسەۋۋۇپنىڭ بارلىق ئەقىدىلىرى قاتتىق سۆكۈلىدۇ.
ئىسلام ئالىمىدا شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىنى ئەمەلگە تەدبىقلاشتا  تۆت فىقھىي مەزھەب بولغىنىدەك، تەسەۋۋۇپتىمۇ نىرقانچە تەرىقەتلەر شەكىللەنگەن. مەشھۇرلىرىدىن "تەيفۇرىيە"، "جۇنەندىيە"، "ھاكىمىيە"، "قادىرىيە"، "يەسسەۋىيلىك"، "مالامەتىيلەر"، "رىفائىيە"، "قۇبراۋىيلىق"،"سۈرىچىلىك"، "چىشتىيە"، ئەكبەرىيە"، "شازىلىيە"، بەكتاشىيە"، "مەۋلەۋىيە"، "نەقشىبەندىيە"، "سانۇسىيە" قاتارلىق تەرىقەتلەردۇر.


ۋاھھابىيلىق
ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىيلىك يۆنۈلۈشى، ھانبالىيە مەزھىبىدىكى ئېقىم. ئەرەبىيە بىلەن نەجىدتە 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولغان. مۇھەممەد ئىبن ئابدۇلۋاھھاب(1702-1792-يىللار) ئاساس سالغان، ۋە شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئىبن ئابدۇلۋاھھاب ئىلاھىيەتچىلەردىن ئىبن تەيمىيە (1263-1328-يىللار) ۋە ئىبن قەسىر (1300-1372-يىللار) قاتارلىقلارغا ئەگەشكەن.ئىمىن ئابدۇلۋاھھاب دىنىي تەرغىباتنى تەخمىنەن 1730-يىللىرىدا باشلىغان.بولۇپمۇ 1740-يىلى ئۆز ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن پائالىيەتلىرىنى ھەقىقىي تۈردە كېڭەيتكەن. چۈنكى تەرغىبات ئۇسلۇبى مەسىلىسىدە ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولغان.تۈرك تىلىدىكى تەتقىقات ماتىرياللىرىدا ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئۇزاق مەزگىلگىچە ئنگىلىز تىلىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا ئىسپاتلار مەۋجۇت. ۋاھابىي تەرەپدارلىرىنىڭ پىكىرىچە: پەقەت ئاللاھ مەبۇد، ئىسلامنىڭ مەنبەسى قۇرئان ۋە سۈننەتدۇر. مۇقەددەس ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىش، ئۇلۇغ زاتلارنىڭ مازارلىرىنى تاۋاپ قىلىپ، ئۇلاردىن ياردەم تىلەش شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. ناخشا-مۇزىكا شۇنداقلا مەنىۋىي ھاياتنىڭ باشقا ئوبېكتلىرىنىڭ ھەممىسى بىتئەت ھىسابلىنىدۇ. ۋاھھابىيلارنىڭ ئىبادەتلىرىمۇ تارىخىي جەريانلاردا شەكىللەنگەن ھەنەفىيە مەزھىبىدىكىلەردىن پەرىقلىنىدۇ. ۋاھھابىيلار دىننى تازىلاش يەنى مۇھەممەد سەللەلاھى ئەلەيھى ۋەسسالام دەۋرىگە قايتۇرۇش مەخسىدىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.
ۋاھھابىيلىقتا غەيرىي دىنلىقلارغا، ئەسلى ئىسلام تەرىقىتىدىن باشقا يېڭى تەرىقەتلەرنى قوبۇل قىلغانلارغا قارشى تەرغىباتلار ئاساسىي ئورۇن تۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ دەۋەتىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى "كافىر"دەپ قارىلىدۇ. دەسلەپكى ۋاھھابىيلار ئىمان مەسىلىسىدە مۇتەئەسسىپ، سىياسىي رەقىبلىرى بىلەن بولغان كۈرىشىدە ئاشكارە ھالدا بۆلاگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىشقان. بۇ تەلىمات شۇ دەۋىرلەرنىڭ ئۆزىدىلا جەمىيەتتە نارازىلىق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن.ئابدۇلۋاھھابنىڭ ئۆزىمۇ شۇ سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان ئورنى ئۇيەينىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. ئەمما بۇ تەلىمات ئەرەبىستان بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەلۇم رايونلىرىدا دەۋىر ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ سەۋەبىدىن ساقلىنىپ قېلىنغان.
