- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4626
- نادىر
- 0
- يازما
- 515
ئۆسۈش
87.53%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-18 13:40
بىراق مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارغا بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىۋالاي : غوجىلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى پەسكەچلىكلىرىنى كانىيىمىز يىرتىلىپ كەتكىچە تىللىساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئاسارەتلىرىنىمۇ تىللايلى . لېكىن ئۆزىنى تېپىپ تىللايلى . ئۇنداق قىلماي ( يەنى مۇنبەردە ) ، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بولمىغان ئىشنى كۆرسەك " سوپىلار " - دەپ تىللاش ئادەتكە ئايلىنىپ قالدى . ئۇنداقتا سوپىلار - دېگەن كىم ؟ بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقى ئېنىق . ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار - دېگەن كىم ؟ ئۇيغۇرلار - سىزمۇ شۇ . دېمەك " سوپىلار " - دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ تىللىغانلىق ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى ، ھەتتاكى ئۆزىڭىزنىمۇ قوشۇپ تىللىغاندەك ، ئوبىكتىنىڭ تايىنى يوق ، ئوقۇرمەنلەرنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ھېچ پايدىسىز تىللاش بولۇپ ، پىكىر قالايمىقانچىلىقى تۇغدۇرىدىكەن . شۇڭا تورداشلارنى ئوبىكىتنى ئېنىق كۆرسىتىپ ، گەپنى ئوچۇق قىلىپ ، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەرەپدارى بولۇشىنى ئۆتۈنىمەن . ( بۇ مېنىڭ شەخسى ئارزۇيۇم ) .
سىز مۇنداق بۆلگۈچىلىكنى تەۋسىيە قىلسىڭىزمۇ مەيلى يەنىلا كۆزى ئوچۇقلار چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. سوپىلارنى تىللىغانلىق ئۇيغۇرلارنى تىللىغانلىق دىگىنىڭىز نېمىسى؟ ئەگلەكتە توختىغۇدەك سەۋەپ تېپىڭ. مەن ئۇيغۇرنىڭ سانىنى ساقلاشقىلا تۇرغان ئۇيغۇر ئەمەس، ئەكسىچە ئۆز يولۇمنى تېپىپ مېڭىۋاتقان ئۇيغۇر. قارىسام سىزگىلا تېگىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا سىزنىڭ مەزھىبىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئىدىيە تەرغىباتى ۋە جەمىيەتتىكى رولىدىن (ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى رولىنى دىمەكچى)چۈشەنچە بېرىپ بېقىڭچۇ؟ تورداشلارمۇ بۇنداق مەسىلىلەرگە قىززىقسا كېرەك. ئاپپاق خوجا نەقشىبەندىيە تەرغىباتىنى ئېلىپ بارغان، سىز ھەنەفىيە دەيسىز. شۇنىڭغا قارىغاندا سوپىلىق ئەقىدىسىدىكى 12 مەزھەبنىڭ ھەممىسى بىزدە باردەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا پىكىرمۇ 13خىل چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال، بۇنىڭغا تامامەن ئىشىنىمەن.
يەنە شۇنىمۇ سەمىڭىزگە سېلىپ قوياي سوپى دىگەن سوپى، بۇ بىرخىل دىنىي نەزەرىيە تاراتقۇچى ئىنسانلار، ئەمما ئۇيغۇر دىگەن ئۇيغۇر. بۇ مېنىڭ مۇقەددەس مىللىي كىملىگىم ۋە ئاشۇنداق كىملىكنى ئۆزىگە تاللىغان ئىنسانلار توپىدىن ئىبارەت. سوپى دىگەنلىك ئۇيغۇرنى كۆزدە تۇتقانلىق دىسىڭىز سەل بىر قىسما تۇيۇلار مۇنبەر ئەھلىگىمۇ. |
|