بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-17 22:27
ziya يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 08:41
يەنە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ كۆرۆشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە ...
مەن ئىللىپىسىسىمان ئوربىتا سەۋەبىدىن قىيىنچىلىقتا قالغان نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى قوتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن تارتىش كۈچىگە ئىلاستىكىلىق خارەكتىر بەخش قىلىش ھەققىدىمۇ ئويلۇنۇپ كۆردۆم.ئەپسۇس،ماسسىغا ئوڭ تاناسىپ دەپ بېكىتىلگەن بۇ تۆپ خارەكتىرىسىتكا بۇنداق قىلىشقا يول قويمايدىكەن.ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق.بۇ نەزەريىلەردىكى تارتىش كۈچى ياكى ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىگە ئىلاستىك خاراكتىر بېرىش ئۈچۈن،ماسسا ئىزچىل ھالدا دەۋرى ئۆزگىرىدىغان بولىشى،بۇ ئۆزگىرىش ئىللىپىسىمان ئوربىتىدا ھەركەت قىلىۋاتقان پىلانىتلارنىڭ قوياشقا يېقىنلىشىش-يىراقلىشىش قەدىمى بىلەن ماسلىق تۆزۆشى كىرەك ئىكەن.ئەپسۇس بۇنداق پاكىت مەۋجۈت ئەمەس.بىز ھېچقاچان پىلانىتلار قوياشتىن يىراقلىشىۋاتقان ۋاقتىدا قوياشنىڭ ماسسىسى كېمىيىدۇ،ياكى پىلانىتنىڭ ماسسىسى ئارتىدۇ،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدۇق.سىرىتقى ئوربىتىدىكى،قوياش سېستىمىسى سىرتىدىكى جىسىملارنىڭ بۇنداق پەيىتتە ماسسىسى ئارتىدۇ.پىلانىتلار قوياشقا يېقىنىلىشىۋاتقان پەيىتلەردە ئەكسىچە سىرىتقى ئوربىتا ياكى قوياش سېستىمىسى سىرتىدىكى جىسىملارنىڭ ماسسىسى كېمىيىۋاتقان بولىدۇ،دىگەن نەزەريەمۇ،تەشەببۇسمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى يوق.دېمەك،ئىلاستىكىلىق خارەكتىربەخشەندە قىلىش ئارقىلىق نىيوتۇن،ئېينىشتېيىن تارتىش كۈچى ئىدىيىلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
پەقەت ھازىرقى نەزەريىلەر ئىچىدە ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى دولقۇنى ئىدىيىسىدە مۇئەييەن ئىلاستىك خارەكتىر مەۋجۈت دەپ قاراشقا بولىدۇ.بۇ تەشەببۇسنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن تارتىش كۈچى دولقۇنىغا ئالاقىدار بىرەر گىراپىكنى كۆرۆپ باقساق بولىدۇ:
بۇنداق دولقۇننىڭ ۋە ئۇنىڭ ۋاستىچىسى بولغان گىراۋىتوننىڭ تېخى ئىسپاتلانمىغانلىغى،گىراۋىتون نەزەريىسىنىڭ نۇرغۇن زىدىيەتلەرگە مۇپتىلالىغىنى قويۇپ تۇرايلى.يۇقۇرقىدەك دولقۇننىڭ تەۋرىنىشى بىلەن پىلانىتلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى ۋە ياكى ئوربىتىدا ئايلىنىش ھەركىتى يۇقۇرقى دولقۇن شەكلى بىلەن ماسلىق تۆزەمدۇ؟.پىلانىتلار نۆۋەتلەشكەن ھالدا گاھ ۋېرتىكال يۆنىلىشتە،گاھ گورزىنتال يۆنىلىشتە گاھ....تەۋىرىنەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئوربىتىسىدىمۇ مانا مۇشۇنداق لەپەڭلەش بارمۇ؟
ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلار يۇقۇرقىلار ئەمەس.يەنە بىر مۇنچە سوئاللار تۇرۇپتۇ. يۇقۇرقى دولقۇن ياكى تارتىش كۈچى مەيدانى ۋە ياكى ئېينىشتېيىن ئۆزىمۇ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە ھاجەت بولغان ئېينىشتېيىنچە ئېفىر بىر ئۆزلۈكسىز رىياللىق دەپ تەكىتلەنگەن بولۇپ،بۇ تەشەببۇس ۋە بۇنداق غايىۋى رىياللىق كۋانىت نەزەريىسى بىلەن سىغىشمايدۇ.يەنى،كېۋانىت نەزەريىسىچە بولغاندا بۇنداق تۆستەئۆزلۈكىسىز تەۋرىنىپ تۆرىدىغان ئۆزلۈكسىز ماددى كۈچ مەيدانى مەۋجۈت ئەمەس.ئۈنىڭ ئۈستىگە كۋانىت نەزەريىسىنىڭ بۇ تەشەببۇسى ھازىر نەزەريە ئەمەس،بەلكى پاكىت.بۇنداق پاكىت ھەتتا فۇتۇ ئىلىكتىر ئىففىكىتىنى شەرىھلىگەن ئېينىشتېيىنغىمۇ سىر ئەمەس. بۇنداق سوئال ۋە مەسىلىلەر بەكمۇ نۇرغۇن بولۇپ،ھەقىقەتەن ئادەمنى بېھۇدە چارچىتىدۇ...زىدىيەت چۇۋۇلۇپ چىقىۋىرىدۇ... .............................
ئەگرىلىكنى تالىشىش: _ ماكان ئەگرىمۇ ياكى ھەركەت ئۇزى ئەگرىمۇ؟
_ “تارتىش كۈچى دولقۇنى”قىسمەتلىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار
قاسىم سىدىق
ئاساسى مەزمۇنى:
تارتىش كۈچى دولقۇنى،ماكان ئەگرىلىگى ۋە گىراۋىتۇن قاتارلىقلارسىزمۇ شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-41-تىئورمىسى ئارقىلىق ھەركەت ئەگرىلىگىنى چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى،ئالاقىدار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.دولقۇن _ پەقەت زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ ھەركەت شەكلى.
|