ھەنەفىيە.
ھەنەفىيە ئۇقۇمىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇنداق تۆت خىل پىكىر مەۋجۇت:
بىرىنچىسى:ھەزرىتى ئەلى ھەنەفىيە ئىسىملىك ئايال پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رۇم ئېلىگە ھۇقۇم قىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئايال پادىشاھ ھەزرىتى ئەلىگە:"ئەگەر مېنى مەغلۇپ قىلالىساڭ مەن پۈتۈن خەلقىم بىلەن بىللە سېنىڭ دىنىڭنى قوبۇل قىلىپ، ساڭا ياتلىق بولىمەن" دەيدۇ، دەرۋەقە ھەزرىتى ئەلى بۇ جەڭدە غالىپ كېلىپ، ئايال پادىشاھنى ئەمرىگە ئالىدۇ، ئۇ پادىشاھتىن كۆرگەن ئوغۇل پەرزەنتىگە دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ نامىنى تەڭ قوللىنىپ، مۇھەممەد ئىبن ئەلى ھەنەفىي دەپ ئىسىم قويغان.
ئىككىنچىسى: ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ ئىسىمى ھەنەفىي بولۇپ، مۇھەممەد س.ئە.ۋ نىڭ نەۋرىسى ئىدى، شۇنىڭدىن بولغان پەرزەنتنىڭ ئىسىمى ھەنەفىيە ئىدى دەپ قارىلىدۇ.
ئۈچىنچىسى: ئەرەپلەرنىڭ كۆز قارىشىچە ھەنەفىي ھەزىرىتى ھەسەننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى ھەنەفىي ئىسىملىك پارىس ئىدى، شۇڭلاشقا مۇھەممەد ھەنەفىيە دىيىلگەن.
تۆتىنچىسى:ھەزرىتى مۇھەممەد س. ئە. ۋ نىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بىرنەچچە ساختا پەيغەمبەرلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىر كۈچى بىرقەدسەر يۇقۇرى بولغىنى بەنى ھەنەفىيە قەبىلىدىن چىققان مۇسەيلىمە. بۇلار سەئۇدىيەنىڭ جەنۇبىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ھەزرىتى ئەلى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلغان، جەڭدە بەنى ھەنەفىيە قەبىلىسىدىن بىر ئايال ئەسىر ئالغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلى ھەنەفىيە ھەزرىتى ئەلى بىلەن شۇ ئايالنىڭ پەرزەندى ئىدى دەپ قارىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنىي جانلىق تارقاتقانلار مۇھەممەد ئىبن ئەلىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى بولۇپ، ئۇلار: ئابدۇرەھىم باب (قاراخان ئاتا)، ئىسھاق باب ۋە ئابدۇجەلىل باب،ئىسھاق ئەۋلادلىرىدىن: ئاقخوجا، ئاققورغانخوجا، بەقسايىس خوجا، دىۋانەخوجىلار. ئابدۇرەھىم باب ئەۋلادلىرىدىن:قاراخانخوجا، ئاۋلىيا ئاتاخوجىلار، ئابدۇجەلىل باب ئەۋلاتلىرىدىن: خوراسانخوجا ۋە قىلىچخوجا قاتارلىقلار.
ئەمدى مۇشۇ ھەنەفىيە مەزھىبىنىڭ تەرغىباتى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ باقسىڭىز. بۇ مەزھەب قانداق ئىدىيە ۋە كۆز قاراشنى تەرغىپ قىلىدۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )